يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: پاسىل

پاسىلى: پوشكىن شېئىرلىرىدىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-5-25 10:56:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مەن بۇ توپلامنى سېتىۋالاي دەپ ھەر قانچە ئ‍ىزدەپمۇ تاپالمىغان (بەلكىم خوتەن تەرەپكە كەلمىگەندۇ ياكى مەن بېرىپ بولغۇچە سېتىلىپ تۈگىگەندۇ) توپلامغا تاللاپ كىرگۈزۈلگەن شېئ‍ىرلاردىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز قالدىم، داۋامىنى يوللاپ تۇرۇڭ، كۆپچىلىك بىرلىكتە بەھىر ئ‍الايلى!

ۋاقتى: 2015-11-12 10:33:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەيەردە ۋە قاچان قايسى باھاردا،
ئېچىلغان پورەكلەپ ئۇنى ئۈزگەن كىم؟
يات قولمۇ، تونۇشمۇ ئۈزگەن گۈلزاردا،
نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە قويۇپ قويدىكىن؟

ئىجادىيەتلىرىگە ئۇتۇقلار تىلەيمەن !

ۋاقتى: 2016-1-11 16:35:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر مەن تەرجىمە قىلسام مۇنداق قىلاتتىم:

گۈل

كىتاپ ئىچىرە بايقىدىم بىر تال گۈلنى مەن،
بەرگى خازان بولۇپتۇ چاچماس خۇشپۇراق.
شۇ سەۋەپ سوئالغا لىق تولدى كۆڭلۈم،
تەئەججۈپ ئىلكىدە باقتىم قايتىلاپ.

ئۇ قايسى باھاردا قايسى گۈلزاردا؟
پورەكلەپ ئېچىلىپ قانچە تۇرغاندۇ؟
نە سەۋەب بېسىلدى كىتاب ئىچىدە،
چىن دوستۇم ئۈزگەنمۇ ياكى دۈشمەنمۇ؟

ئېھىتىمال بولغاندۇر سۆيگۈ ئەلچىسى،
ۋە ياكى مەڭگۈلۈك ھىجران بەلگىسى.
تەنھالىق ئىچىدە باشلىغاچ سەيلە،
ھەمراھ بوپ قالدىمۇ دەرەخ سايىسى؟

تىرىكمۇ شۇ ئوغلان، ئاشۇ نازىنىن قىز؟
شۇ پىنھان خلۋەتنى تۇتتىمۇ ماكان؟
ئېھتىمال قۇرىدى بەرگى خازان بوپ،
بۇ نامسىز گۈلدەكلا قالدى ئۇ ھامان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   azizjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-11 16:39  


ۋاقتى: 2016-1-11 16:48:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    «غەزىنە گىرۋەكلىرى»نى مۇھەممەد ئىمىن ئاكا قالتىس ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەرجىمە قىلىپ تۈزگەن. بولۇپمۇ ئۇنىڭ تەرجىمىسى ئاستىدىكى «ئافىنا قىزى»، «ئويلىسام ئىككىمىز خوشلاشقان چاغنى»، «قەبرە تەزكىرىسى»، «ئۇ كېلىدۇ يارقىن نۇرغا پۈركىنىپ»، «دوماس مورغا»، «ئەگەر ھايات ئالدىسا سېنى»، «سېنىڭ يازغان ھېلىقى خېتىڭ»، «تۇرىدۇ شىمالدا بىر تۈپ قارىغاي»... قاتارلىق شېئىرلار كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدۇ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-11 18:54  


ۋاقتى: 2016-1-11 16:54:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جوڭگۇ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، سېكىرىتارىياتىنىڭ سېكىرىتارى، جوڭگۇ ئازسانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ رەئىسى، لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتوتىنىڭ مۇدىرى،خەلقاراغا تونۇلغان شائېر، مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى جى دى ماجىيا ((吉狄马加 ئازسانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ تىل ئۆتكىلى مەسىلىسى توغرىسىدا ھااياجان بىلەن سۆزلىدى. ئەمما ئۆز مەدەنىيەت مۇھىتىدىن ئايرىلىپ قالماسلىق كېرەكلىكىنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى. نۇرغۇن شىئېرلىرىم چەتئەل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىندى، تەرجىمە قىلماقچى بولغانلار ئاز ئەمەس، ئەمما مەن پەقەت شائېرلارنىڭلا تەرجىمە قىلىشىغا ئىجازەت بەردىم، ھەرقانچە داڭلىق تەرجىمان بولسىمۇ، شائېر بولمىسا شىېرلىرىمنى تەرجىمە قىلىشىغا قەتئىي قوشۇلمىدىم. شىئېرلىرىمدىكى ئەسلى تۈسنىڭ سۇسلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ شۇنداق قىلدىم، چۈنكى چەتئەللىك ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ ھەربىر پارچە شىئېرىم ئارقىلىق ھېسسىياتىمغا ئەڭ زور دەرىجىدە ئورتاقلىشالىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن، دېدى جىدى ماجىيا.

ــــــــ «سالام بېجىڭ» نامىلىق ئەدەبىي خاتىرەمدىن.

ۋاقتى: 2016-1-11 18:29:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈل

ئەيبۇ ياقۇپ تەرجىمىسى

كىتاپنىڭ قېتىدا تۇرار  بىر تال گۈل،
قاچاندۇر قۇرىغان، چاچماس خۇش پۇراق.
شۇ سەۋەپ قەلبىمگە تولدى لىق،  پەۋەس
بىر تالاي غەلىتە، ئۆزگىچە سوراق.

قايسى بىر باھار ھەم قايسى بىر جايدا،
ئېچىلغان ئۇ تولۇپ ھەم قانچە ئۇزاق؟
ئۈزگەن كىم، دوستمۇ يا رەقىپمىدۇر ئۇ،
قىسىلغان كىتاپنىڭ قېتىغا قانداق؟

يېقىملىق ئۇچرىشىشنىڭ يادىكارىمۇ،
مەڭگۈلۈك ئايرىلىشنىڭ يالدامىسى ھەم؟
بەلكىم  سالقىن ئورمان، تىمتاس دالادا
تەنھاغىنە بىر سەيلىدىن قالغان  شىرىن تەم؟

ئۇلار تۇرغانمىدۇر ھازىرمۇ ئامان،
روزىغارىكىن قايسى تامانلار؟
ئېھ، قۇرۇپ كەتكەنمىدۇر ئۇلارمۇ شۇ تاپ،
ئوخشاپ ئۇشبۇ تال نامسىز گۈلگىلا.


小花   

我在书页里发现了一朵花
它早已干枯了,也不再芬芳
因此,我的心里就充满了
许许多多奇异的遐想

是那一个春天,在那一处
它盛开的?开了多久?
为什么夹在这里?谁摘来的?
是朋友还是陌生人的手?

可是为了纪念温柔的会见
还是留作永久的别情?
或者只是由于孤独的散步
在田野的幽寂里,在林荫?

是他还是她?还在世吗?
那一个角落是他们的家?
啊,也许他们早已枯萎了,
— 如这朵不知名的小花。



مەنمۇ ئانچە - مۇنچە شىئېر تەرجىمە قىلىپ قويىمەن. «ئەگەر ھايات ئالدىسا سېنى»، «ئافىنا قىزى» قاتارلىق پۇشكىن شىئېرلىرىنىڭ تەمىنى ھېلىمۇ تامشىپ تۇرىمەن. بۇ تېمىنى كۆرۈپ دەماللىقتىلا «گۈل» دىگەن شىئېرنى تەرجىمە قىلىپ باقتىم.  تورداشلار سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ باققاي!


ۋاقتى: 2016-1-11 21:08:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
eybuyaqup يوللىغان ۋاقتى  2016-1-11 18:29
گۈل

ئەيبۇ ياقۇپ تەرجىمىسى

بىر پارچە شىېرنىڭ تۆت خىل تەرجىمىسىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم، دېيىلىۋاتقان گەپ ئوخشاشتەك قىلغىنى بىلەن ئىپادىلەش ماھارىتى يەنە ھەقىقەتەن باشقا گەپكەن. باشتا قۇربان بارات ئاكىمىزنىڭ تەرجىمىسى ئوبدان تۇيۇلغان، كېيىن قارىسام مەيلى مەنا، مەيلى شىئېرى پۇراق، مەيلى تىل گۈزەللىكى ۋە يارىتىلغان شىئېرىي مۇھىت جەھەتتىن بولسۇن ئەڭ ئاخىرىدا ئەيبۇكام تەرجىمە قىلىپ يوللىغىنى ئەسلى شىئېرغا تېخىمۇ يېقىنلىشىپتۇ. بۇ بەلكىم بىزدە بىر ئەسەرنىڭ نەچچە خىل تەرجىمىسىنى سېلىشتۇرۇپ ئۆگىنىشتە يارىتىلغان تۇنجى ئىمكانىيەت بولۇشى مۇمكىن. شىئېر تەرجىمىچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا ئوبدان دەرسلىك بوپتۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش