يازغۇچىنىڭ كىتابلىرى
ئىلاۋە:
بۈگۈن تور ئارىلاۋېتىپ بۇ ماقالىنى ئۇچراتتىم-دە، ئوقۇپ بولۇپ دىلىم كۆپ پەرىشان بولدى ۋە مۇنبەرداشلىرىمىزنىڭ مۇلاھىزە قىلىپ بېقىشى ئۈچۈن مۇنبىرىمىزگە يۆتكەپ كەلدىم.
بازار ئايلىنىپ كېتىۋېتىپ، پىيادىلەر يولىنىڭ بىر چېتىگە يايما ئېچىۋالغانلار ئارىسىدىكى، ئالدىغا 40 - 50 پارچە كىتابنى يېيىۋېلىپ، يولدىن ئۆتكەنلەرگە تەلمۈرۈپ قاراۋاتقان 60 نەچچە ياشلاردىكى ئاددىيغىنە كىيىنگەن ئايالغا كۆزۈم چۈشتى. كىتابلارنى كۆرۈپ بېقىش مەقسىتىدە ئۇنىڭ ئالدىغا باردىم. كىتابلار ئارىسىدىكى ھازىر ئىزدەپمۇ تاپقىلى بولمايدىغان بىر قىسىم كىتابلارنى كۆرۈپ ئۇ ئايالدىن سورىدىم:
ــ بۇ كىتابلارنى قەيەردىن ئېلىپ كەلدىلە؟ ئارىسىدا ھازىر تاپقىلى بولمايدىغان ياخشى كىتابلار بار ئىكەن؟
ــ ئېرىمنىڭ كىتابلىرى ئىدى، ئۆيدە تۇرسا ئوقۇيدىغان ئادەم يوق، توپا بېسىپ كېتىدىكەن.
ــ ئېرىمنىڭ كىتابلىرى دېدىلىمۇ؟ ئەرلىرى... گەپنىڭ ئاخىرى ئاغزىمدىن چىقىپ بولغۇچە، ئۇ ئايالنىڭ كۆز ياشلىرى يامغۇردەك تۆكۈلۈشكە باشلىدى.
ــ ئېرىمنىڭ تۆت پارچە كىتابى نەشر قىلىنغان، تاپقان پۇلىغا كىتاب سېتىۋېلىپ قولىدىن چۈشۈرمەي ئوقۇيدىغان كىتابخۇمار، ھەممە ئادەم ھۆرمەتلەيدىغان، بىر نەچچە خىل تىل ۋە يېزىقنى بىلىدىغان، قولىدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياردەم قىلىدىغان بىر يازغۇچى ئىدى. ئۇنىڭ ئامراق كىتابلىرىدىن ئايرىلىپ ئۇ دۇنياغا كەتكىنىگە 20 يىل بولدى. ئۆتكەندە ساناپ باقسام مەرھۇمنىڭ ئۆيىمىزدىكى قىرائەتخانىسىدا 10 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق كىتابى بار ئىكەن،- ئۇ ياغلىقىنىڭ بىر ئۇچى بىلەن ياشلىرىنى سۈرتتى.
ــ ئۆيدە كىتابلارنى ئوقۇغۇدەك بالىلار يوقمىدى؟
ــ ئىككى قىزىم، بىر ئوغلۇم بار، ئۇلارنىڭ بىرسى بولسىمۇ دادىسىنى دورىمىدى، ھەممىسى توي قىلىپ ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتتى. بالىلارغا: «داداڭلاردىن قالغان كىتابلار توپا بېسىپ كەتتى، ئۇنىڭ روھى قورۇنۇپ قالمىسۇن، ئۆيۈڭلارغا ئېلىپ كېتىپ داداڭلارنى كۆرگەن كۆزۈڭلەردە كۆرۈپ، ئوقۇپ پايدىلىنىڭلار»، دېگەن گەپنى تالاي قېتىم دېگەن بولساممۇ، ئۇلار ئوخشاشلا: «خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايۋاتقاندا، كىتاب ئوقۇغىلى نەدە ۋاقىت، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۆيلىرىمىزدە كىتاب قويىدىغان يەرمۇ يوق...»، دەپ كىتابلارنى ئېلىپ كېتىشمىدى، بۇ كىتابلار مەندىن كېيىن قالسا خارلىنىپ قالمىسۇن، ھايات ۋاقتىمدا لازىم بولغانلارغا بېرىۋېتەي، دەپ بۈگۈن بىر ئاز ئېلىپ كېردىم، مانا، بۇ كىتابلارنى ئېرىم يازغان، ئايال تۆت پارچە كىتابنى ئېلىپ ماڭا ئۇزاتتى. ئۇنىڭ قولىدىكى كىتابلارنى قولۇمغا ئېلىپ، يۈز كۆرۈشمىگەن بولساممۇ، يېزىقچىلىققا يېڭىدىن كىرىشكەن چاغلىرىمدا قىزىقىپ ئوقۇغان مەرھۇمنىڭ كىتابلىرىنى ۋاراقلىدىم ۋە ئۇ تۆت پارچە كىتابقا يەنە 10 پارچە كىتابنى قوشۇپ، ئۇنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي كىتابنىڭ باھاسى بويىچە پۇل بېرىپ يولۇمغا راۋان بولدۇم. ئۆيگە كېلىپ كىتاب ئىشكابىمدىكى كىتابلارغا قاراپ: «مېنىڭمۇ سانى كۆپ ۋە قىممەتلىك ھېسابلىنىدىغان كىتابلىرىممۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاشۇ يازغۇچىنىڭ كىتابلىرىدەك قىسمەتلەرگە قالارمۇ؟...» دېگەنلەرنى كاللامدىن ئۆتكۈزۈشۈم بىلەن، كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياش قۇيۇلۇشقا باشلىدى.
( مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى )
|