يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: ARKZAT

يازغۇچىنىڭ كىتابلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-5-2 11:44:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داموللام ياخشى گەپ قىلدىلا.

ۋاقتى: 2015-5-2 13:06:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇلھەمىد يوللىغان ۋاقتى  2015-5-2 06:07
ئ‍ەۋلادلاردا ئېتىقاد ۋە ئ‍ەخلاق يېتىلدۈرۈش مۇشۇ ئىككى ...


ھەقىقەتەن توغرا گەپ قىپتۇ، دىمىسىمۇ ھازىرقى مائارىپىمىزدا مەكتەپكە تولۇق كېلىپ ساننى تولۇقلىسىلا بولىدىغان بولۇپ قالدى. قايسى بىر ئوقۇغۇچى قانچىلىك بىر نېمە ئۆگەندى ئۇنى سورىغىلى  ھېچكىشى يوق.
ھازىرقى بالىلارمۇ شۇنداق ياخشى شارائىتتا يا ئوقۇمايدىكەن، يا ھۈنەر ئۆگەنمەيدىكەن، جەمئىيەتكە چىقىپ بىكار تەلەت، داشقال، ئەخلەت بولۇپ يۈرۈيدىكەن، ھۈكۈمىتىمىزگە يۈك بولۇپ.

ئويلاپ قالدىم، بۇرۇنقىدەك سىنىپ قالدۇرۇش سىياسىتىنى يوق قىلىۋەتمىگەن بولسا، ئوقۇغۇچىلارمۇ تىرىشار بولغۇيمىتتى يا دەپ.

يەنە بىر گەپ 9 يىللىق مەجبۇرى مائارىپنى تاماملىغان بالىلارنىڭ ساۋاتسىز قېلىش ئەھۋالىنىڭ سەۋەپچىسى ھازىرقى زاماندىكى بەزىبىر تەييار تاپ ئوقۇتقۇچىلار دەپ قارايمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablipiz idiris تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-2 13:07  


ۋاقتى: 2015-5-3 00:44:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاپ  ئ‍وقۇشتىكى مەخسەت ئ‍ەسلىنى تۇنۇش ۋە ئ‍ۇزنى تەربىيىلەش كىتاپ ئ‍وقۇش ۋە ساقلاش  ئ‍ىنسانيەتكە  قۇشقان  تۇھپە  بىراق كىتاپ ئ‍ۇقۇشلا يىزىشلا  كۇپايا  قىلمايدۇ ،بەلكى ھەركىم  ئ‍ۇزدىن  باشلىشى   كىرەك

ۋاقتى: 2015-5-3 12:43:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇلپەرى يوللىغان ۋاقتى  2015-5-3 00:44
كىتاپ  ئ‍وقۇشتىكى مەخسەت ئ‍ەسلىنى تۇنۇش ۋە ئ‍ۇزنى تەرب ...

مېنىڭچە ئوقۇتقۇچىلاردا مەسىلە ئۇنچە ئېغىر ئەمەس.يەنىلا مەسىلە  بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدا.چۇنكى ئاتا-ئانا بالىلارنىڭ تۇنجى ئوقۇتقۇچىسى .ھېلىمۇ ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆز ۋاقتىدا «سېسىق تۇققۇزىنجى...'دەپ قارىلاپ، ئاز سېسىتمىدۇق.ھازىرقى شارائىتتا ئوقۇتقۇچىلار ئىمتىيازىنى  تۈرلۈك يەرلىك سىياسەتلەرنىڭ بوغۇشى بىلەن ،ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇئاشىغىمۇ تۈزۈك ئىگە بولالمىغان شارائىتتا«ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ،ئۇر توقۇمنى '' قىلمايلى.ھېلىمۇ ئوقۇتقۇچىلار (بولۇپمۇ نامىرات رايۇنلاردىكى يېزا -بازار ئوقۇتقۇچىلىرى)ئۆزلىرىنىڭ ئككى توك-توك مۇئاشىغا  تولۇق ئىگە بولالماي ،ئۆز ۋاقتىدا ھەر ئايلىق مۇئاشىدىن ئۆز سىنىپىدىكى نامىرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىيىم-كىچەك،چۈشلۈك تامىقىنى قىلىپ بېرىۋاتقان(ھازىرغۇ ئوقۇغۇچىلا چۈشلۈك تاماق بىلەن  ھەقسىز تەمىنلىنىۋاتىدۇ) شارائىتتا ئوقۇتقۇچىلارنى قارىلىمايلى.ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرلىرىنى قارىلاشقا ھېچكىمنىڭمۇ ھەققى يوق.مەنمۇ دەم ئېلىشقا چىققان پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى.مېنىڭ ئۆيۈمدىمۇ ئاز كەم 1500پارچىغا يېقىن كىتابلىرىم بار.ئەپسۇس ئەركىزاد ئەپەندى  يوللانمىسىدا  قەيت قىلغىنىدەك،مېنىڭ باللىرىممۇ مېنى دوراپ چىقمىدى.بالىلار قاچانمۇ كىتاب ئوقۇيدىغان روھنى يېتىلدۈرەر ؟!
ئەركىزاد ئەپەندى بىزگەھازىرقى شارائىتتا  ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر ھېكايىنى سۇنۇپتۇ(گەرچە باشقىلارنىڭ بولسىمۇ)ئەركىزاد ئەپەندىنىڭ تېنىمسىز ئىزدىنىشلىرىگە  تەشەككۈر.

ۋاقتى: 2015-5-3 12:47:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ئېسىت ،بۇ ھېكايە ئەسلىدە 'خانتەڭرى موكاپاتى''ئېرىشىدىغان ئەسەر ئىكەنتۇق.ئەپسۇس باھالىغۇچىلار  كۆرمەي قالغان چېغى بار.

باھا سۆز

بۇ ھېكايە ئەمەس دىنارى!  ۋاقتى: 2015-5-31 05:05 PM
ۋاقتى: 2015-5-3 21:11:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل ئەسەر ئكەن،،، ئەپسۇس،،،،

ۋاقتى: 2015-5-4 15:19:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىنارى يوللىغان ۋاقتى  2015-5-3 12:43
مېنىڭچە ئوقۇتقۇچىلاردا مەسىلە ئۇنچە ئېغىر ئەمەس.يەنى ...

ئۇنداقتا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بىر قىسىم باللارنىڭ ساۋاتسىز ھالدا مەكتەپ پۈتتۈرشى، يەنە شۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيتىما؟

ۋاقتى: 2015-5-4 16:54:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆيىدە بىر كىتاپ جاھازىسى بولمىغانلارنىڭ تۇرالغۇسى خۇددى بىزەپ قويۇلغان مازارغا ئوخشىسا كېرەك،مەندىن باشقىلارغا كېرەكلىك ئىلىم قالمىسىمۇ ساقلاپ قويغان كىتاپلرىم قالغۇسى...بۇ تېما كىشىنى ئويغا سالىدۇ.

ۋاقتى: 2015-5-4 17:05:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ 11 كۋادىرات مېتىرلىك بىر ياتاق ئۆينى قىائەتخەنا شەكىلدە تۈزەپ، 30 يىلدىن بۇيان يىققان كىتابلىرىمنى تىزىپ قويدۇم. ئۆيدە كىتاب بولسا، خالىغان ۋاقىتتا ئېلىپ ئوقۇغۇلى بولىدىكەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەتتارى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-4 17:06  


ۋاقتى: 2015-5-4 17:10:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ئويلاندۇردىغان مەسىلە ،كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق روھىنى،مەنىۋىيىتىنى بېيىتقىلى بولىدۇ.كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق روھى دۇنياسىنى بېيىتالايدىغان ،كىتابلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلنالايدىغان بىر ئەۋلاد كىشلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشتا ئائىلە تەربىيسى،ئائىلە مۇھىتى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.

ۋاقتى: 2015-5-4 19:11:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداقتا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بىر قىسىم باللارنىڭ ساۋاتسىز ھالدا مەكتەپ پۈتتۈرشى، يەنە شۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيتىما؟

بالىلار كەچتە مەكتەبتىن قايتقاندا ئاتا-ئانىلار بالىلىرى ئۈچۈن ئازادە بىر ئۈگىنىش سورۇنى  ھازىرلاپ بەرمەي،«قاتار چاي''،''توغۇلغان كۈنى خاتىرىسى''...قاتارلىق ئايىقى تۈگىمەس خاتا چايلارغا چاپقانلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ھالى شۇنداق بولماي يەنە قانداق بولماقچىدى؟ئەندىلىكىتە ئوقۇتقۇچىلار كەچ ۋاقىتلىرى دەم ئالماي ،ئۆيمۇ-ئۆي چېپىپ يۈرۈپ ،ئەشۇنداقلارنىڭ بالىلىلىرىنىڭ ساۋادىنى چىقىرىمەن دەپ  ئوقۇتسۇنمۇ؟!مەسىلىنى ئاتا-ئانىلارمۇ مەلۇم نىسبەتتە ئۆزلىرىگە ئېلىپ سۆزلىسە مەسىلە ئۆزلىكىدىن ھەل بولىدۇ.

ۋاقتى: 2015-5-4 23:06:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ پەرزەنىتلىرىنىڭ ئىلمگە ۋە كىتاپقا زۇقى يوق ھالدا چوڭ بولۇشىدا ئاتا-ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى يوقمۇ .؟؟؟ھەممىنى مائارىپقا دۆڭگەۋەرمەيلى قىرىنداشلار،كىتاپلىرىنىڭ كىيىنكى تەقدىرىدىن ئەنسىرىگەنلەر كۈتۈپخانا ئىچىپ قويساڭلار تازا مۇۋاپىق.

ۋاقتى: 2015-5-4 23:30:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



        ئەينى يىللىرى خەنزۇچە جىڭجۈي تىياتىرىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن «قىزىل چىراغ خاتىرىسى» دەپ بىر دىرامما بولىدىغان، ئۇنىڭدا: «نامراتلارنىڭ پەرزەنتى بالدۇر ئىشقا يارايدۇ» دېگەن بىر مىسرا بار ئىدى. ئۇ زاماندا كىچىك بولغىنىم ئۈچۈن، مەنىسىگە تازا يەتمىگەن ئىكەنمەن. بۈگۈنكى كۈندە ھال كۈنى يامان ئەمەس ئائىلىلەردە چوڭ بولغان __ قورسىقى توق بالىلار ئاساسەن كىتاب ئوقۇمايدۇ...
      مېنىڭ كىچىك ئوغلۇم 10 يېشىدىن باشلاپ 17يېشىغىچە نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇغان، ھەتتا يازغان ئەسەرلىرى «تارىم غۇنچىلىرى»دا ئېلان قىلىنغانىدى. ئۇنىڭ بۇ ئىشىدىن بەك سۆيۈنەتتىم. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىدىغان چېغىدا «غورا ئۆرۈكنى كۆرسە ئالا بولۇپتۇ» دېگەندەك خەنزۇچە مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈپ، ئەدەبىياتتىن باشقا دەرسلەرنى خەنزۇ تىلىدا ئوقىدى. شۇندىن باشلاپ دەسلىك كىتابتىن باشقا كىتابلارنى ۋاراقلاپمۇ قويمايدىغان بولۇپ قالدى. كىتاب ئوقۇشقا قىستىسام، تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەپ بولالماي يىغلاپ كېتىپ، ئىچىمنى ئاغرىتتى... مانا ھازىر ئالىي مەكتەپتىمۇ خەنزۇ بالىلار بىلەن بىللە ئوقۇۋاتىدۇ. ئۇنى قانداقمۇ «كىتاب ئوقۇ» دەپ زورلىغىنى بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-5-5 00:02:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاشخانىلاردا لىقلا ئادەم كىاپخانىلاردا ھېچكىم يوق !


                                                           -تۇنجى قار ناملىق ئىتوتتىن

ۋاقتى: 2015-5-5 00:02:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاشخانىلاردا لىقلا ئادەم كىاپخانىلاردا ھېچكىم يوق !


                                                           -تۇنجى قار ناملىق ئىتوتتىن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش