يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: ARKZAT

يازغۇچىنىڭ كىتابلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-5-9 05:38:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەم بىھاجەت!
پەرزەنتلىرىمىزنى كىتاپ ئوقۇشقا رىغبەتلەندۇرۇش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

ۋاقتى: 2015-5-15 11:52:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  
   مېنىڭچە، بۇ مەسىلىدە ئەيىپنى بىرلا تەرەپكە ئارتقىلى بولمايدۇ. ئاتا -ئانا، مائارىپ ۋە جەمىيەت ئورتاق مەسئول بولۇش كېرەك.
   ئالدى بىلەن ، ئاتا-ئانا ــ بالا قۇرساقتا تۆرەلگەندىن تارتىپ كىتاب ئوقۇپ بېرىش. قىسقىسى، بالا ئۆسۈپ يېتىلىدىغان ئائىلە مۇھىتىنى ياخشى لايىھىلەش كېرەك.
  ئاندىن، ئادەم تەربىيلەيدىغان ئورۇنلاردا كىتاب مۇھىتى، كىتابخۇمارلىق مۇھىتى ۋە كىتاب ئوقۇشتىن نەپ ئېلىش مۇھىتى ھازىرلانغان بۇلىشى كېرەك.
  يەنە بىرى، كىتابلار ئوقۇش، پايدىلىنىش، نەپ يەتكۈزۈش، قەدىرلەش قىممىتىنى ھازىرلاش كېرەك.
   ئاخىرىدا، جەمىيەت كارغا كەلمەيدىغان كۆپ تىللىقلارنى ئەمەس، ھەقىقىي بىلىم ئىگىلىرىنى قەدىرلەش، جەمىيەتنىڭ رولىنى شۇنداقلارغا تۇتقۇزۇش كېرەك.
  شۇندىلا ، تەرەققىياتتا تەرەققىي قىلغان ئەللەردىن نەچچە يۈز يىل كەينىدە تۇرۇپ، نېرىسىغا ئۆتۈپ، بېرىسىغا قاراپ قالغان ئادەملىرىمىز  ئۆزىگە قايتىدۇ.

ۋاقتى: 2015-6-1 18:15:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرچى يوللىغان ۋاقتى  2015-5-4 23:06
مۇشۇنداق ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ پەرزەنىتلىرىنىڭ ئىلمگە ۋ ...

بۇ ھېكايە ئەمەس دىنارى!  
باھالىغۇچىلار ئادەتتە فۇبىلىسىتىك ماقالىلارنى باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزىدىكەنغۇ. مەن شۇ نوقتىنى ئويلاپ، شۇنداق ئىنكاس يازغان ئىدىم.

ۋاقتى: 2015-11-26 01:10:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركزات ئەپەندىم  راست دەيدۇ، كىتاپلار شۇنداق قىسمەتكە قالىدۇ،لىكىن  كىم بولۇشىدىن قەتئىنەزەر كىتاپنى يېغىش   كېرەك.چوقۇم كىيىنكىلەر گە ھامان لازىم بولىدۇ،
كىتاپ بىزنىڭ بايلىقىمىز ھەم بارلىقىمىز .

ۋاقتى: 2016-6-15 00:05:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دەردى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-6-15 12:13 AM  

2012 - يىلى 11 - ئايدا قەشقەر شەھەرىدە بازار ئايلىنىپ كىتىۋىتىپ قەشقەر 1 - خەلق دوختۇرخانىسىنى يىنىدىكى كەچلىك بازارنىڭ دوقمىشىدا كۆرگەن ھەقىقى ئىشلارنى يېزىپ مەتبىئاتلارغا يوللىغان بولساممۇ ئىلان قىلىنمىغان ، ئاخىرى تورغا يوللىۋەتكەن ئىدىم ،  قەلەمكەش دوستۇم ئەركىزاتنىڭ بۇ ئەسەرنى يازغۇچىلار تورىغا يوللاپ قويغانلىقىدىن شۇنداقلا تورداشلارنىڭ ياخشى باھالارنى بەرگەنلىكىدىن خەۋەرسى قاپتىمەن ، بۈگۈن توردىن ماتىريال كورىۋىتىپ تۇيۇقسىز بۇ ئەسىرىمگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى . - دەردى
ئەكبەر جاپپار دەردى
يازغۇچىنىڭ كىتابلىرى
( ھېكايە )
بازار ئايلىنىپ كېتىۋېتىپ ، پىيادىلەر يولىنىڭ بىر چېتىگە يايما ئىچىۋالغانلار ئارىسىدىكى  ، ئالدىغا  40 - 50 پارچە كىتابنى يىيىۋىلىپ ، يولدىن  ئۆتكەنلەرگە   تەلمۈرۈپ  قاراۋاتقان 60  نەچچە ياشلاردىكى ئاددىيغىنە كىيىنگەن  ئايالغا كۆزۈم   چۈشتى . كىتابلارنى كۆرۈپ بېقىش مەقسىتىدە  ئۇنىڭ  ئالدىغا  باردىم . كىتابلار  ئارىسىدىكى  ھازىر ئىزدەپمۇ تاپقىنى بولمايدىغان بىر قىسىم كىتابلارنى كۆرۈپ   ئۇ ئايالدىن سورىدىم .
ــــ بۇ كىتابلارنى قەيەردىن ئېلىپ كەلدىلە ؟ ئارىسىدا ھازىر تاپقىنى بولمايدىغان ياخشى كىتابلار بار ئىكەن ؟
ــــ يولدىشىمنىڭ كىتابلىرى ئىدى  ، ئۆيدە تۇرسا ئوقۇيدىغان ئادەم يوق ، توپا بېسىپ كېتىدىكەن.
ــــ يولدىشىمنىڭ كىتابلىرى  دېدىلىمۇ ؟ يولداشلىرى ... گەپنىڭ ئاخىرى ئاغزىمدىن چىقىپ بولغىچە ئۇ ئايالنىڭ كۆز  ياشلىرى يامغۇردەك تۆكۈلۈشكە باشلىدى .
ــــ يولدىشىم تۆت پارچە كىتابى نەشىر قىلىنغان ، تاپقان پۇلىغا كىتاب سېتىۋېلىپ قولىدىن چۈشۈرمەي ئوقۇيدىغان كىتاب خۇمار ،   ھەممە ئادەم ھۆرمەتلەيدىغان ، بىر نەچچە خىل تىل ۋە يېزىقنى بىلىدىغان ، قولىدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياردەم قىلىدىغان بىر يازغۇچى  ئىدى  . ئۇنىڭ ئامراق كىتابلىرىدىن  ئايرىلىپ ئۇ دۇنياغا كەتكىنىگە   20 يىل بولدى    . ئۆتكەندە ساناپ باقسام  مەرھۇمنىڭ ئۆيىمىزدىكى  قىرائەتخانىسىدا  10 مىڭ پارچىدىن  ئارتۇق كىتابى بار ئىكەن ،   ئۇ ياغلىقىنىڭ بىر ئۇچى بىلەن ياشلىرىنى سۈرتتى .
ــــ ئۆيدە كىتابلارنى ئوقۇغۇدەك بالىلار يوقىمىدى  ؟
ــــ  ئىككى قىزىمىز بىر ئوغلىمىز بار   ،  ئۇلارنىڭ بىرسى بولسىمۇ دادىسىنى دورىمىدى ، ھەممىسى توي قىلىپ  ئۆي  ئايرىپ چىقىپ كەتتى   ، بالىلارغا ، - داداڭلاردىن قالغان كىتابلار توپا بېسىپ كەتتى ، ئۇنىڭ روھى قورۇنۇپ قالمىسۇن ئۆيۇڭلەرگە ئېلىپ كېتىپ داداڭلارنى كۆرگەن كۆزۈڭلەردە كۆرۈپ ،   ئوقۇپ   پايدىلىنىڭلار دېگەن گەپنى تالاي  قېتىم دېگەن بولساممۇ ئۇلار ئوخشاشلا ، - خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايۋاتقاندا كىتاب ئوقۇغىنى نەدە ۋاقىت ، ئۇنىڭ  ئۈستىگە  ئۆيلىرىمىزدە كىتاب قويىدىغان يەرمۇ يوق دەپ كىتابلارنى ئېلىپ كىتىشمىدى  ، بۇ كىتابلار مەندىن كېيىن قالسا خارلىنىپ قالمىسۇن  ، ھايات ۋاقتىمدا   لازىم بولغانلارغا   بېرىۋېتەي  دەپ  بۈگۈن  بىر ئاز  ئېلىپ كېرىم ، مانا بۇ كىتابلارنى يولدىشىم يازغان ، ئايال تۆت پارچە كىتابنى ئېلىپ ماڭا  ئۇزاتتى . ئۇنىڭ قولىدىكى كىتابلارنى قولۇمغا ئېلىپ ،  يۈز كۆرۈشمىگەن بولساممۇ  يىزىقچىلىققا يېڭىدىن كىرىشكەن  چاغلىرىمدا قىزىقىپ ئوقىغان مەرھۇمنىڭ  كىتابلىرىنى  ۋاراقلىدىم ۋە ئۈ تۆت پارچە كىتابقا  يەنە    10 پارچە كىتابنى قوشۇپ، ئۇنىڭ  ئۇنىمىغىنىغا  قارىماي كىتابنىڭ  باھاسى بويىچە پۇل بېرىپ يولۇمغا راۋان بولدۇم.  ئۆيگە كېلىپ  كىتاب ئىشكاۋىمدىكى كىتابلارغا قاراپ  ،  بۇ دۇنيادا مېنىڭ بىردىن بىر سانى كۆپ ۋە قىممەتلىك  ھېسابلىنىدىغان كىتابلىرىممۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاشۇ يازغۇچىنىڭ كىتابلىرىدەك  قىسمەتلەرگە قالارمۇ   دېگەنلەرنى كاللامدىن  ئۆتكۈزۈشۈم بىلەن ، كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياش قۇيۇلۇشقا باشلىدى .
ئادرېسىم : قەشقەر ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش ئورنى
    2012 - يىلى 11 - ئاي ، قەشقەر
تېلېفۇن نومۇرىم : 15026332121


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش