يازغۇچىلار قانۇن ئۆگىنىشى كېرەكمۇ
تۇرغۇن مىجىت
بۇ يىل 4-ئاينىڭ 10-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار يېڭىدىن تەكلىپ قىلىنغان تەكلىپلىك يازغۇچىلار خىزمەت يىغىنى چاقىردى. يىغىنغا يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازاد رەھمىتۇللا سۇلتان مۇئەللىم، مۇئاۋىن رەئىس، يازغۇچى غەيرەت ئاسىم، مۇئاۋىن رەئىس، يازغۇچى ئېركەش قورمانبېك قاتارلىق رەھبەرلەر قاتنىشىپ مۇھىم يوليۇرۇقلارنى بەردى، شۇنداقلا يىغىنغا قاتناشقان يازغۇچى، شائىرلاردىن كۈتىدىغان تەخىرسىز، مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا ئالاھىدە تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. چۈشتىن بۇرۇن كۈن تەرتىپ بۇيىچە تەكلىپلىك يازغۇچىلارغا گۇۋاھنامە تارقىتىش ۋە باشقا ئىشلار ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، چۈشتىن كېيىن مەرھۇم سەيپىدىن ئەزىزى ئەپەندىمنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى تۇنۇشتۇرۇلغان ھۆججەتلىك فىلىم قۇيۇلدى. ئارقىدىن ئەدەبىي ئاخبارات يازغۇچىسى تونۇلغان ئادۋوكات ئەركىن روزى ئەپەندىم قانۇن-تۇزۇم مەسىلىسى ۋە نۆۋەتتىكى مىللەت ئېڭىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا بىر سائەتتىن ئارتۇق سۆزلىدى.
باشتا مەن ئەركىن روزى ئەپەندىمنىڭ قانۇن توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ بەك خوش بولغان ئىدىم، لېكىن ئۇنىڭ سۆزلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مەن قىلچە قانائەت ھاسىل قىلمىدىم. ئەسلىدە ئۇنى بىر ئادۋوكات، شۇنداقلا بىر قانۇنشۇناس بولغاندىن كېيىن، چوقۇم كىشىلەرنىڭ قانۇنىي چۈشەنچىسى، قانۇننىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى توغرىسىدا ئەتراپلىق سۆزلىشى مۇمكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئەپسۇس، بۇ لېكسىيە مەن ئويلىغاندەك بولمىدى. ئەركىن ئەپەندى مىللىتىمىزدىكى نادانلىق، بالا تەربىيەلەشنىڭ يېتەرسىزلىكى، قانۇنىي جازاغا ئۇچرىغان بىرقىسىم ياشلارنىڭ نادانلىقى توغرىسىدا تولىمۇ دوگما بىر ھالەتتە لېكسىيەسىنى ئاخىرلاشتۇردى ( بەلكىم ئۇ يازغۇچىلار قانۇننى تولۇق چۈشىنىدۇ دەپ ئويلىسا كېرەك). مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ خۇددى 90-يىللاردىكى ئومۇمىي يۈزلۈك ئەۋج ئالغان مىللەتنى تەنقىدلەش توغرىسىدىكى ماقالىلەرنى قايتا ئوقۇغاندەك ھېس قىلدىم. شۇ چاغدا بىر قىسىملار تازا قايناپ چۈشۈپ كەتكەندە، يەنە بىر قىسىملار خۇددى بالىنى قارا قويۇق ئەدەبلىگەندەك ھە دېسىلا بۇنداق ماقالىنى يېزىۋەرمەي، مىللەتنى بۇ نادانلىقتىن قۇتقۇزۇشقا ئۇرۇنۇش توغرىسىدىكى كۆزقاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، بۇ قايناشلارمۇ سەل بېسىقىغا چۈشۈپ قالغان ئىدى.
ئەركىن ئەپەندىنىڭ سۆزىدىن كېيىن ئازاد مۇئەللىم ۋە غەيرەت ئاسىملار سۆز قىلىپ، نادانلىق، شۇنداقلا قايمۇققان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئەسەبىيلىك، تېرورلۇقتىن ئىبارەت پۈتۈن دۇنيا خەلقى نەپرەتلىنىۋاتقان قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ، مىللەتنىڭ شەنىگە داغ چۈشۈرۈۋاتقان ئىشلىرى ئۈستىدە توختالدى. يازغۇچىلارنى ئەدەبىياتنىڭ رولى ئارقىلىق بىرقىسىم تەخىرسىز تېمىلارنى يورۇتۇشقا چاقىردى. كېيىن گۇرۇپپىلار بۇيىچە مۇزاكىرە قىلىش، مۇزاكىردىن كېيىن پىكىر بايان قىلىشلار بولدى. بىرنەچچە قەلەمدىشىمىز ئىلگىرى بۇ تەرەپلەرگە دىققەت قىلمىغانلىقى، بۈگۈندىن باشلاپ قايتىدىن ئويلىنىش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يەنە بەزىلەر ئىلگىرى بۇ تېمىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى، ئەمدى چوقۇم مۇشۇ تېمىنى ئاساس قىلىپ يازىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى. مەن تېخىمۇ بەك ھەيران قالدىم ئەجەبا ئۇلار ئىلگىرى نېمىنى ئويلىغان بولغىيدى؟ مىللەتنى خاراپلىققا، ھالاكەتكە يۈزلەندۈرىدىغان چوڭ ئىشلارغا زادىلا دىققەت نەزەرىنى ئاغدۇرماي يۈرگەن بولغىيمىدى؟
مەن تېخى ئۇلارنىڭ كاللىسىدا نېمىنى يېزىش توغرىسىدىكى ئۇقۇمنىڭ يەنىلا ئايدىڭلاشمىغانلىقىنى، پەقەت گەپ قىلىش زۆرۈرىيىتى بولغاچقىلا، رەسمىيەت يۈزىسىدىن يۇقىرىقىدەك سۆزلەرنى دەپ قويىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. بەزى ئويلىغانلىرىمنى دەي دېسەم سۆزلەش ۋاقتى بەك قىسقا بولغاچقا، ئويلىغانلىرىمنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغانلىقىمغا كۆزۈم يېتىپ ئىپادە بىلدۈرمىدىم. لېكىن يىغىندىن قايتىپ كېلىپمۇ بۇ مەسىلە ئىزچىل كاللامنى پىرقىراپ يۈردى. ئاخىرى قەلەم ئارقىلىق ئويلىغانلىرىمنى ئوتتۇرىغا قۇيۇش ئۈچۈن بۇ يازمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
1
مېنىڭ ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغىنىم قانۇن توغرىسىدا ئىدى، گەپ سەل ئۇزىراپ كەتتى. قانۇن- كىشىلەر بىلىدىغان، لېكىن ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا يەنىلا خەلق تېخى ھەقىقىي بىلىپ بولالمىغان بىر ئۇقۇم.
دۆلىتىمىز مىڭ يىللىق فىئۇداللىق تۈزۈم ئاسارىتىن ئاخىرى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندا قۇتۇلۇشقا مۇۋەپپەق بولدى.دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن نۇرغۇن ئىزدەندى. تەدبىر بەلگىلەش جەريانىدا بەزى خاتالىقلار سادىر بولغان بولسىمۇ، 80- يىللاردىكى يېڭىچە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قۇيۇپ، 30 يىل جەريانىدا مىسلىسىز تەرەققىياتلارنى بارلىققا كەلتۈردى. دۆلەتنى تېخىمۇ مۇكەممەللىككە، تىنچلىققا، تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن قانۇنلار تۈزۈلدى. دۆلەت يېڭى قۇرۇلغاندا ساۋاتسىزلىق ئېغىر، فىئۇدالىزملىق ئاڭ تەلتۆكۈس يوقىتىلمىغاچقا، ھۆكۈمىتىمىز پۇقرالارنىڭ ئاڭ- سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ناھايىتى زور كۈچ سەرپ قىلدى. قانۇن تەدرىجىي مۇكەممەلشىشىكە قاراپ يۈزلەنگەن بولسىمۇ، دۆلىتىمىز ئۇنى قاتتىق ئىجرا قىلىشقا ئالدىرىمىدى. سىرتتىكىلەر دۆلىتىمىزنى قانۇنى ئاساسى، قانۇننى ئىجرا قىلىشى ئاجىز دەپ ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، بۇنىڭغا پەرۋا قىلماي ئۆز ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلىپ، تەرەققىيات يۆلۈنۈشىدە چىڭ تۇردى. تۈتۈننىڭ دەردىنى مورا بىلىدۇ. خەلقنىڭ ئاڭ-سەۋىيەسى تۆۋەن، قۇنۇن تەشۋىقاتىنى كۈچەيتمەي تۇرۇپ، بىراقلا يۇقىرى بېسىمدا ئىجرا قىلسا، نېمە ئىشلارنىڭ بولۇپ كېتىشى كۆڭۈلگە ئايان. بۇ قانداقتۇر دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈشكە ئاجىز كەلگەنلىكىدىن ئەمەس، يەنىلا پۇقرالانى ئاسرىغانلىق، كۆيۈنگەنلىك، مۇنداقچە ئېيتقاندا پۇقرالارغا يول قويغانلىق دەپ چۈشىنىش ئاقىلانىلىك بولسا كېرەك. 30 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن تەشۋىقات مەزگىلى بولدى. گەرچە يۇقىرىدىكى پىلان ياخشى بولسىمۇ، تۆۋەندە ئىجرا قىلىش ياخشى بولمىدى. مەسىلەن، قانۇن تەشۋىق قىلغۇچىلار كوچا-كويلاردا شەكلەن تەشۋىق ئېلىپ بېرىش، قانۇن ماددىلىرىنى بىرقېتىمدىن ئوقۇپ قۇيۇش، گېزىتلەردە يېڭىدىن ماقۇللانغان قانۇن-نىزاملارنىڭ ئېلان قىلىش ۋاقتى بىلەن ماددىلار بىر پۈتۈن ئېلان قىلىنىش بىلەنلا كۇپايىلەندى. قانۇن تۈزۈشنىڭ ئاساسى، قانۇننىڭ ماھىيىتى، ئۇنىڭ تەشۋىقات باسقۇچى ۋە ئىجرا قىلىش جەريانى،يۈرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى قانۇننىڭ بېسىمى ھەقىقىي دەرسلىك سۈپىتىدە ئەتراپلىق تەشۋىق قىلىنمىدى. خەلقنى قانۇن-نىزام چۈشەنچىسى جەھەتتە كۆك نامرات دېيىشكە بۇلاتتى. ھەتتا ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ئىچىدىمۇ قانۇن چۈشەنچىسى بەكلا يۈزەكى بولدى. پۇرسەت كېلىپ چەتئەلنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولغان بىر قىسىملار ئۇ يەردىكىلەرنىڭ كارامەت قائىدىلىك ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرى كوچىدا چېكىپ تاشلىۋەتكەن تاماكا كۆتەكلىرىنى ئۇلارنىڭ تېرىپ تاشلىۋەتكەنلىكىدىن ھەيران قالغانلىقىنى كېرىلىپ تۇرۇپ سۆزلەشتى. ئۇلارنىڭ قانۇن بۇيىچە ئىدارە قىلىنىۋاتقىلى 200 يىلدىن ئاشقانلىقىنى. ناۋادا بىز كىچىك ئىش دەپ قارىغان كوچىغا قالايمىقان تۈكۈرۈش، تاماكا كۆتەكلىرىنى تاشلاش قاتارلىق ئىشلار سادىر بولسا 200-300 دوللار جېرمانە تۆلەيدىغانلىقىنى، ھەتتا بىر ئاخشام ھەپسىدە ياتىدىغانلىقىنى بىلىشمىدى. چەتئەلنىڭ «ئەدەپ-قائىدىلىرى» نى ئېغىز –ئېغىزىغا تەگمەي ماختاشتى-يۇ، قانۇنغا قانداق رىئايە قىلىش توغرىسىدا كاللىسىنى سىلكىۋېتىپ ئويلاپ باقمىدى. جەمئىيىتىمىزدە نۇرغۇن پىسخولوگىيە دوكتورلىرى يېتىشىپ چىقىپ، جاي-جايلاردا پىسخىك مەسلىھەت بېرىش، لېكسىيەلەر ئەۋج ئېلىپ كەتكەن بولسىمۇ، قانۇندىن ھەقىقىي رەۋىشتىكى ئەستايىدىل مەسلىھەت، لېكسىيە بەرگۈچىلەر چىقمىدى. قانۇن بولسىمۇ، بولمىسىمۇ بولىدىغان نەرسىدەك بىپەرۋا قاراشتۇق. مەيلى پۇقرا بولسۇن، مەيلى ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى بولسۇن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرى يۈز بەرگەندە ئۆكۈنۈش، قىلمىشىغا تۆۋە قىلىش ئورنىغا مۇناسىۋەت، « يول» ئارقىلىق، قانۇننىڭ جازاسىدىن قۇتۇلۇشقا ئۇرۇندى. دۆلىتىمىزدە 500 دىن ئارتۇق قانۇن-نىزامنىڭ ماقۇللانغانلىقىنى ئاڭلاشتى-يۇ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغاندا قانداق ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقى، ئائىلىلەرنىڭ خانىۋەيران بولىدىغانلىقىنى ئويلاشمىدى. قانۇننى ئېقى قەغەز، قارىسى سىيا ھۆججەت دەپلا ئاددىي قاراپ قېلىشتى. خۇددى جاھاننىڭ ئىگىسى يوقتەك خالىغاننى قىلىپ، « ئاكاڭ قارىغاي جاھاندا بىر» دەپ مەيدىسىنى كېرىپ يۈرگەنلەر قانۇندىن ئىبارەت بىر دۆلەت قىلىچىنىڭ كۈچىنى تولىمۇ ئاجىز چاغلاپ قالدى. يەنە بەزىلەر نادانلىق پاتقىقىغا پېتىپ، ئېشەكنىڭ قۇيرىقىغىغا باغلانغان تۆگىدەك ئاقىۋىتىنىڭ نېمە بولۇشىنى بىلمەي، يولنىڭ قاراڭغۇ، تۇيۇق بۇلىشى بىلەن كارى يوق كېتىۋەردى.
2
مېنىڭچە مەدەنىيەت نادانلىقى بىلەن قانۇننى چۈشىنىش جەھەتتىكى ئىش باشقا-باشقا گەپ.
ھۆكۈمىتىمىز 2013-يىلىدىن باشلاپ دۆلەتنى قانۇن بۇيىچە ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغان قۇيۇپ، كۈچلۈك چاقىرىق قىلدى. بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت يەنىلا پۇرسەت بەرگەندەك ئۆتۈپ كەتتى. ھەتتا ئۆزىنى خېلى ئاڭلىق ساناپ يۈرگەن بىر قىسىم كىشىلەر ھېچ ئويلانمايلا « دۆلەتنى قانۇن بۇيىچە ئىدارە قىلىمىز دەيدۇ، نەچچە يىلدىن بېرى نېمە بىلەن ئىدارە قىلغان ئىدىكىن» دەپ كىنايە قىلىشتى. شۇنچە يىللاردىن بېرى قانۇن تەشۋىقات مەزگىلى بولغانلىقىنى، يەنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالارغا زور دەرىجىدە پۇرسەت بەرگەنلىكىنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ قۇيۇشمىدى. مانا بۇ دەل ئومۇمىي خەلقىمىزدىكى قۇنۇن چۈشەنچىسىنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
قانۇن بۇيىچە ئىدارە قىلىش باشلاندى. ئەزەلدىن قانۇن -نىزامغا سۇس قاراپ كېلىۋاتقان كىشىلەر نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى بىلەلمەي گاڭگىراشتى. يۇقىرىسى مەركەز رەھبەرلىرىدىن تارتىپ تۆۋىنى ئاۋام پۇقراغىچە قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىكى ئادەمگە قىلچە يۈز خاتىرە قىلىنماي قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىلدى. بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەش زۆرۈركى، قانۇننى چۈشەنچە بىلەن مەدەنىي نادانلىق باشقا –باشقا ئىش. مەسىلەن، قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرىغان 40مىڭغا يېقىن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرى كادىرنى كىممۇ نادان دېيىشكە پېتىنالىسۇن ؟ ئۇلار دەۋرنىڭ ئاۋانگارتلىرى، دۆلەتنىڭ زىيالىيلىرى ئەمەسمىدى؟ بۇنىڭ ھەممىسى قانۇنغا سەل قارىغانلىق، قانۇننىڭ تەشۋىقاتچىلىق دەۋرىدىكى ئۆتكۈنچى پۇرسەتنى خاتا مۆلچەرلىگەنلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
دۆلەتنى قانۇن بۇيىچە ئېدارە قىلىش رەسمىي باشلاندى. مەيلى كىچىك بولسۇن، مەيلى چوڭ بولسۇن، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىڭىز بايقالغان ئىكەن، سىزنىڭ دۇچ كېلىدىغىنىڭىز قانۇننىڭ جازاسى.
3
مەن بۇ قېتىم ئەركىن روزى ئەپەندىمنى قانۇن تورىسىدا جەمئىيەتتە يۈز بەرگەن نامۇۋاپىق ئىشلارنىلا ئەمەس، قانۇنغا ئائىت مۇھىم چۈشەنچىلەرنى بېرەرمىكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم. لېكىن ئۇنداق بولمىدى. ھەتتا نەسر يازغۇچىسى، ئادۋوكات گۈلباھار ئەزىزگە سۆز نۆۋىتى كەلگەندىمۇ خەلقىمىزدىكى نادانلىق ئۈستىدىن ئۇھسىنىش ئىچىدىكى پاراڭلار بىلەن ئاخىرلاشتى. مەن شۇنى ئويلاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدىمكى، بۇ مەسىلىنى خەلقنىڭ نادانلىقىدىن ۋايساش، نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان ئەسەبىيلىك، تېرورلۇقتىن ئىبارەت دۇنيا خەلقى نەپرەتلىنىۋاتقان جىنايەتنى پاش قىلىش، تەنقىد قىلىش، ياكى شۇنداق بىر ۋەقەنى ئەسەردە ئەكس ئەتتۈرۈپ قۇيۇش بىلەن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.شۇنداقلا خەلقنىمۇ يېتەكلىگىلى بولمايدۇ. بىز زادى نېمىنى يازىمىز؟
يۇقىرىدىكى بىرنەچچە قەلەمدىشىمىزنىڭ بۇ تېمىلارغا بۇنىڭدىن كېيىن ئەھمىيەت بېرىشكە كۈچەش توغرىسىدىكى پىكىرلىرى بىر رەسمىيەت خالاس. ئۇلارنىڭ ئىلگىرى ئويلىمىغانلىقىمۇ يالغان. تەڭدىن تولىسى قىرىق ياشتىن ھالقىغان، قەلەم تۇتىۋاتقانلىقىغا ئالدى ئون بەش- يىگىرمە يىللاردىن بولغان بىر قەلەمكەشنىڭ بۇ تېمىلارنى ئويلىماي تۇرۇشى مۇمكىنمۇ؟ ئەمەلىيەتتە بۇ تېمىلار ئالىقاچان ئەدەبىياتىمىزدا روشەن ياكى ۋاسىتىلىك تىلغان ئېلىنىپ تۇردى. لېكىن خەلققە زادى نېمىنى بىلدۈرۈشنى بىلەلمىدۇق. ئاددىيسى ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، مەن كىتابخانلارغا قانۇننى ھېس قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئاز-تولا ھېس قىلغان. يېقىنقى يىللاردا يېزىۋاتقان ئەسەرلىرىمنىڭ كۆپىنچىسىدە بىر ساقچىنىڭ ئوبرازى بار ئىدى. مەن شۇ ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ قانۇندىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى، ئۆزىنى بىلمىگەندە ھەرقاچان قانۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچىرايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇشنى ئۇنتۇمىدىم. لېكىن بۇ خىل ئۇسۇل بەزىلەرگە بىمەنە تۇيۇلدى. ھەتتا ماڭا ئۇچۇق پىكىر بەرگەنلەرمۇ بولدى. بىز قەلەمكەشلەر ئىچىدىمۇ قانۇن چۈشەنچىسى بەك تۆۋەن. ئۆيلىرىمىزدىن ھەرخىل ئەدەبىيات ئېقىملىرىغا دائىر كىتابلار چىقسىمۇ، قانۇنغا دائىر كىتابلار چىقمايدۇ. ئەدەبىياتنىڭ ئەدەم تەربىيەلەش رولى يوق دەيمىز، لېكىن ئۇنىڭ يېتەكلەش رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. خەلقىمىزنى نۆۋەتتىكى قاراڭغۇ بالادىن قۇتقۇزىمىز، ئۆزىمىزنىڭ يازغۇچىلىق بۇرچىنى ئاقلايمىز دەيدىكەنمىز، مېنىڭچە ئىشنى يۇقىرىقىدەك ۋەقەلەرنى تەسۋىرلەپ قۇيۇش ئەمەس، ھەممىمىزنىڭ ئورتاق قانۇن چۈشەنچىسىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىشىمىز كېرەك. قاچانكى خەلقىمىز قانۇننى چۈشۈنۈپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلاردىن يىراق تۇرغاندا، قانۇن ئارقىلىق ئۆز-ئۆزىنى قوغدىغاندا تەرتىپلەر ئىزىغا چۈشىدۇ، جەمئىيەت مۇقىملىشىدۇ، تەرەققىيات يۈكسىلىدۇ.
ئاخىرقى تەكلىپىم شۇكى، ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى كۆپلىگە ئەدەبىيات تەربىيەلەش كۇرسلىرىنى ئۇيۇشتۇرغان بولسىمۇ، يازغۇچى، شائىرلارغا قارىتا قانۇن بىلىملىرىدىن لېكسىيە بېرىدىغان پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرمىدى. رەھبەرلەر مۇشۇنى بىر ئويلىشىپ باقسا.
ئاخىرىدا يەنە دەيدىغىنىم، بۇ بىر ئىزدىنىش. گەپلىرىم تاققا- تۇققا، جايىغا چۈشمەي قالغان بۇلىشى مۇمكىن. بىراق ئويلىغانلىرىمنى سەمىمىيلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويدۇم. دوستلارنىڭ تۇلۇقلاپ تۇرۇشىغا ئىشىنىمەن.
2015-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kiwirhemit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-4-30 11:46