تام يوللىغان ۋاقتى 2015-4-28 23:33
يازغۇچىلار قانۇن ئۆگۈنىشى كېرەكمۇ
تۇرغۇن مىجىت
مەمەت ئۇكام سىزنىڭ شېئىريەتتىكى تىرىشچانلىقىڭىزغا قاراپلا ىېلى مەستلىكىم كالگەن ئىدى، لېكىن بۇنداق ھاماقەت لەرچە پىكىر قىلىشىڭىزنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.
1- مەن يازمامدا ھېچقاچان ئەركىن روزى بىلەن گۈلباھار ئېزىزنىڭ چاچلىرى ئاقارغىچە ئوقۇپ ئادۇۋكات بولغانلىقىنى ئىنكار قىلمىدىم. پەقەت ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى قانۇن بۇيىچە ئىدارە قىلىش دۋرىگە ئائىت ئەتراپلىقراق چۈشەنچە بەرمىگەنلىكلىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىمنى بىلدۈردۈم.
2- سىز ياغۇچىنى دۇنيادىكى ئەڭ بىچارە ، ئەڭ نامرات، ئەڭ بەىتسىز ئادەم دەپسىز. بايلىق ۋە بەختنى نۇقۇل پۇل بىلەنلا ئۆلچەيدىغان ئىشىڭىز بولسا ئۇ باشقا گەپ. لېكىن يازغۇچە مەنىۋىيەت جەھەتتە باي ۋە بەختلىك. سىز شئېرلىرىڭىزدا سۈنئنئىي ئازاپنى ھەدەپ يازغان بىلەن ھەقىقىي ئازاپنىڭ نېمىلىكىنى تېخى بىلمەيسىز. سىز يېيىش -ئىچىش، پۇل، قىزلاردىن باشقىنى ئويلىمامسىز؟ سىز ھەممە ئادەم قانۇننى بىلىدۇ دەپسىز. توغرا، قانۇننى ھەممە ئادەم بىلىشى مۈمكىن ، لېكىن بۇ بىلىشلا ئەمەس، ئۇنىڭغا بولغان چۈشەنچە، بويسۇنۇش قاتارلىق نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىز كۆز ئالدىمىزدا بۇلىۋاتقان ئىشلارغا ھاڭ-تاڭ بۇلۇپ تېخىچە سۈت ئۇيقىمىزدا ياشاۋاتىمىز... بۈگۈنكىدەك بىر دەۋىردە ئۇنىڭ سەۋەبىنى ئويلانماي، يەنىلا يېيىش، قىز، پۇل دەپ يۈرسەك...قۇيۇڭ ئۇنداق گۈدەكلىگىڭىزنى. بىز ھازىر رەسمىي قاناۇن بىلەن ئىدارە قىلىش دەۋىرىگە كىردۇق. يەنىلا بۇرۇنقىدەك چۈشىمىز بىلەن سۈت ئۇيقىدا يۈرۈش بىلەن ئۆتسەك بۇ خاراپلىق سىزنىڭ ۋە مېنىڭ ئىشىكىمىزنىمۇ چەكمەيدۇ دەپ كىم ھۆددە قىلالايدۇ؟يەنە دېسەم شۇ نەرسە ئېسىڭىزسە بولسۇنكى، قانۇننى بىلىش بىلەن ئاڭلىق رئىئايە قىلىش باشقا-باشقا گەپ. بىز ھەۋەسلىنىۋاتقان چەتئەلدىكى نۇرغۇن ئەدەپ-قائىدىلەر ئەنە شۇنداق قانۇننىڭ كۈچىدىن كەلگەن. ھېلىمۇ چەتئەلدە قانۇننىڭ قانداق قاتتىق ئىجرا قىلىنىىدغانلىقىنى ئاڭلاۋاتىمىزغۇ.
بۇ گەپلىرىمگە مەيلى قايىل بۇلۇڭ بولماڭ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى. بۇ گەپلەرنى يالغۇز سىزگىلا دېمىدىم. ئەگەر ئۆزىڭىزنى بىر شېئىريەت ھەۋەسكارى ، كېيىن ئۇيغۇرنىڭ شائىرى بۇلىمەن دەپ ئويلايدىكەنسىز، ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان پاجىئەگە كۆز سېلىشىڭىز كېرەك. خاترىجەملىك، تېنچلىق بولمىسا ئۇ پۇل، قىز، بەخت دېگەنلىرىڭىز نۆلگە تەڭ. بوۋىلىرىمىز نۇرغۇن ىللار ئىلگىرىلا « ئۆزىنى بىلگەن قازىنىڭ ئالدىغا بارماپتۇ» دېگەن بىر ھېكمەتنى بىزگە قالدۇرغان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-5-1 13:54