ئاۋازىم
ئىلغارجان سادىق
تاراملاپ تامغىنى چاقماق پارچىسى،
يۈرىكىم تەختىدىن يېرىلىپ چىققان.
يالتىراپ كۆرۈنگىنى كۆزۈم قارىسى،
ئاھلىرىم قىياندەك تولغىنىپ ئاققان.
ئاۋازىم يوقىغان غۇۋالىق ئىچرە،
ئايىغىم يۆتكەلمەس بىر ئىزدا ئەمما،
قاسرىقىم تۆكۈلىدۇ گۇيا نۇر قەترە،
ئەسلىرىم ئېزىققان سەيياھ، مۇئەمما.
چۈشلىرىم قول سىلكىپ قالدى يىراقتا،
غۇۋالىق قەلبىمگە بېسىلغان مەھكەم.
مەن كەچكەن كېچىكلەر ئۆلەر يىراقتا،
روھ گۈلۈم چېقىلىپ تۆكۈلەر ھەردەم.
قول سىلكىپ تىترەيدۇ ئۆرۈلگەن ھويلام،
كاككۇكلار كەلمىدى خېلى زامانلار.
بۆرىلەر قويلارغا قىلمايدۇ سالام،
قۇشقاچلار يېلىڭ تەن ئاران-ئارانلا.
ئاھ، قەلبىم ئېتىزلىقى قالدى تېرىقسىز،
قاغجىراپ كۆرۈنگىنى قامەت تاغلىرىم.
قارلارسىز تاغلارمۇ شۇنچە كۆرۈمسىز،
قاناتسىز تىپىرلارپ قالدى ئاھلىرىم.
مىلادى 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى، بېيجىڭ
لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستوتىدا قەلەمگە ئېلىندى
بۈگۈن مېنىڭ شېئىر يازغۇم يوق
ئەركىن مۇھەممەت كامالى
چىرايىنى ئاچمايدۇ ئاسمان،
يۈرەر ھەممە شۇنچە ئالدىراش.
تونىمايدۇ ھېچكىمنى ھېچكىم،
بۇ يەردە يوق قېيداش-ياتسىراش.
چايقىلىدۇ يوللاردا ئادەم،
بەك يېقىمسىز مىترونىڭ ئۈنى
شاختىن شاخقا قونار سېغىزخان،
قۇلىقىدا يوق ئۇنىڭ گۈلى.
ياتاق ئىچى شۇنچە يېقىمسىز،
چاپماقتىدۇر ۋاقىت ئالدىراپ.
لىغىرلايدۇ چانىقىمدا ياش،
يۈرىكىمدە سېغىنىش-ئازاپ.
تىكىلىمەن يىراق ئۇپۇققا،
دېرىزەمدىن كىرەر سوغ شامال.
بىر يېقىمسىز خورەك ئاۋازى،
ھېسلىرىمنى قىلماقتا قامال.
غەلەت قىلىپ قاراقلىرىمنى،
ئۆتۈپ كەتتى باھار لەپىلدەپ.
سايرىغاندا يانفۇنۇم ئەنسىز،
قالدىم شۇئان يۇرتۇمنى ئەسلەپ.
يۈرىكىمگە يېقىۋەتتى ئوت،
يۇرتۇمدىكى سۆيۈملۈك كوچا.
قالمىغاندۇ پەرىشتەم ئۇنتۇپ،
كىرمەيدىغۇ چۈشۈمگە توۋا؟!
كۆزلىرىمگە كەلدى ئىسسىق ياش،
دۇئاسىنى ئەسلەپ ئانامنىڭ.
چانىقىدا قالغان ئىدى ياش،
مەن ماڭغاندا ئوماق بالامنىڭ.
چېچىۋەتتى خىياللىرىمنى،
قان رەڭگىگە ئايلانغان پاشا.
شىپىر-شىپىر ئاياق تىۋىشى،
نېچۈن ئارام بەرمەيسەن ماڭا؟
يوپۇرماقلار تىترەر تىنىمسىز،
كۆرۈنمەيدۇ يۇلتۇز ياكى ئاي.
يىگانىلىق ئۆتمەكتە جاندىن،
يوق ئىچىشكە بىر پىيالە چاي.
ئۆرۈلمەكتە شۇ تاپتا ئۆپكەم،
غىچىرلايدۇ كونا ئورۇندۇق.
تەپەككۇرۇم چاپچىماي تۇرغىن،
بۈگۈن مېنىڭ شېئىر يازغىم يوق!
2015- يىل 20-ئاپرېل، بېيجىڭ،
لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستوتىدا قەلەمگە ئېلىندى
ئىككى شېئىر
ئەمەت يولداش
سايىدىكى ئاۋاز
قان پۇرايدىغان بىر سايە
قەدىمىمگە كېلەر ئەگىشىپ.
تىترەكلىرىم ئېتىلار شاردەك
تېۋىش ۋۇجۇتلىرىنى تىترىتىپ.
مەن تونىمايدىغان رەڭلەر جىلۋىسى،
سىلاپ ئۆتەر تەنھالىقىمنى.
ئاستانە كوچىلىرى ئەمەس ناتونۇش،
بىراق ئۇ تونىماس مەن ئۇيغۇرنى.
تەبەسسۇمدىكى چەكسىز سەمىمىيەت،
قەلبىم ئوردىسىنى چۆمدىرەر سىرغا.
سىڭىپ بارماقتىمەن نۇر تېزلىكىگە،
بەلكىم يېقىنلىدىم يار كۈتكەن جايغا.
ھېچكىمگە سۆزلىمىدىم دەيدىغىنىمنى،
ھېچكىم پەرۋا قىلمىدى ھالىمغا.
بەك ئېغىر چۆكمەكتىمەن پەرۋاسىز،
سايىلەردە ئىڭراۋاتقان ئاۋازغا.
2015-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى
بېيجىڭ، لۇشۈن ئىنىستۇتى
نۇرلار بىلەن سىردىشىش
( قىزىم زۇھەل ۋە ئوغلۇم تەجەللىينى سېغىنىپ)
بۈگۈن شامال چىقمىدى
شاماللاردىن پۇراي دېسەم سىلەرنى
يىپەك يولىنى بويلاپ كەلگەن شامالدىن.
ياكى كۆرمىدىم تاتلىقىنە چۈش
ئىچىمدىكى چوڭقۇر سېغىنىش،
تۇغۇپ قويدى ئاچچىق بىر ئۆكسۈش.
قىزىم ئىسمىڭىزنى قويۇپ زۇھەل،
توغرا قىپتىكەنمەن ئويلىسام ھازىر.
يۇلتۇزلارغا بېقىپ كېچىدە،
ئامراقلىقىمنى قىلدىممەن زاھىر.
سېنىڭ ئىسمىڭ تەجەللىي ئوغلۇم ،
سەن تەسەللىي كۆڭلۈمگە ھامان.
سىردىشىمەن سۈزۈك نۇر بىلەن،
تاتلىق كۈلكەڭنى سېغىنسام قاچان.
نۇرلاردا سېغىنىش، نۇرلاردا خىيال،
سېغىنچىم نۇرلاردا قىلىنار ئىزھار.
بارچە نۇرلارنىڭ جۇلالىرىدا،
ئۇماقلىرىم ئەركىلىشىڭ بار.
2015-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى
بېيجىڭ، لۇشۈن ئىنىستۇتى
گۇگۇمدىكى گۈل
ئاتىكەم سىدىق ئايقۇت
قىزارغان ئۇپۇقنىڭ قەستى نېمىكىن؟
قارايتتى ئاسماننىڭ سۈزۈك يۈزىنى.
قۇشلارنىڭ قانىتى كۆرۈنمەس ئەمدى،
باشلىدى پەرۋازغا جۇدالىقىنى.
يۈرىكىم تىپىرلاپ قالدى بىردىنلا،
بىر قېرى تېرەككە باردىم يېقىنلاپ.
دەرەخنىڭ يۈرىكى ئويغاندى بىردىن،
سىرداشتۇق ئىككىمىز ئۈنسىز پىچىرلاپ.
ئادەملەر ئالدىراش، دەرەخلەر تىمتاس،
ئاڭلىنار يېنىمدىلا چىرقىراق بىر كۈي.
يارەنلەر نەخىيالدا بىلمىدىم ئەمما،
مېنى باستى گۇگۇمدەك قاراڭغۇ بىر ئوي.
قارايغان ئۇپۇقنىڭ خىيالى نېمە؟
يوپۇرماق تۈسلەندى سىياھ رەڭگىدە.
ئاخىرقى قىزغۇچ نۇرنى ئەممەكتە سۇلار،
جىمجىت بىر ھاياجان لەيلەر يۈزىدە.
گۈللۈك تاش يوللاردا قالمايدۇ ئىزىم،
يۈرىمەن گۇگۇمنى يۈدۈپ نا خىيال.
ھال رەڭلىك بىر تال گۈل دەرەخلەر ئارا،
چوغلاندى شۇ قەدەر گۈزەل، ناتىۋان.
بىر تال گۈل، بىر ئايال، بىر گۇگۇم پەسلى،
يۈزلەندى ئۇپۇققا يۈرىكىدە نۇر.
قارايدى گۇگۇمنىڭ قەھۋەرەڭ كۆزى،
قارا كۆز شاماللار ئەسكەندە غۇر-غۇر.
2015-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى، بېيجىڭ
بۇ يوللار پايانىنى كىمدىن سورايدۇ
زەيتۇنەم مەمتىمىن
ماڭسا تۈگىمەيدىغان يوللاردىن ماڭدىم،
مەنزىل ئەسلىمىدەك يىراق بىر جايدا.
تولۇق بىر ئىشەنچتە ئالغان قەدەمگە،
ئارىلىق ساقلاپ تۇرار نام تاختا.
مەن ئۇنى باغلىدىم‹‹مۇراد›› سۆزىگە،
دەرەخلەر كۈزدىكىدەك بەردى شىلدىرلاپ.
بالدۇر ئېچىلغان گۈلنىڭ خىيالى،
يوقالدى سۇ كېلىدىغان بىر كۈننى ساقلاپ.
ئەسلىمە يازىدىغان ئەتىگە قاراپ،
يوللارنىڭ پايانىنى قىلمىدىم قىياس.
بىلەمسەن،سەن ماڭا يېقىن كۆرسەتكەن،
ئاشۇ يىللاردىكىدەك ماڭدىم ئۇزاق، راست.
ھاياتنى تەكرارلايدىغان قۇياشقا قاراپ،
چۈشەندىم پايانسىز يولنىڭ تىلىنى.
تىز ئۆتۈشۈپ كەتكەن ئادەملەر ئارا،
يالغۇز ئىزدەپ ماڭدىم مۇرادىمنى.
2015-يلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى. (بېيجىڭ)