ئىلى ھېمىت
بىر تال ئالما چېچىكى چۈشكەندە
سەھەر دېمەك
سەكرەپ چۈشتى قۇياش بۆشىكىدىن
يەتتە كېزەك .
كۈندۈز
سارغۇچقىنە ئاچتى چېچەك.
-سالام،- دېدى قاپاق تېرەكلەر
كېلۇر ئۇندىن تونۇش ،سۇس پۇراق،
شاح ئۈستىدە تەنھا سېغىزخان،
چاقىرماقتا يەنە بىرىنى،
بولۇپ پايپېتەك.
ئۇچۇپ يۈرگەن توزغاقلار ئارا
پۇراق چاچتى سېرىن چېچىكى
قاسراق تاشلاپ غوللىرى، يارا.
يەر ئاستىدا
قەدەمدە مىغ-مىغ
پارقىراق قۇڭۇز تارىتىدۇ نۇر .
دەۋرەپ كەلدى رەڭلەر تاشقىنى
كۈلرەڭ
گىل رەڭ
قەھۋە رەڭ...
سۈزەرمەكتە بارغانچە چوڭقۇر.
كەلدى ئۇچۇپ قاناتلىق مېترو
چوقىۋالدى خىياللىرىمنى
كۈندۈزۈمنى
تۆگىمەيدۇ ماڭغانغا يوللار
بىز تاماق يېمەكچى بولعاندا
ۋاقىت بىزنى يېمەكتە...
ئالدىمىزدا « ikea »ئائىلە بويۇملىرى تاللا بازىرى
ئالما چېچىكى تۆكۈلۈپ تۇرغان پىيادىلەر يولى
بىر تال ئالما چېچىكى لەيلىگەنچە
چۈشكىنىدە مۈرەمگە ئاستا
توزىغان قۇش پېيىدەك.
لۆمۈلدىدى كۆزۈمدە دۇنيا
قاراڭغۇلۇق تىقىلىپ راسا.
قەدىمىي ئاستانىنىڭ كوچىلىرىدا
نۇر چاچىدۇ
ئۇيغۇر دوپپىسى ،
بىر تەخسە لەعمەن .
رەڭلەرنىڭ قاتمۇقات قورشاۋلىرىدا
بۇقۇلدايدۇ تەنھا دەمدەردەك
سارغايغانچە بىر قىزىل يۈرەك.
2015-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۉنى چارشەنبە بيجىڭ شەھرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Ali تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-4-30 20:56