يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: shaidayi

لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتوتىنىڭ 17-قارارلىق كۇرسىدا ئوقۇش باشلاندى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-4-20 12:00:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، سالام بەرگەن، ياخشى تىلەكلەرنى تىلىگەن، كۆڭلىدە ياخشى خىياللارنى سۈرگەن بارلىق ئەزىز  دوستلار. ياخشى تىلەكلەر ھەسسىسى بىلەن سىلەرگىمۇ بولغاي.

ۋاقتى: 2015-4-20 12:02:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇگۇمدىكى گۈل

ئاتىكەم سىدىق ئايقۇت

قىزارغان ئۇپۇقنىڭ قەستى نىمىكىن؟
قارايتتى ئاسماننىڭ سۈزۈك يۈزىنى.
قۇشلارنىڭ قانىتى كۆرۈنمەس ئەمدى،
باشلىدى پەرۋازغا جۇدالىقىنى.

يۈرىكىم تىپىرلاپ قالدى بىردىنلا،
بىر قېرى تېرەككە باردىم يېقىنلاپ.
دەرەخنىڭ يۈرىكى ئويغاندى بىردىن،
سىرداشتۇق ئىككىمىز ئۈنسىز پىچىرلاپ.

ئادەملەر ئالدىراش، دەرەخلەر تىمتاس،
ئاڭلىنار يېنىمدىلا چىرقىراق بىر كۈي.
يارەنلەر نەخىيالدا بىلمىدىم ئەمما،
مېنى باستى گۇگۇمدەك قاراڭغۇ بىر ئوي.

قارايغان ئۇپۇقنىڭ خىيالى نېمە؟
يوپۇرماق تۈسلەندى سىياھ رەڭگىدە.
ئاخىرقى قىزغۇچ نۇرنى ئەممەكتە سۇلار،
جىمجىت بىر ھاياجان لەيلەر يۈزىدە.

گۈللۈك تاش يوللاردا قالمايدۇ ئىزىم،
يۈرىمەن گۇگۇمنى يۈدۈپ نا خىيال.
ھال رەڭلىك بىر تال گۈل دەرەخلەر ئارا،
چوغلاندى شۇ قەدەر گۈزەل، ناتىۋان.

بىر تال گۈل، بىر ئايال، بىر گۇگۇم پەسلى،
يۈزلەندى ئۇپۇققا يۈرىكىدە نۇر.
قارايدى گۇگۇمنىڭ قەھۋەرەڭ كۆزى،
قارا كۆز شاماللار ئەسكەندە غۇر-غۇر.

2015-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-23 01:47  


باھا سۆز

جىمجىت بىر ھاياجان لەيلەر يۈزىدە...  ۋاقتى: 2015-4-27 04:17 PM
گۇگۇمدىكى گۈلنىڭ پەيزىنى سۈردۈم، كۇرستىكى كۈنلىرىڭىز خۇشۋاق بولغاي!  ۋاقتى: 2015-4-20 02:44 PM
ۋاقتى: 2015-4-20 12:05:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىلەرگىمۇ سالام قەدىردانلار،ياخشى كۈنلەر ھەممىمىزگە نىسىپ بولسۇن!سالامىڭلاردىن شۇنداق سۈيۈنۈپ يېنىڭلاردا تۇرغاندەك خۇشال بولدۇم.

ۋاقتى: 2015-4-20 12:06:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يوللار پايانىنى كىمدىن سورايدۇ

زەيتۇنەم مەمتىمىن

ماڭسا تۈگىمەيدىغان يوللاردىن ماڭدىم،
مەنزىل ئەسلىمىدەك يىراق بىر جايدا.
تولۇق بىر ئىشەنچتە ئالغان قەدەمگە،
ئارىلىق ساقلاپ تۇرار نام تاختا.

مەن ئۇنى باغلىدىم‹‹مۇراد›› سۆزىگە،
دەرەخلەر كۈزدىكىدەك بەردى شىلدىرلاپ.
بالدۇر ئېچىلغان گۈلنىڭ خىيالى،
يوقالدى سۇ كېلىدىغان بىر كۈننى ساقلاپ.

ئەسلىمە يازىدىغان ئەتىگە قاراپ،
يوللارنىڭ پايانىنى قىلمىدىم قىياس.
بىلەمسەن،سەن ماڭا يېقىن كۆرسەتكەن،
ئاشۇ يىللاردىكىدەك ماڭدىم  ئۇزاق، راست.

ھاياتنى تەكرارلايدىغان قۇياشقا قاراپ،
چۈشەندىم پايانسىز يولنىڭ تىلىنى.
تىز ئۆتۈشۈپ كەتكەن ئادەملەر ئارا،
يالغۇز ئىزدەپ ماڭدىم مۇرادىمنى.

2015-يلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى.(بېيجىڭ)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-23 01:57  


باھا سۆز

مۇرادلار ھاسىل، ئۈمىدلەر ۋىسالىغا يەتكەي، يوللىرىڭىز خۇشپۇراق لالىلەرگە  ۋاقتى: 2015-4-20 02:47 PM
ۋاقتى: 2015-4-20 12:11:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۇرۇسقا قاتناشقان بارلىق قەلەم ساھىپلىرىنىڭ ئەزىز تەنلىرى ئامان،ھەر بىر دەقىقىلىرى شادىمان بولغاي!
دىلكىشىم ئاتىكەم ئايقۇت ،ماھىنۇر ئابدىلىم،زەيتۇنەم قاتارلىق بارلىق يارەنلەرگە كەمىنە مۇنەۋۋەر دىن ئوتلۇق سالاملار كەتتىلەر....

ۋاقتى: 2015-4-20 12:19:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم ئەمەت يولداشنىڭ كۈنلىرىگە يېڭىدىن يېڭى مەنا، ئىجادىيىتىگە يەنىمۇ زور ئۇتۇقلارنىڭ يار بولىشىنى تىلەيمەن. قالغان ئەزىزلەرمۇ ئامان ئېسەن بولغاي!

ۋاقتى: 2015-4-20 13:15:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دىيارىمىز شىنجاڭدىن بۇ قېتىلىق ئىنتايىن ياخشى بىر پۇرسەتكە نائىل بولغان بارلىق يازغۇچى -شائىرلار ياخشىمۇ سىلەر كەمىنە سەھرا ئوغلى ئالىمجاندىن ھەممىڭلارغا سېغىنىشلىق ئوتلۇق سالام! بۇ قېتىملىق بېيجىڭ سەپىرى 2015- يىلنىڭ بېشىدىكى دىيارىمىز ئەدىپلىرى ئۈچۈن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر پائالىيەت بوپتۇ مەن بۇنىڭدىن بەكمۇ خوش بولدۇم. بۇندىن كىيىنمۇ يىل ئاخىرىغىچە مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ داۋاملىق تەشكىللىنىپ تۇرۇشىغا تىلەكداشمەن. ئادىل تۇنىياز،ئىمىننىياز مەتنىياز، زەيتۇنەم مەمتىمىن قاتارلىق دىيارىمىز شىنجاڭدىن بۇ كاتتا پائالىيەتكە قاتناشقان بارلىق يازغۇچى-شائىرلارنى چىن دىلىمدىن قۇتلۇقلايمەن! سىلەرنىڭ پۇرسەتنى ياخشى تۇتۇپ پائالىيەتنى ياخشى جانلاندۇرۇشۇڭلارنى ۋە بۇ پائالىيەت مۇناسىۋىتى بىلەن نادىر ئەسەرلەنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن ئاخىرىدا ھەممىڭلارنىڭ ئىشلىرىغا خەيرلىك، تىنىڭلارغا سالامەتلىق ۋە ئىجادىيىتىڭلارغا مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن. ئاللا ھەممىڭلارنىڭ ئىشلىرىنى نۇسرەتلىك قىلغاي! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كىتاب تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-20 13:18  


ۋاقتى: 2015-4-20 13:40:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىر تال ئالما چېچىكى چۈشكەندە

ئېلى ھېمىت

سەھەر دېمەك
سەكرەپ چۈشتى  قۇياش بۆشىكىدىن
يەتتە كېزەك .

كۈندۈز
سارغۇچقىنە  ئاچتى چېچەك.
-سالام،- دېدى قاپاق تېرەكلەر
كېلۇر ئۇندىن تونۇش ،سۇس پۇراق،
شاح ئۈستىدە   تەنھا سېغىزخان،
چاقىرماقتا يەنە بىرىنى،
بولۇپ پايپېتەك.

ئۇچۇپ يۈرگەن توزغاقلار ئارا
پۇراق چاچتى سېرىن چېچىكى
قاسراق تاشلاپ غوللىرى، يارا.

يەر ئاستىدا
  قەدەمدە مىغ-مىغ
پارقىراق قۇڭغۇز تارىتىدۇ نۇر .
دەۋرەپ كەلدى  رەڭلەر تاشقىنى
كۈلرەڭ
گىل رەڭ
قەھۋە رەڭ...
سۈزۈلمەكتە بارغانچە چوڭقۇر.

كەلدى ئۇچۇپ  قاناتلىق مېترو
چۇقىۋالدى خىياللىرىمنى
كۈندۈزۈمنى

تۈگىمەيدۇ ماڭغانغا يوللار،
بىز تاماق يېمەكچى بولغاندا
ۋاقىت بىزنى يېمەكتە...

ئالدىمىزدا « ikea  »ئائىلە بويۇملىرى تاللا بازىرى
ئالما چېچىكى تۆكۈلۈپ تۇرغان پىيادىلەر يولى
بىر تال ئالما چېچىكى لەيلىگەنچە
چۈشكىنىدە مۈرەمگە ئاستا
توزىغان قۇش پېيىدەك.
لۆمۈلدىدى كۆزۈمدە دۇنيا
قاراڭغۇلۇق تىقىلىپ راسا.

قەدىمىي ئاستانىنىڭ كوچىلىرىدا
نۇر چاچىدۇ
ئۇيغۇر دوپپىسى ،
   بىر تەخسە لەغمەن .

رەڭلەرنىڭ قاتمۇقات قورشاۋلىرىدا
بۇقۇلدايدۇ تەنھا دەمدەردەك   
سارغايغانچە  بىر قىزىل يۈرەك.

2015-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى چارشەنبە
بېيجىڭ، لۇشۈن  ئەدەبىيات ئىنىستۇتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-23 20:09  


باھا سۆز

قەھۋە رەڭ..  ۋاقتى: 2015-4-20 03:03 PM
ۋاقتى: 2015-4-20 14:54:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، لۈشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىغا قەدەم ئالغان ئەزىزلەرنىڭ پايتەختتىكى كۈنلىرى بەرىكەتلىك بولغاي، ئەزىزلەرنىڭ قەلەملىرى يېڭى ئىلھاملار بىلەن گۈزەل مىسرالار، لىرىك كۈيلەر بىلەن ھاسىللانغاي!

ماھىنۇر ئابدىلىم، ئاتىكەم سىدىق ئايقۇت ۋە زەيتۇنام مەمتىمىنلەرگە ئوتلۇق سېغىنىشلىق سالام يوللايمەن!

ۋاقتى: 2015-4-20 15:12:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايقۇت يوللىغان ۋاقتى  2015-4-20 12:00
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، سالام بەرگەن، ياخشى تىلەكلەرنى تى ...

دوستۇم  سىزنى  مۇبارەكلەيمەن.

ۋاقتى: 2015-4-20 17:11:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركىن مۇھەممەت كامالى،دوستۇم ئاتىكەم،ماھىنۇر ۋە باشقا ئەزىزلەرگە سالاملار بولسۇن ،ھارمىغايسىلەر ئەزىزلەر .

ۋاقتى: 2015-4-20 17:35:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككى شېئىر

ئەمەت يولداش

سايىدىكى ئاۋاز

قان پۇرايدىغان بىر سايە
قەدىمىمگە كېلەر ئەگىشىپ.
تىترەكلىرىم ئېتىلار شاردەك
تېۋىش ۋۇجۇتلىرىنى تىترىتىپ.

مەن تونىمايدىغان رەڭلەر جىلۋىسى،
سىلاپ ئۆتەر تەنھالىقىمنى.
ئاستانە كوچىلىرى ئەمەس ناتونۇش،
بىراق ئۇ تونىماس مەن ئۇيغۇرنى.

تەبەسسۇمدىكى چەكسىز سەمىمىيەت،
قەلبىم ئوردىسىنى چۆمدىرەر سىرغا.
سىڭىپ بارماقتىمەن نۇر تېزلىكىگە،
بەلكىم يېقىنلىدىم يار كۈتكەن جايغا.

ھېچكىمگە سۆزلىمىدىم دەيدىغىنىمنى،
ھېچكىم پەرۋا قىلمىدى ھالىمغا.
بەك ئېغىر چۆكمەكتىمەن پەرۋاسىز،
سايىلەردە ئىڭراۋاتقان ئاۋازغا.

2015-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى
         بېيجىڭ، لۇشۈن ئىنىستۇتى


نۇرلار بىلەن سىردىشىش

( قىزىم زۇھەل ۋە ئوغلۇم تەجەللىينى سېغىنىپ)  

بۈگۈن شامال چىقمىدى
شاماللاردىن پۇراي دېسەم سىلەرنى
يىپەك يولىنى بويلاپ كەلگەن شامالدىن.
ياكى كۆرمىدىم تاتلىقىنە چۈش
ئىچىمدىكى چوڭقۇر سېغىنىش،
تۇغۇپ قويدى ئاچچىق بىر ئۆكسۈش.

قىزىم ئىسمىڭىزنى قويۇپ زۇھەل،
توغرا قىپتىكەنمەن ئويلىسام ھازىر.
يۇلتۇزلارغا بېقىپ كېچىدە،
ئامراقلىقىمنى قىلدىممەن زاھىر.

سېنىڭ ئىسمىڭ تەجەللىي ئوغلۇم ،
سەن  تەسەللىي كۆڭلۈمگە ھامان.
سىردىشىمەن سۈزۈك نۇر بىلەن،
تاتلىق كۈلكەڭنى سېغىنسام قاچان.

نۇرلاردا سېغىنىش، نۇرلاردا خىيال،
سېغىنچىم نۇرلاردا قىلىنار ئىزھار.
بارچە نۇرلارنىڭ جۇلالىرىدا،
ئۇماقلىرىم ئەركىلىشىڭ بار.

2015-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى
                                          بېيجىڭ، لۇشۈن ئىنىستۇتى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-23 17:04  


ۋاقتى: 2015-4-20 18:36:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ئەزىزلەر، لۈشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىدىكى  ھەر- بىر كۈنىڭلاردىن   توپلىغان ھاسىلاتىڭلارنى بىلىم غەزىنەڭلەرگە لىق تولدۇرۇپ كىلىشىڭلارنى  چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن.  
ئاق يول ۋە ئامەت سىلەرگە ھەمىرا بولغاي!!

ۋاقتى: 2015-4-20 18:40:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پائالىيىتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-4-20 18:45:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
412- نۇمۇرلۇق ياتاققا سالام دەڭلار

باھا سۆز

ھەجەپ كۈلدىم ما ئىنكاسىڭىزدىن ئۇكام...  ۋاقتى: 2015-4-21 12:40 PM
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش