يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 972|ئىنكاس: 30

قاسىم سىدىق: تارتىش كۈچىگە قارشى ئەڭ ئاددى ئىسپات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
پىلانىتلارنىڭ ئوقىدا ئايلىنىشىنىڭ ئۆزى نىيوتۇنچە تارتىش كۈچى ئىدىيىسىگە قارشى ئىسپات

قاسىم سىدىق


بۇ بەك ئاددى ۋە قىسقا بىر تېما.مەن بۇ تېمىدا پىلانىتلارنىڭ ئوقىدا ئايلىنىشىنىڭ سەۋەپلىرى ئۈستىدە توختالمايمەن،بېۋاستە مەسلىنىڭ ئۆزىنى ئوتتۇرىغا قويۇمەن:

ئايلىنىۋاتقان شار جىسىم يۆزىنىڭ خالىغان بىر نۇقتىسىدىن يەنە يىراقتىكى چوڭ ماسسىلىق بىر جىسىم تارىتسا بۇ جىسىم يەنىلا ئوقىدا ئايلىنالامدۇ؟
ئايلىنىپ قاتقان نۇرنىڭ بىر نۇقتىسىغا ئۇچىغا يېلىم سۆركەلگەن يېپنى ئېتىپ چاپلاشتۇرۇپ،يىپنى تارتسىڭىز يەنىلا نۇر ئايلىنىۋىرەمدۇ؟
جاۋابى:مۆمكىن ئەمەس.ئايلىنىشتىن توختايدۇ!.
مانا بۇ نىيوتۇنچە تارتىش كۈچىنىڭ مەۋجۈتلىكىنى ئىنكار قىلىدىغان ئەڭ ئاددى ئىسپات!.



قوياشنىڭ تارتىش كۈچىنى يۇقۇرقى يېلىم چاپلانغان يىپ دەپ پەرەز قىلايلى،بۇ يىپنى يەر شارىغا چاپلانغان ھالەتتە قوياش تارتىۋاتىدۇ ياكى ھەرئىككىسى بىر-بىېرىنى تارتىۋاتىدۇ دەپ پەرەز قىلايلى،سىز شۇ ھالدىمۇ يەر شارىنىڭ ئوقىدا ئايلىنىۋىرىشىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەمسىز؟.
جىسىمنىڭ يۆزدىنلا ئەمەس،مەركىزىدىن تارىتسىمۇ بۇ جىسىم ئايلىنىشتىن توختايدۇ.توختىماسلىغى ئۈچۈن تارتقۇچى جىسىم تارتىلغۇچى جىسىم بىلەن ماس قەدەملىك ئايلىنىشى كېرەك.ھالبۇكى،قوياش سېستىمىسىدا بۇنداق پاكىت يوق.

قېنى،يۇقۇرقى تەشەببۇس پۇت تىرەپ تۇرالامدۇ-يوق؟تورداشلارنىڭ تەنقىدى مۇھاكىملىرىنى قارشى ئالىمەن.

2015.4.14

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەبىبۇللا مىجىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-14 17:48  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-14 18:00:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-15 11:21:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

نىيوتۇن تارتىش كۈچى نەزەريىسىدە تارتىش كۈچىنىڭ ئۇزۇتۇلىشىغا ۋاقىت ۋە ۋاستىچى زەررىچە كەتمەيدۇ.بۇ كۈچنىڭ يۆنىلىشى ئىككى ماددى نۇقتىنىڭ مەركەزلىرىنى تۇتاشتۇرغۇچى تۆز سىزىق دەپ قارىلىدۇ.ئېينىشتېيىن نەزەريىسىدە نىيوتۇنچە تارتىش كۈچى مەۋجۈت ئەمەس،چوڭ ماسسىلىق جىسىملار -مەسىلەن قوياش _ ئەتراپىدىكى ماكاننى ئىگىدۇ.پىلانىتلار مۇشۇ ئەگرى ماكاندا ئەگرى ھەركەت قىلىدۇ،دەپ تەشەببۇس قىلىنىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا ئېينىشتېيىن نەزەريىسىدە تارتىش كۈچى دولقۇنى تارتىش كۈچىنىڭ ئۇزاتقۇچىسى،بۇ كۈچنىڭ ئۇزۇتۇلىشىغا ۋاقىت كېتىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.ئىلىم تارىخىدىكى ئىككى گېگانىت شەخىسنىڭ تارتىش كۈچىدىن ئىبارەت بىرلا نەزەريىۋى مودىلغا بولغان قارىشى شۇنچىكى پەرىقلىق.ئۆنىڭ ئۆستىگە ئېينىشتېيىن ماكان ئەگرىلىگى ئىدىيىسى ئاللىقانداقتۇر تارتىش كۈچى دولقۇنىسىزمۇ قۇرۇلىۋىرىدۇ.لىكىن، ئېينىشتېيىن نىمە ئۈچۈندۇر تارتىش كۈچى دولقۇنى  ئىدىيىسىنىمۇ ئېلىپ كىرگەن.
كۋانىت مەيدان نەزەريىسىدە بولسا تارتىش كۈچى مەيدانى گىراۋىتۇندىن ئىبارەت كۈچ توشۇغۇچى زەررىچىگە مۇھتاج.
ھازىرقى زامان فىزىكىسىدا ۋە مائارىپىدا تارتىش كۈچىدىن ئىبارەت بىرلا نەزەريىۋى مودىلغا نىسبەتەن مانا مۇشۇنداق بىر-بىرىدىن پەرىقلىق بولغان ئۈچ خىل چۈشەندۆرۈش بار.ئۇلارنىڭ زادى قايسىسى راسىت؟
خىلمۇ- خىل تارتىش كۈچى ئىدىيىلىرى،تېگى تەكتىدىن ئالغاندا ئاسمان جىسىملىرى،پىلانىتلارنىڭ ئوربىتىدا ئەگرى ھەركەت قىلىشىنى چۈشەندۆرۈشنىڭ نەزەريىۋى مۇدىلىنى ئىزدەشتىن كېلىپ چىققان.تارتىش كۈچى(ئېغىرلىق كۈچى) نەزەريىسى تارىخىدا  ئارىستوتىلدىن تارتىپ ھازىرغىچە خىلمۇ-خىل نەزەريىلەر بارلىققا كەلگەن.بۇلارنى تولۇق سىتاتىكىلاپ چىقىشمۇ قول تۇتىدىغان خىزمەت.ھالبۇكى،بۇ نەزەريىلەر ھازىرغىچە بىرلىككە كەلگىنى،رىياللىقنى زىدىيەتسىز  چۈشەندۆرۆپ بىرەلىگىنى يوق.مانا مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا،بىز نىمە ئۈچۈن يېڭى تەپەككۆر يوللىرىدا مېڭىپ سىناپ كۆرمەيمىز؟.

ھەممىمىزگە مەلۈم،ھازىرقى زامان تىپىدىكى تارتىش كۈچى نەزەريىسى نىيۇتوندىن باشلانغان،ئېينىشتېيىن ۋە كۋانىت نەزەريىسى تەرىپىدىن يېڭىلىنىپ،ئىسپاتلاش باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ.بىر ئەسىردىن بېرى تارتىش كۈچىنى،باشقا ئاساسى كۈچلەر بىلەن بىر لەشتۆرۆش يولىدىكى تىرىشچانلىقلار ئىزچىل مەغلۇپ بولۇپ كەلدى.بۇنداق ئەھۋالدا پاكىت ئاساسىغا ئىگە يېڭى تەپەككۆر يوللىرىدا مېڭىپ كۆرۆش تېخىمۇ زۆرۆر.



يۇقۇرقى رەسىم نىيوتۇن تارتىش كۈچى ۋە ئېغىرلىق كۈچ تېزلىنىشى ئىدىيىلىرىنى ئوبرازلىق ئىپادىلەيدۇ.بۇ كۆرۆنۈش مۇئەييەن ئوقتا ئايلانمىغان ھالدا يېقىن ئارىلىقتىن ئەركىن چۈشكەن نىيوتۇن ئالمىسىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا تەقرىبى ھالدا پاكىتقا ئويغۇن.لىكىن،ئىيىشتېيىننىڭ ئەگرى ماكانى بۇنداق تۆز سىزىقلىق يېقىنلىشىشقا يول قويمايدۇ.كۋانىت تارتىش كۈچى مەيدان نەزەريىسى بولسا ئىككى جىسىم ئارىسىدا كۈچ تۇشۇغۇچى زەررىچە گىراۋىتۇنلار موكىدەك قاتراپ يۇرىدۇ،نىيوتۇنچە ۋاستىچىسىز تارتىش كۈچى مەۋجۈت ئەمەس،دەپ تەشەببۇس قىلىدۇ.ھالبۇكى،مۇئەييەن ئوقتا يېتەرلىك تېزلىكتە ئايلىنىۋاتقان جىسىملارغا نىسبەتەن بۇنداق چۈشەندۆرۈشلەر پۇت تېرەپ تۇرالمايدۇ.مەن بۇنىڭ سەۋەپلىرى ئۈستىدە ئالاقىدار يازمىلىرىمدا يېتەرلىك توختالدىم.ھازىر تەپسىلى توختالمايمەن.تۆۋەندە پەقەت،شەكىل نەزەريىسىنىڭ تەشەببۇسى ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىرىنى قىسقىچە،بېۋاستە ئوتتۇرىغا قويىمەن.
بىز 29-تىئورما تەجىربىلىرىدىن مۇئەييەن ئوقتا ئايلىنىۋاتقان جىسىملارنىڭ سىزىقلىق ئىلگىرلەش جەريانىدا ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئاغىدىغانلىغىنىڭ يېتەرلىك ئىسپاتلىرىغا ئىرىشتۇق.مانا مۇشۇنداق ئېغىش كۈچى پىلانىتلارنىڭ ئەگرى ھەركىتىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۆرۆپ بېرەلەيدۇ.بۇ ئېغىش كۈچىگە نەزەريىۋى مودىل بولغان گىراۋىتون ۋە ماكان ئەگرىلىكى شۇنداقلا نىيوتۇنچە تارتىش كۈچىنىڭ ھاجىتىمۇ يوق.تەجىربە ئاساسلىرىغا ئىگە بۇ تەپەككۈر يولىدا مېڭىپ كۆرۆش ئاقلانە تاللاش!

_ قاسىم سىدىق

2015.4.15

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-15 11:22  


ۋاقتى: 2015-4-16 01:03:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نيوتوننىڭ ھەركەت قانۇنلىرىنى پەقەت ئاستا سۈرئەتتىكى مەسىلىلەرگىلا تەدبىقلاشقا بولىدۇ، نۇر سۈرئىتىگە يېقىنلاشقاندا تار مەنىدىكى نىسپبىيلىك نەزەرىيىسىنى تەدبىقلاش لازىم بولىدۇ.
بىراق، نيوتون تەلىماتلىرى تار مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسى بىلەن سىغىشالمايدىغۇ دەيمەن.دېمەك، نيوتون تەلىماتلىرى مۇتلەق ھۆكۈم ئەمەس.
نيوتونمۇ گالىلېينىڭ تەلىماتلىرىنى بېيىتقان(مەسىلەن، ئېنىرتسىيە قانۇنى). ئەگەر ئۇمۇ دېموكرىت، گالىلېيلارنىڭ دېگىنى مۇتلەق ھۆكۈم ئېتىقاد قىلىۋەرگەن بولسا، بىزمۇ بۈگۈن ‹‹ۋاي نيوتون›› دېمىگەن بولاتتۇق.
قاسىمكا، ئىزدىنىش روھىڭىزنى قوللايمەن. مېنىمۇ فىزىكىغا قىزىقتۇرۇپ قويىۋاتىسىز.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-16 10:11:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىز  ئادەتتە«تارتىش»دىگەن بۇ ئۇقۇمنى قانداق چۈشۈنۆمىز؟
بۇ، «ئىتتىرىش»نىڭ ئەكسى دەپ قارىلىدۇ.خاراكتىرى،تاق يۆنىلىشلىك بولىدۇ.يەنى،تارتىلغۇچى جىسىم تارىتقۇچى جىسىم تەرەپكە تارتىلىدۇ.ئارىلىق بارغانسىرى قىسقىرايدۇ.
تېمىدىكى تەشەببۇسنى  ئاغدۇرىۋىتىش ئۈچۈن ھارۋىنى مىسال قىلىپ كۆرەيلى .ھارۋا شۇتىسى تارتىلسا ھارۋا چاقى دۇمىلاپ ئىلگىرلەيدۇ.لىكىن قوياش سېستىمىسىدا بۇنداق مىسال يوق.يەنى،قوياش پىلانىتلارنىڭ ئوقىدىن تارتىپ سۆرەيدۇ،دەيدىغان نەزەريە ۋە ئىسپات يوق.قوياشنىڭ ئايلىنىش ئوقى بىلەن پىلانىتلارنىڭ ئايلىنىشى ئوقى پارالىل ئەمەس.سىزىقلىق ئىلگىرلەش يۆنىلىشىمۇ مۇتلەق مەنىدە بىردەكلىككە ئىگە ئەمەس.قارىغاندا بۇنداق ئۇسۇل بىلەنمۇ تېمىدىكى تەشەببۇسلارنى ئاغدۇرىۋەتكىلى بولمىغىدەك.

تۆۋەنكى رەسىمدىكىدەك ئارقان تارتىشىشتا مۇقىم ئارىلىق ساقلاپ ئايلىنىشنىڭ مۆمكىنچىلىكى پەقەت بىر بولۇپ،ئارقان تارىتقۇچىلار ئارقاننىڭ نەق ئوتتۇرىنى مەركەز قىلىپ ئۆز ئارا بىر-بىرىنى ئايلىنالايدۇ.ھەر قايسى ئۆز ئالدىغا مۇئەييەن ئوقتا ئايلىنالمايدۇ.
يېتەرلىك ئۇزۇنلۇقتىكى ئارقاننىڭ ئۇچلىرىنى بېلىگە باغلاپ،ئۆزلىرى ئايلىنىپ ئارقاننى بەلگە يۆگەپ تارتىشالايدۇ،لىكىن، بۇ ھالدا ئارىلىق بارغانسىرى قىسقىراپ كېتىدۇ.ئالدىنقى مىسالدىكىدەك ئايلىنىش يۆز بەرمەيدۇ.قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر قوياش سېستىمىسىدا بۇنداق ئايلىنىش پاكىتى يوق.
تارتىش كۈچىنىڭ كونكىرىت تەسىر جەريانى زادى قانداق ئەمەلگە ئاشىدۇ،كىم چۈشەندۆرۆپ بېرەلەيدۇ؟







 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-16 11:48:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئېغىرلىق كۈچ تېزلىنىشى  بۇلۇڭلۇق ھەركەت مىقدارى بىلەن تەتۆر تاناسىپ بولىدۇ،ئومۇمى مىقدار تۇراقلىق بولىدۇ،دەپ قارالسا بۇمۇ بىر چۈشەندۆرۈش يولى بولغىدەك.
ئاساس:
نىيوتۇن ئالمىسى شېخىدا يەر شارى بىلەن بىرلىكتە بۇلۇڭلۇق ھەركەتكە قاتنىشىۋاتاتى.بېغىدىن ئۆزۆلگەندىن كىيىن تەدرىجى بۇلۇڭلۇق ھەركەت مىقدارى كېمىيىپ،سىزىقلىق ھەركەت مىقدارى ئېشىپ بارىدۇ.كېمىيىشنىڭ مىقدارى ئېشىشنىڭ مىقدارى بىلەن باراۋەر بولىدۇ.
ھەركەت مىقدارىنىڭ ساقلىنىش قانۇنى ئومۇمى جەھەتتە بۇنداق تەشەببۇسنى قوللايدۇ.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-16 12:20:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر پەقەت مۇناسىپ يۆنىلىشتىن تەسىر قىلغان بىسىم-ئىتتىرىش كۈچىنىڭلا ئوقىدا ئايلىنىۋاتقان جىسىمنىڭ ئوقىدا ئايلىنىۋىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىغىنى پاكىتلار قوللاۋاتىدۇ.تارتىش كۈچى بولسا ئۆنداق ئەمەس.تارتىش كۈچى جىسىمنىڭ ئوقىدا ئايلىنىشىغا قارشى كۈچ بولۇپ ئىپادىلىنىۋاتىدۇ.
يۇقۇرقى تەشەببۇسنىڭ توغرىلىغىنى تۆۋەندىكى بۇ رەسىمگە تەدبىقلاپ كۆرسەك،ھېس قىلماق قىيىن ئەمەس.






مۇبادا قوياش سېستىمىسى ياكى كائىناتتا ئوزىنى ئايلىنىش ئوقلىرى بىر تۆز سىزىق ئۈستىدە ياتىدىغان، تارتىش كۈچى يۆنىلىشى مۇشۇ تۆز سىزىق بىلەن ئۈسىتمۇ-ئۈسىت چۈشكەن ئىككى جىسىم بار دەپ پەرەز قىلساق،مانا بۇنداق جىسىملار ئوتتۇرىسىدىكى تارتىش كۈچى ئولارنىڭ ئوقىدا ئايلىنىشىغا قارشىلىق كۈچى رولى ئوينىمايدۇ،دەپ قاراش مۆمكىن.لىكىن،ئۇلارنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكى باپ-بارەۋەر بولىشى كېرەك.ئەپسۇس،تەبىئەت دۇنياسىدا ھازىرغىچە بۇنداق ئەھۋال بايقالمىدى.
ئايلىنىش ئوقىغا تىك ۋە ياكى مۇئەييەن بۇلۇڭغا ئىگە بولغان بارلىق تارتىش كۈچلىرى جىسىمنىڭ ئوقىدا ئايلىنىشىغا قارشى كۈچ بولۇپ قالىدۇ.ئاسمان جىسىملىرىغا نىسبەتەن دەل شۇنداق.يۇقۇرقى رەسىمدىكى نىيوتۇن تارتىش كۈچى يۆنىلىشى مىنىڭ بۇ تەشەببۇسۇمنى قوللايدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-16 12:44  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-16 20:17:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

视频: 磁流体与磁铁间的有趣实验


قارىغاندا ماگىنىتنىڭ تارتىش كۈچى يۆنىلىشىمۇ تۆز سىزىقتەك تۇرامدۇ-نىمە؟



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-17 08:53:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە ئەستايىدىل ئويلۇشۇپ كۆرۆشكە تېگىشلىك بىر مەسىلە بار.ئىللپىسىمان ئوربىتىدا ھەركەت قىلىدىغان پىلانىتلار ئۆز يىللىرىنىڭ ئالاھىزەل يېرىمىدا قوياشتىن يىراقلىشىپ ھەركەت قىلىدۇ.قالغان يېرىمىدا بولسا قوياشقا يېقىنلىشىپ ھەركەت قىلىدۇ.ماسسىغا ئوڭ تاناسىپ،ئارىلىقنىڭ كىۋادىراتىغا تەتۆر تاناسىپ، ئىزچىل تەسىر قىلىدىغان كۈچ دەپ قارىلىدىغان نىيوتۇن تارتىش كۈچى يېقىنلىشىشقا يول قويسىمۇ يىراقلىشىشقا يول قويماسلىغى كىرەك ئىدى.مانا بۇ تارتىش كۈچى نەزەريىسىنىڭ ئەجەللىك نۇقتىلىرىنىڭ بىرى.
بىز يېقىنلىشىش جەريانىنى تارتىش كۈچىنىڭ رولى دەپ چۈشەندۆرەلىسەكمۇ،يىراقلىشىش جەريانىنى      چۈشەندۆرىدىغان نەزەريىۋى،ئىدىيىۋى ئاساسلىرىمىز يوق.ھەتتا بۇ پاكىت ۋە ئۇنىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتى ھەققىدە يېتەرلىك تونۇشقىمۇ ئىگە ئەمەسمىز.بۇ تەشەببۇسنى ئوبرازلىق چۈشۈنۈش ئۈچۈن بەزى قۇيرۇقلۇق  يۇلتۇزلارنىڭ(كۇمىتېلارنىڭ) ئوربىتىسىنى ئەسلىسەك كۇپايە:


哈雷彗星轨道示意图
ھاللې قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزىنىڭ ئوربىتىسى




كوخوتېك كومىتىسى ئوربىتىسى(قىزىل رەڭلىك) بىلەن يەرشارى ئوربىتىسى




2-1-رەسىملەر بىزگە قوياشنىڭ تارتىش كۈچى نىمە ئۈچۈن بۇ كومىتىلارنىڭ قوياشتىن يىراقلىشىشىغا يول قويۇدۇ؟دىگەن سوئالنى تاشلايدۇ.
3.رەسىمدىن بىز قوياش بورىنى ۋە رادىئاتسىيىسىنىڭ ئىتتىرىش كۈچىنىڭ تارتىش كۈچىنى پىسەنىتكە ئېلىپ قويمىغانلىغىنى،رادىياتسىيە كۈچىنىڭ ئەمەلى،ئېنىق پاكىت ئىكەنلىگىنى كۆرۆپ ئالالايمىز.
1-رەسىمدىن يەنە ھاللې كومتىسىنىڭ ئوربىتىسىنىڭ تەتۆرلىكىنى بايقىيالايمىز.بۇنداق تەتۆرلۈك كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىدىكى ئالاقىدار ئىففىكىتلارنى قىيىنچىلىقتا قالدۇرۇدۇ.

____________

تېمىلار:تارتىش كۈچى ئىلاستىك كۈچمۇ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-17 09:24  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-17 21:54:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ق.سىدىق يوللىغان ۋاقتى  2015-4-17 08:53
يەنە ئەستايىدىل ئويلۇشۇپ كۆرۆشكە تېگىشلىك بىر مەسىلە  ...


مەن ئىللىپىسىسىمان ئوربىتا سەۋەبىدىن قىيىنچىلىقتا قالغان نىيوتۇن تارتىش كۈچى ئىدىيىسىنى قوتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن تارتىش كۈچىگە ئىلاستىكىلىق خارەكتىر بەخش قىلىش ھەققىدىمۇ ئويلۇنۇپ كۆردۆم.ئەپسۇس،ماسسىغا ئوڭ تاناسىپ دەپ بېكىتىلگەن بۇ تۆپ خارەكتىرىسىتكا بۇنداق قىلىشقا يول قويمايدىكەن.ئېينىشتېيىن ماكان ئەگرىلىگى ئىدىيىسىگە نىسبەتەنمۇ شۇنداق.بۇ نەزەريىلەردىكى تارتىش كۈچى ياكى ماكان ئەگرىلىگى ئىدىيىسىگە ئىلاستىك خاراكتىر بېرىش ئۈچۈن،ماسسا ئىزچىل ھالدا دەۋرى ئۆزگىرىدىغان بولىشى،بۇ ئۆزگىرىش ئىللىپىسىمان ئوربىتىدا ھەركەت قىلىۋاتقان پىلانىتلارنىڭ قوياشقا يېقىنلىشىش-يىراقلىشىش قەدىمى بىلەن ماسلىق تۆزۆشى كىرەك ئىكەن.ئەپسۇس بۇنداق پاكىت مەۋجۈت ئەمەس.بىز ھېچقاچان پىلانىتلار قوياشتىن يىراقلىشىۋاتقان ۋاقتىدا قوياشنىڭ ماسسىسى كېمىيىدۇ،ياكى پىلانىتنىڭ ماسسىسى ئارتىدۇ،دىگەن گەپنى ئاڭلاپ باقمىدۇق.سىرىتقى ئوربىتىدىكى،قوياش سېستىمىسى سىرتىدىكى جىسىملارنىڭ بۇنداق پەيىتتە ماسسىسى ئارتىدۇ.پىلانىتلار قوياشقا يېقىنىلىشىۋاتقان پەيىتلەردە ئەكسىچە سىرىتقى ئوربىتا ياكى قوياش سېستىمىسى سىرتىدىكى جىسىملارنىڭ ماسسىسى كېمىيىۋاتقان بولىدۇ،دىگەن نەزەريەمۇ،تەشەببۇسمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغىنى يوق.دېمەك،ئىلاستىكىلىق خارەكتىربەخشەندە قىلىش ئارقىلىق نىيوتۇن،ئېينىشتېيىن تارتىش كۈچى ئىدىيىلىرىنى قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولمايدۇ.

پەقەت ھازىرقى نەزەريىلەر ئىچىدە ئېينىشتېيىننىڭ تارتىش كۈچى دولقۇنى ئىدىيىسىدە مۇئەييەن ئىلاستىك خارەكتىر مەۋجۈت دەپ قاراشقا بولىدۇ.بۇ تەشەببۇسنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن تارتىش كۈچى دولقۇنىغا ئالاقىدار بىرەر گىراپىكنى كۆرۆپ باقساق بولىدۇ:








بۇنداق دولقۇننىڭ ۋە ئۇنىڭ ۋاستىچىسى بولغان گىراۋىتوننىڭ تېخى ئىسپاتلانمىغانلىغى،گىراۋىتون نەزەريىسىنىڭ نۇرغۇن زىدىيەتلەرگە مۇپتىلالىغىنى قويۇپ تۇرايلى.يۇقۇرقىدەك دولقۇننىڭ تەۋرىنىشى بىلەن پىلانىتلارنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش ھەركىتى ۋە ياكى ئوربىتىدا ئايلىنىش ھەركىتى يۇقۇرقى دولقۇن شەكلى بىلەن ماسلىق تۆزەمدۇ؟.پىلانىتلار نۆۋەتلەشكەن ھالدا گاھ ۋېرتىكال يۆنىلىشتە،گاھ گورزىنتال يۆنىلىشتە گاھ....تەۋىرىنەمدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئوربىتىسىدىمۇ مانا مۇشۇنداق لەپەڭلەش بارمۇ؟
ئويلۇنۇشقا تېگىشلىك نۇقتىلار يۇقۇرقىلار ئەمەس.يەنە بىر مۇنچە سوئاللار تۇرۇپتۇ.
يۇقۇرقى دولقۇن ياكى تارتىش كۈچى مەيدانى ۋە ياكى ئېينىشتېيىن ئۆزىمۇ كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىدە ھاجەت بولغان ئېينىشتېيىنچە ئېفىر بىر ئۆزلۈكسىز رىياللىق دەپ تەكىتلەنگەن بولۇپ،بۇ تەشەببۇس ۋە بۇنداق غايىۋى رىياللىق كۋانىت نەزەريىسى بىلەن سىغىشمايدۇ.يەنى،كېۋانىت نەزەريىسىچە بولغاندا بۇنداق تۆستەئۆزلۈكىسىز تەۋرىنىپ تۆرىدىغان ئۆزلۈكسىز ماددى كۈچ مەيدانى مەۋجۈت ئەمەس.ئۈنىڭ ئۈستىگە كۋانىت نەزەريىسىنىڭ بۇ تەشەببۇسى ھازىر نەزەريە ئەمەس،بەلكى پاكىت.بۇنداق پاكىت ھەتتا فۇتۇ ئىلىكتىر ئىففىكىتىنى شەرىھلىگەن ئېينىشتېيىنغىمۇ سىر ئەمەس.
بۇنداق سوئال ۋە مەسىلىلەر بەكمۇ نۇرغۇن بولۇپ،ھەقىقەتەن ئادەمنى بېھۇدە چارچىتىدۇ...زىدىيەت چۇۋۇلۇپ چىقىۋىرىدۇ...
.............................

ئەگرىلىكنى تالىشىش: _ ماكان ئەگرىمۇ ياكى ھەركەت ئۇزى ئەگرىمۇ؟
_ “تارتىش كۈچى دولقۇنى”قىسمەتلىرىدىن تۇغۇلغان ئويلار



قاسىم سىدىق


ئاساسى مەزمۇنى:

تارتىش كۈچى دولقۇنى،ماكان ئەگرىلىگى  ۋە گىراۋىتۇن قاتارلىقلارسىزمۇ  شەكىل نەزەريىسىنىڭ 29-41-تىئورمىسى ئارقىلىق ھەركەت ئەگرىلىگىنى چۈشەندۆرۆپ بەرگىلى،ئالاقىدار قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.دولقۇن _ پەقەت زەررىچە ۋە جىسىمنىڭ ھەركەت شەكلى.


تەپسىلاتى بۇ يەردە:

http://www.kayinat.com/bbs/forum ... read&tid=154723


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-17 22:46  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-21 23:06:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



بۇ تېمىدا ئاخىرى يەنە نىيوتۇن تەشەببۇس قىلغان تۇنجى تۆرىتكە تىلغا ئېلىنىپتۇ.يەر شارىنىڭ ئوقىدا ۋە ئوربىتىدا ئايلىنىشىنىڭ سىرى تېخى ئېچىلمىغانلىغى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ.




 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-23 00:27:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھاللېي كومىتىسىنىڭ ئوربىتىسىنى ھېساپلاپ چىققۇچى ۋە تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ بوشلۇقتىكى ھەركىتىنى دەسلەپ بايقىغۇچى ئىدىمونىد.ھاللېي

ماتىرياللاردىن قارىغاندا ئىدىمونىد.ھاللېي تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ھەركەت قىلىدىغانلىغىنى 1718 -يىلى كۈزۆتۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ.نىيۇتۇن بۇ چاغدا ئۆزىنىڭ «تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ ماتىماتىكىلىق پىرىنسىپلىرى» دىگەن كىتاۋىنى دەسلەپتە 1687-يىلى ئېلان قىلىپ بولغان.دىمەك نىيوتۇن ئالەملىك تارتىش كۈچى قانۇنىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا قوياشمۇ ئوربىتىدا ھەركەت قىلىدۇ،دىگەن چۈشەنچە تىكلەنمىگەن ئىدى.كوپىرنىكتىن كىيىن قوياش مەركەز تەلىماتى غەلىبە قىلغاندىن كىيىن،قوياش ئاساسەن جىم تۇرىدۇ،دەپ قارىلىپ كەلگەن.نىيوتۇن گەرچە بۇ كىتاپنى كىيىنكى نەشىرلىرىدە بىر قانچە قېتىم تەھرىرلىگەن بولسىمۇ،ئۇلاردا قوياشنىڭ سامان يولى ئوربىتىسىدا ھەركەت قىلىدىغانلىغى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن تۈزىتىلگەنلىگى ھەققىدە مەلۇمات ئۇچراتمىدىم. ئالەملىك تارتىش كۈچى قانۇنى تونۇشتۇرۇلغان ئالاقىدار ماتىريالدا بۇ قانۇن 1687-يىلى «تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ ماتىماتىكىلىق پىرىنسىپلىرى»دائېلان قىلىنغان دەپ يېزىلىپتۇ.
دىمەكچىمەنكى،پىلانىتلارغا نىسبەتەن،قوياش جىم تۇرىدۇ،دەپ قارالغان ئەھۋالدىكى تارتىش كۈچى بىلەن قوياشمۇ سىزىقلىق ھەركەتتە دەپ قارالغان ئەھۋالدىكى تارتىش كۈچى ۋە ئۇلارنىڭ كۈچ يۆنىلىشى قاتارلىقلارنىڭ قىممىتى ئوخشاش بولىدىغان بولمايدىغانلىغى ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش كېرەك.

قارىغاندا،نىيۇتۇن تارتىش كۈچى ئىدىيىسى،تارتىش كۈچى تۇراقلىغى قاتارلىقلار قوياش جىم تۇرىدۇ،قوياش مەركەز قاتارلىق ئىدىيىۋى ئارقا كۆرۆنۈش ئاستىدا مەيدانغا كېلىپ پىلانىتلار ھەركىتىگە تەدبىقلانغان.ئىدىمونىد.ھاللېيدىن كىيىن ۋىليام خېرشېل ئالاھىزەل 1800-يىللاردا تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ بوشلۇقتىكى ھەركىتىنى كۈزەتكەن....ناھايتى نۇرغۇن كۈچ ئۇلاپ يۆگرەشلەردىن كىيىن ھازىر بىز قوياشتىن ئىبارەت بۇ تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ سىكۇنتىغا 550كىلومىتىر تېزلىك بىلەن ئۆز ئوربېتىسىدا ھەركەت قىلىدىغانلىغىنى بىلدۇق.مىنىڭچە، بۇلار نىيوتۇن تارتىش كۈچى ئىدىيىسىنى پىلانىتلارغا تەدبىقلىغاندا نىيوتۇن تەرىپىدىن ئويلۇشۇلغان مەسىلىلەر ئەمەس ئىدى.


مىنىڭ يۇقۇرقىلارنى بايان قىلىپ ئولتۇرۇشۇمدا مۇنداق سەۋەپلەر بار:
1.قوياشنىڭمۇ سامان يولى ئوربىتىسىدا سىكونتىغا 550كىلومىتىر تېزلىكتە ھەركەت قىلىدىغانلىغى مۇئەييەنلەشكەن ئەھۋالدا تارتىش كۈچىنىڭ پىلانىتلارغا نىسبەتەن تۇراقلىق تەسىر قىلىدىغانلىغىنى تەساۋۋۇر قىلماق قىيىن.چۈنكى پىلانىتلار ئۆزلىرىنىڭ ئىللىپىسىمان ئوربىتىلىرىنىڭ يېرىمىنى دىگۆدەك قوياشنىڭ بۇشلۇقتىكى ھەركەت يۆنىلىشىگە قارشى يۆنىلىشتە باسىدۇ. دىمەك،پىلانىتلار ئۆز يىللىرىنىڭ ھەر بىر يېرىمىدا قوياشتىن يىراقلىشىۋاتقان،قوياش ھەم بۇ پىلانىتلاردىن يىراقلىشىۋاتقان بولىدۇ.
2.تارتىش كۈچى تۇراقلىغى ھازىرغىچە ئىزچىل ھالدا دەلىللىنىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ.بۇ تۇراقلىقنى كۋانىت ئۆلچەملىرى سەۋىيەسىدە ئۆلچەش خىزمىتىنىڭ نەتىجىلىرى 40يىلدىن بېرى بىردەك بولماي كېلىۋاتىدۇ.بۇ ھەقتىكى تەپسىلى ئۇچۇرلارنى ئالدىنقى كۈنى،يەنى 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى ئېلان قىلىنغان  «نىمە ئۈچۈن تارتىش كۈچى تۇراقلىغىنىڭ ئۆلچەشتە كېلىپ چىققان نەتىجىسىدە پەرىق بۇنچە چوڭ؟ » ماۋزۇلۇق  بۇ تېمىدىن كۆرۆپ ئالسىڭىز بولىدۇ.بۇ تېمىدىكى ئالاقىدار گىراپىكلار مانا:





تېمىدا G نىڭ قىممىتى ئۆلچەنگىنى بىلەن بىردەك ئەمەس،دېيىلگەن.

خۇلاسە كالام،نىيوتۇن تارتىش كۈچى ئىدىيىسى جاۋاپ بېرىشكە تېگىشلىك مانا مۇشۇنداق ئاز بولمىغان مەسىلىلەر بار.تارتىش كۈچى پىلانىتلارنىڭ ئۆزىگە يېقىنلىشىشىغا يول قويسا بۇ ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس ئەلۋەتتە.ھالبۇكى،بۇ غايىۋى كۈچ پىلانىتلارنىڭ ئۆزىدىن يىراقلىشىشىغىمۇ يول قويسا نىيوتۇن تەشەببۇسلىرىغا قارشى ۋە بۇ تەشەببۇسلارنى ئىنكار قىلىدىغان مەنزىرىنى كۆرگەندەك بولۇپ ھەيران قالماي تۇرالمايمىز.بۇ بىر كومىدىيىلىك مەنزىرە.


_______________

罗俊院士三十年在山洞搞科研 算出世界最精确万有引力常数

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-23 08:33  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-23 10:32:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ق.سىدىق يوللىغان ۋاقتى  2015-4-23 00:27
ھاللېي كومىتىسىنىڭ ئوربىتىسىنى ھېساپلاپ چىققۇچى ۋە ت ...



根据开普勒第一定律,太阳位于椭圆轨道的一个焦点

كىپلىرنىڭ 1-قانۇنى،قوياش ئىللىپىسىمان ئوربىتىنىڭ بىر فۇكۇسىدا تۇرىدۇ.


پىلانىتلارئىللىپىسىمان ئوربىتىدا قوياشقا دەۋى ھالدا يېقىنىلىشىپ-يىراقلىشىپ تۇرىدىغان بۇ مەنزىرىدە قوياش ھېدىرا (چوڭ يىلان يۇلتۇز تۆركۈمى)تەرەپكە قاراپ گويا پىلانىتلاردىن قېچىۋاتقان ھالەتتە ھەركەت قىلىدۇ.بۇ جەرياندا قوياشنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش دەۋرىلىگىدىن باشقا ئوربىتا دەۋرىلىگى بايقالمىدى.پەقەت پىلانىتلارلا قوياشقا يېقىنلىشىپ-يىراقلىشىدىغان بۇنداق دەۋرى ھەركەتكە قاتنىشىدۇ.بۇلاردىن بىز تارتىش كۈچى ھەقىقەتەن مەۋجۈت دەپ قارىغان تەقدىردىمۇ، قوياش ۋە پىلانىتلار ئارىسىدىكى تارتىش كۈچىنىڭ چامىسىنىڭ دەۋرى ئۆزگۆرۆپ تۇرىدىغانلىغىنى بايقايمىز.ھالبۇكى،تۆۋەندىكى فىلىم بىزنىڭ قوياش سېستىمىسىنىڭ بوشلۇقتىكى ھەركىتى ۋە تارتىش كۈچى ھەققىدىكى ئەنئەنىۋى قاراشلىرىمىزنى ئۆزگەرتىۋىتىشى مۆمكىن:

قوياش سېستىمىسىنىڭ سامان يولى سېستىمىسىدىكى ھەقىقى ھەركەت تىرايىكتۇرىيىسى
太阳系在银河系中的真实运动轨迹


http://v.ku6.com/show/SuDwhau__RD0FucLjiPTJw...html

قوياش ھېدرا يۇلتۇز تۆركۆمىگە قاراپ 550كىلومىتىر ئىلگىرلەۋاتقان ئەھۋالدا پىلانىتلارنىڭ ئوربىتىسى يەنىلا تۇيۇق بولغان ئىللىپىسىمان ئوربىتا بولماي،تۇيۇق بولمىغان سىفرال تىرايىكتۇرىيە  بولۇپ قالىدۇ.يەنى،خۇددى سوزۇلغان پۇرژىندەك بىر تىرايىكتۇرىيە بولۇپ قالىدۇ.ھەر بىر سىفرال ھالقىسى شۇ پىلانىت ئۇزىنىڭ بىر يىلىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.ئۇنىڭ ئۆستىگە بۇ سىفرال ھەركەت شەكلى يېتەرلىك ۋاقىت ئىچىدە ئەگرى سىفرال-يايىسىمان سىفرال تىرايىكتۇرىيە بولۇپ قالىدۇ.ئەمدى بىز نىيوتۇن ئالەملىك تارتىش كۈچى قانۇنى ۋە قوياشنىڭ تارتىش كۈچىنى تەدبىقلاپ يۇقۇرقىچە ھەركەت شەكلىنى چۈشەندۆرۆپ بېرەلەمدۇق؟



                                                      

يۇقۇرقى يايسىمان پۇرژىننى  مۇناسىپ دەرىجىدە سوزۇلغان ۋە مۇناسىپ ئەگرىلىك دەرىجىسىدە  ئېگىلگەن دەپ پەرەز قىلساق پىلانىتلارنىڭ سامان يولىدىكى ھەركەت شەكلىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۆرەلەيمىز.بۇ ھالدا قوياش بۇ سلىندىرسىمان سىفرال ياينىڭ مەركىزىدە سىزىقلىق ئىلگىرلەۋاتقان بولىدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-23 12:24  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-23 18:06:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش





___________________
逃逸银河系的恒星

سائەتلىك تېزلىكى 2مىليۇن 500مىڭ كىلومىتىر بولغان تۇرغۇن يۇلتۇز سامان يولىدىن قېچىپ چىقتى


在这张图像中,蓝巨星HE 0437-5439已经被抛出了银河系。这颗被抛弃的恒星以250万公里的时速运行,距离银盘面20万光年,它将注定流浪于恒星际空间



ھازىر سامان يولى سېستىمىسىدىن قېچىپ چىقىپ ،يۇلتۇزلار ئارا سەرگەردان يۇلتۇزلارغا ئايلىنىپ كېتىۋاتقان تۇرغۇن يۇلتۇزلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ئاز ئەمەس.بۇ پاكىتلارمۇ نىيوتۇن ئالەملىك تارتىش كۈچى ئىدىيىسىگە پايدىسىز پاكىتلاردىن ئىبارەت.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-25 15:17:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1.تۆمۆر شارىكنى ئەينەك تەكشىلىك ئۈستىدە پېقىراتىتىم.ئۆنىڭ يان تەرىپىدىن ماگىنىت تاياقچىنى  ئاستا يېقىنلاشتۇردۇم.نەتىجىدە ئەسلى ۋېرتىكال ئوقتا ئايلىنىۋاتقان شارىك ئايلىنىشتىن توختاپ، گۇرزىنتال ئوقتا دومىلىغان ھالدا سىلجىپ كىلىپ ماگىنىتقا چاپلىشىپ قالدى.بوشلۇقتا ئەينەك تەكشىلىكتەك تاينىش نۇقتىسى بولمىغانلىغى ئۈچۈن شارىكنىڭ ماگىنىتقا دومىلىغان ھالدا كېلىپ چاپلىشىپ قېلىشىنى تەساۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.
2.ئايلىنىۋاتقان تۆمۆر شارىكنىڭ ئايلىنىش ئوقى ئۆستىدىن ماگىنىت تاياقچىنى شارىكقا يېقىنلاشتۇردۇم.شارىك ئايلىنىش ئوقى ئۆزگەرمىگەن ھالدا ماگىنىتقا ئايلىنىۋاتقان ھالەتتە چاپلىشىپ قالدى ۋە چاپلاشقاندىن كىيىنمۇ ئاز ۋاقىت ئىچىدە ئايلىنىپ ،ئاندىن تېزلا ئايلىنىشتىن توختىدى.بۇ مىسالدىمۇ ماگىنىت كۈچىنىڭ ئايلىنىۋاتقان جىسىملارنىڭ ئايلىنىش تېزلىكىگە تەسىر قىلىدىغانلىغىنى،پەقەت ئايلىنىش ئوقى بىلەن ماگىنىتنىڭ تارتىش كۈچى يۆنىلىشى بىر تۆز سىزىق ئۈستىدە ياتقان ئەھۋالدا ئالدىنقى مىسالدىكىدەك ئەھۋالغا سېلىشتۇرغاندا نۇرنىڭ(شارىكنىڭ) يەنە بىر پەس ئايلىنىدىغانلىغى،لىكىن يەنىلا جىسىمنىڭ ئوقىدا ئايلىنىشىغا قارشىلىق رولىنى ئويناپ،ماگىنىت كۈچ تەسىرى بولمىغان ئەھۋالدىكىدىن بۇرۇن ئايلىنىشتىن توختۇتۇپ قويىدىغانلىغى ئاشكارە بولدى.بۇ ئاددى تەجىربە مىنىڭ پىلانىتلارنىڭ ئوقىدا ئايلىنىشى نىيوتۇن تارتىش كۈچىنى ئىنكار قىلىدۇ،دىگەن تەشەببۇسۇمنىڭ توغرىلىغىنى ئىسپاتلىدى.

كىملا بولسۇن،يۇقۇرقىدەك تەجىربىنى ئۆزلىرى بېۋاستە ئىشلەپ كۈزۈتۈپ باقسا بولىدۇ.ئاددى كۆز بىلەن بېۋاستە كۆرۆش ئۈچۈن 1.مىسالدىكىدەك ئەھۋالدا شارىكنى ئاستىراق ئايلاندۇرسا بولىدۇ.2.مىسالدا قانچىلىك تېز بولسىمۇ كۈزەتكىلى بولىدۇ.


__ قاسىم سىدىق

2015.4.25



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-25 17:27  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش