يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: ق.سىدىق

قاسىم سىدىق: تارتىش كۈچىگە قارشى ئەڭ ئاددى ئىسپات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-25 20:03:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ق.سىدىق يوللىغان ۋاقتى  2015-4-25 15:17
1.تۆمۆر شارىكنى ئەينەك تەكشىلىك ئۈستىدە پېقىراتىتىم.ئۆ ...

ئەمدى تارتىش كۈچى پىلانىتلارنىڭ ئوقىدا ئايلىنىشىنىڭ سەۋەپچىسى دىگەن قاراشنى قوغداپ قىلىش ئۈچۈن يەنە قانداق پەتىۋالارنى تاپقىلى بولار؟ھەي،نىيوتۇننىڭ تارتىش كۈچى يۆنىلىشى ھەققىدىكى بايانلىرى نۇقتىسىدا تۇرۇپ بۇنداق پەتىۋا تېپىش مېنىڭچە قىيىن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-26 12:07:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەلۈم مەنىدىن ئېيىتقاندا 29-تىئورما سىپىن خالل ئىففىكىتى دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئىففىكىتنىڭ ماكرۇ جىسىملارغا ۋە ھەقىقى بوشلۇق،مەيدانسىز بوشلۇققا كېڭەيتىلىشى بولۇپمۇ قالغىدەك.چۈنكى،تۆۋەندىكى گىراپىكتا كۆرسىتىلگەن ئېغىش يۆنىلىشى بىلەن 29-تىئورمىدا تەشەببۇس قىلىنغان ئېغىش يۆنىلىشى ئوخشاش:

Schematic of the spin Hall effect
自旋霍尔效应的原理


Schematic of the inverse spin Hall effect
逆自旋霍尔效应原理

بۇ ئىففىكىت ماگنۇس ئىففىكىتى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە دەپمۇ قارىلىدىكەن.بىز ماياتنىك تەجىربىسىدە ھاۋانىڭ بىسىم پەرقىدىن مۆستەسنا ھالدا 29-تىئورمىچە ئېغىشقا ئىرىشتۇق.
____





 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-26 20:31:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ق.سىدىق يوللىغان ۋاقتى  2015-4-26 12:07
مەلۈم مەنىدىن ئېيىتقاندا 29-تىئورما سىپىن خالل ئىففىكى ...


سىپىن خالل ئىففىكىتى دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئىففىكىتنى 1917-يىلى روس فىزىكلىرىدىن دياكونوۋ ۋە كوچرانلار ئالدىن پەرەز قىلىپتىكەن.خىرسىچ يۇقۇرقىلاردىن بىخەۋەر ھالدا1999-يىلى سىپىن خالل ئىففىكىتىنى بايقاپتۇ ۋە بۇنامنى تەشەببۇس قىلىپتۇ.



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-28 10:46:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

脉冲星产生最长宇宙尘埃尾迹 或达37光年

تېكسىتتە " ئادەتتە،ئايلىنىش ئوقى ۋە ئىمپولىس يۇلتۇزلارنىڭ قويۇپ بەرگەن رادىئاتسىيە ئېقىمىنىڭ يۆنىلىشى بىردەكلىككە ئىگە بولىدۇ.بىراق IGR J11014-6103نىڭ ئايلىنىش ئوقى بىلەن يۈتكىلىش يۆنىلىشى بىردەك بولماي ئۇز ئارا تىك.ئىمپولىس يۇلتۇزلار بىر تەرەپكە سىلجىسا ،زەررىچىلەر ئېقىمى يەنە بىر تەرەپكە سىلجىيدىغان ئەھۋال كۇرۆلگەن.بۇ بىزنى تۇرغۇن يۇلتۇزلار قورۇلۇشقا باشلىغاندا تاشقى تەرەپتىن كەلگەن فىزىكىلق تەسىرنىڭ مەۋجۈتلىكىنىڭ بىر يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدۇ"دەپ يېزىلىپتۇ.

ماھىيەتتە بۇ ئاللىقانداقتۇر بىر"تاشقى كۈچ"نىڭ كارامىتى بولماي،29-تىئورمىچە ئېغىشنىڭ نەتىجىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ.سەۋەپ ،29-تىئۇرمىچە بولغاندا زەررىچە ۋە جىسىملار ئۇزىنىڭ ئوق يۆنىلىشىگە ئاغمايدۇ،بەلكى ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئاغىدۇ.يۇقۇرقى ھادىسىنى چۈشەندۆرۈشتە نۇۋەتتىكى فىزىكىدا ئامال يوقتەك قىلىدۇ.لىكىن 29-تىئورما ئارقىلىق بۇ ھادىسىنى ياخشى چۈشەندۆرۈپ بەرگىلى بولىدۇ.بۈگۈنكى بۇ خەۋەر شەكىل نەزەريىسى ئۈچۈن بىر موھىم خەۋەر بولدى!.


يۇقۇرقىسى ئالدىنقى يىلى ئالاقىدار تېما ئاستىغا قالدۇرغان ئىنكاسىم ئىكەن.يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ مۇھاكىمە قىلىپ باقسام بولغىدەك.
كومىتىنىڭ قۇيرۇقى تارتىش كۈچىگە گۇمان پەيدا قىلىشتىن باشقا يۇقۇرقى تېمىدىكى ئىمپولىس يولتۇزنىڭ قويرۇغىمۇ گۇمان تارتىش كۈچگە گۇمان پەيدا قىلىدىكەن.
بىر زامانلاردا ئويلاپ يۆرگەن بوشلۇق ئەگەشمە ئېقىمى،بوش ئورۇنغا سىلجىش قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىمۇ بار بولىشى مۆمكىن.يەنە قۇيرۇقتىكى زەررىچىلەر نىسبى مۇستەقىل ھەركەت تېزلىكى، يۆنىلىشىگىمۇ ئىگە دەپ ئويلاشقىمۇ بولىدۇ.مەركەزدىن قاچقۇچى كۈچ بۇ زەررىچىلەرنىڭ يۇلتۇز يۆزىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەپ بولغانمۇ؟....نىمىلا بولىشىدىن قەتئى نەزەر بۇ تارتىش كۈچى ئىدىيىسىگە پايدىسىز مىسال ئىكەن.

2015.4.28


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-28 12:16:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ق.سىدىق يوللىغان ۋاقتى  2015-4-28 10:46
脉冲星产生最长宇宙尘埃尾迹 或达37光年http://space.kexue.com/2014/0225/37745.html

تېكسىتتە  ...


بۇ قۇيرۇقلار مۇشۇنداق قۇيرۇق قالدۇرغان ئاسمان جىسىمىنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ قۇيرۇقنى شەكىللەندۆرگەن زەررىچىلەرگە تەسىر قىلمىغانلىغىنى چۈشەندۆرىدۇ.كومىتا قۇيرۇقلىرى قوياشنىڭ رادىئاتسىيە بىسىم كۈچىدىن شەكىللىنىدۇ،دەپ قارىلىدۇ.دىمەك،تارتىش كۈچى زادى بار دەپ قارالغان تەقدىردىمۇ، بۇ قۇيرۇقتىكى زەررىچىلەرگە نىسبەتەن كومىتىنىڭ ياكى قوياشنىڭ تارتىش كۈچى قوياش رادىئاتسىيىسىنىڭ ئىتتىرىش كۈچىدىن كىچىكلىگىنى ئىسپاتلايدۇ.ئىمپولىس يۇلتۇزلارنىڭ زىچلىغى ۋە ماسسىسى غايەت زور بولغانلىغى ئۈچۈن،ئادەتتىكى قاراشلاردا ھەرگىز بۇنداق قۇيرۇق شەكىللەندۆرمەسلىكى كىرەك ئىدى.بۇنداق قۇيرۇقنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەپكار بولغان يەنە ئاللىقانداقتۇر بىر رادىئاتىسىيە بىسىمىدىنمۇ ھازىرغىچە خەۋەر يوق.ھازىرقى نەزەريىۋى موھىتتا خەۋەر بولىشىمۇ مۆمكىن ئەمەس.دىمەك،ئىمپولىس يۇلتۇزنىڭ قۇيرۇغى تارتىش كۈچى ئىدىيىسىنىڭ بېۋاستە ئىنكارى.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-29 16:59:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەسلەپكى ھىساپلاشلارغا قارىغاندا، مىركوررى ئۇچرايدىغان قوياش رادىئاتسىيىسىنىڭ بىسىم-ئىتتىرىش كۈچىنىڭ مىقدارى قوياشنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ چامىسىدىن ئۇبدانلا چوڭ ئىكەن.مىركوررىنىڭ قوياشقا ئەڭ يېقىن پىلانىتلىغىنى كۆزدە تۇتقاندا ۋە كومىتىنىڭ قۇيرۇغىنى ئويلىغىنىمىزدا بۇ رىياللىقنى قوبۇل قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.مۇبادا بۇ ھىساپلاشلار پۇت تىرەپ تۇرالىسا مىركوررى ئۇچرايدىغان قوياش رادىئاتسىيىسى بىسىمنىڭ ئۆزىلا تارتىش كۈچى ئىدىيىسىنى بېۋاستە ئىنكار قىلىۋىتدۇ.مەن قىززىققۇچىلارنىڭ ۋە خالىغانلارنىڭ ، ئالى مەكتەپتە ئالاقىدار كەسىپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىركوررى ئۇچرايدىغان قوياش رادىئاتسىيە بىسىمى بىلەن قوياشنىڭ مىركوررىغا بولغان تارتىش كۈچىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۆشىنى تەشەببۇس قىلىمەن.مۇبادا كىملا بولسۇن،مۇشۇنداق بىر ئىلمى نەتىجىنى مۇستەقىل كەلتۆرۆپ چىقارسا بۇنىڭ ئەھمىيىتى چوڭ بولىدۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-29 23:31:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


كومىدىيىلىك بولىۋاتقىنى، كۇمىتىنىڭ قۇيرۇغى بىلەن ئىمپولىس يۇلتۇزنىڭ قۇيرۇغى ۋە قۇياشنىڭ “پۆۋلىشى”(رادىئاتسىيىسى)نىڭ ئۆزىلا تارتىش كۈچىنى نەزەريە سەھنىسىدىن ئۇچۇرىۋىتىدىغان بولۇۋاتقىنى.

ئىككى قۇيرۇق بىر “پۆۋ”دېيىشىپلا“ھە-ھۆ”،
جەڭگە چۈشتى تارتىش كۈچى بىلەن بىر پەس.
پېقىرغۇچلار-نۇرلار،سالدى قېقاس دەررۇ،_
يالغاننى راسىت قىلماق بۇ جاھاندا بەك تەس!


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-2 09:58:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

"تېسلا:ئېينىشتېيىن بىر ئالدامچى"ماۋزولۇق بۇ يازمىدا بايان قىلىنىشىچە تېسلا ئېينىشتېيىننىڭ ماكان ئەگرى دىگىنىگە ئەسلا ئىشەنمىگەن ئىكەن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-2 10:09  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-7 20:29:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئالەملىك تارتىش كۈچى مەۋجۈت ئەمەس دەپ قارايدىغانلار ،كۆرسىتىۋاتقان ئاساسلار ئاز ئەمەسكەن.بۇنداق تېمىلارغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چېكىڭ:

万有引力不存在


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-9 10:54:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

9نەپەر ئالىمنىڭ ئېينىشتېيىن تارتىش كۈچى نەزەريىسىگە بولغان ئوخشۇمىغان قاراشلىرى
爱因斯坦引力理论问题 9名科学家提异议





 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-10 00:48:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەيلى سىز ئالى مەكتەپنىڭ پىروففىسۇرى بولۇڭ ،دوكتۇر بولۇڭ ياكى پەنلەر ئاكادىمىيىسنىڭ ئاكادىمىكى بولۇڭ، ئالدى بىلەن ماۋۇ ئىككى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۆڭ:
1.نىيۇتون   قوياشنىڭ مىركوررىغا  بولغان رادىئاتسىيە بىسىمىنى ئەينى ۋاقىتتا ئويلاشقانمۇ؟
2.قوياشنىڭ مىركوررىغا بولغان رادىئاتسىيە بىسىمى ئالاقىدار فۇرمۇلىلار بۇيىچە ھېساپلىسىڭىز زادى قانچىلىك چىقىدۇ؟

پايدىلىنىش:

太阳辐射度计算公式_百度文库

ئاندىن كىيىن سىز تارتىش كۈچىنىڭ مىقدارى بىلەن يۇقۇرقى مىقدارنى سىلىشتۇرۆپ كۆرۆڭ!

ئالى مەكتەپلەردە ئالاقىدار پەنلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار سىزلەر يۇقۇرقى ئاددى ھېساپنى ئىشلەپ كۆرۆڭلار.ئىلمى ھەقىقەتنى تېپىش ياكى يېقىنلىشىش ئۈچۈن ئېشىپ كەتسە بىر سائەت ۋاقتىڭىزنى قۇربان قىلىڭ.
ئەڭ كەچۈرگىلى بولمايدىغان خۇراپاتلىق - ئىلىم-پەن دۇنياسىدىكى خۇراپاتلىقتىن ئىبارەت!.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-10 01:04:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى بايقۇت قىلىش قىلىش ھوقۇقىمىز بولۇپلا قالماي،"ئىلمى" لىباس كەيگەن ئەخلەت نەزەريىلەرنى بايقۇت قىلىش ھوقۇقىمىزمۇ بولىشى كىرەك،تەنقىتكە بەرداشلىق بىرەلمەيدىغان تارىخى ئەخلەتلەرنى ئەينى دەۋىر چەكلىملىرى سەۋەبىدىن چۈشۈنۈشكە بولىدۇ،لىكىن،ئۇلارنى سۆرەپ يۈرۈشكە بولمايدۇ.ئىلىم-پەن ھەرگىز دىن ئەمەس !.
مەن نەۋرىلىرىمنىڭ ھەر قانداق شەكىلدىكى ئەخلەتتىن يىراق تۇرۇشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن!
ئىدىيە مونوپۇللىغى بار يەردە ئىلىم-پەن تەرەققىياتى بولمايدۇ!. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-10 01:20  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-8 12:59:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزلىكىدىن تېزلىنىش ھادىسىسى
自加速现象_百度百科

自动加速效应_百度百科

ئىككىلەمچى ئاتوم زەررىچىلىرى ئۇزىنى يورۇقلۇق تېزلىكىگە يېقىن تىزلىككە يېقىنلاشتۇرالىشى مۇمكىن
新分析称亚原子粒子可自加速至接近光速
http://tech.sina.com.cn/d/i/2015-01-26/doc-ichmifpx5532420.shtml

يۇقۇرقى ئۈچ  تېما ئىنىرىتسىيە قانۇنىنىڭ ئۇقۇم دائىرىسىگە تېزلىنىشچان ھەركەتنىمۇ ئېلىپ كىرىش لازىملىغىدىن دېرەك بىرىدۇ.نىيوتۇنغۇ ئاللىقاچان بۇ قانۇن بايانىنىڭ 2-ئابزاسىدا شۇنداق قىلغان ئىدى.

ئاخىرقى تېما تەبىئەت ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان خېلى مۇھىم تەتقىقات نەتىجىسىكەن.ئىلىكتىرونلارنىڭ يېڭىچە تېزلىكى بولۇش ئېھتىماللىقلىرىمۇ مۇھاكىمە قىلىنىپتۇ.تېمىدا يۇرۇقلۇقنىڭ تاشقى تەسىر بولمىسىمۇ ئۆزلىكىدىن ئەگىرى سىزىق بۇيىچە تارقىلىدىغانلىغى ۋە بۇ نىڭ ئەمەلى قوللۇنۇلغانلىغى تونۇشتۇرۇلۇپتۇ.

ۋاقتى: 2016-1-8 22:11:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    قاسىم سىدىق ئۈرۈمچىدە بىلىم ئاشۇرۇۋاتقان مەزگىلدە ئۇنى يۇرتدىشى ئابدۇرېھىم قاسىم ئاكامنىڭ ئۆيىدە ئۇچراتقان ئىدىم. ئۇ شۇ چاغدا مەندە ياخشى تەسىر قالدۇرغان ئىدى. ئۇنىڭ شۇ چاغدا بىزگە شېئىر يادلاپ بەرگىنى ۋە ئۆزى ھېس قىلغان نۇرغۇن ئاجايىباتلارنى سۆزلىگىنى ھازىرقىدەك ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. ئۇ  بىر مۇنەۋۋەر ناتىق ئىدى. ئۇنىڭ تورغا يوللىغان بۇ تېمىلىرى ئۇنىڭ ھەقىقەتەن تىرىشچان ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ تۇرۇپتۇ.  يۇمۇرچى ئابدۇرېھىم قاسىم ئاكام ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئاشۇ چاغدىكى ئۆتكۈر نۇتقىنى ئەسلەپ تۇرىدۇ. مەن بۇ تېمىلارنى ئوقۇپ قاسىم سىدىقنى يەنە بىر قېتىم يۈزتۇرا كۆرگەندەك بولدۇم. ئىزدىنىشىڭىزگە رەھمەت ئېيتىمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-22 20:41:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تارازا مەنتىقىسى

يەر شارى ئۆزىنى بىر زىل تارازا دەپ قارىساق ۋە ئۇنىڭ ئېغىرلىق كۆرسەتكۈچ شىكالىسى بار دەپ پەرەز قىلساق،بۇ تارازىغا تاشقى دۇنيادىن بىر جىسىم كېلىپ چۈشسە تارازىدىكى مىقدار كۆرسەتكۈچى ئۆزگۆرىدۇ.بۇ ئۆزگۆرۈشتە كۆرۆلگەن مىقدار تاشقى دۇنيادىن كېلىپ چۈشكەن جىسىم ئېغىرلىغىنىڭ مىقدارى،دەپ قارىلىشى كېرەك.بۇنى تارازا ئۆزىنىڭ مىقدارى ياكى تارازا بولغاچقىلا كېلىپ چىققان مىقدار،تارازا بولمىسا بۇ مىقدار بولمىغان بولاتتى،دېسەك مەنتىققە ئۇيغۇن بولمايدۇ.
بۇ مىسالدىن بىز تارتىش كۈچى ئۇقۇمىنىڭ ھادىسىلەرنى تەسۋىرلەش ئېھتىياجىدىن توغۇلغان قورال ئىكەنلىگىنى،ئېغىرلىقنىڭ ماسسىغا ئوخشاشلا ئوبىكتىپ چىنلىق ئىكەنلىگىنى قىياس قىلالايمىز.

تارازا - ئۆلچەنگۆچىنىڭ ئالاقىدار مىقدارىنى ئۆلچەيدۇ.ئۆزىنىڭ بۇ مىقدارغا بولغان تەسىرىنى ئۆلچىمەيدۇ.بۇ ئەڭ ئەقەللى تارازا مەنتىقىسى.مۇبادا بىز بىر جىسىمنىڭ ئېغىرلىغىنى تارازىدا ئۆلچەپ چىقىپ،نەتىجىنى تارازىغا مەنسۆپ،تارازىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان مىقدار،دەپ قارىساق ،بۇ ھالدا بىز جىسىمنى ئەمەس تارازىنىڭ ئۆزىنىڭ رولىنى،تارازا ئۆزىنىڭ ئالاقىدار مىقدارىنى ئۆلچىگەن بولۇپ قالىمىز.بۇ قانداقمۇ تارازا مەنتىقىسىگە ئويغۇن ئىش بولسۇن؟!.جىسىمنىڭ ئېغىرلىغىنى تارتىش كۈچى كەلتۆرۆپ چىقارغان دىگەن ئىدىيەدە دەل مۇشۇنداق مەنتىقىسىزلىق بار.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش