ماتىرياللاردىن قارىغاندا
ئىدىمونىد.ھاللېي تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ھەركەت قىلىدىغانلىغىنى
1718 -يىلى كۈزۆتۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ.نىيۇتۇن بۇ چاغدا ئۆزىنىڭ «
تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ ماتىماتىكىلىق پىرىنسىپلىرى» دىگەن كىتاۋىنى دەسلەپتە 1687-يىلى ئېلان قىلىپ بولغان.دىمەك نىيوتۇن ئالەملىك تارتىش كۈچى قانۇنىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا قوياشمۇ ئوربىتىدا ھەركەت قىلىدۇ،دىگەن چۈشەنچە تىكلەنمىگەن ئىدى.كوپىرنىكتىن كىيىن قوياش مەركەز تەلىماتى غەلىبە قىلغاندىن كىيىن،قوياش ئاساسەن جىم تۇرىدۇ،دەپ قارىلىپ كەلگەن.نىيوتۇن گەرچە بۇ كىتاپنى كىيىنكى نەشىرلىرىدە بىر قانچە قېتىم تەھرىرلىگەن بولسىمۇ،ئۇلاردا قوياشنىڭ سامان يولى ئوربىتىسىدا ھەركەت قىلىدىغانلىغى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن تۈزىتىلگەنلىگى ھەققىدە مەلۇمات ئۇچراتمىدىم.
ئالەملىك تارتىش كۈچى قانۇنى تونۇشتۇرۇلغان ئالاقىدار ماتىريالدا بۇ قانۇن 1687-يىلى «
تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ ماتىماتىكىلىق پىرىنسىپلىرى»دائېلان قىلىنغان دەپ يېزىلىپتۇ.
دىمەكچىمەنكى،پىلانىتلارغا نىسبەتەن،قوياش جىم تۇرىدۇ،دەپ قارالغان ئەھۋالدىكى تارتىش كۈچى بىلەن قوياشمۇ سىزىقلىق ھەركەتتە دەپ قارالغان ئەھۋالدىكى تارتىش كۈچى ۋە ئۇلارنىڭ كۈچ يۆنىلىشى قاتارلىقلارنىڭ قىممىتى ئوخشاش بولىدىغان بولمايدىغانلىغى ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش كېرەك.
قارىغاندا،نىيۇتۇن تارتىش كۈچى ئىدىيىسى،
تارتىش كۈچى تۇراقلىغى قاتارلىقلار قوياش جىم تۇرىدۇ،قوياش مەركەز قاتارلىق ئىدىيىۋى ئارقا كۆرۆنۈش ئاستىدا مەيدانغا كېلىپ پىلانىتلار ھەركىتىگە تەدبىقلانغان.ئىدىمونىد.ھاللېيدىن كىيىن
ۋىليام خېرشېل ئالاھىزەل 1800-يىللاردا تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ بوشلۇقتىكى ھەركىتىنى كۈزەتكەن....ناھايتى نۇرغۇن كۈچ ئۇلاپ يۆگرەشلەردىن كىيىن ھازىر بىز قوياشتىن ئىبارەت بۇ تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ سىكۇنتىغا 550كىلومىتىر تېزلىك بىلەن ئۆز ئوربېتىسىدا ھەركەت قىلىدىغانلىغىنى بىلدۇق.مىنىڭچە، بۇلار نىيوتۇن تارتىش كۈچى ئىدىيىسىنى پىلانىتلارغا تەدبىقلىغاندا نىيوتۇن تەرىپىدىن ئويلۇشۇلغان مەسىلىلەر ئەمەس ئىدى.
مىنىڭ يۇقۇرقىلارنى بايان قىلىپ ئولتۇرۇشۇمدا مۇنداق سەۋەپلەر بار:
1.قوياشنىڭمۇ سامان يولى ئوربىتىسىدا سىكونتىغا
550كىلومىتىر تېزلىكتە ھەركەت قىلىدىغانلىغى مۇئەييەنلەشكەن ئەھۋالدا تارتىش كۈچىنىڭ پىلانىتلارغا نىسبەتەن تۇراقلىق تەسىر قىلىدىغانلىغىنى تەساۋۋۇر قىلماق قىيىن.چۈنكى پىلانىتلار ئۆزلىرىنىڭ ئىللىپىسىمان ئوربىتىلىرىنىڭ يېرىمىنى دىگۆدەك قوياشنىڭ بۇشلۇقتىكى ھەركەت يۆنىلىشىگە قارشى يۆنىلىشتە باسىدۇ. دىمەك،پىلانىتلار ئۆز يىللىرىنىڭ ھەر بىر يېرىمىدا قوياشتىن يىراقلىشىۋاتقان،قوياش ھەم بۇ پىلانىتلاردىن يىراقلىشىۋاتقان بولىدۇ.
2.تارتىش كۈچى تۇراقلىغى ھازىرغىچە ئىزچىل ھالدا دەلىللىنىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ.بۇ تۇراقلىقنى كۋانىت ئۆلچەملىرى سەۋىيەسىدە ئۆلچەش خىزمىتىنىڭ نەتىجىلىرى 40يىلدىن بېرى بىردەك بولماي كېلىۋاتىدۇ.بۇ ھەقتىكى تەپسىلى ئۇچۇرلارنى ئالدىنقى كۈنى،يەنى 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى ئېلان قىلىنغان «
نىمە ئۈچۈن تارتىش كۈچى تۇراقلىغىنىڭ ئۆلچەشتە كېلىپ چىققان نەتىجىسىدە پەرىق بۇنچە چوڭ؟ » ماۋزۇلۇق بۇ تېمىدىن كۆرۆپ ئالسىڭىز بولىدۇ.بۇ تېمىدىكى ئالاقىدار گىراپىكلار مانا:
تېمىدا G نىڭ قىممىتى ئۆلچەنگىنى بىلەن بىردەك ئەمەس،دېيىلگەن.
خۇلاسە كالام،نىيوتۇن تارتىش كۈچى ئىدىيىسى جاۋاپ بېرىشكە تېگىشلىك مانا مۇشۇنداق ئاز بولمىغان مەسىلىلەر بار.تارتىش كۈچى پىلانىتلارنىڭ ئۆزىگە يېقىنلىشىشىغا يول قويسا بۇ ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس ئەلۋەتتە.ھالبۇكى،بۇ غايىۋى كۈچ پىلانىتلارنىڭ ئۆزىدىن يىراقلىشىشىغىمۇ يول قويسا نىيوتۇن تەشەببۇسلىرىغا قارشى ۋە بۇ تەشەببۇسلارنى ئىنكار قىلىدىغان مەنزىرىنى كۆرگەندەك بولۇپ ھەيران قالماي تۇرالمايمىز.بۇ بىر كومىدىيىلىك مەنزىرە.
_______________
罗俊院士三十年在山洞搞科研 算出世界最精确万有引力常数
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-4-23 08:33