«مەجالىسۇن نەفائىس» ھەققىدە قايتا ئويلىنىش
ئابدۇمىجىت مۇھەممەد
ئەلشىر نەۋايىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئۆلمەس نامايەندە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ھېكايەتلەرنى ئىسىمنى بىلگەندىن بىرى ئاڭلاپ كېلۋاتىمەن. ھەمدە ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز رەۋىشتە ھەرقانداق بىر ئەدەبىي ئەنجۈمەنلەردە تەڭتۈشلىرىم، قېرىنداشلىرىم ھەتتا قىرىنداش مىللەت، يات ئەل ئەدىبلىرىنىڭ بىر قانچە قېتىم شائىرنىڭ مىللەت تەۋەلىكى ھەققىدە ئېلىپ بارغان كەسكىن تالاش-تارتىشلىرىغىمۇ گۇۋاھ بولۇپ ئۆتتۈم. ئەپسۇسكى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتچىلىرىغا ئوخشاش مەنمۇ پەقەت شائىر ھەققىدىكى ئاڭلىغان كوچا پاراڭلىرى ۋە ئەپقاچتى گەپلەرنىڭ تەسىرىگە كۆپرەك ئۇچرىغان، تېخى شائىرنىڭ بىرەرپارچە ئەسىرىنى ئۆز قولۇم بىلەن تۇتۇپ ئوقۇپ باقمىغان ئىدىم. تارىخ 2003-يىلىغا قەدەم قويغاندا تەكلىماكانىنىڭ «مەرىپەتۇل لوغەتەيىندىن مۇھاكىمەتۇل لوغەتەيىنگىچە»ناملىق ماقالىسىنىڭ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنشى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ھەۋەس قىلىدىغان ئەقىل ئىگېلىرى ئارىسىدا بىر مەھەل مۇلاھىزىلەرنى قوزغاپ ئۆتتى. مەنمۇ ئەشۇ ماقالىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغۇچىسى سۈپىتىمدە تۇنجى قېتىم مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كىتاپ ئامبارلىرىدىن ئاختۇرۇپ يۈرۈپ ئەلشىر نەۋائىينىڭ «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن» ناملىق ئەسىرىنى ئوقۇپ چىقتىم ۋە قايتا قايتا تەھسىل قىلدىم. بەرھەق بۇ ئەسەر سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق ۋە نەسىرىي تىلدىكى تۈ*ركىي تىللىق ئەسەرلەرنىڭ جەۋھەرلىرىدىدىن بىرى ئىدى. ئەسەردە ئىپادىلەنگەن ئاپتۇرنىڭ تىل، مىللەت سۆيگۈسىگە قىل سىغمايتتى. لېكىن ئاپتۇرنىڭ دەۋاتقان تۈ*ركى تىلى بىلەن ئۇيغۇرتىلىنى بىر ئورۇنغا قويۇش، ئەينى دەۋر ھىرات، بۇخارا ۋە سەمەرقەنتتە ياشاۋاتقان ئاز بىرقىسىم ئۇيغۇرلارنى ئامۇ –سىر دەرياسىنىڭ شەر*قى شىمالدىكى، ئالتاي، تەڭرى تاغلىرى ۋادىسىدىكى كەڭرى تەكلىماكان، جۇڭغار ئويمانلىقىدا ياشاپ ئىجاد قىلىپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇر لارغا ۋەكىل قىلىپ قويۇش كاللامدىن ئانچە ئۆتمەيىتتى. كېيىن 12 مۇقام تىېكىستلىرى ئىچىدىكى ناۋائىي غەزەللىرىدىن خەۋەردار بولدۇم. ئەمما بۇ تېكىستلەرنىڭ ئىچىدە نەۋايىنىڭلا غەزىلى بولماسىتىن فۇرقەت، مەشرەپ، ھۇۋەيدا كەبى خىلمۇ-خىل يات ئەل زېمىنلىرىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن شائىرلارنىڭ غەزەللىرىمۇ، ھەتتا مۇقامنى رەتلەش جەريانىدا يېزىلىپ مۇقام تېكىستلىرى ئىچىگە قوشىۋېتىلگەن ئاپتۇرسىز غەزەللەرمۇ بار ئىدى. شۇندىن باشلاپ كاللامدا ئەلشىر نەۋايى ھەققىدە نۇرغۇنلىغان مۇئەممالار ساقلىنىپ كەلدى. ھەرقىتم شائىرنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنغان ئەسەرلىرىنى كۆرگەندە ئۇ ئەسەرلەرنى قۇرئاننى سىلىغاندەك سىلايتتىم. ئەمما تېخى «تەرىتىم بوش»تەك، ئۇلارنى چۈشىنىشكە قۇربىم يەتمەيدىغاندەك ھېس قىلاتتىم. شۇڭا «قالپاققا چۈشلۈق قىرغىز بولسۇن» ئۈچۈن داۋاملىق ئۆز بىلىملرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە، بۈگۈنكى زامان، ھازىرقى زامان، يېقىن ۋە ئۆتكەن زامان ئەسەرلىرى ۋە ئەدىبلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقتىم. زامان 2010-يىلغا قەدەم باسقاندا شېئىرىيەت تەنقىدچىلىكى ھەققىدە ئىزدىنىۋىتىپ يەنە بىر قېتىم ئەلشىر نەۋايى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدى. بۇ قېتىم قولۇمدا شائىرنىڭ «مەجالىسۇن نەفائىس» ناملىق ئەسىرى تۇراتتى. ئاۋال ئۆزۈمنى بىر دەڭسىۋالدىم. بۇ قتىم تەرىتىم خىلى پۇختىدەك قىلاتتى. ئىختىيارسىز رەۋىشتە ئەسەر بەتلرىنى ۋاراقلاپ، تەپەككۇر قوينىغا چۆكۈپ كەتتىم.
قولۇمدىكى بۇ ئەسەر ئابدۇمىجىت قۇربان تەرىپىدىن تىرانسىكىرىپسىيىلەنگەن، ئابدۇرېشىت ئىسلام تەرىپىدىن نەشىرگە تەييارلىنىپ 1994-يىلى 10-ئايدا خەلق نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىرگە تەييارلانغان نۇسخىسى ئىدى. ئەسەر تىرانسىكىرىپسىيىلىك تېكىستنى ئىشلىگۈچىنىڭ بىر بەتلىك ئىزاھاتىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى كلاسسىك ئەسەرلەر تەتقىقاتىغا زور كۈچ سەرپ قىلغان مۇھەررىر مۇھەممەت تۇردى مىرزىئەخمەتنىڭ 10 بەتلىك كىرىش سۆزى بار ئىدى. مۇھەرىرنىڭ بايانىغا ئاساسلانغاندا « ‹مەجالىسۇن نەفائىس› ناملىق بۇ ئەسەر ئەلشىر نەۋائى مىراسلىرى ئىچىدىكى تەزكىرىچىلىككە ئائىت مەشھۇر ئەسەرلەردىن بىرى بولۇپ، بۇ ئەسەر ئۆز دەۋرىنىڭ مەدەنىي ھاياتىنى، بولۇپمۇ ئەينى دەۋردىكى ئەدەبىيات- سەنئەتنىڭ گۈللەنگەن مەنزىرىسىنى چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىشكە بېغىشلانغان ئىدى.» ئەمما مەن بۇ قۇرلارنى ناھايىتى زور گۇمان ۋە شۈبىھ ئىلكدە ئوقۇپ چىقتىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋال كاللامدىكى ئۇيغۇر دېگەن ئاتالغۇغا ئىزاھ بىرىشىم ۋە ئۇيغۇر نامىدا ئاتىلىپ كېلىۋاتقان تۇرپان، گەنجۇ ۋە قەشقەر ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ ۋە ئۇيغۇر خانلىغىنىڭ بۆشۈكى ۋە مەنبەسى بولمىش ئۇرخۇن يىنسەي ۋادىسىنىڭ 1441-يىلىدىن 1501-يىلىغىچە بولغان تارىخىي رېئاللىقى ۋە ئارقا كۆرنشىگە بىر قۇر نەزەر سىلىپ بىقىش كىرەك ئىدى. شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن بۇ ئەسەرنىڭ ھەقىقى رەۋىشتە ئەينى دەۋىر رىئاللىقنى ئەكىس ئەتتۈرگەن جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلىقنىڭ ۋە ئەدەبىيات سەنئىتىنىڭ گۈللەنگەن مەنزىرىسىنى چوڭقۇر ئەكىس ئەتتۈرگەن ياكى ئەكىس ئەتتۈرمىگەنلىكىنى بىلگىلى بولاتتى ؟!
مەن داۋاملىق تەھرىر ئىلاۋىسىىنىڭ داۋامىغا كۆز تىكتىم: «ئەلشىر نەۋايى سان جەھەتتىن كۆپ سۈپەت جەھەتتىن يۇقىرى بولغان بىر قاتار لىرىك، ئىپىك، ئىلمىي ۋە تارىخى ئەسەرلەرنى ئىجات قىلىپ ئۆتكەن ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە ئۆز دەۋىرىنىڭ سىياسى ۋە ئجتىمائى ۋە مەدەنىي تۇرمۇشىغا ئائىت كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى يېزىپ قىممەتلىك خاتىرلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن مەشھۇر تەزكىرىچى ئالىمدۇر.» توغىرا، بۇ جۈملىلەردىن ھىچقانداق خاتالىقنى بايقىغىلى بولمايدۇ. ئەمما بىز بۇ مەسىلىلەرنى بىزنى ئىزتىراپقا سىلىۋاتقان ئاچقۇچلۇق مەسلە بولغان ئاپتۇرنىڭ مىللەت تەۋەلىكىگە سالغىنىمىزدا ئۇلار ئارىسىدا ھىچقانداق باغلىنشىنىڭ يوقلىغىنى بايقايمىز. بىز شائىر تەزكىرەلىرىدىن، تارىخلىرىدىن پارس تارىخىنىڭ پۈتمەس تۈگىمەس بايلىقلارغا ئىگە بولغانلقىنى بايقايمىزۇ تىخىچە ئىنىقسىز ھالەتتە تۇرغان ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ئانچە زور نەپكە ئىرىشەلمىگەنلىكىنى تەن ئالماي تۇرالمايمىز. ئەگەر تارىخ بەتلىرىگە نەزەر تاشلىساق دەل موشۇ 100 يىللىق ئۇيغۇر تارىخى ھەققىقى ئۇيغۇر تارىخىنىڭ قۇپقۇرۇپ ئىكەنلىگى ئىچىمىزنى سىقىدۇ. چۈنكى بىز دەۋاتقان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ گۈلتاجى دۇنيانى يورۇتۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا بىزنىڭ قەشقەر، تۇرپان ۋە خوتەننىڭ تارخىى زۇلمەت ئىچىدە بىر سىر بولۇپ قالدى. ھەم بىزگە بىر مىللەتنىڭ ئالىمى قانداق بولۇشى كىرەك دېگەن سۇئالنى ھەدىيە قىلىدۇ.
ئىلاۋىنىڭ داۋامىدىن ۋە ئەسەرنىڭ ئۆزىدىن بۇ ئەسەرنىڭ ھىجىرىيە 896–يىلى (مىلادى 1490–يىلىدىن 1491–يىلى ئەتىراپىدا) يېزىلغانلىقىنى، پۈتۈن ئەسەر سەككىز مەجلىسكە بۆلۈنۈپ ، ئۇنىڭدا جەمئى 458 نەپەر شائىر ۋە ئەدىب ھەققىدە مەلۇمات بىرىلگەنلىكىنى ئۇقىمىز. ئەپسۇسكى ئەسەرنىڭ مۇقەددىمىسىدىلا شائىر ئەلشىر نەۋائى ئۆز تىلى ۋە قەلىمى بىلەن ئۆزنىڭ بۇ ئەسىرىنى ئابدۇراھمان جامىنىڭ «باھارىستان»، دەۋلەتشاھ سەمەرقەندىنىڭ «تەزكىرەتۇش شۇئەرا» غا سىلىشتۇرۇپ ئۇلارغا تەقلىدى قىلغانلىقىنى، لىكىن مەزمۇن جەھەتتىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرگە ئەمەس بەلكى ئۆز زامانداشلىرىغا بغىشلانغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. سىز بۇيەردە ئىسىڭىزنى يىغسىڭىز ئابدۇراھمان جامئى بىلەن دەۋلەتشاھنىڭ تۈ*رك ئەمەس بەلكى پارس ئەدەبىيات ئاتىلرى ئىكەنلىگىنى، ئاپتۇرنىڭ زامانداشلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىكى تۈ*ركىي شائىرلار ئەمەس بەلكى ھىراتتىكى پارس ۋە پارس گۇي شائىر ئەدىبلەر ئىكەنلگىنى بايقايسىز، دىققەتنى تىخىمۇ تارتىدىغان يېرى شۇكى ئەسەردىكى 458 نەپەر شائىر ئەدىبنىڭ پەقەت 14 كىشىنىڭلا تۈ*رك نەسەپلىك ئىكەنلىگىنى تىلغا ئالىدۇ. شۈبىھسىزكى ئەسكەرتىلمىگەنلىرىنىڭ ھەممىسى پارس ياكى پارس تىللىق باشقا قەۋىملەردىن ئىبارەتتۇر. ئۇنداقتا ئومۇمى ساننىڭ پەقەت 5% نىمۇ تەشكىل قىلمايدىغان بۇ ئەسەرنى قانداقمۇ تۈ*ركىي جۈملىدىن ئۇيغۇر تەركىرەچىلىگىنىڭ ئۆلگىسى دەپ قارىغىلى، ئاپتۇرنى بۇ ئەسەرنىڭ ئەينى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ رىئاللىقنى ئەكىس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن يازغان دېيەلەيمىز؟ئۆز ئەسەرلىرىنى شۈنچىلىك ئىھتىيات بىلەن بىزىگەن، ئۆزىگە ئۇستاز دەپ ئاتىغان لۇتفى، سەككاكىلارنى تەرىپلىگەن، ئابدۇراھمان جامىغا ئۇستاز بولغۇدەك ئەدىبلەردىن لۇتفى، سەككاكىنى تىلغا ئالغان شائىرنىڭ، ئۆز غەزەللىرىنى خوتەن ئاھۇلىرىنىڭ ئەمبەرلىرىدە بىزەپ، خوتەن شاھزادىسى پەرھاتنى ئۆز داستانلىرىغا ساھىبخان قىلىپ تاللىغان شائىر تۈ*ركىي قەۋىملەرھەققىدە باش قاتۇرغىنىدا، ئانا تىلنىڭ غىمىنى يىگەندە، مىللەت ئۈچۈن ئاھ چەككەندە ئەشۇ مىللەتنىڭ ئاساسى گەۋدىسى ياشاۋاتقان تۇرپان، قەشقەر، ئىلى، خوتەن ۋادىسى ھەققىدە ھىچقانداق خۇلاسىدە بولمايدۇ؟ بۇ يەردىكى ئەدەبىيات ساھبلىرى ھەققىدە ئازراقمۇ ئۇچۇر بەرمەيدۇ؟ ئەجىبا ئابدۇراھمان جامىغا ئۇستاز ۋە قىيىن ئاتا بولغان سەدرىددىن قەشقەررىنىڭ قەشقەردىيارىدا بىرەر ئۇستازى، بولماسلىغى، ھىراتنى، سەمەرقەنىت بۇخارا دىكى تۈمۈر ئوردىلىرىنى، دىھلى سۇلتانلىغنىڭ ئوردا سارايلىرىنىڭ بزىگە ئويمىچى نەققاشلار ئارسىدىكى قەشقەرى ئۇستىلارنىڭ ئۇستىسى بولماسمىدى. ئۆزىدىن كىينكى 400 يىلدا تارىم، جۇڭغار ۋادىسىغا قاپسىلىپ ھايات مامات بىلەن تىركىشىدىغان ئەۋلاتلىرىدىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمىسۇنۇ ئۆزىدىن 300-يىل ئاۋالقى بۆيۈكلىرىدىن يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇت قەشقەرىنىڭ بۆيۈك ئەسەرلىرىدىن خەۋەر تاپالماسلىغى مۆمكىنمۇ؟ ئەگەر ئاپتۇرنىڭ قەشقەرگە قەدىمى يەتمىگەنلىكىنى نەزەردە تۇتقان تەقدىردىمۇ ئەرەپ پارس تىللىرىغا شۈنچە ئۇستا شائىر ئەرەپلەر پەلسەپىدە، پارسلار تىبابەتتە تۈ*ركلەر دۆلەت باشقۇرۇشتا بۆيۈك دەپ بىلىدىغان فارابى، ئىبن سىنا ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن خەۋەرسىز قىلىشىمۇ بۇلار ھەققىدە ئەرەپچە بىرەر رسالە ۋە ياكى يازمىلارنى ئۇچىراتماسلىغى مۆمكىنمۇ؟ ئۆزىنىڭ «مۇھەكىمەتۇل لوغەتەيىن»نى يازغاندا ئۆزىنىڭ تىخى نەچچە يۈز يىل ئاۋال پۈتۈلگەن «تۈ*ركىي تىللار دىۋانى» دىن خەۋەرسىز قالغانمىدۇ؟ ئۇنداقتا ئاپتۇرنىڭ بۇ ئەسىرىنى پۈتۈشتىكى مەقسىتى تۈ*ركىي ئەدەبىياتىدىكى شائىر- ئەدبلەرنىڭ تەزكرىسىز قىلىشىدىن ئەنسىرەشمۇ ياكى پارس ئەدەبىياتىنىڭ ئەنئەنسىگە ۋارىسلىق قىلىپ تەزكرىنىڭ داۋامىنى ئۇلاشمۇ؟ ۋەياكى سۇلتان ھۆسەيىن بايقاراغا ماسلىشىپ ئەجداتى موڭغۇل، قەۋمى تۈ*رك، تىلى پارس، دىنى ئىسلام بولغان ئارلاشما تىپقا ۋەكىللىك قىلىپ سۇنىڭ ئىقشىغا قاراپ يول تۇتۇشمۇ؟...
مۇھەرىرىنىڭ قىستۇرمىسىدا يەنە ئەلشىرنەۋايىنىڭ ئەدىب ۋە سەنئەتكارلارنى يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا ۋەمىللى غۇرۇرغا ئىگە بولۇشقا ئۈندىگەنلىكى، بۇ ھەقتە ئۇ ھىندىستان پادىشاھنىڭ شائىر شەيىخ ئازەرىيگە يۈزمىڭ يارماق پۇل ئىنئام قىلىپ ئۇنى يەرگە باش قويۇپ ئۆزىگە تازىم بەجا كەلتۈرۈشكە تەكلىپ قىلغىنىدا، ئازەرىنىڭ بۇ تەكلىپنى ئىنئاملىرى بىلەن قوشۇپ قەتئى رەت قىلغالىقى، مەجىددىن مۇھەممەتنىڭ قالايمىقانچىلىق تۈپەيلى خۇراساندا تۇرالماي ئەرەبىستانغا كىتىشكە مەجبۇر بولغان شائىر ۋە ئالىم خۇجا ئەفزەلنى ئەرەبىستان پادىشاھى ئۆز ئوردىسىغا مەنسەپكە تەكلىپ قىلىغىنىدا ئۇنىڭ «خىزمەت قىلسام ئۆز پادىشاھمغا قىلىمەن، بولمىسا يوق» دەپ رەت قىلغانلىقنى زوق ۋە شوخ بىلەن تەرىپلىگەنلىكىنى بايان قلىدۇ. ئۇنداق ئاپتۇر ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا تازىم بىجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن باش قويۇپ مىڭىسىگە قان چۈشۈپ ئۆلگەن پادىشاھ ھۆسەيىن بايقارا شائىرنىڭ ئۆز پادىشاھىمۇ؟ ئۇنداقتا تۈ*رك، ئەرەب، پارس ۋە باشقا قەۋىملەر تىلىدىكى چىڭگىز ئىستىلاسى ۋە چىڭگىز ئەۋلاتلىرى ھەققىدىكى تاجاۋۇزچىلارغا خاس بولغان ناملارنى قانداق ئىزاھلاش مۆمكىن؟ ئەجىبا ھۆسەيىن بايقارا شائىرغا مەرھەممەت قولىنى سۇنغىنى ئۈچۈن ئەينى دەۋىر ھۆكىرانىغا، موڭغۇل ھۆكىمرانىغا قارشى مىللىتىنى سۆيگەن، مىللىتى ئۈچۈن پايخان بولۇپ قانلق قىلىچلار ئاستىدا جان بەرگەن شائىر ئەدىبلەرنى قانداق چۈشىنىش مۆمكىن؟ دۈشمەننى ۋە دوستنى قانداق ئىزاھلاش مۆمكىن؟
ئەڭ ئاخىرىدا دىققىتمىزنى مۇھەرىرنىڭ كرىش سۆزىنىڭ خاتىمىسدىكى خۇلاسىسىگە يىغساق يەنە شۇنداق لوگىكىلىك خاتالىقلارنى بايقايمىز:
«يىغىپ ئىيتقاندا، ‹مەجالىسۇن نەفائىس› ئۆز دەۋىر ئەدەبىياتىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن تالانىت ئىگىلىرى، ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىگە بىرىلگەن كونكىرىت خاراكتىرلارنى ھەققانى ئىلمىي باھالارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا بۇ ئەسەر كىلاسسىك ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ۋە ئوبزۇرچىلىق ساھەيىمىزدىمۇ موھىم نامەيەندىلەرنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ.» بۇ قۇرلاردىكى لوگىكىلىك خاتالىق شۇكى ئۆزى 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرىقى چارىكىدە ياشاۋاتقان مۇھەرىرى پەقەت ئۇخچۇپ تۇرغان مللى ھىسياتى ۋە باشقلاردىن پەرىقلىق چاغاتاي تىلى بىلمى ئارقىلىقلا پۈتۈن ئەسەرنىڭ ئەينى دەۋىر رىئاللىقنى ئەسەرلەرگە بىرىلگەن باھالارنىڭ ئىلمىي ۋە ھەققانىي ئىكەنلىگىنى باھالىيالامدۇ؟ ئۇنداقتا بۇ ئىلمىيلىكنىڭ ۋە ھەققانىيلقنىڭ ئۆلچىمى نىمە؟ تىخىمۇ قىزىقارلىق يىرى مۇھەرىر ئىشلەتكەن «ساھەيىمىز» دېگەن سۆزنى «ساھەسىدىكى» دەپ ئالساق «بىز»گە قارىغاندا «ئۇلار»نى بەكراق گەۋدىلەندۈرەمدۇ قانداق؟
مەيلى قانداقلا بولمىسۇن مۇھەرىرنىڭ ئاخىرقى خاتېمىسى بولغان مونۇ جۈملىنى شەك سۈبىھسىز قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ: «ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نەزىريەۋى مەزمۇن ۋە يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ئىلمىي مەلۇماتلارنى بۇ قىسقا ۋە ئاددى كىرىش سۆزىمىز بىلەن كۆڭۈلدكىدەك باياق قىلىپ بىرىشنڭ ئىمكانىيتىمۇ يوق. بۇ ئەسەر بىزدە تىخى قەلەم تەگمىگەن بىر كاتتا تەتقىقات تىمىسىدۇر. » بەرھەق راسىت. بۇ شەكسىز ھەقىقەتتۇر. ئەگەر بىز ئۆزىمىزنى ھەقىقى ئەلشىر نەۋايى ئەجداتلىرى دەپ قارىساق بۇ ئەسەرگە ۋە ناۋائىنىڭ باشقا ئەسەرلىرىگە ھىسىيات ۋە مىللى ئىپتىخار قەلبىمىزنى چولغىۋالغان، كۆزىمىز ھەسەت ۋە مەغرۇرلۇقتىن باشقىنى كۆرمەيدىغان ھالەتتە ئەمەس ئۆزىمىزنى ئەيىپ نوقسان ۋە گۈزللىكتىن خالى بولمىغان ئىنسان سۈپىتىدە كۆرۈپ باھالىيالىساق، تەتقىقاتلىرىمىزنى قانداقتۇر بىر ساھەلەردىكى ئۈستۈنلۈك تالىشىش ئەمەس بەلكى كەلگۈسى رىئاللىقىمىزنى ئۈزگەرتىش ۋە ئۆزىمىزنى يۈكسەلدۈرۈشىدىكى ئىزدىنشلىرىمىزنى ئىسپاتى سۈپىتىدە قوبۇل قىلالىساق ئاندىن بىز ناۋائىيغا ۋە باشقا ئۇنتۇلغان ئەجداتلرىمىزغا يۈز كىلەلەيمىز. بولمىسا داۋاملىق يىرىمىزنى خانە ۋەيران قىلىپ، مىلليىتىمىزنى يوققا چىقارغان رەقىبلىرىمىز «باھادىر» ساناپ «نامە» پۈتۈپ، نەچچە مىڭ يىللىق بۇدلرىمىزنى چىقىش، نەچچە يۈز يىللىق قىرىنداشلىرىمىزنى قىرغىن قىلىش بەدىلىگە ئىرىشكەن ئىسلام دىنىمىزنى ئاسانلا خۇنۇكلەشتۈرۈپ ئۆلىدىغان ئادەمنى «تۈمۈن مىڭ يىل ياشىسۇن!» دەپ توۋىلاپ يۈرۈپ، ئۆز ئەقدىمىزگە شەك كەلتۈرگەندەك خاتالىقلاردىن مەڭگۈ خالى بولالمايمىز. ئۇچاغدا نەدىنىمىز دىن، نە تىلىمىز تىل بولمايدۇ. ھىچقانداق ئىشىمىزدە بەركەت ۋە نۇسىرەتتىن ئىغىز ئاچقىلىمۇ بولمايدۇ.
شۇڭا ئەلشىر نەۋايى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ يازغان ئەسەرلىرىنىڭ مىلليتىنى ئايرىش ئۈچۈن بەلكى تۆۋەندىكى نوقتىلارغا ئالاھىدە دىقققەت قىلىشمىز كىرەكتۇر.
1. ئەلشىر نەۋايىنىڭ ئىڭىدىكى مىللەت ئوقۇمى بەلكى ھازىرقى بىزنىڭ مىللەت ئۇقۇمىدىن پەرىقلىنشى، تىل ۋاستە قىلغان ھالدا ئايرىلغان ئەمما دىننىڭ ۋە سىياسى ھۆكىمرانىلىق تەسىرە مۇستەقىل ئوقۇمغا ئايلىنالمىغان بولۇش مۆمكىن.
2. شائىرى بەلكى روھىمىزدىكىدەك ئۇنداق ئىلاھى تۈسكە ئىگە بولماسلىغى، دەۋىر، ماكان ۋە ۋاقىت چەكلىمىسى ۋە بىلىم قۇرۇلمىسى نىڭ چىكى جەھەتتىن ئانچە يۇقىرى مىللى ئاڭغا ئىگە بولماسلىغى مۆمكىن.
3. بۇ ئەسەرنى يازغاندا ئاپتۇرنىڭ تۈ*ركىي جۈملىدىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى كۆزدە تۇتقان بولۇشى، ناتايىن . ئەكسىچە ئىسلام دىنىنى ئۆزىگە مىزان قىلغان پارس تىللىق پۈتۈن ئەدەبىيات ئاپتۇرنىڭ نەزىرىدە ئۆز مىللى ئەدەبىياتى بولۇشى مۆمكىن.
4. بۇ دەۋىر ھاكىميەت موڭغۇل ئەۋلادىدىن ، دىن ئەرەبلەردىن، تىل پارسلاردىن خەلىق ۋە زىمىن تۈ*ركلەردىن ئىلىنغانلىغى ئۈچۈن ئاپتۇرنىڭ نەزىرىدىمۇ مىللەت، ۋە تىل مەسلىسى ئىنىق ھەل بولمىغان بولىشى مۆمكىن. ۋە ياكى ئاپتۇرنىڭ بىزنىڭ مىللەت ئوقۇممىزدىن كۆپ ھالقىپ نوھنىڭ ئەۋلاتلىرى بولمىش يافەسنىڭ ئوغۇللىنى ھىندى، پارس، تۈرىك ھەتتا چىن قىرىنداشلىغى نوقتىسىدىن بىر دەپ قارىغان بولۇشى تامامەن مۆمكىن.
5. بىزدە ئاپتۇرنىڭ كچىككىنە باخشى ئسىملىك ئۇيغۇر باخشىشنىڭ ئائىلسىدە تۇغۇلغانلىغىدىن باشقا ئاپتۇرنىڭ مىللىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلىغىدەك ھچقانداق پاكىت يوق. بولغاندىمۇ ئاپتۇر ئۆسۈپ يىتىىش، ئىلىم ئىلىش ۋە ھاياتى ئاساسەن پارس مەدەنىيەت چەمبىرىكى ئىچىدە ئۆتكەن بولۇپ ئاپتۇرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسى گەۋدىسى بولغان تارىم ۋادىسىدىن تولۇق خەۋىرى يوق.
6. ئاپتۇرنىڭ ئاتا بوۋىلىرى ۋە ئانا ماكانى ۋەئۇيغۇر قەۋىملىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلىرى ناھايتى كەمچىل بولغان.
7. ئەگەر بۇ ئەسەرنى تۈ*ركىي جۈملىدىن ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىگىنىڭ باشلامچى ئەسىرى دەپ قاراشقا توغىرا كەلگەندە شائىرنى پارس تىلى ھەققىدە تۈ*ركىي تىلىدا تەنقىد ۋە تونۇشتۇرۇش ئىلىپ بارغان تۇنجى ئەدىبى تەنقىدچى دىيىش كىرەككى ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئەدەبىي تەنقىدچىسى دىيىشكە بولمايدۇ. ھىچ بولمىسا پارس ئەدەبىياتى ھەققىدە چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدا ئەدەبىي تەنقىد ئىلىپ بارغان تەنقىدچى دىيىش بەكراق ئىلمىي قاراش بولىشى مۆمكىن.
تۈگىدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئابدۇمىجىت.م تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-23 00:43