ئىگىسى: ئابدۇمىجىت.م

«مەجالىسۇن نەفائىس» ھەققىدە قايتا ئويلىنىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-12-6 13:27:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەگزات يوللىغان ۋاقتى  2013-12-6 03:17
ئاللاھنىڭ سالامى ھەممىڭلارغا بولسۇن!
          جانابى ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كۆپچىلىك!

   بۇ تېمىغا مەنمۇ يېقىندىن بېرى دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن، ئەسلىي پەقەت گەپ قىستۇرماي ئولتۇراي دېگەنىدىم، لېكىن تېما بارغانسىرى تاپتىن چىققىلى تۇردى! شۇنىڭ بىلەن ئىككى ئېغىز گەپ قىلغۇم كەلدى.
   بۇ تېمىنىڭ ئىگىسى بولغان ئابدۇمىجىت مۇھەممەد مېنىڭ بۇرۇنقى ئىنگىلىزتىلى ئوقۇتقۇچۇم بولىدۇ، بۇ كىشىنىڭ ئانا تىلدىن بۆلەك ئىنگىلىز، ئەرەپ، پارس، خەنزۇتىللىرىنى بىلىدىغان ئىختىساس ئىگىسى ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، بۇ كىشى بىزگە، جۈملىدىن ماڭا ھەر قايسى جەھەتتىن خېلىلا تەسىر كۆرسەتكەن، مېنى ئىجادىيەتتە يېتەكلەپ ماڭغان كىشى. مېنىڭ قارىشىمدا مەيلى بەگزاد بولسۇن، مەيلى مۇئەللىمىم(ئابدۇمىجىت مۇھەممەد) بولسۇن، ھەممىسىلا خەلق ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا چىن نىيىتىدىن ئاتلانغانلار. شۇڭا مەن بۇلارنىڭ چىن نىيىتىدىن قول بېرىشىپ ئورتاق غايە ئۈچۈن بىرلىكتە ئىلگىرىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ كەلدىم ھەم ئۈمىد قىلىمەن!
  بۇ ماقالىدە كىمنىڭ ھەق، كىم ناھەق، بۇنى دېمەيمەن، چۈنكى كىشى ئۆزى تولۇق بىلمىگەن نەرسىگە ھۆكۈم چىقارسا كۈلكىگە قېلىشى تەبىئىي. ئەمما مېنىڭ توختىلىدىغىم: ئۇيغۇر شېئىرىيەت مۇنبىرى توغرىسىدا بولىدۇ.
   مەن ئۇ مۇنبەرنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدىن بىرى. 3-ئايدا تىزىملاتتىم، 6-ئايدا باشقۇرغۇچى بولدۇم. 3-ئايدىن بېرى ۋاقىت ۋە شارائىت ئەۋزەللىكىدە ئۇ مۇنبەرگە خۇددى ئۆزۈم قۇرغاندەكلا زور كۈچ چىقاردىم.(ئەلۋەتتە باشقىلارمۇ شۇنداق). لاپ ئاتمايمەنكى، شەخسەن مېنىڭ چىقارغان كۈچۈم، قىلغان ئەجرىمگە مۇنبەرنىڭ باشلىقلىقىنى بەرسىمۇ ئەرزىيدۇ، ئەمما مەن ئەزەلدىن ئۇنداق تامالاردا بولۇپ باقمىدىم، ھەم بولمايمەن. مۇنبەر ئىچى-سىرتىدا  ئانچە مۇنچە گەپ سۆزلەرگە قېلىش مەندىمۇ بولۇپ تۇرىدۇ، شۇڭا نەچچە قېتىم باشقۇرغۇچىلىقتىن چۈشىۋېلىشنى ئويلىغىنىم ئۆزۈمگە ئايان. نېمە ئۈچۈن ئادەتتىكى بىر ھەۋەسكار شۇ مۇنبەرگە باشقۇرغۇچى بولۇپ قالدى؟ شۇ چاغلاردا مۇنبەرگە كۈچ قوشىمىز دەيدىغانلار ساناقلىقلا ئىدى، كېيىن بىر قىسم دوستلار مۇنبەرنى كىچىك كۆرۈش، ئىستىقبالىغا كۆزى يەتمەسلىك، ۋە ياكى شارائىتى يار بەرمەسلىك، كۆڭلى قېلىش قاتارلىق ئوبىكتىپ ۋە سۇبىكتىپ سەۋەبلەردە ۋە ئىمكانىيەتسىزلىكلەردە بىزدىن ئايرىلدى، شۇنىڭ بىلەن مەن قاتارلىق نەچچە ئون ئادەملا قالدى. ئىچىمىزدىمۇ مۇنبەر ئۈچۈن جان كۆيدۈرىدىغانلار ئونغىمۇ بارمايتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇنبەردىن ئايرىلىشقا باشلىغان باشقۇرغۇچىلار سەۋەبىدىن بۇ مەنسەپ ئورنى بوش قېلىپ <<مۇنبەر تۆھپىكارلىرى>>دىن بولۇپ قالغان مەن قاتارلىق دوستلىرىم تەبىئيلا باشقۇرغۇچى بولۇپ قالدۇق. خۇداغا شۈكرى، مانا بۈگۈن شۇ قىيىنچىلىق كۈنلەردىن سالامەت ئۆتۈپ مۇنبەرنى  ئەزاسى 500دىن ئاشقان، ئۇستازلاردىن بوغدا ئابدۇللا، ئابدۇقادىر جالالىدىن، يالقۇن روزى، بەرقى، ئۆزباش،  ئادىل تۇنىياز، پەرھات تۇرسۇن، غوجىمۇھەممەت مۇھەممەد، ئۈمىدجان قادىرى...قاتارلىقلارنىڭ دىققىتىگە ۋە رىغبىتىگە نائىل بولغان ھالغا كەلتۈرۈۋالدۇق. يۇقىرقى ئۇستازلاردىن بىر قىسىملار  تا ھازىرغىچە ئەسەر يوللاپ بىز ھەۋەسكارلار بىلەن مۇڭدىشىپ تۇرىدۇ. مىسال ئۈچۈن يېقىندا مۇنبەر يۈزىدە  پەرھات تۇرسۇن ئاكىمىز بىلەن بولغان شېئىرىي سۆھبەتلىرىمىزنى دەپ ئۆتۈش كۇپايە.
   مەن بىر باشقۇرغۇچى، شۇڭا مۇنبىرىمىزنىڭ نامى ئاتىلىپ قالغان جايلاردا چۈشەنچە بېرىش مەجبۇرىيىتىم بار. مۇشۇ تېمىدا تالاش-تارتىش بولغاندىن كېيىن مەن مۇئەللىمىمگىمۇ  ئازراق <<نەسىھەت>> قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن تېما كەيپىياتى سەل بوشايدى.
بەگزاتقا كەلگەندە دەيدىغىنىم: تېما ئىگىىسىنى < ئالىم> دەپ كۆككە كۆتۈرۈۋەتكەنلەرنىڭ ئارىسىدا مەن يوق! شۇڭا بۇ گەپ باشقۇرغۇچى بولۇپ قالغانلىقىمنىڭ گۇناھىغا ماڭا قارىتىلىپ قالسا بولمايدۇ. سىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتا مۇنبىرىمىزگە يوللىغان ماقالىلىرىڭىزدىن فارابىيغا ۋە ھەييامغا مۇناسىۋەتلىكلىرىنى ئوقۇدۇم ۋە سىزگە قايىل بولدۇم. شۇ تېمىلىرىڭىزنىڭ بەزىسى <<چوققا تېما>> قىلىپ كۆتۈرۈلۈپ مۇنبىرىمىزدە ئىززەتلىنىۋاتىدۇ. شۇڭا مەن ئۆزۈمگە ۋاكالىتەن كۆپچىلىكىنى بارچە ئارازلىقلارنى ئۇنتۇپ بۇرۇنقىدەك ياخشى ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلىمەن. ئارىمىزدا ۋەتەن-مىللەت دەۋاسى ياكى خۇن دەۋاسى يوققۇ؟ ئۇنداقتا بىرلىككە كېلەلەيمىز. ئۇلۇغ جۈمەنىڭ ھۆرمىتى بولسۇن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق دېگەنىكەن: << دۈشمەنلىشىپ قالغان ئىككى ئادەمنىڭ قايسىسى ئاۋۋال قارشى تەرەپكە سالام قىلىدىكەن، ئۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياخشىسى...>>!
   يۇقىرىدا دېگەنلىرىم پەقەت ئۆزۈمنىڭ سۆزلىرى، كىملەرنىڭدۇ ھاۋالىسى يوق. ئەسلىي ئۆز ئەسەرلىرىنى يوللاپ قويۇپ شۇنىڭغا چۈشكەن ئىنكاسلارغا مۇۋاپىق گەپ قايتۇرۇپ تىنچ ئۆتكەنمۇ ياخشى ئىدى، لېكىن مۇنبىرىمگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالغان مۇنازىرىگە گەپ قىلماي تۇرۇۋالسام ئۇ چاغدا.......
  بىرەر كىملەرنىڭ زىتىغا تەككۈدەك گەپ قىلىپ قالغان بولسام كەچۈرۈم سورايمەن، لېكىن مەن دېيىشكە تېگىشلىكىنى دېدىم. مېنىڭچە بەگزاد خاپا بولماس، مۇئەللىمىممۇ رەنجىمەس، چۈنكى ئۇلار ئەخلاقىي جەھەتتە ئۇنچىۋالا ناچارلاردىنمۇ ئەمەسقۇ ئاخىر! مەنچە بولغاندا گەپ ئەمدى توختاپ قالسۇن، بىرلىككە كېلەلەيدىغان يەردە بىرلىككە كېلىپ، بىرلىككە كېلەلمەيدىغان يەردە ئۆز قاراشلىرىنى ساقلاپ قېلىش ياخشى ئۇسۇل.( دۆلىتىمىزنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىدىكى بۇ مەشھۇر ھېكمەت زۇڭلى جۇئىنلەينىڭ سۆزى)
   
   بۇ ئىشلار ئەمدى تۈگەپ دوستلۇق بىخلىرى قايتا ئۈنەمدۇ ياكى دۈشمەنلىك نەزەرلىرى بىلەن كۆزلىرىدىن ئۇچقۇن چاچرىتىپ قاراپ ئۆتۈش ۋە ئۆزى ھەم باشقىلارنىڭ كەيپىياتىغا دەز كەلتۈرۈش يەنە داۋاملىشامدۇ، بۇنى كۆپچىلكىنىڭ كېيىنكى ئەمەلىي پائالىيەتلىرى، ئەخلاقىي پەزىلەتلىرى ئىسپاتلاپ كۆرسىتەر بەلكىم...
   ئاللاھ شەپقەت قىلسۇن، ئامىن!
        
   
  

ۋاقتى: 2013-12-6 13:57:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ۋاقتى: 2013-12-28 12:49:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىكىر بىردەكلىكى بولمىسىمۇ دىلىمىز بىر بولسۇن! پاكىت مۇنازىردىن ئۈستۈن. بۇ تېمىغا باشتىن ئاخىر قارىسام قانداقتۇر بىرەر كونا ئاداۋەت ياكى تۈگىمىگەن داۋا- دەستۇرنىڭ ئالامىتى يوقكەن. ئەمما ئاخىرغا كېلىپلا نۇرغۇنلار «ئۆز» ئاتلىق بۇرادىرمىزنىڭ شۇنچە سالماقلىق بىلەن يازغان پىكىلىرنى كونا ئۆچمەنلىكنى دەپ بۇيەردە سۆڭەك غاجاش دەپسىلەر.
ئابدۇمىجىت ئاكىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئىزدىنىش روھى ئارىمىزدىكى زىيالىلاردىن تارتىپ ئوقۇتقۇچى ئۇستازلارغىچە ھەممىنى قايىل قىلىدۇ. باشقىلارنىڭ بىلمىگەن ياكى گۇمان بىلەن قارىغان نەرسىلەرگە ئۆزىنىڭ خاس پىكىرنى ئوتتۇرغا قويۇشى تەبىي. ھەممە ئادامنىڭ ماقالىڭىزنى بىر ئوقۇپلا «ياخشىكەن، راس ياخشى يېزىپتۇ » دېيىشى سىزنىمۇ قانائەتلەندۈرمەيدۇ. باشقىلارنىڭ نادانلىقىدىن تېخىمۇ بۇرۇختۇم بولۇپ يۈرشىڭىز ياكى مەن«شۇ تاغنىڭ چوقىسى ئوخشايمەن » دەپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.   مېنىڭچە سىز ئاۋۋال «ئۆز» نىڭ چۈشىنىكسىز سۇئاللىرىغا بىلدۈرگە بېرىشىڭز، ئۇنى ئىلمىي يۇسۇندا قايىل قىلىشىڭىز كېرەكقۇ دەيمەن.

ۋاقتى: 2015-12-29 20:29:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ نەۋائىيغا قىززىققۇچىلارنىڭ بىرسى ،  سىز گە ئۇتۇق تىلەيمەن ،تىخىمۇ ئىزدىنىڭ

ۋاقتى: 2016-4-7 18:48:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بىر تېمىنى يوللاپسىز، ئىزدىنىش قەدەملىرىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن!...

ۋاقتى: 2016-4-8 13:30:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ئابدۇمىجىت ئىنىمىز تەرىپىدىن ئۇشبۇ مۇنبەرگە يوللانغان «ئەجدادلىرىمىزغا ئائىت ئەڭ قەدىمكى شېئىر پارچىسى» ناملىق ماقالىسىدە مېتود جەھەتتىن ئېيتقاندا بەزىبىر نۇقسانلار بار ئىدى. مەن بۇ نۇقسانلارنى تورداشلار بىلىپ قالسۇن دەپ مۇشۇ «شېئىر پارچىسى»غا دائىر مەزمۇنلارنى تورغا يوللاپ قويغان ئىدىم. مەن ئابدۇمىجىت ئىنىمىزنىڭ «‹مەجالىسۇن نەفائىس› ھەققىدە قايتا ئويلىنىش» ناملىق ماقالىسىنى كۆرگەندىن كېيىن (مەن بۇ ماقالىنى تېخى بۈگۈن، يەنى 2016- يىل 4- ئاينىڭ 8- كۈنى كۆردۈم)، بۇ ماقالىدىمۇ ئوخشاشلا مېتود جەھەتتىن خاتالىق كۆرۈلگەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ناۋايىنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدىكى تېما ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا چېتىلىدىغان ئىنتايىن زىل تېما بولغانلىقتىن، مەن بۇ تېمىنى چۆرىدەپ ئابدۇمىجىت ئىنىمىزنىڭ ماقالىسىدىكى خاتالىق ھەققىدە ۋاقتىم چىققانچە توختىلىپ ئۆتۈشنى لازىم تاپتىم. مەن ۋاقىتنىڭ يار بەرمىگەنلىكى سەۋەبىدىن ھازىرچە پەقەت مۇشۇنداق زىل تېما ھەققىدە ئالدىراپ يەكۈن چىقىرىپ قويمىغان بولساق دېگەننىلا ئەسكەرتىپ تۇرىمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-4-9 01:37:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىمىر يوللىغان ۋاقتى  2016-4-8 01:30 PM
ئابدۇمىجىت ئىنىمىز تەرىپىدىن ئۇشبۇ مۇنبەرگە يوللا ...

شۇنداق قىلسىلا، سېلى "ئەجداتلىرىمىز ھەققىدىكى ئەڭ قەدىمكى بىر شېئىر پارچىسى" ناملىق ماقالىنىڭ مېتۇدى ھەققىدە ئويلىنىپ ئولتۇرغاندا، مەن شۇ ساك، ھۇنلار ياشىغان تۇپراقلاردا ئەجداتلار ئىزىنى ئىزدەپ يۈرەتتىم. بۈگۈن بۇ ماقالىنى ئەمدى كۆرۈپ، يەنە شۇ مېتۇد ھەققىدە باش قاتۇرىۋاتقان مېنۇتلاردا، مەن نەۋايى كەزگەن تۇپراقلارنى، ئۇ تارتقان ئەرزىيەتلەردىن بىر قىسىمىنى تارتىپ، ھىرات، كابۇل تۇپراقلىرىدا نەۋايى ئىزلىرىنى ئىزدەپ كېتىپ بارىمەن.  سۆزلەش كۆپ ئاسان ئىش، قېنى سىلەر گەپلىرىڭلارنى قىلىۋىرىڭلار...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش