ئىگىسى: ئابدۇمىجىت.م

«مەجالىسۇن نەفائىس» ھەققىدە قايتا ئويلىنىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-12-2 00:14:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئابدۇمىجىت شۇنچە تېرىشچانلىق بىلەن ئوقۇۋاتقىنىڭىزغا قايىلمىز. لىكىن مەنمەنچىلىك ۋە ئۆزىڭىزنىڭ راست دەۋالىدىغان چىدىماس مىجەزىڭىزنى تاشلاڭ. سىزگە زىيائۇز تور بېتى زىيان قىلىپ، ئىنكارچىلىقنىڭ يولىنى تۇتۇۋاتقىنىڭىزغا دىققەت قىلىۋاتىمىز.  يۇقۇردىكى تورداشنىڭ ئۆز گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئەجىبا سىزنى خۇش قىلالمىدىمۇ؟ ئۇنىڭ تۈز كۆڭۈللىكى ئۈچۈن بولسىمۇ ئاچچىق تەنە قىلماسلىقىڭىز كىرەك ئىدى. بەلكى پايدىلىنىشىڭىز كىرەك ئىدى. بۇ ئىلىمگەرگە يات بولغان خۇي. بەلكى ئۇ سىزدەك ئىلىمدە ئاكا يوللۇق ئادەم بىلەن ئورتاقلاشقۇسى باردۇ؟ تېخى كىيىنچە قول تۇتۇشۇپ دوستلاردىن بولۇپ قېلىشىڭلار مۇمكىن ئىدى.  سىزگە يا ئابدۇمىجىت ئالىم بولۇپ كىتىپتۇ، مەرھابا، ئاجايىپ ياخشى دېگەندەك ماز سۆزلەر لازىممىتى. مىنىڭچە ئۇنداق ئەمەس.
    ناۋايىشۇناسلىق بەلكىم سىز بىلەنلا تۈگەپ قالمايدۇ، سىزنىڭ ئۆمرىڭىزدىن ئېشىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. سىزدە پاكىت ئاز، سوبيكتىپ قاراشلار ئېغىر. يۇقارقى يازمىڭىزدا سىتاتا ئالغان بىرمۇ مەنبە يوق، ئۆزىڭىزنى خۇددى ناۋايى دەۋردە ياشىغاندەك ھىس قىلسىڭىز كىرەك. ماقالە بىلەن ئەدەبىي ئەسەرنى شالغۇت قىلىۋەتمەڭ.  
   سىز يەنە بىرى ئۆتە تۆھمەتخور ( ئەڭ ئېغىر گۇناھى كەبىر) يۇقارقى گېپىم ئۈچۈن ماڭا يەنە تۆھمەت قىلماي. قىزىپ كەتكەن بېشىڭىزنى سوغۇق سۇدا  يۇيۇۋېتىپ ئەمەتجان مۇئەللىمنىڭ ئىنكاسىغا بىرلەشتۈرۈپ ئويلىنىپ كۆرۈڭ.      سىزگە سالامەتلىك ۋە ئۇتۇق تىلەپ : مۇختار قۇربان ئارتتېكىندىن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arttekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-2 00:34  


ۋاقتى: 2013-12-2 10:39:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئابدۇمىجىت، قانداق ئەھۋالىڭىز؟
سىزگە سەمىمىي  بىر تەكلىپ بەرگۈم كەلدى، نىمىشقا نەۋائىنىڭ مىللىتىنى چوقۇم ئۇيغۇر قىلىش زۆرۈر بولدى؟ نەۋائى ھېچقانداق ئەسىرىدە ئۆزىنى ئۆزبېك ياكى ئۇيغۇر دەپ ئەسكەرىتمىگەن، ئۇ ۋاقىتلاردا ھەم سىتالىن ياشىمىغانلىقى سەۋەپلىك مىللەت ئايرىش ئىشى يوق ئىدى، ئەسەرلىرىنى ھەم مەلۇم بىر تۈركىي مىللەتنىڭ تىلىدا ئەمەس بەلكى «تۈركىي تىل»دا يازغانىدى. يەنى مىللىتى «تۈرك»لا ئىدى خالاس...
قارىسام ئۈستىدە بەزى تالاش-تارتىشلار بوپتۇ، بەزى سوئاللارغا ئىلمىي جاۋاب بەرگىنىڭىز ياخشىراق. بەزى ھىسسىياتى مىڭىسىدىن تېشىپ كىتىۋاتقانلارغا بولسا ھەلا دەپ قويۇڭ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-2 12:43:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولدى، بۇيەرلەردە پىكىرلىشىش بىزگە نىسىپ بولمايدىغان ئوخشايدۇ. ئۇزاق ياشاڭلار...



يارايسىز مۇختەرقۇربان!...

ۋاقتى: 2013-12-2 13:57:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام ئۇلۇغلۇقتىن سۆز باشلىغۇچى،
سالام
ئۆزمەپتۇنلۇقتىن چىقالمىغۇچى ئۆز ئاتلىق جاناپ.
ئۆزنى ئىشلىتىش ئۆزىگە مەپتۇن بولۇشتىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەگەر ئىزدەپ باقسىز «ئۆز' دېگەن سۆزنىڭ ھازىرغىچە 133 خىلغا يېقىن تەبىرى تەكىتلىنىۋاتىدۇ، سىز شۇنىڭ ئىچىدىن ئۆزىڭىزگە تونۇشلۇقنى تاللاپ ماڭا تاڭغىنىڭىزنى چۈشەنمىدىم. بەلكىم شۇنداق ئەھۋالىم بولىشىمۇ مۇمكىن، مەنمۇ ئىنساندە.
سورىغان ھەربىر سۇئاللىرىڭىزغا جاۋاب تەييار.
ئەمما سىز باشتىن ئاخىر مەن سورىغان سۇئالغا جاۋاب بەرمەپسىز...
ئەمما مەن بۇ مۇنبەردە باشتىن ئاخىرى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بىر ئىش، نامەرت بىلەن ئىيتىشمايمان. مەردلەر چاقىرغان مۇنازىرىگە بىرەرقىتىم ياق دەپ يېنىپ باقمىدىم، باقمايمانمەن ھەم باققۇزمايمەن.
قېنى كۆرۈپ باقايلى

ئىنكاسىڭىزدىن قارىسام تۇغۇلۇپلا نەۋايى ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ، مەدرىستىدىكىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىپ، چوڭ بولغان ئىكەنسىز.
مەن مەدرىسىدە ئوقۇپ باقمىغان، مەدرىسىنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان، ئەمما چوڭ بولغان ئۆيدە ناۋايىنىڭ غەزەللىرىنى ئوقۇيتتى، مەن شۇيەردە ناۋايىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان، ئۇيغۇر 12 ئىككى مۇقامىدىن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان. مەن ئوقۇغان باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى دەرسلىكلىرىدە ناۋايىنى تونۇشتۇراتتى، مەن شۇيەرلەردە ناۋايىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان.  خەت ئوقۇيالايدىغان چېغىمدىن  باشلاپ، كىتابلاردىن ناۋايى توغرىسىدىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇپ ، ناۋايىنىڭ ئىسمىنى كۆرۈپ چوڭ بولغان. قىسقىسى كىچىكىمدىن باشلاپ ناۋايىنىڭ ئىسمىنى بىلىپ چوڭ بولغانكەنمەن. (ھەربىر ئۇيغۇر بالىسى بۇنى بىلىشى، ھېچ بولمىغاندا ناۋايى توغرىسىدا ئاڭلىغان بولىشى ئېنىق).  
ئەمما قىزىل رەڭگە بولغان شۈنچە ئامراقلىقىڭىز، ئۆزىڭىزنى ئۇنتۇپ «بىز» دەپ گەپ باشلىشىڭىز ماڭا نورغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلدۇردى.
بۇ پەقەت ئىلمي مۇنازىرە، مۇنازىرەنىڭ رەڭ بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. ئەگەر سىز مۇشۇنىڭدىنمۇ مەن توغرۇلۇق مەلۇماتقا ئېرىشكەن بولسىڭىز، قايىلمەن.
مەن ئۆزۈمگە ۋەكىللىك قىلىمەن. ئېسىمىم، كىملىكىم ئېنىق.
مەنمۇ شۇ ئۆزۈمگە ۋەكىلىك قىلىمەن،ئوخشىمايدىغىنىم بەزىدە ئۆزۈم تەۋە توپقىمۇ ۋەكىللىلك قىلىپ قالىمەن. بەلكىم ھەممە ئادەم شۇنداق بولسا كېرەك
سىز بىلجىرلىمىسىڭىزمۇ چاغاتاي ئۇيغۇرتىلىنى قانچىلىك بىلىدىغىنىم، تېخى سىز كۆرۈشكە ئۈلگۈرمەيۋاتقان تۈرك-رۇنىك، قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىغىدىكى ئابىدىلەرنىڭ ئەسلى تېكىستىنى ئوقۇپ چۈشىنىۋاتقىنىم مېنى بىلىدىغان ئادەملەرگە بەش قولدەك ئايان.

مەن بىلجىرلىمىدىم، بەلكى سىزدىن يازغان ماقالىڭىزدە يازغان پىكىرلەرگە ئىسپات تەلەپ قىلىۋاتىمەن. ئەگەر ئىلىمدا ئىسپات تەلەپ قىلىشنى بىلجىرلاش دەپ بىلسىڭىز ئۇمۇ ھوقۇقىڭىز.
سىز تىلغا ئالغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دەۋرلەر بۇيىچە ئاتىلىشىدىكى يېزىقلارنى بىلىدىغىنىڭىزنى ... نەتىجىسىنى ھايات بولساقلا، كېيىن كۆرەمىز.  
بولدى ئاۋال تىلىمنى يېغىپ تۇرۇپ سىزدىن سوراي؛
1. ئاتا ئانىڭىزنىڭ تايىنى، ئېسمىڭىزنىڭ تىلغا ئالغىچىلىگى بارمۇ؟ سىزكىم سىز؟ (ئەجىبا مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ قايتا قايتا ئوتىرغا قويغان ئۆز ئېسىم كىملىك ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرىشىدىن خەۋىرىڭىز يوقمۇ ياكى دىيارىمىزدىكى ھەممىنى بىلىپ ھېچنىمىنى چۈشەنمەيدىغان ئاكىيۇلار سىمان ياشاشقا كۆنۈپ كەتتىڭىزمۇ؟)
ئىلىم ھەققىدە سۆزلەۋاتقاندا بىراۋلارنىڭ ئاتا-ئانىسى لازىم بولمايدۇ.  ئىنسانلىق ۋە ئىلىم بىلەن شۇغۇللانغۇچى سۈپىتىدە نېمە دەۋاتقىنىڭىزنى ئويلاپ بېقىڭ...
ھەقىقەتەن ئۆزۈمنىڭ نامىنى تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق. ئەرزىمەس قەدىرسىز ئادەممەن. ئەمما ئىسمىمنىڭ تىلغا ئالغۇچىلىكى بار، ئىسمىم مۇھەممەد، سۈپىتى ئەلى، تولۇقى مۇھەممەد ئەلى.
توردا بۇ ئىسمىم بار. لازىم بولسا كۆرۈۋالسىڭىز بولىدۇ. لازىم بولمىسا، ئىسىمنى قويۇپ، ماقالىڭىز توغرىسىدا مۇنازىرە قىلساق بولىدۇ.
2. مېنىڭ نېمىلەرنىڭ بىلىدىغىنىمنى، بۇ ماقالىنى قانداق يازغىنىمنى سۈراشتىن بۇرۇن سىز بىر جاۋاب بىرىڭە، قايسى يەسلىدە ئوقۇۋاتىسىز، قايسى ماڭقۇرتلارنى ئۇستاز تۇتۇپ بۈگۈنگە ئۇلاشتىڭىز؟

بىز بۇيەردە ماقالە توغرىسىدا مۇنازىرە قىلىۋاتىمىز. شۇڭا ماقالە توغرىسىدا سۆزلىشىڭىز كېرەك ئىدى.
ھازىر شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتېتىسدا ئۇيغۇرتىل ئەدەبىيات كەسپىدەئۇقۇۋاتىمەن.(بۇمۇ توردا بار)
ئەگەر سىز ئالىملارچە  قارارىڭىز بىلەن شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتېتىنى يەسلىگە چىقارسىڭىز، ئۇمۇ ئىختىيارىڭىز، ئەمما ئۇ ھۆكۈمەت ئېتىراب قىلغان، راۋۇرۇس ئادەملەرنى تەربىيلىگەن ئالىي مەكتەپ. سىزنىڭ دېگىنىڭىز ھىساب بولماسلىقى مۇمكىن.
ھازىرغىچە ئابدىشۈكۈر موللەك،ئوسمان ئىسمايىل تارىم، غەيرەتجان ئوسمان، زەمىر سەئىدۇللا، ھۆرمەتجان ئابدۇراخمان فىكرەت، مەتتۇرسۇن ئەلى، ئابدۇللا مەتقۇربان، ئابدۇسالام شۈكۈر نوھ، ئابدۇنەزەر، ئابلىمىت ئەھەد بۆگۈ، ئەشرەب ئابدۇللا قۇتزات، ئەخمەت سەيدۇللا، تۇرسۇن قۇربان تۈركەش قاتارلىق ئۇستازلىرىمنىڭ دەرىسىنى ئاڭلاپ باقتىم، نېمە دەۋاتقىنىڭىزنى ئويلاپ بېقىڭ، ماڭقۇرت....

ئۆمرىڭىزدە «مەھەللىڭىز»نىڭ سىرتىغا چىقىپ باقتىڭىزمۇ؟
بۇ  بەك بىمەنە سۇئالكەن....
باشقىسىنى دېمەي تۇراي، ئەسەر تېمىسىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا «مەجالىسۇن نەفائىس ھەققىدە قايتا ئويلىنىش» دەپ قويغىنىم ئېسىمدە...سىز ئۇ تېمىدىكى «ئويلىنىش» دېگەننى قانداق چۈشەنگەنسىز؟
چۈشەندىم، سىزگە قارىغاندا ياخشىراق چۈشەندىم، ئەمما ئىلىمدىكى «ئويلىنىش »بۇنداق بىمەنە، قالايمىقان بولماسلىقى كېرەك ئىدى. ئىلىم دېگەن ئويلىدىم دەپلا يېزىۋىرىدىغان نەرسە ئەمەس، ئۇنىڭ ئىلمىلىكى بولىشى كېرەك.

ئاخىردا سىزگە شۇنى ئەسكەرتىمەن، مەنمەنچىلىك ۋە بىلىمدارلىق كېشىنىڭ كۆزىنى كور قىلغاندا، كىشىدىن ئىلمىي نەتىجە چىقمايدۇ. ئۆز پىكىرىنى دادىل ئىيتالمىغان ، ئۆزىنى ئاشكارلاشقا جۈرئەت قىلالمىغان ئادەم ھەتتا سۆھبەت مەيدانىدا بىر قاراپ قويۇشقىمۇ ئەرزىمەيدۇ. چۈشىڭىزدە بولسىمۇ «تاغنىڭ ئۈستىدە تاغ بار، چوقىنىڭ ئۈستىدە چوقا» دېگەندەك كەلىمىلەرنى ئاڭلاپ قالغىنىڭىز ئېسىڭىزدە بارمۇ؟!...
بۇ گېپىڭىزنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ قويدۇم، ئالدىرىماي كۆرۈپ باقايلى.....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۆز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-2 14:41  


ۋاقتى: 2013-12-2 16:46:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالە ھەققىدە قويۇلغان سۇئاللارغا بېرىلگەن جاۋاب قېنى ؟! مەن تېخى ئۆز ئەپەندى سورىغان سۇئاللارغا ئاسپىرانتلاردەك، تىرىكمەي ئىلىم ئادىمىگەخاس جاۋاب بېرىدىغان ئوخشايدۇ دىسەم، خەقنىڭ نەسەبىنى،ئاتا-ئانىسىنى سورايدىغان نوپۇس ساقچىسىدەك ئىش قىلىدىغۇ؟

ۋاقتى: 2013-12-2 17:03:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى جانباقتى ئاسپىرانتلار  مۇشۇنداق ئەخلەت ، بىر مۇ ئىلمىي پاكىتى يوق، ھەممىىسى خيالى تەسەۋۋۇردىن ئىبارەت بولغان (ئاتاقتا ئىلمىي ماقالە)تاپشۇرۇق ماقالىلىرىنى تورغا يوللاپ ،ئۆزىنىڭ چالا-بۇلا بىلىپ قالغان چەت تىلى ، قەدىمى يېزىق ۋە چاغاتاي تىلىدىن پەخىرلىنىپ،ئىشتانغا پاتماي قالدى!  بۇ نۇرغۇنلىغان ئۈن-تىنسىز تىرىشىۋاتقان ئاسپىرانتلىرىمىزنىڭ يۈزىنى تۈكۈپ، ئۇلارنىڭ نامىنى بولغىغانغا باراۋەر!

ۋاقتى: 2013-12-2 22:42:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقىلارغا ئەسكەرتكەنلىرىمىزنى ئۆزىمىزگىمۇ ئەسكەرتەيلى! نېمە دەۋاتىمىز،نېمە قىلىۋاتىمىز ئۇنۇتمايلى...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-3 01:42:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە دەيدىغانلىرىڭلار بارمۇ؟...يېڭىلگۈچى ئىنسانلار...

ۋاقتى: 2013-12-3 11:33:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۋال يازمىڭىزغا چۈشكەن سۇئاللارغا جاۋاب بېرىڭ. قالدى گەپنى(ئەگەر خالىسىڭىز) ئالدىرىماي ئاستا-ئاستا، ئىلمي دىيىشىمىز. مەن تېخى نەۋاينىڭ ئەسەرلىرىنىڭ قايسىلىرىنى ئوقۇۋاتقاندۇ دىسەم، بىرەر قوليازمىنى كۆرمەپسىز. نەۋايى توغىرىسىدا سۆز ئېچىشتىن بورۇن، نەۋاينىڭ ئەسلى ئەسەرلىرىنى، ھىچ بولمىسا ئۆتكەن ئەسردە نەشر قىلىنغان تاللانما غەزەللىرىنى ئوقۇڭ، نەۋايى نېمە دەپتۇ ، سىز نىمە دەپسىز!      
   




ۋاقتى: 2013-12-3 11:40:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە دەيدىغانلىرىڭلار بارمۇ؟...يېڭىلگۈچى ئىنسانلار...


ماۋۇ گېپىڭىزدىن نەۋاينىڭ ئىسمىدىن باشقىنى بىلىدىغانلىقىڭىزغا گۇمان قىلىمەن!  ئەگەر ئوقۇغان بولسىڭىز  نەۋايى ئەسەرلىرىدىكى ئىلاھى ئىشىق، ئىنساننى سۆيۈش ئىدىيسى ئازراق بولسىمۇ تەسىر قىلغان بولاتتى.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-3 13:30:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاسىمى يوللىغان ۋاقتى  2013-12-3 11:40

يەنە دەيدىغانلىرىڭلار بارمۇ؟...يېڭىلگۈچى ئىنسانلار...

گۇمانلىرىڭىزغا ماۋۇ پاكىتلار جاۋاب بەرسۇن قۇسۇرچى...بولسا بۇلارنى ئۇستازلىرىڭىزغا تەمىنلەپ بېرىڭ. ياخشى ئوقۇسۇن. (ئالدىراش بولۇپ قالدىم بولمىسا نەۋايى ئەسەرلىرىگە تويغۇزاتتىم سىزنى)


纳瓦依诗集手抄书0060_001.jpg


PA220001.JPG


PA230362.JPG


PA230158.JPG


PA220084.JPG

PA220001.JPG

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇمىجىت.م تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-3 13:37  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-3 13:38:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(بۈگۈن يوللىيالايدىغان رەسىم چەكلىمىسى موشۇنچىلىك ئىكەن)

纳瓦依诗集手抄书0060_001.jpg


纳瓦依诗集手抄书0060_002.jpg




纳瓦依诗集手抄书0060_003.jpg

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇمىجىت.م تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-3 13:39  


ۋاقتى: 2013-12-3 14:10:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇمىجىت.م يوللىغان ۋاقتى  2013-12-3 13:38
(بۈگۈن يوللىيالايدىغان رەسىم چەكلىمىسى موشۇنچىلىك ئىك ...

تولىمۇ قىزىق!

ۋاقتى: 2013-12-3 14:25:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈزىڭىزنى بىر ئىلىم ئادىمى دەپ قارىسىڭىز ، مۇنبەردە تولا ئۈزىڭىزنى ئۈزىڭىز ئۇچۇرماي، يازمىڭىزغا چۈشكەن سۇئاللارغا جاۋاب بېرىڭ.

مەن قۇسۇر تاپسام يازمىڭىزدىن تاپتىم، تېخى سىزدەك باشقىلارنىڭ نەسەبىنى سۆرۈشتە قىلىپ، شەخسىيتىگە ھوجۇم قىلىغىنىم يوق.

ۋاقتى: 2013-12-3 16:16:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىرىنداشلار  بىر -بىرىمىزنى ھۆرمەتلەيلى ،قولىمىزدىن كەلسە  قىلىپ يىزىپ كۆرەيلى  باشقىلار شۇنداق ياخش تىمىدا  ئىزدەنسە  ئۇلارغا قولىمىزدىن كىلىشچە مەدەت بىرەيلى ، ياخشى يىزىلغان ئەسەر -ئەمگەكلەردىن ھوزۇر ئالايلى ،كۈلەلمىسەڭ  ھىجايما دىگەندەك بولمىسۇن.
ئابدۇمىجىت ئەپەندى سىزگە ئۇتۇقلار بولسۇن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش