‹‹
ئانىلار بىر قولىدا بۆشۈك تەۋرەتسە، يەنە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ››-
دىگەن سۆز بىكارغا دىيىلگەن سۆز ئەمەس.
ۋاقتىنى بىكارغا ئۆتكۈزمەيدىغان،
ئاتا-ئانىنىغا، ئائىلىسىگە ۋاپادار،
ئۆز ۋەزىپىسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى بىلىپ ۋە ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان،
كەلگۈسى ئۈچۈن تىرىشىپ ۋە تىرمىشىپ كېلىۋاتقان قىز-ئاياللىرىمىز ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس.
بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يەنىلا بىزنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدە كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيدىغانلىقىغا ئالاھىدە ئىشىنىمەن.
بولۇپمۇ ئۆز دەردىدىن ئېشىنىپ،
باشقىلار ياردەم تەلەپ قىلمىسىمۇ، ئۆزلىگىدىن ياردەم قولىنى سۇنىدىغان-
ئىككىنچى بىر مىللەت كۆرمىدىم تېخى.
ئۇيغۇرۇم مېنىڭ!
سېنىڭدىن ۋە ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ يارالغانلىقىمدىن مىڭ مەرتىۋە پەخىرلىنىمەن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا =intizar= تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-23 09:11