ئىگىسى: eybuyaqup

شاڭخەي: ئەدىبلەر خاتىرىسى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  232
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1715
تۆھپە : 10
توردا: 222
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-2

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 17:11:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايسىمە ئىدرىس ، ئۆمەرجان سىدىق ....قاتارلىق بارلىق قەلەمكەشلىرىمىزنىڭ شاڭخەيدىكى كۈنلىرى مەنىلىك ھەم خوشال ئۆتۈشىنى ، قەلىمىدىن ئېسىل دۇردانىلەر تۆكۈلىشىنى تىلەيمەن !

ئاتاسى بارمۇ توشقاننىڭ ؟
ئاناسى بارمۇ توشقاننىڭ ؟
بۇ يۇرتتا نىمەسى بار -
مېنىڭدەك بەختى قاچقاننىڭ ؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  204
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 123
تۆھپە : 0
توردا: 14
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-10

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 17:37:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايسىمە خانىم قاتارلىق ئۇستازلارنىڭ ئىشلىرىغا بەركەت تىلەيمەن!!!!

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28
يازما سانى: 301
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 3
توردا: 167
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 19:36:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ، ماۋۇ بەك ئېسىل ئىش بوپتۇ. بولۇپمۇ ھۆرمەت نەزىرىمدىكى مەن ياخشى كۆرىدىغان ئاكا - ھەدىلەردىن ئەيبۇ ياقۇپ، ئەنۋەر ھوشۇر، ئوسمان قاۋۇل، ئابباس مۇنياز، ئايسىمە ئىدرىسلارنىڭمۇ بۇ پائالىيەتتە بولىشى مېنى بەكمۇ سۆيۈندۈردى. ھەممىڭلارغا سېغىنىپ سالام! يوللىرىڭلارغا گۈل تىلەيمەن!

ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس، بەلكى بىر شېرىن مەسئۇلىيەت. _ رەشىد

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 1908
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5639
تۆھپە : 8
توردا: 404
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 19:48:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2328
تۆھپە : 233
توردا: 1390
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 19:55:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

   بۈگۈن (5-ئاينىڭ 23-كۈنى) چۈشتىن ئاۋال خىزمەتكە چىقىپ، بۇ قېتىمقى شاڭخەيدىكى ئۈگۈنىش پائالىيىتىنىڭ جەريانلىرى، شاڭخەي يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ قىزغىن،ئىنچىكە ۋە ئەستائىدىلىق بىلەن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەنلىكى، ياش يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئورۇنلىشىش ۋە ئۈگۈنىش ئەھۋالى، يېتەكچىلەر ھەم مەخسۇس ئۈگۈنىش ئۈچۈن تەكلىپ قىلىنغان پىرافىسسورلارنىڭ دەرس لاھىيەلىرىنى رەئىسىمىز ئازات سۇلتان مۇئەللىمگە قىسقىچە دوكلات قىلىپ، تورىمىزدىكى ئۈگىنىشكە ئائىت ئۇچۇرلاردىنمۇ ئۇنى خەۋەردار قىلغان ئىدىم.

تېخى باياملا رەئىس ئازات سۇلتان ماڭا تېلىفۇن بېرىپ، توردىن بۇ قېتىمقى ئۈگۈنىشكە ئائىت بارلىق ئۇچۇرلارنى كۆرگەنلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ مۇنداق بىرقانچە تۈرلۈك پىكىرىنى تورىمىز ئارقىلىق كۆپچىلىككە ھاۋالە قىلىپ قويۇشۇمنى ماڭا تاپشۇردى:


1.توردىن بۇ قېتىمقى ئۈگۈنىشكە ئائىت ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ بەك خۇش بولدۇم. بۇنداق پۇرسەت ھەممىمىزگە كېلىۋەرمەيدۇ. شاڭخەيدىكى يازغۇچىلىرىمىزنىڭ مىنۇت - سېكنۇتنىمۇ قولدىن بەرمەي تەستە قولغا كەلگەن بۇ پۇرسەتنى قەدىرلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

2.ئۆمەرجان سىدىقنىڭ خاتىرىسىنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقتىم، ئۇ ئېرىنمەي بىزگە كۆپلىگەن ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈپتۇ. مېنىڭچە بۇنىڭ قىممىتى بار. ھازىر تورىمىزدا ناھايىتى كۆپ ئادەم بۇ قېتىمقى ئۈگۈنىشكە قىزىقىۋاتىدۇ. بولسا ئۆمەرجان خاتىرىنى داۋاملىق  تېخىمۇ تەپسىلى يېزىپ تۇرسا، كۆپچىلىك تېخىمۇ  كۆپ نەپكە ئىگە بولىدۇ.


3.ئەدەبىياتىمىز ۋايساشقا ئەمەس، ئىلھام - مەدەتكە تېخىمۇ ئېھتىياجلىق. بولسا ئۈگۈنىشكە قاتناشقان ھەممەيلەن تۈرلۈك ژانىر، تۈرلۈك شەكىللەردە ئۈگۈنىش تەسىراتلىرىنى يېزىپ، كەڭ ئەدەبىيات ئاشىنالىرىنىڭ يېزىش قىزغىنلىقىغا ئىلھام بەرسە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.


4.ھازىر تور بىزگە تېخىمۇ قولاي شارائىتنى ھازىرلاپ بەردى. شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن، شاڭخەيدىكى بۇ 12 نەپەر يازغۇچىمىزنىڭ ئۈگۈنىشى 12 ئادەم بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. بىز توردىن ئىبارەت بۇ ئەۋزەل ئىمكانىيەتتىن پايدىلىنىپ، كۆپلەپ يېڭى ئۇچۇر ۋە يېڭى بىلىملەرنى قوبۇل قىلىشىمىز لازىم. شاڭخەيدىكى يازغۇچىلىرىمىزمۇ ئۈگۈنگەنلىرىنى، ئاڭلىغانلىرىنى ئېرىنمەي تور ئارقىلىق باشقىلارغا يەتكۈزۈپ،توردا بىرلىكتە ئۈگۈنىش، ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش، ئورتاق ئىلگىرلەش مۇھىتىنى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقارسا بولىدۇ.



    ئىلاۋە: رەئىس ئازات سۇلتان بۇ قېتىمقى ئۈگىنىش پائالىيىتىنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى ۋە ئورۇنلاشتۇرغۇچىسى. ئۇ خىزمىتىنىڭ شۇنچە ئالدىراشلىقىغا قارىماي، يەنە ئالاھىدە ئۈگۈنىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە.شاڭخەيدىكى يازغۇچىلىرىمىز ۋە تورداشلارنىڭ بۇنىڭدىن چىن سەمىمىيەت ۋە چوڭقۇر مەنىلەرنى چۈشىنىپ يېتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز!


www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2328
تۆھپە : 233
توردا: 1390
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 21:20:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارىلىقتىكى سۈرەتلەر:

DSCF0150.JPG

چېڭخۇاڭمياۋ سودا رايۇنىدا

IMG_3674.JPG

چۈشلۈك تاماقتىن كېيىنكى قىسقا دەم ئېلىش

IMG_3736.JPG

شىنتەندى پىيادىلەر كۆچىسى

IMG_3738.JPG

ئالتۇنگۈل رەجەپ بىلەن دىلبەر ئامۇت

IMG_3755.JPG

شاڭخەي "ئەدەبىيات لاگىرى''نىڭ ئالدى دەرۋازىسى

IMG_3757.JPG

ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىنىڭ ئالدىدا

www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  478
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 352
تۆھپە : 0
توردا: 126
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-6-29

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 21:36:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەرجان، ئەنۋەر ھوشۇر، بۇرادىرىمىز نۇرمۇھەممەد ئۇچقۇن ھازىر شاڭخەيدە دوكتۇرانتلىقتا. كۆرۈشۈپ قويۇڭلار.
تېلفۇن  نومۇرى ئۇرۇمچىدە ئىشلەتكىنى

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2328
تۆھپە : 233
توردا: 1390
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 21:42:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇلھەمىد يوللىغان ۋاقتى  2012-5-23 21:36
ئۆمەرجان، ئەنۋەر ھوشۇر، بۇرادىرىمىز نۇرمۇھەممەد ئۇچق ...

ئەنىۋەر ھوشۇر بىلەن بىلەن تېلىفۇندا سۆزلەشتىم، نۇرمۇھەممەد ئۇچقۇن بۈگۈن ئۇلارنى يوقلاپ چىقىپتۇ، ھازىر ئۇلار بىلەن قىزغىن سۆھبەتلەردە بولىۋېتىپتۇ.

www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  478
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 352
تۆھپە : 0
توردا: 126
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-6-29

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 22:21:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلكەشلەرنىڭ شاڭخەيدىكى كۈنلىرى مەنە ۋە ھېكمەتلەر بىلەن تويۇنغاي. سۈرەتلىرىڭلاردىن ۋە ئۆمەرجان سىدىقنىڭ يازمىسىدىن مېنىڭمۇ ئاز كەم ئالتە ئايلىق  شاڭخەيدىكى ھاياتىم ئېسىمدىن كەچتى. بىر ئۇيغۇرنى كۆرسەم ، ھەتتا يانچۇقچى  بولسىمۇ، دەپ قايناق كوچىلاردا  ئەتراپقا قاراپ  تەلمۈرۈپ كېتىشلىرىم، ماي ئايلىرىنىڭ ئاخىرىدىكى چىدىغۇسىز ھۆل ئىسسىقتىن بەدىنىڭگە چىقىپ كېتىدىغان يەلتاشمىلار، ئازراقلا يامغۇر ياغسا كۈۋەجەپ دەريا بولۇپ ئاقىدىغان چوڭ كوچىلار، قەدەمدە بىر تاراقلاپ چىقىپ كېتىدىغان سول تىزىم، ئەركىن داۋۇت ئوغۇزنىڭ «ئۇكاماۋوي، نىمە ئىشا بۇ؟ دەپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي ھەيران قېلىشلىرى... يالقۇن باشلىق مېنى يىتىلەپ دۇختۇرخانىغا ماڭسا ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ «خاۋازى تۆگىسىنى يېتىلەپ ماڭدى» دەپ سۈيۈنۈپ تۇرۇپ زاڭلىق ئېتىشلىرى (يالقۇن بەك پاكار ئىدى) يادىمدىن كەچتى. قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىزدىنىش سەپىرىدىن مەنە ھاسىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. سىلەرنىڭ بىر ئايلىق ئۆگۈنۈشتىكى دىلكەشلىكىڭلار بىر ئۆمۈرلۈك بولىدۇ دەپ بىلىمەن...

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1087
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 41
تۆھپە : 0
توردا: 6
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 22:27:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                    شاڭخەي: ئەدىبلەر خاتىرىسى (2)

                                               ئۆمەرجان سىدىق

                                                         (داۋامى)


يۇقىرى سەۋىيەلىك، ئۆزگىچە مىتۇدتىكى دەرسلەر


22 – ماي كۈنى شاڭخەي ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى چېن مىڭ مۇئەللىم «ئىجادىي پىكىر يېزىقچىلىقى ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش تەجرىبە دەرسلىكى» نىڭ «ھېكايە قىلىش شەكلى»ناملىق باپى «بايان قىلىش» ۋە «نامايان قىلىش» تارماقلىرىنى ئۆتتى. ئۇ بۇ دەرسلەردە لۇ شۈننىڭ «AQنىڭ تەرجىمھالى»، شېن سوڭۋېننىڭ «چېگرا شەھەر»، يۇ دافۇنىڭ «كېچىكىپ ئېچىلغان گۈيخۇا گۈلى»، ۋۇيىنچنىڭ «كۆكۈيۈن»، ھېمىڭۋاينىڭ «قاتىل»، كېلوبىرنىڭ «بوۋارىي خانىم»، ساۋ شۆچىننىڭ «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»ناملىق مەشھۇر ئەسەرلىرىدىدىن كونكرېت مىسال ئېلىپ، «بايان قىلىش» بىلەن «نامايان قىلىش» نىڭ ئۇسۇلى، مۇناسىۋىتى، ماھارىتى قاتارلىقلارنى ئۆزگىچە ئۇسۇلدا شەرھيلىدى.
23 – ماي، گې خوڭبىڭ مۇئەللىم «تۇيغۇنى ئېچىش» تېمىسىدىكى دەرسنى داۋاملاشتۇردى. بىر قىز ساۋاقدىشىمىزنى ناخشا ئېيتىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى، ئايسىمە «لاچىن سوققان توشقاننىڭ» ناملىق خەلق ناخشىسىنى ئېيتتى. «لاچىن سوققان توشقاننىڭ، جاڭگالدا ئۇۋاسى بار. بىز غېرىب مۇساپىرنىڭ، بۇ يۇرتتا نېمەسى بار…» اخشىدىكى مەزمون  ھەممىمىزنىڭ يۇرتتىن ئايرىلغان كەيپىياتىغا ماس كەلگەچكە، ئىختىيارسىز ناخشىغا قوشۇلۇپ كەتتۇق. نۆۋەت ئوغۇل ساۋاقداشلارغا كەلگەندە مەن «ئايخېنىم سۈزۈك چىراي »ناملىق ناخشىنى ئېيتتىم. «تۇرنىلار قاتار، قاتار، ئاي بولسا، ئايدىڭ بولسا. يۈرىكىم راھەت تاپۇرمۇ، كۆڭلۈمدىكى يار بولمىسا. مەن كېتەرمەن باش ئېلىپ، ئىككى قولۇمغا تاش ئېلىپ. بىزنى سۆيگەن شۇ يارلار، قالدى كۆزىگە ياش ئېلىپ». بۇ ناخشا تەبئىيلا يىراقتا قالغان يار – بۇرادەلەرنى ئەسكە سالدى. گې مۇئەللىم ناخشىلارنىڭ مېلودىيەسىگە مەپتۇن بولۇپ، نۇرگۇل ئەبەينىڭ باشچىلىق قىلىشى، ئادىلە ئېزىز سىڭلىمىزنىڭ ياردىمى ۋە بىزنىڭ ئۇيەردىن بۇ يەردىن خەنزۇچە چۈشەندۈرۈشىمىز بىلەن ئىككى ناخشىنىڭ تولۇق تېكىستىنى دوسكىغا خەنزۇچە يېزىپ چىقتى. سەل دەم ئېلىشتىن كېيىن ئۇ بىزنى ئون مىنۇت كۆزىمىزنى يۇمۇپ تۇرۇپ، ئۆزىمىزنى ئەركىن قويۇۋېتىپ، ئارام ئېلىش ھالىتىدە تۇرۇپ، قەلبىمىزنى تىڭشاشقا ئورۇنلاشتۇردى.  كېيىن بىزنىڭ بارماق دېسكىمىزدىكى ئۇيغۇرچە ناخشىنى قويۇپ بېرىپ، سىنىپتا ھەممىمىزنى ئۇسسۇلغا تەكلىپ قىلدى … بۇ تەرتىپلەر تۈگىگەندىن كېيىن ئۇ دەرستىن خۇلاسە چىقىرىپ مۇنداق دېدى: ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى ئىنتايىن چوڭقۇر مەنەگە ئىگە ئىكەن، ئەڭ مۇھىمى ناخشا  ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش، پىكىر بايان قىلىشقا جۈرئەت قىلىشنىڭ ئۆزى بىر غەلىبە. مانا بۇ ئۆزىنى قويۇۋېتىش، ئەركىن بولۇش، ئۆزىدىن چاچراپ چىقىشتىن ئىبارەت. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قەلبىدە گۈزەل پىكىرلەر، شېئىرىي تۇيغۇلار بولىدۇ، لېكىن بىر قىسىم كىشىلەر بۇنى ئىپادىلەشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ. جۈرئەتلىك ئادەملا ئەڭ گۈزەل ئادەم، ئەڭ ئىش قىلالايدىغان ئادەم سانىلىدۇ، سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت كۆپچىلىكنى ئېچىش، قەلبىنى، ھېسسىياتىنى، تۇيغۇسىنى ئېچىشتىن ئىبارەت. مۇئەللىم يەنە بىزنىڭ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ ئەكەلگەن ئەسەرلىرىمىزنىڭ بار – يوقلۇقىنى سورىدى. مەن، ئوسمان قاۋۇل، ئابباس مۇنىياز بىرقانچەيلەن مۇئەللىمنىڭ كومپۇتېرىغا خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلىرىمىزنى كۆچۈرۈپ بەردۇق. مەن يەنە خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان «ئادەم»ناملىق شىئېرىمنى خەنزۇچە دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردىم، مۇئەللىم خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلىپ بارغان «توغراققا ئايلانغان ئادەملەر»ناملىق ھېكايەمنى قىسقىچە تەھلىل قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: سىلەر 12 شىنجاڭلىق يازغۇچىنىڭ شاڭخەيگە جەم بولۇشى بىر تەقدىر، ئەسەرلىرىڭلارنى پاتراق خەنزۇچە تەييارلىساڭلار، سىلەر 12 يازغۇچىنىڭ ئەسىرىدىن خەنزۇچە بىر توپلام تۈزسەك ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك ئىش بولىدۇ.
دەرس ھەقىقەتەن كۆڭۈللۈك، ئەركىن – ئازادە، يەڭگىل، جەلپكار بولغان ئىدى، گې مۇئەللىم بىز ئويلاپمۇ باقمىغان ئاددى ئۇسۇللار بىلەن بىزگە نۇرغۇن يېڭى بىلىملەرنى بىلدۈردى.

ئىرادىمىز چىڭ

ئۆگىنىشكە كىرىشكەنچە ئىرادىمىز بارغانسېرى چىڭىپ باردى. سۈرۈشتۈرۈشىمىزچە،  شاڭخەيدە گې خوڭبىڭ مۇئەللىمدەك بۇنداق مەشھۇر شەخسلەر بىلەن ئۇچرىشىشمۇ تەس ئىكەن، بىراق، يىراق شىنجاڭدىن كەلگەن بىزدەك ئاددىي ئەدەبىيات ئاشىنالىرى ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ، يېقىن ئەل – ئاغىنىدەك پىكىرلىشىپ ئولتۇرۇپتىمىز. يەنە بۇ يەردە بىز ئۈچۈن ھەممە نەرسە تەقلەنگەن، ياتاقلىرىمىزدا تېلېۋىزور، توڭلاتقۇ، بىردىن كومپيۇتېرلار تولۇق، خىزمەتچىلەر ھەر كۈنى ياتاقلارغا يېڭى مېۋىلەرنى ئەكىرىپ قويىدۇ، ياتاق ۋە ھويلىنى توختىماي تازىلاپ تۇرىدۇ، ئاشپەزلەر تاماقلارنىڭ ئوخشىغان ئوخشىمىغانلىقىنى سوراپ تۇرىدۇ، شاڭخەي شەھەرلىك مىللەت – دىن ئىشلىرىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى «شاڭخەي مەرۋايىتى»مېھمانسارىيىنىڭ مۇسۇلمانچە ئاشخانىسىنىڭ بىر ئاشپىزى ھەر كۈنى بۇ يەرگە ئالايىتەن چىقىپ، تاماق ئېتىپ بېرىدۇ.  ئۇلار ھەر قانداق نەرسە سېتىۋېلىشتا مۇسۇلمانچە بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ. ئاشخانىدا ھەر دائىم نەچچە خىل تاماق، قورۇمىلار تەييار ھالەتتە تۇرىدۇ. بۇنداق شارائىتتا ئۆگەنمەسلىككە نېمە ھەققىمىز بار؟ شۇڭا سىنىپ باشلىقى ئەنۋەر ھوشۇرنىڭ باشچىلىقىدا ھەممىمىز كېلىشىپ تەرتىپلىك تۇرمۇشنى باشلاپ كەتتۇق: ھەر كۈنى سەھەردە ئورنىمىزدىن تۇرۇپ، ئەتراپنىڭ ساپ مۇھىتىدىن بىردەم بەھر ئالىمىز، ئۈچ ۋاقلىق تاماققا ۋاقتىدا كىرىپ، 13 ئادەم بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك گوڭۇر – مۇڭۇر تاماقلىنىمىز. دەرسكە ئوقۇتقۇچىلاردىن 5 مىنۇت بۇرۇن كىرىپ بولىمىز، دەرس ۋاقتىدا يانفونلارنى ئېتىۋېتىمىز، دەرسلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايمىز. تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن توپ – توپ بولۇشۇپ، ئەتراپنى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە ئايلىنىمىز. ئۇنىڭدىن كېيىن ياتاقلارغا قايتىپ، جىددىي ئىجادىيەتكە كىرىشىپ كېتىمىز. ھەممەيلەننىڭ ئىلھاملىرى قايناپ تاشقان، يوپيورۇق نۇر چېچىپ تۇرغان ياتاقلارغا قارىغان كىشى ھەر بىر ياتاقتا كومپيۇتېرغا، خاتىرىسىگە مىختەك قادىلىپ ئولتۇرغان ھاياجانلىق گەۋدىلەرنى كۆرۈدۇ، بارماق، قەلەملەردىن تۆكۈلۈۋاتقان لىرىك مىسرا، ھېسسىياتلىق جۈملىلەرنى كۆرىدۇ. چارچىغاندا يەنە يىغىلىپ، پاراڭغا چۈشىمىز، پاراڭ تېمىلىرىنىڭ دائىرىسى ناھايىتى كەڭ، دۇنيا، خەنزۇ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، ئەدەبىياتىمىزدىكى يېڭى ئۇچۇرلار، كىتابلار، ئۆزىمىزنىڭ ئىجادىيەت ئەھۋالىمىز، يۇرتتىكى ئۆزگىرىشلەر، ئائىلە، شەخسىي كەچۈرمىشلىرىمىز، ببېشىمىزدىن ئۆتكەن قىزىقارلىق ئىشلار قاتارلىق مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسىگە چېتىلىدۇ. بازىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ بىزگە بىلدۈرگەن ھۆرمىتىگە يارىشا بىزمۇ ئۇلارغا ھەر قاچان سالام بېرىپ، ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ تۇرىمىز.  
ئەلۋەتتە بۇلار بىلەنلا توختاپ قالمىدۇق، كەچلىكلىرى ئۆز ئارا مەخسۇس تېمىلارنى چىقىرىپ، مۇھاكىمە، سۆھبەت ئېلىپ بېرىش، ئەسەرلىرىمىزنى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇپ، پىكىر ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش… قاتارلىق پىلانلارنى تۈزدۇق. بىزنىڭ تۇنجى بولۇپ ھېس قىلغىنىمىز ۋە ئازابلانغىنىمىز شۇ بولدىكى - شىنجاڭدىكى، ئۇيغۇر تىللىق مۇھىتتىكى بارلىق ئەدەبىي سالاھىيەتلىرىمىز بۇ يەردىكى خەنزۇ تىللىق مۇھىتتا نۆلگە ئايلاندى. بۇ يەردىكى ئوقۇرمەنلەر بىز ئەمەس، خېلى مەشھۇر ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىدىنمۇ خەۋەرسىزكەن، چۈنكى، بىز پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئۇيغۇر تىلىدا ئىجادىيەت قىلىدىغان بولغاچقا، بىزنىڭ ئەسەرلىرىمىز، نامىمىز بۇ يەرگە پۈتۈنلەر ناتونۇش ئىكەن. بۇنىڭدىن كېيىن بىز ئەھمىيەت بېرىدىغان بىرىنچى ئىش – ئەسەرلىرىمىزنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىش، خەنزۇ تىلىدا يازىدىغان، خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىدىغان تەرجىمان، ئاپتورلارنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈش ئىكەن. ئەلۋەتتە ئۆزىمىزدىن ئىپتىخارلانغان يېرىمىزمۇ يوق ئەمەس، بۇ يەردىكى سۆھبەتلەردە، دەرس ئارىلىقلىرىدا دۇنيا، خەنزۇ ئەدەبىياتى، يېڭى ئېقىملار، يېڭى ئەسەرلەر ھەققىدە گەپ بولغاندا  بىز خەنزۇ تىلىدا بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەرنى ھاياجان بىلەن سۆزلىشىپ كەتتۇق. چۈنكى، بۇ يەردىكى مۇتلەق كۆپچىلىكىمىز ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان دۇنيا، خەنزۇ ئەدەبىياتى نەمۇنىلىرىنى ئوقۇغان، بىر قىسىملىرىمىز خەنزۇچە ئەسەرلەرنى بىۋاسىتە ئوقۇغان، بۇ ھەقتىكى بىلىملەردىن تور ۋە ھەر خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق خەۋەردار تېپىپ تۇرغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ قايىللىقىنى قوزغىدۇق. ئۇلار بىزنى «سىلەرنىڭ ئەدەبىيات بىلىمىڭلار بىز ئويلىغاندىن چوڭقۇركەن، ھازىرقى زامان ياش ئۇيغۇر يازغۇچلىرى بولۇشقا مۇناسىپكەنسىلەر»دېيىشتى.
دەرۋازىدىن چىقىپ، سولغا قايرىلساق بۆك – باراقسانلىق كۆجۈم مەھەللىگە، ئوڭغا قايرىلساق جىڭزې بازىرىغا بارىدىغان يولغا چىقىمىز. ئاستىدا ئۇلۇغ سۇ جىمجىت ئېقىپ تۇرغان ليەنشى كۆۋرۈكىدىن ئۆتسەك كىچىك بازارغا كىرىمىز. بازاردىكى ھەممەيلەن بىزگە ئەجەپلىنىش، ھەيرانلىق بلەن قارىشىدۇ. چۈنكى، بۇ قېتىم ئۆگىنىشكە كەلگەن ھەممەيلەن دېگۈدەك بويلۇق، تەمبەل بولغاچقا، بۇ يەردىكى ۋىجىك، ئوتتۇرا بوي كىشىلەردىن روشەن پەرقلىنىمىز. شۇ پەيتلەردە ئۈرۈمچىدىن ئۇزاش ئالدىدا شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، شائىر ئابلىكىم ھەسەننىڭ گېپى يادىمىزغا كېلىدۇ: «شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى بۇ قېتىمقى شاڭخەيدىكى ئۆگىنىشكە ئادەم تاللاشتا بويغا قاراپ تاللاپتۇ، ھەممىڭلار ئېگىز، بويلۇقكەنسىلەر، شۇڭا مەن بۇ سانغا مەن كىرەلمەپتىمەن»دېگەندە ئەيبو ياقۇپمۇ قايتۇرۇپ چاقچاق قىلىپ:«راست، تۇنجى قېتىم بارىدىغان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى بولغاچقا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە ئوبرازىنى نامايان قىلسۇن، دەپ مۇشۇنداق تاللىدۇق»دەپ ھەزىل قىلغان ئىدى. يەنە بىرى دىلبەر خانىم بىلەن، ئايسىمە خانىمنىڭ ئوتتەك يېلىنجاپ تۇرغان ئەتلەس كۆينىكى بۇ يەردىكىلەرنىڭ كۆزىنى ئالىچەكمەن قىلىۋەتكەن ئىدى.
دىلبەر خانىم قويۇق قەشقەر تەلەپپۇزىدىكى ئاچچىق چۈچۈك پاراڭلىرى، گەپدانلىقى بىلەن بىزنى كۈلدۈرسە، تۇرسۇن مەخمۇت، ئابباس مۇنىيازلار قىسقا، مەنىلىك چاقچاقلىرى بىلەن پاس چىقىراتتى. ئوسمان قاۋۇل، مۇختەر سوپىلار ئېغىر بېسىقلىقى بىلەن توپىمىزنىڭ ۋەزنىنى تەڭشەيتتى. زامانىدىن بىلەن ئايسىمە دەرسكە ئەڭ كۆپ پىكىر قاتناشتۇراتتى. ئالتۇنگۈل بىلەن نۇرگۈل بىزنىڭ لەڭمەن سېغىنىشىمىزنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئۆز قوللىرى بىلەن تاماق ئېتىشكە تەييارلىناتتى. ئەنۋەر ھوشۇر كۇرسانتلارنىڭ ئەسەرلىرىنى يىغىش، ئوقۇتقۇچى، خوجىلىق خادىملىرى بىلەن كېڭىشىش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل ئىدى. ياقۇپ كېرەم بولسا «بەك ياخشى يەركەن بۇ، بەك ياخشى يەركەن»دەپ يوغان ئاۋازى بىلەن بېشىنى چايقاپ، كۆزىمىزگە تىكىلىپ قاراپ كېتەتتى. ئادىلە سىڭلىمىزنىڭ «تاماق پىشىپتۇ، ئاشخانا كىرەيلى» دېگەن يېقىملىق ئاۋازى پات – پات ئاڭلىنىپ تۇراتتى. چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ شاڭخەيدىكى شەر*قىي جۇڭگو پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇتقۇچىسى، ياش تەتقىقاتچى نۇرمۇھەممەت ئۇچقۇن بىزگە تېلېفون ئۇرۇپ، يوقلاپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ «شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»دىن، بۇ توردىكى ئابدۇلھەمىد قاتارلىق تورداشلارنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن بىزنىڭ شاڭخەيدە ئىكەنلىكىمىزنى ئۇقۇپتۇ. بىزمۇ ئەسلىدە كەچتە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرماقچى بولۇپ تۇراتتۇق. نۇرمۇھەممەت بىرمۇنچە كۆڭلىنى ئېلىپ، شۇنچە يىراق يولنى بېسىپ، تاكسى بىلەن يېنىمىزغا چىقىپتۇ. ئۇنىڭ بۇ روھىدىن قاتتىق تەسىرلەندۇق. كەچتە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى قىلدۇق، بەس – بەس بىلەن شېئىر، نەسر دىكلاماتسىيە قىلىشتۇق، ھاياجانلىق نۇتۇقلارنى سۆزلەشتۇق. ھەزىل – چاقچاقلار، ناخشا – ئۇسۇللار بىلەن كۆڭۈل ئېچىشتۇق. نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇن نۆۋەتتىكى خەنزۇ ئەدەبىياتى ھەققىدە سۆزلەپ بەردى. ئەھمىيەتلىك سورۇنىمىز بېيجىڭ ۋاقتى سائەت ئون بىلەن ئاخىرلاشتى. مەنمۇ ياتاققا قايتىپ، شۇ جىددىيچىلىك ئىچىدن ۋاقىت چىقىرىپ خاتىرىنىڭ بۈگۈنكى قىسمىنى يېزىپ تۈگەتتىم.  ئاخىرىدا شائىر، نەسىرچى ئوسمان قاۋۇلنىڭ بىزگە يازغان چاقچىقى ۋە ئايسىمە ئىدرىسنىڭ ئەتلەس كۆينەك كىيىپ كوچىغا چىققان ۋاقتىدا يازغان شېئىرى بىلەن بۈگۈنكى خاتىرىنى ئاخىرلاشتۇردۇم.

كۇرسانت دوستلارغا چاقچاق:

بازارغا باردى ئەنۋەرجان ئۆزىگە باب ئاياغ ئىزدەپ،
يەنە ئوسمان بىلەن بىرگە مۇۋاپىق قول چىراغ ئىزدەپ،
ئۇلۇغ سۇدىن قېيىق بىرلە ئۆتۈشكە ھەم پالاق ئىزدەپ،
شۇ چاغ نۇرگۈلمۇ دوقمۇشتا تۇراتتى خۇشپۇراق ئىزدەپ.

كۆڭۈلنىڭ سوۋغىتىدۇر، دەپ جىمى دوستلارغا ئالدى مەي،
دېيىشتى يولدا كەلگۈچە شۇلار بىر ئېچىلىپ كۈلگەي،
بۇ جىمجىت يەردىكى كۈنلەر شۇنىڭدا مەنىلىك ئۆتكەي،
بۇ ئىش بولدىكى چۆللۈكتە يۈگۈرگەندەك بۇلاق ئىزدەپ.

قىزىق گەپلەردە ئابباسمۇ قىزىتتى كۇرسىنى ھەر كۈن،
ئاڭا ھەمدەم بولۇپ دىلبەر بىلەن مىسكىنمۇ قاتتى ئۈن،
ئۆزى ئېغىر، سۆزى چوڭقۇر شۇ ئالتۇنگۈل بىلەن تۇرسۇن –
تېخىمۇ ئىنتىلەر سۆزنى پىشۇرماققا ئوچاق ئىزدەپ.

زامانغا ئايسىمە تەڭداش بولۇپ ئوقۇشسا ئېسىل شېئىر،
تۇراتتى ياندا مۇختەرجان بىلەن ياقۇپ كۈلۈپ خىر – خىر،
بۇ گۈلدەك بەزمىگە گۈلدەك قوشۇلدى ن. ئۇچقۇن ئاخىر،
ۋە يانغا تەلمۈرۈپ دەرھال قاراپ كەتتى ۋاراق ئىزدەپ.

خۇشال بىر كەيپىاتتا تەڭ كۈلۈشتى ھەممە بىر مەيدان،
سىڭىلچاق ئادىلەمۇ ھەم ئۇسسۇلغا چۈشتى شوخ لەرزان،
شۇبۇ خىسلەتكە بىر قاراپ كۈلۈپ قويدى تېخى ئاسمان،
جىمى دىل تەلپۈنەر ئوخشاش مۇھەببەتلىك قۇچاق ئىزدەپ.



SAM_0107.JPG


ئەتلەس كوينەكلىك تۆت ئايال

ئايسىمە ئىدرىس


سەھەرنىڭ كىرپىكىگە كىرىپ  كەلدى،
گۈللەرنىڭ ھىدلىرىدەك تاراپ كەلدى،
دەرەخلەر تاڭ قالدىغۇ جۇلاسىدىن،
قۇشلارمۇ كۆينەك ئۈچۈن سايراپ كەلدى.

سۇلار ھەم  شاۋقۇنلىدى شوخ كۈيلەرگە ،
بېلىقلار ھەيرانلىقتىن ماراپ قالدى،
شولىسى سۇغا چۈشكەن رەڭدار كوينەك،
تاڭ كۈيى شاماللارغا ياراپ قالدى.
دوپپىغا ياراشقان شۇ سۇمبۇل چاچنى،
يېقىملىق قوللىرىدا تاراپ قالدى.
تۆت ئايال نازاكىتى،سىماسىنى
يەر ئاسمان قانغىچە بىر  پۇراپ ئالدى.


2012-يىلى 23- ماي، كەچ سائەت ئون، شاڭخەي يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ "ئەدەبىيات لاگىرى"دىكى يامغۇرلۇق ئاخشامدا يېزىلدى.  






Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  348
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 90
تۆھپە : 0
توردا: 11
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 23:19:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   شاڭخەيدىكى پائالىيىتىمىز تۆتىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى. پائالىيەت ئەھۋالى خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن كەڭ تورداشلارنىڭ، ئەدەبىيات ئاشىنالىرىنىڭ قىزغىن قوللىشىغا، مەدەت ۋە ئىلھامىغا نائىل بولدى. مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىجادىيەت بازىسىدىكى 12 نەپەر  ياش يازغۇچى-شائىرغا ۋاكالىتەن بارلىق تورداشلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن.
  بىز بۆگۈن ئەتتىگەن دەرس باشلاش ئالدىدا باش قوشۇپ  پائالىيتىمىزنى تېخىمۇ رەڭدارلىققا ئىگە قىلىش يوللىرى ھەققىدە ئىزدەندۇق ھەمدە دەرس-مۇزاكىرە ۋە باشقا پائالىيەتلەرگە تولۇق قاتنىشىش  بېلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ۋاقىت چىقىرىپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى قىزىق نوقتا مەسىلىلىرى ھەققىدە تۆت قېتىم مۇھاكېمە - لىكسىيەئۇيۇشتۇرۇشنىڭ پىلانىنى تۈزدۇق  ھەمدە تېما ۋە مەسئۇل ئادەمنى بېكىتتۇق.
ھازىر كۇرسانتلارنىڭ كەيپىياتى كۆتىرەڭگۈ، قەلەم تۇلپارى يۈگرەك بولۇپ، دەسلەپكى نەتىجىلەر كۆرىلىشكە باشلىدى.
قېرىندىشىم ئابدۇلھەمىد،  نۇرمۇھەممەد ئۇچقۇن بۆگۈن چۈشتە توردىن بىز ھەققىدىكى خەۋەرنى كۆرگەن ئىكەن، شۇ ھامان تېلىفون قىلدى ۋە ھايالشىماي «تاغتۇرا» غا قەدەم تەشرىپ قىلدى. بەك خۇش بولدۇق- تاغ قائىدىسى بويىچە سورۇن تۈزۈپ مۇڭداشتۇق، ئوسمان قاۋۇل، زامانىدن پاكزات، ئايسىمە ئىدرىس، ئۆمەرجان سىدىق، دىلبەر ھامۇد، ياقۇپجان  قاتارلىق شائىرلار يېڭىدىن يازغان شېئىرلىرىنى دېكلېماتسىيە قىلدى. كېيىن نۇرمۇھەممەد تەكلىپكە بىنائەن خەنزۇ ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتىنىڭ  نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن قىسقىچە دوكلاد بەردى.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  368
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 230
تۆھپە : 6
توردا: 53
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-16

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 00:02:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە بۇ يەرنى «تاغ تۇرا»دىمەي «سۇ تۇرا »دىسەك مۇۋاپىقمىكىن. تۆت ئەتراپى سۇ، ئاسمىنىمۇ سۇ، ھاۋاسىمۇ نەم.مەن ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم سۇ كۆپ جاينى كۆرۈشۈم.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  274
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 327
تۆھپە : 1
توردا: 47
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 01:08:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹تۇيغۇنى ئېچىش›› دەرسخانا ئۇقۇتۇشنىڭ جەريانلىق خاتىرسىنى ئۇقۇپ ،ئۆزمنى ئەشۇ دەرسخاندا تۇرغاندەك ھىس قىلدىم.ئايسىمەنىڭ ‹‹لاچىن سوققان توشقاننىڭ››(ئانارگۈل)ناخشىسى بىلەن ئۆمەرجاننىبڭ ‹‹ئاي خېنىم سۈزۈك چىراي››ناخشىسىغا ئەگىشىپ ئۇقۇپ كەتتىم.نۆۋەتتىكى دەرسخانا ئۇقۇتۇشىمىزدىكى ‹‹كۆڭۈللۈك ئۇقۇتۇش ئەندىزىس››بىلەن ‹‹تۇيغۇنى ئويغۇتۇش››نىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئويلاندىم.ساۋاقدىشىم تۇرسۇن مەخمۇت ئارقىلىق بارلىق ئەزىزلەرگە سالام! تېنىڭلار سالامەت،قەلىمىڭلار بەرىكەتلىك بولغاي.

ئۆزىنى ئالداش ئازابلىق،باشقىلارنى ئالداش رەزىللىك.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1215
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 3085
تۆھپە : 1
توردا: 543
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 01:34:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئۆمەرجان سىدىقنىڭ يۇقۇرقى ئەدەبىي ئاخباراتى ئۇنىڭ كەڭ قورساقلىقى،مەسۇليەتچانلىقىنى زاھىرلاپ بەرگەن.يەنى نەچچە مىڭ كىلومىتىر يىراقتا قالغان سانسىزلىغان قېرىنداشلىرىنى پائالىيەت ئەھۋالىدىن،شۇنداقلا يېڭىلىقلاردىن كونكرت خەۋەردار قىلغان.تەربىيلەش كۇرسىدىكى يېڭى بىلىملەرنى سانسىزلىغان قېرىنداشلىرىدىن يوشۇرمىغان.ناۋادا شۇ بىلىملەر 12 نەپەر يازغۇچىنىڭ خەۋەردار بولۇپ قېلىشى بىلەن چەكلەنسە،ئاشكارلانمىسا ھېچكىم رەنجىيەلمەيتى.ئۇلارنىڭ كەڭ قورساقلىقى،قېرىنداشلىرىدىن ھېچنىمىنى ئايىماسلىق روھى بارلىق كۆڭۈللەرگە ئاققاي!

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.
Erchin ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30
يازما سانى: 597
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 4180
تۆھپە : 5
توردا: 224
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 02:05:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەرجان، خاتىرىڭىزنى ئوقۇپ، خۇددى شۇ جايلارنى كۆرگەندەك بولدۇم، ۋە سىلەردىن پەخىرلەندىم. خاتىرىڭىزنىڭ داۋامىنى ئوقۇشقا نېسىپ بولسۇن! سۈرەتلەرنىمۇ يوللاپ تۇرۇڭلار.  
ئابباس مۇئەللىم، ئەنۋەر ھوشۇر مۇئەللىم، ئوسمان قاۋۇل، تۇرسۇن مەھمۇت، زامانىدىن پاكزات،  مۇختار سوپى، ئايسىمە ئىدرىس، نۇرگۈل ئەبەي، دىلبەر ھامۇت، ياقۇپ كېرىم، ئالتۇنگۈل  رەجەپ، سىلەرنىڭ ئىسىمىڭلارنى بىرمۇ- بىر ئاتاپ مۇبارەكلەيمەن!  
مانا، شائىر، نەسرچى ئوسمان قاۋۇل، شائىرە، تەتقىقاتچى ئايسىمە ئىدرىسلارنىڭ  ئىجادىيەتلىرىنىڭ  تۇنجى مېۋىسىدىن ئېغىز تەگدۇق.
بەلكىم، مۇشۇ كۈنلەردە تۇرسۇن مەھمۇت، ئابباس مۇنىياز تۈ*ركىيقانلار كېيىنكى قەدەمنى قانداقراق ئېلىپ بېقىشنى ئويلاۋاتىدۇ. زامانىدىن پاكزات بالىلارنى  قايسى ئۇسلۇپ بىلەن خوش قىلىشنى، ياكى پەدە ئۆزگەرتىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ بولدى. دىلبەر ھامۇت تۇنجى رومانىنى ئېلان قىلدۇرۇپ بولدى، ئەمدى يەنە قانداق ئاكتىۋال تېمىلار ئۈستىدە ئىزدىنەركىن؟ ياكى بىر خىل قېلىپتىكى ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتىپ باقارمىكىن؟ ئالتۇنگۈل رەجەپ دىلبەر ھامۇت خانىمنىڭ رومانىنى كۆرۈپ ئۆزى بىرەر رومان يېزىشنى ئويلاشقانمىدۇ؟ قارا رەڭلىك كادىلاكنى يەنە ھەيدەپ يۈرىۋەرمەس؟ ئايسىمە ئىدرىس خانىم يەنە قانداق تېمىلار ئۈستىدە ئويلىناركىن؟! ياكى يەنە شېئىرىي ئىنكاس يېزىپ، شېئرنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرۈپ يۈرىۋىرەرمۇ؟ ئاز ۋە ساز يازىدىغان مۇختار سوپى، ياقۇپ كېرىملەرچۇ؟ ئۇلار نېمىلەرنى خىيال قىلىۋاتىدىكىن؟   
ئۆمەرجان سىدىق مىسكىن، ئوسمان قاۋۇللار  ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشىنى ئۆز قولىدىكى مەتبۇئات ئارقىلىق قانداق يېتەكلەشنى، قانداق ئەسەرلەرنى كۆپرەك ئېلان قىلىش ئۈستىدە باش قاتۇرىۋاتىدۇ ئەلۋەتتە.   
ئامان  بولۇڭلار! سىلەردىن يېڭى- يېڭى ئەسەرلەرنى ئوقۇشنى ئىستەيمىز!

Men Dunyagha Yoluchimen, Helila Ketimen!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش