كۆرۈش: 1722|ئىنكاس: 38

ياسىنجان سادىق چوغلان تەتقىقاتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  806
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 99
تۆھپە : 4
توردا: 10
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-18 22:02:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                              ياسىنجان سادىق چوغلان تەتقىقاتى
            
             مۇئەللىپ ئىلاۋىسى :   ئۇيغۇر ئەدەبىيات تەتقىقاتىدا يازغۇچىشۇناسلىق تەتقىقاتىدا بىر قىسىم ئىلمىي ئەمگەكلەر روياپقا چىققان بولسىمۇ، نۆۋەتتىكى ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىنىڭ قەدىمىگە ماسلىشىپ بولالمايۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى ۋە تەتقىقاتىدىكى مەلۇم ئەدىبنىڭ ئىجادىيىتىنى  شۇ ئەدىبنىڭ ئاخىرقى ھايات باسقۇچلىرىدا ياكى ئەدىبنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن باھالاپ يەكۈن چىقىرىشتىن ئىبارەت مەلۇم دەرىجىدە قېلىپلىشىپ قېلىش مەسلىسىمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىيات تەتقىقاتىدىكى يازغۇچىشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ قەدىمىگە مەلۇم تەسىرلەرنى يەتكۈزمەيمۇ قالمىدى. كەمىنە كالتە پىكىرنىڭ قارىشىچە، مەلۇم بىر ئەدىب نادىر ئەسەرلىرى بىلەن شۇ مىللەت، شۇ رايون ئەدەبىياتىغا مۇئەييەن دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىپ، شۇ مىللەت، شۇ رايون ئەدەبىياتىدا موھىم، سالماقلىق ئورۇنغا ئىگە بولغان مەزگىلدە، شۇ ئەدىبنىڭ ئىجادىيىتىدىن يەكۈن چىقىرىش، مۇۋەپپىقىيەت، يېتەرسىزلىكلىرىنى تەھلىل قىلىش، شۇ جەرياندا، شۇ مىللەت، شۇ رايون ئەدەبىياتىنىڭ تەجرىبە- ساۋاقلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشمۇ ئەدەبىيات تەتقىقاتىدىكى موھىم، ئەھمىيەتلىك مەسىللىلەرنىڭ بىرى.
        كەمىنە ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى ئۈزلۈكسىز تولدۇرۇۋاتقان بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا ئاز- تولا كۈچ قوشۇش مەقسىتىدە، چامامنىڭ يېتىشىچە ئەجر قىلىپ، دەسلەپكى قەدەمدە ياسىنجان سادىق چوغلان ئىجادىيىتى ھەققىدە ئىزدەندىم.
        ياسىنجان سادىق چوغلان ‹‹ قۇرۇپ كەتكەن دەريا››، ‹‹ بېلىقچىنىڭ ھېكايىسى››، ‹‹ ئېچىل پاختام››، ‹‹ چاشقان ئاپىتى››، ‹‹ جاللات خېنىم››، ‹‹ باھادىرنامە›› ... قاتارلىق نادىر ئەسەرلىرى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققەت مەركىزىدە تۇرۇۋاتقان، خەلقنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن،  بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزدىكى مول- ھوسۇللۇق، تالانىتلىق يازغۇچىللىرىمىزنىڭ بىرى. بۇ يازغۇچىمىزنىڭ ئىجادىيىتىنى تەتقىق، تەھلىل قىلىش جەريانىدا، بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتىغا ئەرزىگۈدەك نەپ بېرەلىسەم ئەجەپ ئەمەس.
    يازمىللىرىمدا سەھۋەنلىلك، يېتەرسىزلىكلەر بولسا، مۇنبەرداشلىرىم قىممەتلىك پىكىرلىرىنى ئايىمىغاي !
              ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام بىلەن
                              تۇردى سۇلتان ئىزچى.



يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى توغرىسىدا ئومومىي بايان


               زامانىمىز ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئۆزىگە خاس يول ئېچىپ ئىلگىرلەپ، بەلگىلىك كۆلەم ۋە پەللە ياراتقان ئالدىنقى قاتاردىكى مۈنەۋۋەر، مول- ھوسۇللۇق يازغۇچىللىرىمىزنىڭ بىرى ياسىنجان سادىق چوغلان 1966- يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى يەكەن ناھىيە بازىرىدا ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . 1986- يىلى شىنجاڭ سۇ ئىلىكتىر مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. ھازىر يەكەن دەريا باشقارمىسىدا ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. 1996- يىلى ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىپ شىنجاڭ ئۇنۋىرىستىتىنىڭ تولۇق كۇرۇس دىپلومىغا ئېرىشكەن. 2005-يىلى بىيجىڭ لۇشۇن ئەدەبىيات ئىنىستىتوتىدا تۇنجى نۆۋەتلىك ئازسانلىق مىللەتلەر يازغۇچىلارنىڭ مەدەنىيەت كۇرسىدا ئوقۇغان . ھازىر جوڭگۇ ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى جەمىيىتىنىڭ ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتنىڭ ئەزاسى،  قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۇيغۇرچە 《 قەشقەر 》 ژورنىلىنىڭ تەھرىرى ھەيئىتى.

         ياسىنجان سادىق چوغلان 1988–يىلى 4–ئايدا 《يەكەن گېزىتى》 دە ئېلان قىلىنغان 《ئاددى–ساددا باشلىق》 ناملىق ھېكايىسى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەندىن بۇيان، تىرىشچانلىق بىلەن ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بەلگىلىك تۆھپە قوشۇپ كەلدى. ئۇنىڭ ‹‹ئېھ، سەھرا»، «ئەتە يەنە پوچتالىيون كېلىدۇ»، «قارا قاغا»، «چىلان تۇپراق»، «بېلىقچى ھەققىدە ھېكايە»، «كالا»، «چاشقان ئاپىتى»، «قارا قۇمچاق»، «ئېچىل پاختام»، «تاز ۋە چىۋىن»، «تاۋۇس ئەللەيىن» قاتارلىق ھېكايىلىرى، «قۇرۇپ كەتكەن دەريا»، «قۇملۇق ›› ، ‹‹كاككۇك بالىسى»، «سۆيگۈ قېرىمايدۇ»، «تەنھا شەھەر»، «شاۋقۇنلۇق دەريا»... قاتارلىق پوۋېستلىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا سازاۋەر بولدى. ئۇنىڭ «ئېھ سەھرا» ناملىق ھېكايىسى 1994–يىلى ئاپتونوم رايۇنلۇق 6–نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»غا، «ئاي مۆككەن كېچە»ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى 1999–يىلى مەملىكەتلىك 6– نوۋەتلىك ‹‹ تۇلپار ئەدەبىياتى›› مۇكاپاتىغا ، ‹‹ قۇملۇق›› ناملىق پوۋىستى ‹‹ تارىم ›› مۇكاپاتىغا ، ‹‹ قۇرۇپ كەتكەن دەريا ›› ناملىق پوۋىستى 2001 – يىلى ‹‹ئالتۇن توي ›› مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ھازىرغىچە 《يۈرىكىم يىغلايدۇ》(قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى1996–يىل )،  《ئاي مۆككەن كېچە》 (مىللەتلەر نەشىرىياتى 1997- يىل) ناملىق ھېكايىلەر توپلاملىرى، 《 جانانغا يېزىلغان خەتلەر 》 (شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى 1998 –يىل)، 《كاككۇك بالىسى 》 (مىللەتلەر نەشرىياتى 1998–يىل) ناملىق پوۋېستلار توپلاملىرى، 《سۈكۈتتىكى زېمىن 》 (شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2001–يىل)، 《دىۋان مەشرەپكە تۆكۈلگەن قان》 (شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 2005–يىل) قاتارلىق ھېكايە- پوۋېستلار توپلاملىرى،$《كۈيلەر خانىشى - ئاماننىساخان》 ( شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 2003–يىل)، 《ئادالەت ھامىيسى- سەئىدخان》 (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003–يىل) ناملىق تارىخى پوۋېستلىرى، 《ئاتەش قەلىب، ساخاۋەتلىك زېمىن》 (ماكرو ئەدەبىي ئاخبارات،قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى،1997–يىل ) ، 《يوللار ئېسىڭدە بولسۇن》 (قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى،2000–يىل) نامىلق ئەدەبىي ئاخباراتلار توپلىمى، 《 داۋان 》 (قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى، 1998–يىل )،ى《جاللات خېنىم》 (ئىككى قىسىملىق تارىخىي رومان، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،2003–يىل)، 《نازىنىن قىزلار》،رومان،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،2006–يىل)، 《شەرەنداز ئايال》، رومان، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2009– يىل  9– ئاي)، 《باھادىرنامە》(ئالتە توملۇق تارىخى رومان، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2010-يىل - ئاي) قاتارلىق كىتابلىرى نەشىر قىلىنغان.

        ئۇنىڭ يازغۇچى بولۇش ئارزۇسى بالىلىق دەۋرىدىلا پەيدا بولغان. تولۇقسىز ئوتتورا مەكتەپتە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تەسىرى خېلى زور بولغان. ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىىسى ئۇنىڭ تاپشۇرۇق ماقالىلىرىنى ئالاھىدە ماختىغان. كىيىنكى ئوقۇش ھاياتىدىمۇ كىتابخۇمارلىقى بېسىلماي ئۆتكەن. ياسىنجان سادىق چوغلان شىنجاڭ سۇ- ئېلىكتىر تېخنىك ئىشچىلار مەكتىۋىنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە قاتناشقاندىن كىيىن، يەكەن ناھىيە بازىرىدىن 20 نەچچە كېلومىتىر يىراقلىقتىكى دەريا بويىغا جايلاشقان بىر سۇ باشقۇرۇش پونكىتىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان. پونكىتنىڭ ئەتراپى كۆز يەتكۈسىز قومۇشلۇق بولۇپ، ياتىقىدا بۇ قومۇشلۇققا قاراپ ئولتۇرۇپ، ئاجايىپ چەكسىز خىياللار دۇنياسىغا غەرىق بولغان. بالىلىق دەۋرىدە چاپلاشقان كىتاپخۇمارلىق بارغانسىرى ئېغىرلىشىپ، ئۇ كىتاپقا تېخىمۇ كىرىشىپ كەتكەن. بۇ مەزگىللەردە ئۇ ھەر ھەپتىدە ئاز بولغاندا ئىككى پارچە كىتاب ئوقۇغان. شۇ مەزگىللەردىكى ئوقۇغان كىتاپلار ئۇنىڭ بالىلىقىدا قوزغالغان يازغۇچى بولۇش ئارزۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئەدەبىي تالانتىنى يېتىلدۈرگەن مۇنبەت تۇپراق بولۇپ قالغان. ئۇ 1986- يىلى مەلۇم بىر سەۋەپ تۈپەيلىدىن  ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كېرىشكەن. كىرىشكەندىمۇ تەلۋىلىك بىلەن كىرىشكەن. ئۇ بۇ دەسلەپكى چاغلاردا بىر قانچە ھېكايە، پوۋېسىت يازغان بولسىمۇ، كېيىنچە بىراقلا،  رومان يېزىشقا كىرىشىپ، 1988- يىلى 1- ئايدا 《 باھاردا تۆكۈلگەن ياپراق 》 ناملىق رومانىنى يېزىپ تاماملىغان. گەرچە بۇ رومان نەشر قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ بەدىئىي ماھارىتىنى تاۋلاشتىكى ئەمەلىي مەشىق بولۇپ ، كىيىنكى ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە خېلى چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇ 1988–يىلى 4–ئايدا 《يەكەن گېزىتى》 دە ئېلان قىلىنغان 《ئاددى–ساددا باشلىق》 ناملىق ھېكايىسى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن ئەسەرلىرى ئارقا- ئارقىدىن ئېلان قىلىنغان.  يازغۇچى بۇ يىللاردا ئەدەبىي ئىجادىيەتكە ناھايىتى قىزغىن كىرىشكەن ھەمدە 《 قارا قاغا》،  《ئاھ، سۇ 》، 《 ئاي مۈككەن كېچە》، 《ئېھ، سەھرا 》، 《 ئەتە يەنە پوچتالىيون كېلىدۇ》، 《 يۈرىكىم يىغلايدۇ 》، 《سۆيگۈ قېرىمايدۇ》، 《تەقدىرنىڭ كۆزى》 قاتارلىق نەسىر، ھېكايە، پوۋېستلارنى ئارقا- ئارقىدىن ئېلان قىلدۇرغان.

           بىز يازغۇچىنىڭ ھازىرغىچە بولغان 20 يىلدىن كۆپرەك ئىجادىيەت مۇساپىسىنى بىر پۈتۈن نوقتىدىن تەھلىل قىلغىنىمىزدا، يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت مۇساپىسىنى مۇنداق ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈشىمىز مۇمكىن:

             بىرىنچى باسقۇچ- دەسلەپكى ئىجادىيەت باسقۇچى. بۇ باسقۇچ يازغۇچىنىڭ 1980- يىللارنىڭ ئاخىرى ۋە 1990- يىللارنىڭ دەسلەپكى يېرىمىغىچە بولغان ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ باسقۇچ يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت مەشىقى ئېلىپ بېرىش ۋە چېنىقىش باسقۇچى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. يازغۇچى بۇ باسقۇچتا ئەدەبىي ئىجادىيەتكە مەقسەتلىك ھالدا كىرىشىپ، 《 قارا قاغا》، 《ھازىدارلار 》، 《ئاھ، سۇ 》، 《 ئاي مۈككەن كېچە》، 《ئېھ، سەھرا 》، 《 ئەتە يەنە پوچتالىيون كېلىدۇ》، 《ياشىسۇن نىكاھتىن ئاجرىشىش 》... قاتارلىق ئوتتۇز پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە،  《تەكلىماكان 》، 《 يۈرىكىم يىغلايدۇ 》، 《 تىلەمچى》، 《ياۋا چېچەكلەر 》 قاتارلىق  50 پارچىدىن ئارتۇق نەسىر، 《سۆيگۈ قېرىمايدۇ》، 《تەقدىرنىڭ كۆزى》 قاتارلىق ئىككى  پارچە پوۋېسىت يازغان . بۇ مەزگىللەردە يازغان ئەسەرلىرى يازغۇچىنىڭ 《 ئاي مۈككەن كېچە》، 《يۈرىكىم يىغلايدۇ》  ناملىق ئىككى  توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن . ئېنىقكى، يازغۇچى بۇ يىللاردا ئاساسلىق ئىجادىيىتىنى ھېكايە ئىجادىيىتىگە قاراتقان بولۇپ، بۇ مەزگىللەردە يازغان ھېكايىللىرىدە ھاياتنىڭ قىممتىنى ئىزدەش، كونكىرىت ئوبراز ۋە ۋەقەلەرنىڭ ياردىمىدە ھايات ھادىسلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش ئاساس قىلىنغان، بۇ يىللاردا ئۇ پىرسۇناژلارنىڭ كونكىرىت ھەركىتى ئارقىلىق ئىچكى دۇنياسىنى تەسۋىرلەشكە بەكرەك كۈچىگەن، ھېكايىللىرىنىڭ ۋەقەلىك قۇرۇلمىسى بىر قەدەر پۇختا بولۇپ، ھېكايىللىرىدا ۋەقەلىك ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ.

            بۇ يىللاردىكى ھېكايىلەرنىڭ ۋەقەلىكى بىر قەدەر ئاددى، كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان رېئال تەپسىلاتلاردىن تەركىب تاپقان. بۇ تەپسىلاتلارنىڭ بەدىئىي ۋە ئېستىتىك تەلىپى خېلىلا يۇقىرى بولۇپ، يازغۇچى بۇ ۋەقەلەرنىڭ باغرىغا مەلۇم ھايات ھەقىقەتلىرىنى سىڭدۈرۈۋەتكەن. بۇ يىللاردىكى ھېكايىلەرنىڭ ماكان، زامان چەكلىمىسى بىر قەدەر تار بولۇپ، كۆپىنچە ھېكايىلەرنىڭ ۋەقەلىكى بىر كۈن ياكى بىر نەچچە سائەت ئىچىدىلا يۈز بەرگەن، ئىنسان ھاياتىدىكى تېزلا غايىپ بولىدىغان ئۆتكۈنچى قىسقا كارتىنىلارنى دېتال قىلىپ تاللاپ ئىشلەتكەن. 《 ئاھ، سۇ》، 《ئېھ، سەھرا》، 《ئوغرىدىن كەلگەن خەت》،《ئاي مۈككەن كېچە》،《نۇرەك نادان》 قاتارلىق ھېكايىلەر ئەنە شۇنداق ۋەقەلىكى بىر قەدەر ئاددى ھېكايىلەردۇر. بۇ ھېكايىلەرنىڭ تۇرمۇش چىنلىقى بىر قەدەر يۇقىرى، ۋەقەلىك قۇرۇلمىسى بىر قەدەر پۇختا بولسىمۇ، يازغۇچىنىڭ بۇ يىللاردا يازغان ھېكايىللىرىدە ۋەقەلىك قوغلىشىپ، بەدىئىي چىنلىققا ، پىرسۇناژلارنىڭ زىددىيەت توقۇنۇشىغا تولغان مول مەنىۋىي دۇنياسىنى يورۇتۇشقا سەل قاراشتەك يېتەرسىزلىكلەرمۇ ساقلاندى.

              ئىككىنچى باسقۇچ- ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئۆز- ئۆزىنى تاۋلاش، ئۆزىنى ئىپادىلەش باسقۇچى بولۇپ، بۇ باسقۇچ 1990- يىللارنىڭ كىيىنكى يېرىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ يىللاردا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ 1990- يىللارنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا بارلىققا كەلگەن گۈللىنىش ھالىتىدىن ئىلھاملىنىش بىلەن بىرگە، شۇ دەۋردىكى ئىجادىيەت يۆنىلىشىگە يېقىندىن ماسلىشىپ، ئاڭلىق ھالدا ئىجادىيەتكە كىرىشتى ھەمدە دىققەت نەزەرىنى كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ يۈزەكىي كۆرۈنۈشلىرىدىن كۆرە، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرگە ، ئىجتىمائىي مەسىللەرگە تىكتى. بولۇپمۇ، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىغا، يېزا تۇرمۇشىغا دىققەت، نەزەرىنى قارىتىپ، دېھقانلارنىڭ رېئال تۇرمۇش ھالىتى ھەمدە بەزى دېھقانلارنىڭ تىراگىدىيىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان يەرلىك سىياسەت، چېكىدىن ئاشقان ھوقۇق نوپۇزىنى تاشقى ئامىل قىلغان ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنىڭ تۈگۈنى، ماھىيىتىن ئېچىپ تاشلىدى. بۇ يىللاردا يازغان 《بېلىقچى ھەققىدە ھېكايە》،《كالا》،《داۋۇت داڭقان》(《چاشقان ئاپىتى》) قاتارلىق ھېكايىللىرىدە بۇ نوقتا ئېنىق گەۋدىلەندۈردى.  بۇ يىللاردا يازغۇچى 《شوپاڭ كۈچۈكى 》، 《 تەمەگەرلىك كومىدىيىسى》، 《 يا ئۇچارمەن، يا چۈشەرمەن》 ، 《چاشقان ئاپىتى 》 ،《 چىلان تۇپراق 》، 《بېلىقچى ھەققىدە ھېكايە》، 《 كالا》 قاتارلىق 30 پارچىغا يېقىن ھېكايە، 《قۇرۇپ كەتكەن دەريا》، 《ئاچچىق- چۈچۈك خەتلەر》 ، 《كاككۇك بالىسى》، 《جانانغا يېزىلغان خەتلەر》، 《قۇملۇق》، 《ياشارغان يۈرەك》 قاتارلىق پوۋېسىتلارنى،  《داۋان》 ناملىق رومانىنى يېزىپ ئېلان قىلدۇردى. بۇ يىللاردا يازغۇچى ئۆزىنىڭ مول تۇرمۇش جۇغلانمىسىغا، بەدىئىي دېتىغا تايىنىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى مەۋجۇتلىقىنى ئىپادىلەپ، ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىپ، ئۇلارنى قايىل قىلدى. بۇ يىللاردا يازغان 《چاشقان ئاپىتى 》 ،《 چىلان تۇپراق 》، 《بېلىقچى ھەققىدە ھېكايە》، 《قۇرۇپ كەتكەن دەريا》 قاتارلىق ئېسىل ئەسەرلىرى يازغۇچىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئورنىنى تىكلىدى. بولۇپمۇ، 《چاشقان ئاپىتى 》 ناملىق ھېكايىسى بىلەن 《قۇرۇپ كەتكەن دەريا》  پوۋېسىتىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا ناھايىتى كۈچلۈك زىلزىلە پەيدا قىلىپ، يازغۇچىنىڭ كۈچلۈك بەدىئىي تالانتىنى ئىسپاتلاپ بەردى . بۇ يىللاردا ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدىكى ئەڭ موھىم ئالاھىدلىكلەرنىڭ بىرى شۇ بولدىكى، ئۇ ئۆزىنى كۆپ تەرەپلىمە تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بەردى. بولۇپمۇ، ئۆزىنىڭ بەدىئىي تەربىيلىنىشىگە ئالاھىدە كۈچ سەرىپ قىلىپ، ئۆزىنى نەزەرىيىۋى ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئەدەبىي ئىجادىيەتنى ئاڭلىق ئىجادىيەت ھەركىتىگە ئايلاندۇردى. نەتىجىدە، بۇ باسقۇچ يازغۇچىنىڭ كىيىنكى ئىجادىيەت مۇۋەپپىقىيەتلىرىنىڭ كۈچلۈك كاپالىتىگە ئايلاندى.  

              ئەدەبىي تەربىيلىنىشنىڭ بىر ئەدىبنىڭ ئىجادىيىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ھەرگىزمۇ سەل چاغلاشقا بولمايدۇ. بۇ ھەقتە ياسىنجان سادىق چوغلان مۇنداق دەيدۇ: 《 تەربىيلىنىشنىڭ، بولۇپمۇ، ئەدەبىيات كەسپىدە تەربىيلىنىشنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە بولىدىغان تەسىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. چۈنكى، ئىمارەتنىڭ ئۇلى چىڭ بولسا، ئىمارەت مۇستەھكەم بولىدۇ.》 خېلى بىر مەزگىللىك ئەدەبىي چېنىقىشنى باشتىن كەچۈرگەن ياسىنجان سادىق چوغلان بۇ نوقتىنى تونۇپ يېتىپ، ئەدەبىيات ئىلمىي بىلەن سېستىمىلىق تونۇشۇشقا كۆپ كۈچ سەرپ قىلدى ھەمدە ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى ئۆزلۈكسىز ھالقىتىپ ماڭدى. 《 شىنجاڭ مەدەنىيىتى》، 《تارىم》 ژورنىلى قاتارلىق ئاساسلىق ژورناللار ئۇنىڭ بۇ مەزگىللەردىكى ئاساسلىق ئىجادىيەت سورۇنىغا ئايلاندى. بۇ يىللاردا ئۇ ئىجادىت مېھنەتلىرىگە لايىق نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. 1999- يىلى 《 مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىياتى 6- نۆۋەتلىك تۇلپار مۇكاپاتى》غا، 《تارىم》 ژورنىلى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 《 ئالتۇن توي مۇكاپاتى》غا ئېرىشتى.

           ياسىنجان سادىق چوغلان بۇ باسقۇچتا ئىزچىل تۈردە رېئال تېمىدا ئەسەر يازدى. بۇ مەزگىلدە يازغان ئەسەرلىرىنىڭ تېمىسى خېلىلا كەڭ بولۇپ، ئاساسلىقى دېھقانلار تۇرمۇشى( يېزا تۇرمۇشى)، شەھەر تۇرمۇشى ، مەزمۇن قاتلىمى جەھەتتىن ئىنسان مەنىۋىيىتى، ئىكولوگىيىلىك موھىت، تەبىئەت بىلەن ئىنسان مۇناسىۋىتى، ئەخلاق، مۇھەببەت قاتارلىق تېمىلارنى كۆپرەك ئەكىس ئەتتۈردى. ئۇ بۇ مەزگىللەردە، دېھقانلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئانىسى ھەم دادىسى دەپ بىلىپ، دېھقانلار تۇرمۇشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن.  ئۆزى كۆرگەن سەھرا خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنى پەردازلىماي چىنلىق بىلەن ئەكىس ئەتتۈرگەن. بۇ جەرياندا، دېھقانلارنىڭ شادلىقىدىن كۆرە ھەسرىتىنى كۆپرەك يازغان. دېھقانلار تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرگەن ئەسەرلىرى باشقا تېمىلارغا قارىغاندا ياخشى چىققان ھەمدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا، ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.  ئۇ رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيىلىك موھىتىنىڭ بۇلغىنىشى، دەريا- كۆللەرنىڭ قۇرۇپ كېتىشى، تەبىئىي ئورمانلارنىڭ كۆلىمى تارىيىپ، ئېكىنزارلىقلارنىڭ قۇملىشىپ كېتىشى قاتارلىق رېئال ئەھۋاللارنى كۆرۈپ، بەدىئىي سەنئەت ئارقىلىق ئەكىس ئەتتۈرگەن.

             ئۈچىنچى باسقۇچ- پىشىپ يېتىلىش باسقۇچى بولۇپ، بۇ باسقۇچ 2000- يىلنىڭ بېشىدىن 2009- يىلنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئون يىللىق ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ باسقۇچ يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت مۇساپىسىدىكى ئەڭ مول- ھوسۇللۇق، بەرىكەتلىك، گۈللەنگەن دەۋرى بولۇپ ، بۇ يىللاردا ئۇ  《تۈگمەن》، 《قەدىمىي چۆچەك》، 《مىسران قىلىچ》، 《تۇنسا قىز》، 《زۆھرە》، 《ئادىلە》، 《مۇھەببەت گۈلگە ئوخشايدۇ》 قاتارلىق 10 پارچىدىن كۆپرەك نەسىر، 《كىپىش》، 《قىزىلگۈل》، 《يۇلتۇز كۆزۈڭنى قىسما》، 《غورا پەسلى》، 《پاتىمەنىڭ كۆينىكى》، 《يازغۇچى، ھۆرمەت شارابى ۋە چىۋىن》 قاتارلىق 7 پارچە ھېكايە،، 《كۈيلەر ئىقلىمى》، 《باھادىرلىق شەجەرىسى》، 《ئادالەت ھامىيسى- سەئىدخان》، 《تەنھا شەھەر》، 《شاۋقۇنلۇق دەريا》، 《ئالتۇن جۇۋان》 قاتارلىق 6 پارچە پوۋېسىت، 《يازغۇچىنىڭ ۋاقتى 》 ، 《نۇرمۇھەممەد توختىنىڭ ھېكايىسى توغرىسىدا 》 قاتارلىق ماقالىلەرنى يازدى. شۇنداقلا، رومان ئىجادىيىتىگە زور شىجائەت بىلەن كىرىشىپ، 《جاللات خېنىم》، 《نازىنىن قىزلار》، 《شەرەنداز ئايال》، 《باھادىرنامە》 قاتارلىق رومانلارنى يېزىپ نەشىر قىلدۇردى.  يازغۇچىنىڭ بۇ باسقۇچتىكى ئىجادىيەت ئالاھىدلىكرىنى تۆۋەندىكىچە شەرھىيلىشىمىز مۇمكىن:

                ئىزچىل تۈردە رېئال تېمىدا ئەسەر يېزىپ كېلىۋاتقان ياش يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلان  بۇ مەزگىلدە ئىجادىيىتىدە بۇرۇلۇش ياساپ، رېئال تېمىدا داۋاملىق ئەسەر يېزىپ، ئىجادىيەتتىكى خاسلىقىنى تېخىمۇ ئىزچىللىققا ئىىگە قىلدى.  يېقىنقى مەزگىللەردە يازغان 《بۇلاڭچى》، 《تاۋۇس ئەللەيىنⅠ》،《تاۋۇس ئەللەيىن Ⅱ》،  《غورا پەسلى》 قاتارلىق ھېكايىللىرىدە يازغۇچى ئىنسان روھىيىتىگە ۋە ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرگە تېخىمۇ ئىچكىرلەپ كىرىپ، ئىنسان تەبىئىيىتىدىكى ۋە ئىجتىمائىيەتتىكى قاراڭغۇلۇقلارنى ئەكىس ئەتتۈرۈشكە تېخىمۇ كۆپ كۈچ سەرپ قىلدى ھەمدە ئىجادىيىتىنى مەيلى تېما، بەدىئىيلىك، كۆلەم ، ماھارەت جەھەتتىن بولسۇن، خاس ئالاھىدلىككە ئىگە قىلىپ، ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ يېڭى پەللىسىنى ياراتتى. تېخىمۇ موھىمى شۇكى، بۇ باسقۇچتا يازغۇچى ئىجادىيىتىدىكى تار دائىرىلىكتىن ئۈزۈل- كېسىل قۇتۇلۇپ، ماكان جەھەتتىن مەھەللىۋىي رايون خاراكتىرىنى ئالغان تېمىلاردىن ھالقىپ چىقىپ، ئۇيغۇر مىللىتى ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مەلۇم ئالاھىدە باسقۇچلىرىدىكى تىپىك، ئەھمىيەتلىك تېمىلارغا دىققەت- نەزەرىنى تولۇق قاراتتى ھەمدە مول تۇرمۇش جۇغلانمىسى،  پىشقان ھايات، تۇرمۇش، دۇنيا، قىممەت قاراشلىرىنى نەزەرىيىۋى بىلىمى بىلەن دەڭسەپ، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان تېمىلارنى تاللاپ ئۆز ئىجادىيىتىدە پىشقان بەدىئىي تەپەككۇرى ۋە يۇقىرى بەدىئىي ماھارىتى ئارقىلىق ئەكىس ئەتتۈردى. ئۇ 《 نازىنىن قىزلار》 ناملىق رومانىدا يازغۇچى ﺋﻪﺳﻪﺭﺩﻩ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥﻣﯘﮬﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﭘﯩﺮﺳﯘﻧﺎﮊﻻﺭﻧﻰ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻗﯩﺴﻤﯩﺘﻰ ، ئىنسان ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻣﯘﮬﯩﺘﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ  ئىنساننىڭﺭﻭﮬﻰ ﺗﻮﻗﯘﻧﯩﺸﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯩﻐﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ .ﭘﯩﺮﺳﯘﻧﺎﮊﻻﺭﻧﯩﯔ ﺭﻭﮬﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﻰ ﺋﻮﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮔﻪﭖ -ﺳﻮﺯﻟﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻗﯩﻠﯩﻖ -ﮬﻪﺭﻛﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﺑﯩﺌﯥ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﻠﮕﻪﻥ . ﻳﺎﺳﯩﻨﺠﺎﻥ ﺳﺎﺩﯨﻖ ﭼﻮﻏﻼﻥ ﺑﯘ ﺭﻭﻣﺎﻧﯩﺪﺍﻗﯩﺰ -ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺭﻭﮬﻰ -ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ ،ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﺮﻯ ،ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ،ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ،ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﯞﻩ ﻧﯩﻜﺎﮬ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ،ﺋﻪﺧﻼﻕ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ،ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﺯﮔﯩﭽﻪ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ . ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﯞﻩﻗﻪﻟﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻪﻧﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﺵ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ ﺋﺎﻳﻨﯘﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﯞﻩ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﻰ ﻛﻪﭼﯘﺭﻣﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺑﯩﺮﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻨﻰ ﻳﯩﺰﯨﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﻤﯩﺰ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻪﺳﯩﭙﻜﻪ ،ﺷﺎﻥ -ﺷﻮﮬﺮﻩﺗﻜﻪﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺸﻰ ،ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ ﻛﯩﺸﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺟﻪﻳﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺯﺍﭘﻠﯩﻖ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ،ﺗﯩﯖﯩﺮﻗﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﭖ ،ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﺭﻭﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ،ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﺳﯩﻠﻠﻪﺭﻧﻰﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ . ﻗﯩﺰ -ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺭﻭﮬﻰ -ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ ،ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﺮﻯ ،ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ،ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ،ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﯞﻩﻧﯩﻜﺎﮬ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ،ﺋﻪﺧﻼﻕ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ،ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﺯﮔﯩﭽﻪ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ .

          بۇ مەزگىلدە يازغۇچى يەنە قانداقتۇر بىر خىل قىزىقىش ۋە ھەۋەس تەسىرىدىن بولغان ئەمەس، بەلكى، ئۆز ئانا يۇرتىغا بولغان كۈچلۈك مۇھەببەتتىن تۇغۇلغان، ئانا يۇرتىنىڭ تارىخىغا بولغان ئۇزاق مۇددەتلىك ئۆگىنىش، كۆزىتىش، ئەقلىي تاۋلاشلاردىن كىيىن مەيدانغا كەلگەن ئىجادىيەت ئۆزگىرىشىنى باشتىن كەچۈرۈپ، تارىخىي تېمىدىكى ئەسەرلەرنى يېزىشقا تۇتۇش قىلدى. بۇ يىللاردا ئۇ  《‹دىۋان مەشرەپ›كە تۆكۈلگەن قان》، 《بۇلبۇلىستان》 ناملىق ئىككى پارچە تارىخىي ھېكايە، ، 《كۈيلەر ئىقلىمى》 ( يەنە بىر نامى-《كۈيلەر خانىشى- ئاماننىساخان》) ، 《باھادىرلىق شەجەرىسى》 ( يەنە بىر نامى- 《ئادالەت ھامىيسى- سەئىدخان》)، 《شاۋقۇنلۇق دەريا》 قاتارلىق 3 پارچە تارىخىي پوۋېسىت، 《جاللات خېنىم》، 《باھادىرنامە》 قاتارلىق تارىخىي رومانلارنى يېزىپ نەشىر قىلدۇردى. ئۇنىڭ بۇ مەزگىلدە يازغان ۋە ئېلان قىلدۇرغان تارىخىي تېمىدىكى ئەسەرلىرىنىڭ تېخىمۇ روشەن ئالاھىدىكى شۇكى، بۇ ئەسەرلەر خاسلا سەئىدىيە دەۋرىگە باغلىنىشلىق بولدى. شۇنداقلا، تاىخىي رومان ئىجادىيىتى ئارقىلىق، بۇ تارىخىي دەۋرنى قايتا نۇرلاندۇردى.

يازغۇچى 2003- يىلى 《جاللات خېنىم》 ناملىق تارىخىي روماننى يېزىپ، ئىجادىيىتىنىڭ يېڭى بىر پەللىسىنى شەكىللەندۈردى.

          يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ 《 جاللات خېنىم 》 ناملىق تارىخىي رومانىدا يۇقىرى تارىخىي چىنلىق ، مول تارىخىي ئۇچۇرلار ، جىپسىلاشقان قۇرۇلما ، مۇۋەپپىقىيەتلىك يارىتىلغان بەدىئىي ئوبرازلار ، راۋان بەدىئىي ئېقىم ۋە بالاغەتكە يەتكەن تىل سەنئىتىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئوتتورا ئەسىر تارىخىنى خېلىلا مۇپەسسەل يورۇتۇپ بىرەلىگەنلىكى قاتارلىق ئالاھىدلىكلىرى بىلەن ئۇيغۇر تارىخىي رومانچىلىقىنىڭ يەنە بىر يۇقىرى پەللىسىنى يارىتىپ ، ئوقورمەنلەر  ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىدى  .

         《جاللات خېنىم 》 رومانى نەشردىن چىقىپ بىر مەزگىللەردىن كىيىن كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلەر بۇ تارىخىي روماننى ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىجادىيىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن دەپ قارىغان.  ئەمما ، بۇ روماننى ئۆز ئىجادىيىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولۇپ قېلىشىنى خالىمىغان، ئۆزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ئىجادىي پەللىسىنى يېڭىلاپ تۇرىدىغان بۇ جۈرئەتلىك يازغۇچى ئۆز ئىجادىيىتىنىڭ يەنە بىر يۇقىرى پەللىسى بولغان 《 باھادىرنامە 》 ناملىق ئالتە توملۇق تارىخىي رومانىنى يورۇقلۇققا چىقاردى.

           يازغۇچى 《 باھادىرنامە 》 ناملىق تارىخىي رومانىدا مول تارىخىي ئۇچۇرلارنىڭ ياردىمىدە تارىخىي رىئاللىققا ئۇيغۇن بولغان پىرسۇناژلار تىلى ۋە ھەركەت تەسۋىرى ئارقىلىق، پىرسۇناژلار تەۋە بولغان توپنىڭ ئادەت- يۇسۇنلىرىنى،  پىرسۇناژلار ئوبرازىدا ئىنتايىن مۇۋەپپىقىيەتلىك گەۋدىلەندۈرۈپ، ئوتتورا ئەسىردە ئوتتورا ئاسىيادا ياشىغان زور بىر تۈ*ركۈم تارىخىي پىرسۇناژلار ئوبرازىنى ماھىرلىق بىلەن يارىتىپ، تارىخىي چىنلىقى يۇقىرى تارىخىي دېتاللار ۋە تەپسىلاتلار بىلەن تارىخىي پىرسۇناژلار ئوبرازىنى يۇقىرى بەدىئىي ماھارەت بىلەن يۇغۇرۇپ، زور بىر تۈ*ركۈم پىرسۇناژلار ئوبرازى ئارقىلىق ئوتتورا ئاسىيانىڭ ئەڭ تىنىچسىز، ئەڭ مۈرەككەپ، ئەڭ تىراگىدىيىلىك دەۋرىنى ئىپوس شەكلىدە مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا قايتا يورۇتۇپ بەردى.  يازغۇچى بۇ ئىجادىيەت سەمەرىسى ئارقىلىق،  ئۆزىنىڭ 《 جاللات خېنىم 》 ناملىق تارىخىي رومانىدىن كىيىنكى يەنە بىر ئىجادىيەت ھالقىشىنى بارلىققا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر تارىخىي رومانچىلىقىنىڭ  《 ئويغانغان زېمىن 》 ۋە  《 ئانا يۇرت 》 رومانلىرىدىن كىيىنكى يەنە بىر يۇقىرى چوققىسىنى ياراتتى.

       تۆتىنچى باسقۇچ- سۈكۈت باسقۇچى ( بۇ باسقۇچنى ھازىرچە سۈكۈت باسقۇچى دەپ ئاتاش مۇۋاپىق دەپ قارىغاچقا، مۇشۇنداق ئاتاپ تۇردۇم. شۇڭا، موھتىرەم يازغۇچىمىز ياسىنجان سادىق چوغلان ۋە ئوقۇرمەنلەر ئەپۇ قىلغاي.) بولۇپ، بۇ باسقۇچ 2010- يىلنىڭ بېشىدىن ھازىرغىچە بولغان مەزگىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھېس قىلىشىمچە، بۇ باسقۇچتا بۇ تالانىتلىق يازغۇچىمىز قويۇق ئەدەبىيات موھىتىدا ئۆزىنى تاۋلاۋاتىدۇ، ئۆتكۈر نەزەرىنى رايون، مىللەت ئەدەبىياتىدىن ھالقىغان يىراق مەنزىللەرگە تىكىۋاتىدۇ. بۇ باسقۇچ يازغۇچىنىڭ كىيىنكى ھايات مۇساپىسىدە قانداق بۇرۇلۇش، مۇۋەپپىقىيەتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە ئاساس سالىدۇ؟ بۇ ماڭا تېخى ئېنىق ئەمەس. بۇ باسقۇچنىڭ ئەھمىيىتىنى يازغۇچىنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىجادىي مېھنەتلىرى ئىسپاتلايدۇ. شۇڭا، ھازىرچە بۇ باسقۇچ ھەققىدە ئارتۇق سۆز قىلىش بىھاجەتتۇر.
                                        ( داۋامى بار )

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Sultan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-19 20:54  


idraksoft

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  560
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 310
تۆھپە : 50
توردا: 57
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 00:42:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى يوققۇ؟

مۇۋەپپەقىيەت تېرىشچانلىقت

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  141
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 166
تۆھپە : 0
توردا: 5
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 02:40:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە سىز باشلىدىڭىزمۇ؟ مېنىڭمۇ ياسىنجانكامنىڭ ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىش ئويۇم بارتى. ئاللا خالىسا قەلىمىم سەل قېتىشسا مەنمۇ ئۇرۇنۇپ باقىمەن.( بۇ پو ئەمەس ماقىما)

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  146
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 760
تۆھپە : 7
توردا: 88
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 09:27:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەتقىق قىلىشقا ، قىلغاندىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ . بۇ خىزمەتلەرنى چوقۇم ياخشى ئىشلەش كېرەك .

ئۆزۈڭ بول ئابرۇيىڭغا ئۆزۈڭ ئىگە ،
يۆلەكسىز ئۆزۈڭنى سەن ئۆزۈڭ يۆلە .

                            ئابدۇللا توقاي

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1054
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 11
تۆھپە : 0
توردا: 1
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 12:06:46 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏قېنى بۇنىڭ ئاخىرى؟!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  806
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 99
تۆھپە : 4
توردا: 10
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 13:41:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         تۈنۈگۈن ئېھتىياتسىزلىقتىن بۇ تېمىنىڭ باش قىسمى چالا يوللىنىپ قاپتۇ. بۈگۈن تېمىنىڭ باش قىسمىنى تولۇقلاپ قويدۇم. مۇنبەرداشلىرىم ئەپۇ قىلغاي.  داۋامىنى بۆلەكلەرگە بۆلۈپ داۋاملىق يوللايمەن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 989
تۆھپە : 1
توردا: 79
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 19:45:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹باھادىرنامە›› سەككىز قىسىملىق تارىخى رومان .....


روماننىڭ يەنە ئىككى قىسمىنى تەتقىقاتچىمىزدىن باشقا يەنە كىملەر ئوقۇغاندۇ-ھە؟!  ئەستايىدىلراق بولايلى!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  806
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 99
تۆھپە : 4
توردا: 10
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 20:43:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    زەپەرىنىڭ ئىنكاسى :   ‹‹باھادىرنامە›› سەككىز قىسىملىق تارىخى رومان .....
روماننىڭ يەنە ئىككى قىسمىنى تەتقىقاتچىمىزدىن باشقا يەنە كىملەر ئوقۇغاندۇ-ھە؟!  ئەستايىدىلراق بولايلى!  ›

      
زەپەرى،   خاتا كېتىپ قاپتۇ. ئۆزرىلىكمەن .....سەھۋەنلىكنى كۆرسىتىپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Sultan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-20 12:52  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  39
يازما سانى: 504
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 855
تۆھپە : 7
توردا: 96
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 23:39:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارلىق قەلەمكەشلىرىمزنىڭ ئىشلىرى ئۇتۇقلۇق بولغاي .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  40
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 163
تۆھپە : 3
توردا: 24
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-20 00:18:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىل بىزنىڭ مەكتەپتە (شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتىدا ) ئازات سۇلتان ئەپەندىنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسى مۇشۇ تېمىدا ماگىستىرلىق ماقالە ياقىلايدۇ .
بولسا ياسىنجان ئاكام توغرۇلۇق تەتقىقاتلار تېخىمۇ يۈكسىلىشى، ئىلمىيلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈشى ۋە مۇھاپىق باھالارغا ئېرىشىشى كېرەك . بۇ ياخشى باشلىنىش بوپتۇ .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66
يازما سانى: 209
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 508
تۆھپە : 3
توردا: 294
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-20 09:44:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ياخشى باشلىنىش بوپتۇ، ئاخىرنىڭمۇ مۇھاپىقىيەتلىك چىقىشىغا تىلەكداشمەن!

ھايات ـ ھەربىر نەپەس ئۈچۈن ھېساپ بىرىشتۇر
ئالاقە مەنزىلى: 5951-7971-137
كوت-كوت نۇمۇرۇم: 1499827437

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  314
يازما سانى: 251
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 503
تۆھپە : 10
توردا: 83
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-20 11:32:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇردى سۇلتاننىڭ «ياسىنجان سادىق چوغلان»تەتقىقاتىنىڭ روياپقا چىقىشىغا مۇۋاپىقىيەت يار بولغاي!

توپۇدا ياتسا گۆھەر،
بولماس باھاسىغا زىيان.
شۇ ئاقار ئاققان ئېرىقتىن،
سايدا ھەم تاشقىن قىيان.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  240
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 227
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-20 16:31:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا ياسىنجان ئاكام توغرۇلۇق تەتقىقاتلار تېخىمۇ يۈكسىلىشى، ئىلمىيلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈشى ۋە مۇھاپىق باھالارغا ئېرىشىشى

ئىمىنجان، ياسىنجان سادىق چوقۇم مۇۋاپىق باھاغا ئېرىشىدۇ. مۇبادا ياسىنجاننىڭ ئىجادىيىتى مۇۋاپىق باھاغا ئېرىشمىسە ئۇيغۇر ئەدەبى تەنقىدچىلىكىنىڭ قىيامىتى يېتىپ كەلگگن بولىدۇ. ھەم ئەدەبى تەنقىدچىلىكىمىز ئۈچۈن نومۇس!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  282
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 495
تۆھپە : 4
توردا: 76
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-20 20:28:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازىم ياسىنجان سادىققا تېخىمۇ ھەۋىسىم قايناۋاتىدۇ...

ئەدەبىيات ____ يېپيىڭى بىر قىز....

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  141
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 166
تۆھپە : 0
توردا: 5
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-20 21:31:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېس قىلىشىمچە بۇ تەتقىقات ياخشى باشلىنىپتۇ. داۋامىغا تەشنامەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش