كۆرۈش: 125|ئىنكاس: 1

كىلياڭ مەشرىپىدە ئىپتىدائىي تىياتىر ئىلمىنىتلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  75
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 368
تۆھپە : 2
توردا: 100
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-31 14:12:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىلياڭ مەشرىپىدە ئىپتىدائىي تىياتىر ئىلمىنىتلىرى



ئىجتىمائىي ھاياتتىكى رېئال زىددىيەت -توقۇنۇشلارنى سەھنىدە پېرسوناژ (سەھنە ئارتىسى ) لارنىڭ كونكرېت ھەرىكەتلىرى ، دىيالوگ، مونولوگلىرى ئارقىلىق بىۋاستە ۋە جانلىق گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان ئەدەبىيات ، گۈزەل سەنئەت ، ناخشا – مۇزىكا ۋە ئۇسسۇللار مۇناسىپ ھالدا بىرلەشتۈرۈلگەن سەھنە سەنئىتى – تىياتىر دېيىلىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان ، بۇ نوقتىدىن قارىغاندا بىزنىڭ خەلق مەشرەپلىرىمىزدە ئوينىلىپ كېلىۋاتقان خېلى زور سالماقتىكى مەشرەپ ئويۇنلىرى ئوبرازىنىڭ بېۋاستىلىقى ، كونكىرتلىقى ، ئونۋېرساللىقى قاتارلىق تەرەپلەردىن تىياتىرلىق خۇسۇسىيەتنى ئۆزىدە ھازىرلىغان بولۇپ ، تۆۋەندە بىز كىلياڭ مەشرىپىدىكى بىر قىسىم تىياتىرلىق خاراكتىرى كۈچلۈك بولغان ئويۇن تۈرلىرى ئارقىلىق، ئۇيغۇر مەشرەپلىرىدە قەدىمىي تىياتىر ئىلمىنىتلىرىغا  نەزەر سېلىپ ئۆتىمىز .  
كىلياڭ مەشرىپى - خوتەن خەلق ناخشا- كۈيلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى بولۇش سۈپىتىدە،17-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن داڭلىق مۇقامچى سايىت موللا (داپ) ، ھىزباقى خوجا تەمبۇر ۋە كىيىنكى ئىز باسارلار زوردۇن ئاخۇن ، تۇردى ئاخۇن غىياس ...، لارنىڭ ئىخلاسمەن شاگىرتلىرى  ئەمەت خوجا...قاتارلىقلاردىن ھازىرقى نەغمە ئۇستىسى مەتسىيىت سىيتقىچە بولغان 300 نەچچە يىللىق تارىخى جەريانىدا،7 ئەۋلات ئەلنەغمىچىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە،نۇرغۇن بوران- چاپقۇنلارغا بەرداشلىق بېرىپ بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلگەن. بىزگىچە يېتىپ كەلگەن كىلياڭ مەشرىپى - باش نەغمە،بايات نەغمىسى،مۇڭزار نەغمىسى،توي نەغمىسى،كارۋان نەغمىسى،ئاياغ نەغمە قاتارلىق 6 يۈرۈش نەغمە،39 ئاھاڭ ، 50 تىن ئارتۇق تىياتىر تىپىدىكى ئويۇندىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ، بۇنداق زور كۆلەمدىكى نەغمە ۋە ئويۇن ئاساسىغا ئىگە مەشرەپلەر ئۇيغۇر مەشرەپلىرى ئارىسىدا كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ . نەغمىلەرنىڭ ئاھاڭلىرى چوڭ جەھەتتىن ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ۋارىسلىق قىلغان بولسا ، خاسلىقى جەھەتتىن ، ئۆزىنىڭ تاغ ناخشىلىرىغا خاس مەردانە ۋە جۇشقۇنلۇقى ، ئۇدارىنىڭ ئۆزگىچىلىكى ، مىلودىيىسىنىڭ گۈزەللىكى بىلەن ئالاھىدە خاراكتىرلىنىدۇ . كىلياڭ مەشرىپىنىڭ ئۇسسۇل شەكلى ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە بولۇپ،قەدەم ئېلىش شەكلى باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇر ئۇسسۇلىدىن كەسكىن پەرقلىنىدۇ. كىلياڭ مەشرىپى باشقا بارلىق ئۇيغۇر مەشرەپلىرىگە ئوخشاشلا ناخشا-ئۇسسۇل تىپىدىكى خەلق ئەلنەغمىلىرى ۋە تىياتىر تىپىدىكى كومېدىيىلىك ئويۇنلاردىن ئىبارەت ئىككى چوڭ قىسىمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ، بۇ ئويۇنلاردا ئويۇن بىلەن ناخشا-مۇزىكا ئۆزئارا بېرىكىپ كەتكەن بولۇپ، ھەجىۋىلىكى ،  تەقلىد قىلىش ۋە دوراش خاراكتېرىدىكى كومىدىيەلىك خۇسۇسىيىتىنىڭ كۈچلۈكلىكى، ھازىر جاۋاپلىقى  بىلەن ئىپتىدائىي تىياتىرلىق خۇسۇسىيىتىنىڭ روشەنلىكى ، ... قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى ، باشقا ئۇيغۇر مەشرەپ ئويۇنلىرىدىن خېلىلا پەرقلىنىدۇ.
بىر قىسىم يازما مەنبەلەردە ‹‹كىلياڭ خارابە ئىزى ››دەپ ئاتالغان بىر خارابىلىكتىن تېپىلغان ھاياتلىق ئىزناسى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلاردىن يىڭى تاش قوراللار دەۋرىگە تەئەللۇق جانلىقلارنىڭ قالدۇقلىرى ، كۈل ، ئوتۇن – كۆمۈر پارچىلىرى ، كۆيۈپ كەتكەن سۆڭەك پارچىسى ، يىرىك ساپال پارچىلىرى ، سۆڭەك پارچىلىرى ، تاش پارچىلىرىدا جىجاپ ئويۇلغان ئىزلار بار بولۇپ ، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ئىزلىرى يوق①لۇقى قەيت قىلىنغان بولۇپ ، بۇنىڭغا ئاساسەن كىلياڭنىڭ يۇرت بولۇپ شەكىللىنىش تارىخىنى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ بۇنىڭدىن 4000-6000يىللار ئىلگىرىگە سۈرۈشكە بولىدۇ .
كىلياڭنىڭ ئىككى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى جەنۇبىي چىگرىسى  ھازىرقى كەشمىرنىڭ لاداخ دېگەن يېرىگە ، غەربىي قىسمى قارا قۇرۇم تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگىچە تۇتىشاتتى② ، يىپەك يولى بۇ جاي ئارقىلىق ھىندىستانغا تۇتاشتۇرۇلغان بولغاچقا ، تارىختا غەربى يۇرت بىلەن ھىندىستاننىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ بولغان ③ .
كىلياڭ تارىخىنىڭ مانا مۇشۇنداق ئۇزۇنلۇقى ، يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ بولغانلىقىدەك رىئالنى شارائىت تۈپەيلى كىلياڭ بوستانلىقىدا ئۇزۇن مەزگىل سودا – سېتىق ئىشلىرى ناھايىتى گۈللەنگەن ، تۈرلۈك توۋارلار بۇ جايدىن ئۆتكەن ياكى مۇشۇ جايدا يىغىلىپ تارقالغان . سودا-سېتىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى مەدەنىيەت –سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغان . ھەر خىل مەدەنىيەتلەر بۇ جايدا ئۇچراشقان ھەمدە يەرلىك مەدەنىيەتنىڭ روناق تېپىشىنى ئەۋزەل شارائىت بىلەن تەمىن ئەتكەن . كىلياڭ بازىرىدا نەچچە ئونلىغان كارۋان سارايلىرى،كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرى بارلىققا كېلىپ،مۇقام،مەشرەپ،ئەلنەغمە ، تىياتىر ۋە ئەدەبىيات ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان . كىلياڭ مەشرىپىنىڭ نەغمە بىلەن نەغمە ئارىسىدا ئوينىلىدىغان ئويۇنلاردىن قارچىغا ئويۇنى ( كىلياڭدا ياشىغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ قەدىمىي ئوۋچىلىق تۇرمۇشىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ ) ،  چەكمەن توقۇش ئويۇنى ( بۇ يۇرتنىڭ ئىپتىدائىي توقۇمۇچىلىق ئىشلىرىدىن مەلۇمات بېرىدۇ ) ، دارغا چىقىش ئويۇنى ( قەدىمقى كىلياڭلىقلارنىڭ باتۇر ، خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىش روھىيغا ئېگە تاغ كىشىلىرىگە خاس روھىي قىياپىتىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ  ) ۋە ‹‹بۈرگە سويۇش ››  ،  ‹‹ قونچاق ئۇسسۇلى›› ، ‹‹تۆگە ئويۇنى››...قاتارلىق مىللىي يىلتىزى قويۇق بولغان ئويۇن ، تىياتىر تۈرلىرى كىلياڭنىڭ قەدىمدىن بىرى ھەقىيقى سەنئەت  ئوچىقى بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ .  دېمەك كىلياڭنىڭ ئۇزاق تارىخى ، مەشرەپتىكى قەدىمىي تۈرلۈك ئىلمىنىتلار ، قەدىمىي تۇرمۇش تۈسى - بۇ يۇرتنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى قەدىمىيلىكى ۋە كىلياڭ مەشرىپىنىڭ قەدىمدىن بۇيان  كىلياڭ خەلقىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تۇرمۇش دىتالىغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا يىتەرلىك ئىسپات بولالايدۇ .
تۆۋەندە ‹‹ قونچاق ئۇسسۇلى›› ، ‹‹تۆگە ئويۇنى›› ، ‹‹بۈرگە سويۇش ››...قاتارلىق كىچىك تىياتىرلارنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ ، كىلياڭ مەشرىپىدىكى ئىپتىدائىي تىياتىر ئىلمىنىتلىرىنى كىتابخانلار نەزەرىگە سۇنىمىز.

1.        قونچاق

قونچاق ئويۇنىنىڭ تېكىستى :   
ئوڭ يانىغا تاشلاپ ئويناسۇن،
سول يانىغا تاشلاپ ئويناسۇن.
چاچىغا ئاسقان لىنتىسىنى ،
يانىغا تاشلاپ ئويناسۇن.

يا ئۇيانلىق بولمايدۇ،
يا بۇيانلىق بولمايدۇ.
ئوتىڭىز يامان خانىم،
چىدىغىلى بولمايدۇ.
ئوڭ يانىغا تاشلاپ ئويناسۇن،
سول يانىغا تاشلاپ ئويناسۇن.
چاچىغا ئاسقان لىنتىسىنى ،
يانىغا تاشلاپ ئويناسۇن.

بىزنىڭ باغدا ياڭاق بار،
ئىچەي دېسىلە شاراپ بار.
بېكار گەپنى ئاز قىسلا،
ئاھانەت بىلە تاياق بار.
ئوڭ يانىغا تاشلاپ ئويناسۇن،
سول يانىغا تاشلاپ ئويناسۇن.
چاچىغا ئاسقان لىنتىسىنى ،
يانىغا تاشلاپ ئويناسۇن.

ساماۋەرلەر بولسىدى،
چايلىرى قايناپ تۇرسىيدى.
بىر چىنە چاينى ئىچكۈچە،
يارىم ئويناپ تۇرسىيدى.
ئوڭ يانىغا تاشلاپ ئويناسۇن،
سول يانىغا تاشلاپ ئويناسۇن.
چاچىغا ئاسقان لىنتىسىنى ،
يانىغا تاشلاپ ئويناسۇن.

ئېرىق بويى چىم بوپتۇ،
چىم بولغانغا نىم بوپتۇ.
يارىم بوشراق ناز قىلسۇن،
بىر سۆيگەنگە نىم بوپتۇ.
ئوڭ يانىغا تاشلاپ ئويناسۇن،
سول يانىغا تاشلاپ ئويناسۇن.
چاچىغا ئاسقان لىنتىسىنى ،
يانىغا تاشلاپ ئويناسۇن.

قونچاق بىر خىل جازا ئويۇنى خاراكتىرىدىكى مىكرو تىياتىر بولۇپ ، ئاساسەن مەشرەپ سورۇنى ئىنتىزامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئويۇنى ‹‹ قارچۇغا تاشلاش›› تىن كىيىن ئوينىلىدۇ . يەنىي غوجىدار قارچۇغا تاشلىغۇچىغا سەھنىدىن چۈشۈپ كېتىشكە ئېجازەت بەرگەندىن كىيىن ، سازچى، ناخشىچىلارنىڭ كۈي باشلىشى بىلەن جازا ئىجرا قىلىنغۇچى قونچاق(قونچاق ئەمەلىيەتتە ئايالچە چوڭ كۆينەك كىيگۈزۈلگەن بىر ئادەم بولۇپ ، بۇ ئادەم تولۇق ئېگىلىپ ، ئىككى چوڭ پۇت بارمىقى چىڭ چىگىلىپ كۆينەكنىڭ ياقىسىدىن چىقىرىلىدۇ ھەم ياغلىقتىن بىر تال ئارتقۇزۇلۇپ ئۈستىگە دوپپا كىيدۈرۈلىدۇ . ئىككى قولى  كۆينەكنىڭ يىڭىگە كىرگۈزۈلۈپ بىر تالدىن ئىنچىكە كالتەك تۇتقۇزۇلىدۇ ، بۇ ئادەم ناخشا مۇزىكا رېتىمىغا كەلتۈرۈپ ، پۇتىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش بىلەن بىرگە ، ئىككى قولىدىكى كالتەكنى ئوينىتىپ ئادەمنىڭ پۈتۈن بەدەنلىك ئۇسسۇل ھەركىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ ) نى كۆتۈرۈپ سەھنىگە چىقىپ تاماششىبىنلارغا يۈزلىنىپ ئولتۇرىدۇ . ئىككى نەپەر ئۇسسۇلچى قونچاقنى ئايلىنىپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ ، ئۇسسۇلچىلارنىڭ ھەرىكىتى پەسكۇيغا چۈشۈپ قالسا قونچاقنىڭ ھەرىكىتىمۇ جانلىقلىقىنى يوقىتىدۇ ، مۇھەببەتلىك كۈيلەرنىڭ ئەۋجىگە چىقىشى ، ئىككى ئۇسسۇلچىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ جىددىيلىشىشىگە ئەگىشىپ ، قونچاقنىڭ ئۇسسۇل ھەرىكىتىمۇ ماس ھالدا تىزلىشىدۇ ، ھەتتا بەزى ۋاقىتلاردا قونچاق ئۆزىنى تۇتالماي ئۆزلۈكىدىن ئۇسسۇلچىلارنىڭ سۆيۈپ قويۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ . يىگىتلەردىن بىرسى قونچاقنى سۆيۈشى بىلەن تەڭ يەنە بىر يىگىتنىڭ كۈندەشلىكى كەلگەن  ، بۇنىڭ بىلەن ئىككى يىگىت ئۆز ئارا ئۇرۇشۇپ كەتكەن ھەرىكەتلەرنى ئىپادىلەيدۇ . ناخشا - مۇزىكا تۈگىگۈچە قونچاق ۋە يىگىتلەر قىزىقارلىق ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى بىلەن كەڭ مەشرەپ ئەھلىنى ئىستىتىك زوققا ئېرىشتۈرىدۇ . مۇزىكا ئاخىرلاشقاندىن كىيىن جازا ئىجرا قىلىنغۇچى قونچاقنى يەردە قويىدۇ ، قونچاق كۆينەكتىن چىقىپ ، مەشرەپ ئەلىگە ئۆزىنى ئاشكارىلايدۇ ، 4 نەپەر ئادەم كەڭ مەشرەپ ئەھلى بىلەن خوشلىشىپ سەھنىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ .

2.تۆگە ئويۇنى

   بۇ تىياتىردا بىر دادىنىڭ قىزى بىلەن تۆگىگە مېنىپ مەشرەپكە بارغان  ۋەقەلىك ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ ، ئىككى يىگىت مۈرىسىگە ئىككى تال بالداقنى قويۇپ ، بالداقنىڭ ئىككى ئۇچىدىن چىگىپ چاتقاندىن كىيىن ، بالداقنىڭ ئۈستىگە رەخت يىپىپ ، كۆرپە سېلىنىدۇ ، ئۈستىگە قىز ئولتۇرغۇزۇلىدۇ . ئالدىدىكى يىگىت ياساپ تەقلەنگەن تۆگىنىڭ كاللىسىنى كۆتۈرۈپ ماڭىدۇ ، تۆگىنىڭ بېىشىغا نوختا سېلىنغان بولۇپ ، بوۋاي تۆگىنىڭ چۇلۋۇرىدىن يېتىلەپ ، مەشرەپ سورۇنىغا ئېلىپ كىرىدۇ ھەم كوللىكتىپ ئۇسسۇلغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ . قىز تۆگىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ . تۆگە مەيداننى ئايلىنىپ بەزى چىرايلىق قىزلارنىڭ ياغلىقلىرىنى چىشلىگەن ھەرىكەتلەرنى كۆرسىتىدۇ ،  بۇنىڭ بىلەن مەيداندا قىقاس – چۇقان كۆتۈرۈلىدۇ . كوللىكتىپ ئۇسسۇلنىڭ ئەۋجىگە چىقىشى بىلەن تۆگە چۆكۈپ ، قىز تۆگىدىن چۈشىدۇ ۋە ئاممىغا قوشۇلۇپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ ، ئۇسسۇل تۈگىگەندە قىز يەنە تۆگىگە مېنىدۇ ، بوۋاينىڭ تۆگىنىڭ باشبېغىنى يىنىڭ تارتىشى بىلەن تۆگە ئورنىدىن تۇرۇپ مەيداندىن ئايرىلىدۇ ، تۆگە ئۈستىدىكى قىز مەشرەپ ئەھلىگە خوش دېگەن مەنىدە قولىنى پۇلاڭلاتقانچە ، ئۇسسۇل مەيدانىدىن چىقىپ كېتىدۇ .

3.بۈرگە سويۇش ئويۇنى .

  بۇرگە سويعۇچى سورۇننىڭ ئوتتۇرسىعا چىقىپ قىززىقارلىق قىلپ قولىعا بىر تال تاياقنى ئىلىپ سورۇننى ئايلىنىپ تۅۋەندىكى قوشاق بىلەن بۇرگىنى ئىزدەيدۇ
ھەي بۇگەم چاۋاش بۇگەم
ھەي بۇگەم پالۋان بۇگەم
مەن بۇگەمنى ئىزدەيمەن
ھەي بۇگەم چاۋاش بۇگەم
چاچراپ چىقىڭ تىز دەيمەن
ھەي بۇگەم پالۋان بۇگەم
بۇرگە ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغان  تون ئۇياقتىن بۇياققا ئېتىلىدۇ . مەشرەپ ئە ھلى يانلىرىغا تىقىۋىلىشىدۇ.
بۇ گەم قاچتى بۇلۇڭعا
ھەي بۇگەم چاۋاش بۇگەم
مەن قوعلايمەن كۇلۇڭعا
ھەي بۇگەم پالۋان بۇگەم
مەن بۇگەمنى تاپسام مەن
ھەي بۇگەم چاۋاش بۇگەم
كانارىعا ئاسۇرمەن
   ھەيي  بۇگەم توپا رەڭ بۇگەم
بۇگەمنى تىپىڭ قوتا باش
ھەي بۇگەم چاۋاش بۇگەم
ئىتتىك بولۇڭ مۇنەك باش
ھەي بۇگەم چاۋاش بۇگەم
قوشاق مۇشۇ يەرگە كەلگەندە بۈرگە سويغۇچى بۈرگىنى تۇتىۋىلىپ ،  سورۇننىڭ ئوتتۇرىسىغا  سۆرەپ ئىلىپ كىلىدۇ ھەم ئىككى ئادەمنى ياردەمگە چاقىرىدۇ ، ئىككى يىگىت چىقىپ ، بۈرگىنى ئىككى تەرەپتىن تۇتۇپ تۇرىدۇ .
بۇگەم بۇگەمدىن ئارتۇق
ھەي بۇگەم پالۋان بۇگەم
پوكاندىن سۅرەپ تارتتۇق
ھەي بۇگەم چاۋاش بۇگەم
مەن بۇگەمنى تاپتىم مەن
ھەي بۇگەم پالۋان بۇگەم
پۇت قولىنى چاتتىم مەن
بۇگەمنى بوعوزلايمەن
ھەي بۇگەم چاۋاش بۇگەم
ئالعىنىعا ساتايمەن
بۈرگە سويغۇچى پىچاق ئورنىدا ئىشلىتىلگەن تاياقنى پىچاقنى بىلىگەندەك ھەركەتلەر بىلەن بىلەپ ، ئاياقلاشتۇرىدۇ   ھەم بۈرگىنىڭ كارنىيىغا سۈرىدۇ . پىچاقنى بۈرگىنىڭ كارنىيىغا سۈرگەندە خىرررر..... قىلىپ ئاۋاز چىقىدۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە جان تالىشىۋاتقاندەك ھەرىكەت بىلەن  ، بۈرگىنى تۇتۇپ بەرگەن ئىككى يىگىتنىڭ ياردىمىدە تىزلىك بىلەن سورۇندىن بىر چۆگىلەيدۇ. بۈرگىنى سويۇش ئۈچۈن تېرىسىنى جىجىغان ۋاقىتتا پىچاقنى توننىڭ يىڭىدىن ئۆتكۇزۇپ ئۇتتۇردا ئولتۇرغانلارغا قەدەر  ئاپىرىپ قىزىقارلىق كۆرنۇش ھاسىل قىلىدۇ
مەن پىچىقىمنى كاپلىۋىتىپ
ھەي بۇگەم پالۋان بۇگەم
ئىتتىك يىرىنى قاتلىۋىتىپ
ھەي بۇگەم چاۋاش بۇگەم
پىچاق سۇردۇم گىلىعا
ھەي بۇگەم پالۋان بۇگەم
دەسسىۋىلىپ بىلىعا
ھەي بۇگەم چاۋاش بۇگەم
مەن بۇگەمنى پۇدەيمەن
ھەي بۇگەم پالۋان بۇگەم
پۇدەپ بولۇپ سويايمەن
ھەي بۇگەم چاۋاش بۇگەم
مەن بۇگەمنى جىجايمەن
ھەي بۇگەم پالۋان بۇگەم
تىرىسىنى تىلايمەن
ھەي بۇگەم چاۋاش بۇگەم
مەن بۇگەمنى سويايمەن
ھەي بۇگەم پالۋان بۇگەم
كۆزلىرىنى ئويايمەن
ھەي بۇگەم چاۋاش بۇگەم
بۇگەمنى سوياپ بولدۇم
ھەي بۇگەم پالۋان بۇگەم
كانارعا ئىسىپ بولدۇم
ھەي بۇگەم چاۋاش بۇگەم
ئاتمىش پاتمان گۅش چىقتى
ھەي بۇگەم پالۋان بۇگەم
يەتمىش پاتمان چاۋىسى
ھەي بۇگەم چاۋاش بۇگەم
چوكانلارعابەرمەيمەن
ھەي بۇگەم پالۋان بۇگەم
پۇلى بولمىسا نىسى
ھەي بۇگەم پالۋان بۇگەم
مەن بۇگەمنى ساتۇرمەن
ھەي بۇگەم چاۋاش بۇگەم
قىنى كىمگە تاتۇرمەن
ھەي بۇگەم پالۋان بۇگەم
قوشاققا بىرلەشتۈرۈلۈپ بۈرگە سويغۇچى بۈرگىنى سويغان ، كانارىغا ئاسقان ، ئىچ – قارنىنى ئالغان ، پارچىلىغان ھەرىكەتلەرنى تاماملايدۇ ، ئىككى يىگىت بۈرگە ئورنىدا ئىشلىتىلگەن تونچە چاپاننى ئىككى تەرەپتىن چىڭ تۇتۇپ تۇرىدۇ .
    بۇرگىنىڭ گۆشىنى تارتقان ۋاقىتتا ياخشى يەرلىرىنى ياخشى ئادەملەرگە ، ناچار يەرلىرىنى سورۇندا ئەدەپسىزلىك قىلغانلارغا تارتىدۇ ھەم ھەجىۋى ھەركەتلەر بىلەن خالىغان كىشىنىڭ قىشىغا بىرىپ گۆش تارتقان ھەركەتلەرنى ئورونلايدۇ .
ئۅزلىرگە نەنى تارتىمىز؟
ھەي بۇگەم چاۋاش بۇگەم
ئۆزلىرگە تارتتىم كاللىسىنى
ھەي بۇگەم پالۋان بۇگەم
سوعاقچاننىڭ دورىسىنى
ھەي بۇگەم چاۋاش بۇگەم
ئۅزلىرگە نەنى تارتىمىز؟
ھەي بۇگەم پالۋان بۇگەم
ئۅزلىرگە تارتتۇق قوللىرىدىن
ھەي بۇگەم چاۋاش بۇگەم
گۉللەر ئۇنسۇن يوللىرىدىن
ھەي بۇگەم پالۋان بۇگەم
ئۅزلىرگە نەنى تارتىمىز؟
ھەي بۇگەم پالۋان بۇگەم
ئۅزلىرگە تارتتۇق قوۋورعا
ھەي بۇگەم چاۋاش بۇگەم
قىلىڭ ئاداشقا سوۋعا
ھەي بۇگەم پالۋان بۇگەم
ئۅزلىرگە نەنى تارتىمىز؟
ھەي بۇگەم پالۋان بۇگەم
ئۆزلىرىگە تارتتۇق سانلىرىدىن
ھەي بۇگەم چاۋاش بۇگەم
قوشوپ يەنە قانلىرىدىن
ھەي بۇگەم پالۋان بۇگەم
ئۅزلىرگە نەنى تارتىمىز؟
ھەي بۇگەم پالۋان بۇگەم
ئۅزلىرىگە تارتتۇق بوينىدىن
ھەي بۇگەم چاۋاش بۇگەم
قىززىپ كەتسۇن قوينىدىن
ھەي بۇگەم چاۋاش بۇگەم
ئۅزلىرگە نەنى تارتىمىز؟
ھەي بۇگەم پالۋان بۇگەم
ئۅزلىرىگە تارتتۇق بۆرىكىنى
ھەي بۇگەم چاۋاش بۇگەم
ئۅزلىرىگە تارتتۇق سىيگۇلىكىنى
ھەي بۇگەم چاۋاش بۇگەم
ئۅزلىرگە نەنى تارتىمىز؟
.............
ئەڭ ئاخىرىدا توننىڭ ئىگىسى ئالدىغا بىرىپ:
ھەي بۇگەم پالۋان بۇگەم
ئۅزلىرىگە قاپتۇ توحماق ئۇچەي
ھەي بۇگەم چاۋاش بۇگەم
قۇشۇپ بىرەي پوقلۇع ئۇچەي
ھەي بۇگەم پالۋان بۇگەم
ئۅزلىرگەتارتتۇق ئۅپكىسى
جۇۋا قىلىۋالسىلا تىرىسىنى .
تىرىسىنى سىلى جۇۋا قىلىپ كىيىۋالسىلا دەپ توننى ئېگىسىگە يىپىپ قويۇپ ، قوشاقنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.مەشرەپ سورۇنىدا قىزغىن كۈلكە – چاقچاق ، قىيا – چىيالار ئەۋجىگە چىقىدۇ.

4.دار ئويۇنى

نەغمىچىلەر «دار ئويۇنى» نىڭ مۇزىكىسىنى باشلايدۇ  . تەمبەل بىر يىگىت ئىككى قولىنى كېرىپ تەڭشەك قىلىپ ، ئىككى قەدىمىنى مۇزىكا رېتىمىغا ماسلاشتۇرغان ھالدا بىر تۈز سىزىق ئۈستىدە ئالدى-كەينىگە يۆتكەپ ، داردا ماڭغاننى دورايدۇ. ئويۇن يېرىملاشقاندا، يىگىت تۇيۇقسىز توختاپ ئولتۇرۇپ قالىدۇ.مۇزىكا توختايدۇ)
يىگىت بىشى : قارىم ، توختاپ قالدىلىغۇ ؟
يىگىت : مەن ئەمدى دارنىڭ ئۈستى تەرپىگە ماڭىمەن غوجام، يامغۇر بىلەن يەر كۆكىرەر ، مەدەت بىلەن ئەر  دېگەن گەپ بار. مەن سورۇندىكىلەردىن مەدەت تىلىمەكچى
يىگىت بىشى: خوش؟
يىگىت : ئاقساقاللاردىن سورىۋالىدىغان بىرنەچچە سۇئالىم بار ئىدى.
يىگىت بىشى: (ساقىلى ئۇچتەك ئاقارغان بىر مويسىپىتنىڭ  ئالدىغا بېرىپ سالام بېرىدۇ) ھەزرىتىم ، رۇخسەتمىكىن؟
مويسىپىت:ئىجازەت.
يىگىت بىشى: (يىگىتكە) قېنى سورىسىلا.
يىگىت: ھەزرىتىم ئىنساننىڭ ئەڭ ئالىي پەزىلىتى نېمىيكىن؟
مويسىپىت : ئۆز بېشىغا كەلگەن قىيىنلىققا بەرداشلىق بىرىش،  ۋە ئۆز ئىلىگە، خەلقىگە، دوستىغا خىيانەت قىلماسلىق .
يىگىت : ھاياتلىقنىڭ ئەۋزەللىكى نېمىكىن؟
مويسىپىت :  ئىلىم-مەرىپەت ، ھالال مېھنەت ، پاك مۇھەببەتتۇر.
يىگىت : ھەزرىتىم ، دۇنيادا ئەڭ ئېغىر نەرسە نېمىدۇر؟
مويسىپىت : غېرىبلىق،جۇدالىق ، مۇھتاجلىق دۇنيادا ئەڭ ئېغىر نەرسىلەردۇر.
يىگىت: ئەڭ ئېسىل بايلىق نېمىكىن؟
مويسىپىت : سالامەتلىك ۋە خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇشتىن ئارتۇق بايلىق يوق.
يىگىت: ھەشقاللا ھەزرىتىم ، ئۆزلىرىنىڭ تەلىمى پېقىرغا مەدەت بولدى. يا پىرىم!
مۇزىكا چىلىنىدۇ يىگىت «دار»نىڭ ئۈستىگە قاراپ ماڭىدۇ،ھەرخىل ھەرىكەتلەرنى قىلىپ،داردا ماڭغان خەتەرلىك ھالەتلەرنى دورايدۇ . مۇزىكا توختاپ ، ئويۇن ئاياقلىشىدۇ ، يىگىت كۆپچىلىككە سالام بېرىدۇ.
مەزكۇر تىياتىرلار گەرچە ھەجىم جەھەتتىن چوڭ بولمىسىمۇ ، ئۆزىگە بەلگىلىك مەزمۇننى سىغدۇرغان  بولۇپ ، سەھنىدە ئوبراز يارىتىش ، پىرسۇناژلار تىلى ، ئۇسسۇل ، مۇزىكا ، مېمىيكا قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە ئامىللار ئارقىلىق جەمئىيەتتىكى ياخشىلىق ، ئىزگۈلۈكلەرنى مەدھىيەلەپ ، ناچار قىلمىشلارنى سۆكۈش، ئاساسلىقى ئادەملەرنى مەكتەپتە ، مەكتەپتە بولمىغىنىدا مەشرەپتە تەربىيەلىنىپ ، ياخشى  ئادەم بولۇشقا چاقىرىش : بېكىنمىچىلىك ، خوراپاتلىققا قارشى تۇرۇپ ، يىڭىلىققا ، يورۇقلۇققا ئىنتىلىشكە ئۈندەشتە ئۆز رولىنى ئارتقۇزۇپ ،  تارىختىن بۇيان كەڭ مەشرەپ ئەھلىنى ئۈنسىز تەربىيەگە ئېگە قىلىپ كەلگەن .
ئىزاھلار:
① ئادىل مۇھەممەد : ‹‹ قەدىمى خوتەن ›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 2009-يىل نەشرى .
② ، ③ ‹‹ گۇما تارىخ ماتىرىياللىرى ›› ( 2-توپلام )قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى باسمىسى ( ئىچكى ماتىريال ) ، تۇرسۇنمۇھەممەت ھۈسىيىننىڭ ‹‹ قەدىمقى يىپەك يولىدىكى كىلياڭ بازىرى ›› ناملىق ماقالىسى .

idraksoft

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2028
تۆھپە : 1
توردا: 345
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 10:42:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزكۇر ماقالە مۇشۇ تېمىنى يورۇتۇپ بېرىشتە ئىلمىي قىممەتكە  ئىگە ماتىريال بوپتۇ.بۇ ساھەدە تەتقىق قىلىنىشقا تېگىشلىك تېمىلار كۆپ.مەن مىللى ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىزنى تەتقىق قىلىدىغان،بۇ جەھەتتە قەلەم تەۋىرتىدىغانلارنى  نىڭ كۆپىيىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش