تۇردى سۇلتان ئىزچى ھەقىقەتەن يوقۇرقى باھالاردا تەرىپلەنگەندەك تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر تېمىغا تۇتۇش قىپتۇ ۋە دەسلەپكى قەدىمىنى مۇۋەپەقىيەتلىك بېسىۋاپتۇ. مەن ئاپتورنىڭ بىر نەچچە پارچە رومان توغرىسىدىكى مىكرو باھالىرىنى قىزىقىش بىلەن ئوقۇپ چىقتىم. شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، ئاپتور ھەر بىر پارچە رومانغا باھا بەرگەندە شۇ روماننىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكىنى، مۇنداقچە ئېيتقاندا، شۇ روماننى شۇنداق بىر رومان بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە قىلغان ماھىيەتلىك بەلگىلىرىنى يەكۈنلەپ چىقىشقا تولىمۇ ئەھمىيەت بىلەن قاراپتۇ. گەرچە باھالىرى تونۇشتۇرۇش،بايان قىلىش ئۇسلۇبىدا ئېلىپ مېڭىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىلمىي ھەم قايىل قىلارلىق.
ھەقىقەتەن ئوقۇرمەنلەرگە ئۇيغۇر رومانلىرىنى موشۇنداق مېغىزلىق ھالەتتە تونۇشتۇرمىساق بولمايدىغان ھالغا كېلىپ قالدۇق. «تىرىڭ»قىلغان ئاۋاز دۇنيانى قاپلاۋاتقان موشۇنداق بىر ئۇچۇر دەۋرىدە رومانلىرىمىز باھاسىز،ئىزسىز قېلىۋەرسە، بىز ئاپتورلىرىمىزغا ھەقىقەتەن يۈز كېلەلمەيمىز.. شۇڭا مەن بالىلار رومانلىرى توغرىلىق ئانچە-مۇنچە ئىزدەندىم ۋە دەسلەپكى قەدەمدە بىر نەچچە پارچە ماقالەم بىلەن «ئۇيغۇر بالىلار رومان ئىجادىيىتىدىكى يارقىنلىق» ناملىق كىتاۋىمنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردۈم. دېمەك، تۇردى ئەپەندى ئىككىلىمىز مەقسەتداش ھەم تەقدىرداشلاردىنكەنمىز. قېنى بىرلىكتە تىرىشايلى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بۇلبۇل62 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-9-18 19:21
|