ئىگىسى: تۇردى سۇلتان

تۇردى سۇلتان ئىزچى: ئۇيغۇر رومانلىرى توغرىسىدا

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-6-11 15:58:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى ئىش بوپتۇ، ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ تارىخى گەرچە باشقا ژانىرلاردىكىدەك ئۇزاق بولمىسىمۇ لىكىن يىقىنقى بىرنەچچە يىلدا ئۆزلۈكسىز تەرەققىياتقا ئېرىشتى. بۇنداق تەرەققىيات مەزگىلىدە سۈپەتكە ھۇجۇم قىلىشتا ئېنىقكى تەتقىقاتقا مۇراجەت قىلىش ئەڭ ئاقىلانىلىك. تۇردى سۇلتاننىڭ ئىشلىرىنىڭ مۇۋاپىقيەتلىك بولىشىغا تىلەكداشمەن.

ۋاقتى: 2012-6-14 14:05:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىڭغىز ئايتڭماتوفنىڭ بىر مەشھۇر سۆزى بار . ‹‹بىر مىللەت ئەدەبىياتى دۇنياغا يۈزلىنىمەن دەيدىكەن، شۇ مىللەت ئەدەبىياتى ئالدى بىلەن ئۆز مىللىتىگە يۈزلىنىشى كىرەك›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا رومان ئىجادىيتى گەرچە ‹‹ياش ژانىر›› بولسىمۇ پەيدا بولغان قىسقىغىنە يېرىم ئەسىردىن بۇيان زور گۈللىنىشلەرگە ئىرىشتى. ئۇيغۇر رومانچىلىقى نۆۋەتتە ئەنئەنىۋىي ئۇسلۇپ ئاساسىدا زامانىۋىيلىققا خەلقنى يېتەكلىسە ناھايتى ياخشى بولاتتى، دېگەن ئۈمىدتىمەن. بۇ چاغدا ئەدەبىيات ‹‹خەلقنى يېتەكلەش›› رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرالايتتى. ئاپتۇرلىرىمىزنىڭ قەلىمىگە بەركەت تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2012-6-16 00:14:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bagyar يوللىغان ۋاقتى  2012-5-19 00:57
دوستىمىز تۇردى سۇلتان ئىزچى ئەھمىيەتلىك بىر ئەمگەكن ...

ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا« 225رومان نەشىر قىلىندى» دېگەن پىكىر مىنڭچە تازا توغرا بولماي قالدىمۇ قانداق؟   5-ئاينىڭ 27-كۈنى پىداگوكىكا ئونۋېرسىتىتىدا ئېچىلغان رومانچىلىق توغرىسىدىكى  يىغىنىغا قاتناشقانلارنىڭ خەۋىرىدە بولسا كېرەك،  ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا نەشىر قىلىنغان رومانلارنىڭ سانى 244دېگەن سانغا مەركەزلەشتى.   مەنمۇ رومانلارنىڭ سانىنى سىستاستىكا قىلىپ چىققانىدىم، ھازىر سەل ئالدىراش بولۇپ قالغاچقا تولۇق رەتلەپ بولالمىدىم. مەنمۇ مۇشۇ پىكىرگە قۇشۇلىمەن. يەنىلا  تەتقىقات ئىشلىرىدا ئاشۇ يىغىندا ئازاد سۇلتان باشچىلىقىدىكى ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى مۇئەييەنلەشتۈگەن سانلىق مەلۇماتنى ئاساس قىلساق دېگەن پىكىرنى ئويلىشىپ باقساق.

ۋاقتى: 2012-6-16 02:00:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلار ئەدەبىياتى سىمانارىيىسىدىمۇ 240 دەپ تىلغا ئېلىنغان ئىدى

ۋاقتى: 2013-3-1 03:32:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇردى سۇلتان ئاكا  ئەھمىيەتلىك تېمىغا تۇتۇش قىلىپسىز   مىللىتىمىزنىڭ پەخىرى بولغان ئۇلۇغلىىرمىنىڭ ئىزىنى تىپىپسز  ئاشۇ    ئۇلۇغلىىرمىنىڭ ئىزىنى بويلاپ مىڭىڭ، ئۆرلەڭ    كەلگۇسىدە ئاشۇ ئۇلۇغلار ئارسىدا  ‹‹تۇردى سۇلتان ئىزچى ››دىگەن  نام بىلەن   ئۆچمەس  ئىز  قالدۇرۇڭ  كەلگۇسى ئەۋلاتلار بۇ  ئىزنى  تاپسۇن  بۇ ئىزلار مەڭگۇ ئۆچمىسۇن.
مەڭگۇ داۋام   قىلسۇن   ئۇيغۇر  دىگەن  نام   .......

ۋاقتى: 2013-3-7 12:53:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىزگە بەركەت بەرسۇن!

ۋاقتى: 2013-3-12 22:09:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىزدىن شەربەتلەر تېمىپ تۇرغاي، بەرىكەتلىك بولۇڭ!

ۋاقتى: 2013-3-13 23:29:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى ئىشقا تۇتۇش كىلىپسىز، قەلىمىڭىز ھارمىغاي.

ۋاقتى: 2013-4-6 05:51:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باسقان قەدىمىڭىزگە مۇبارەك! قەلەم ھارمىغاي!

ۋاقتى: 2013-4-7 13:13:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېمىسمۇ راس  ئويغۇر رومانچىلىقى بىرخىل رامكا ئىچىدە قىلىپ قالدى.بىر رومانچىلىق ئەمەس بەلكى ھەممە نەرسە بىر خىل رامكا ئېچىگە چۇشۇپ قالدى،قايسى خىل رومانغا قارىسا بىر خىل گەپ تەكرارلىنىدۇ،مەيلى پەلسەپى كىتابلار بولسۇن مەيلى باشقا خىلدىكى كىتابلار بولسۇن.ھەممسى بىر خىل رامكىدا. بىز بۇخىل رامكىنى بۇزۇپ تاشلىشىمىز كېرەك .ئۆزىمىزگە چەك قويىۋالماسلىقىمىز كېرەك.پايدىنىشقا تىگىشلىك كىتابلاردىن پايدىلىنىشىمىز كېرەك ھەرگىزمۇ  چەتئەلنىڭكى دەپ ئولتورماسلىقىز كېرەك.شۇنداق قىلغاندا ئۆزىمىزدىكى بىكىنمە
ھالەتنى يوقاتقىلى  ھەم ئويغۇر ئەدەبىياتى  ئىزچىل تۇردە تەرەققىي قىلىدۇرغىلى بولىدۇ.

ۋاقتى: 2013-4-12 23:43:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەلىكە مۇھەممەت يوللىغان ۋاقتى  2012-5-18 01:08
ياخشى تېمىغا قەلەم تەۋرىتىپسىز.ئىزدىنىشىڭىزگە مۇۋاپى ...

قوللىرىڭىز دەرت كۆرمىسۇن !

ۋاقتى: 2013-4-19 15:28:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                       بۇ   ئەمگەكلەر   ھېلىمۇ  داۋاملىشىۋاتقانمىدۇيا؟

ۋاقتى: 2013-5-27 14:31:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۆھتىرەم تۇردى سۇلتان ئىزچى،رەھمەت سىزگە.رومانلىرىمىز ئۈستىدە سالماق ئىزدەنگىنىڭىزگە ۋە ئەستايىدىل يەكۈنلەپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.بۇ قىلغىنىڭىز چۇقۇم باشقىلىرىمىزغا يول ئېچىپ،توغرا نىشان تورغۇزۇپ بېرىدۇ.ئەمدى بورۇنقىدەك «مونۇ رومان قىزىقكەن»،«ماۋۇ روماندا ئەسكى ئادەملەر جىقكەن»،«ماۋۇ روماندا.....دېگەندەك ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن رومان ئوقۇيدىغان كىتابخانلىرىمىز چوقۇم باشقىچە بىر كۆز قاراشقا كىلىدۇ.رومان دېگەننى ئەلۋەتتە ئاددىي كۆز بىلەن ئەمەس،دىل كۆزى بىلەن ئوقۇش كېرەك.چۈنكى،ئەدىبلىرىمىز ئېيتقاندەك،رومان دېگەن ئەينەك.

ۋاقتى: 2013-6-4 18:31:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپالىق ئىزدىنىشلىرى چوقۇم قۇت تاپىدۇ.  بۇ ئەسلى بىر ئادەم يالغۇز قىلىدىغان ئەمگەك ئەمەس ئىدى، سىلى مەردانىلىق بىلەن بۇ ئېغىر يۈكنى يالغۇز كۆتۈرۈشكە جۈرئەت قىپتىلا، ئەجىرلىرى يەردە قالمىغاي! ئاخىرىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمەن!

ۋاقتى: 2013-6-23 11:04:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        خوتەن مائارىپ ئىنستىتۇتى( پېداگوگىكا مەكتىپى )نىڭ لېكتورى ، تەتقىقاتچى سادىر تۇرسۇننىياز (ئۇدۇنلۇق) ھازىرغا قەدەر يېزىلغان ، نەشىردىن چىققان ئۇيغۇر رومانلىرى ھەققىدە شەرھ خاراكتېرىدە چوڭ ھەجىملىك  بىر كىتاب يازغان بولۇپ، بۇ كىتاب 2012-يىلى نەشىرگە تاپشۇرۇلغان. سادىر تۇرسۇننىياز مۇئەللىمنىڭ  ماڭا دېيىشىچە، بۇ كىتاب 2013-يىللىق پىلانغا ئېلىنغان بولۇپ، جىددىي تەھرىرلىنىۋېتىپتۇ، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن نەشىردىن چىقىپ بولىدىكەن.
        تەتقىقاتچى  تۇردى سۇلتان ئىزچىمۇ بۇ ھەقتە كىتاب يېزىشقا تۇتۇش قىلىۋېتىپتۇ.  ئۇيغۇر رومانلىرى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەر ئىككەيلەنگە ئۇتۇق يار بولسۇن.  ئىككەيلەننىڭ ۋە باشقا تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇيغۇر رومانچىلىقى تەتقىقاتىنى سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىپ،  مۇشۇ ھەقتىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇرۇشىغا تىلەكداشمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش