ئەسسالامۇئەلەيكۇم!
جانكۆيەر، مۆھتىرەم مۇنبەرداشلارغا ئوتلۇق سالام! مۇنبىرىمىز ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەجرىڭلار تېخىمۇ قۇت ئاتسۇن!
كەمىنە قەلەمدىشىڭلار يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئۆز ئىقتىدارىمغا يارىشا، ئۇيغۇر رومانلىرى ھەققىدە خېلى ئىزدىنىپ باقتىم. بۇ جەرياندا ئۇيغۇر رومانلىرى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىدىغان، ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ سەۋىيىسىنى ۋە سالمىقىنى، تەرەققىياتىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان ئومۇمىي دائىرىلىك بىرەر ماتىرىيال يوقلۇقىنى ھېس قىلىپ، 《 ئۇيغۇر رومانلىرى توغرىسىدا 》 نامىدا ماتىرىيال تۈزۈش زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلىپ، بىر قىسىم ئەمگەكلەرنى ئىشلىدىم. بۇ جەرياندا ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنغان كىتاب، گېزىت- ژورناللاردا ئۇيغۇر رومانلىرى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان ماقالە، ئوبزور، باھالارنى توپلاپ، ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقتىم ھەمدە بۇ ماقالە، ئوبزور، باھالارنى ئۆزلەشتۈرۈش ئاساسىدا بىر قىسىم رومانلارغا يېزىلغان باھالارنى رەتلەپ چىقتىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تېخى باھا يېزىلمىغان بىر قىسىم رومانلارغا ئۆزۈم باھا يېزىپ چىقتىم.
رومانلارغا باھا يېزىشتا، رومان نامى، نەشر قىلىنغان ۋاقتى، نەشر قىلىنغان نەشرىيات، روماننىڭ مەزمۇن قاتلىمى، روماننىڭ بەدىئىي ئالاھىدلىكى ۋە مۇۋەپپىقىيىتى، روماننىڭ يىتەرسىزلىكى، مەزكۈر روماننىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تۇتقان ئورنى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى قاتارلىق دائىرىدە قەلەم تەۋرىتىشنى مۇۋاپىق تاپتىم . سەھىپە ئېتۋارىدىن ھەر بىر رومانغا يېزىلغان باھا ھەجىم جەھەتتىن قىسقا بۇلۇشىغا، نەزەرىيىۋى جەھەتتىن مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بەكرەك كۈچ سەرپ قىلدىم.
بۈگۈندىن باشلاپ يېزىلغان، رەتلەنگەن باھا ۋە تەقرىزلەرنى مۇنبەرداشلارنىڭ قىممەتلىك نەزەرىگە سۇنماقچىمەن. يازغانلىرىم رومانلارنىڭ مۇۋەپپىقىيەت ۋە يېتەرسىزلىكلىرىنى ئوقۇرمەنلەر كۈتكەن نوقتىلاردىن چىقىپ يورۇتۇپ بېرەلمەسلىكى مۇمكىن. مۇنبەرداشلارنىڭ يەنە تولۇقلاشقا ۋە ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك مەزمۇنلار ھەققىدىكى تەلىمىگە ئىنتىزارمەن.
كامالىي ئېھتىرام بىرلە
تۇردى سۇلتان ئىزچى.
2012 – يىل 16 – ماي. قەشقەر.
« ئىز »
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ 1985 – يىل 1 – ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان تارىخىي رومانى بولۇپ ، مۇقەددىمە ، 28 باپ ۋە خاتىمىدىن تەركىپ تاپقان . روماندا 1910 – يىللاردا قۇمۇلدا پارتىلىغان قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى ۋە قوزغىلاڭنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى بولغان تۆمۈر خەلىپىنىڭ ئىش ئىزلىرى نوقتىلىق بايان قىلىنغان . يازغۇچى بۇ روماندا قوزغىلاڭنىڭ پارتىلىشىدىكى ھەر خىل سەۋەپلەرنى ، قوزغىلاڭنىڭ پارتىلاش ۋە ئېلىپ بېرىلىش جەريانىنى تۆمۈر خەلىپە قاتارلىق قوزغىلاڭ رەھبەرلىرىنىڭ شۇنداقلا ، باشقا قوزغىلاڭچىلارنىڭ باتۇر ، قەيسەر روھىنى ، قوزغىلاڭنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى ئىجتىمائىي ، پىسخىك سەۋەپلەرنى ناھايىتى جانلىق ، تەسىرلىك سۆرەتلەپ ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئىجتىمائىي رېئاللىقنى كۆرسىتىپ بەرگەن .
روماننىڭ مۇۋەپپىقىيىتى تارىخىمىزدىكى قان – ياشلىق ، تېخى ئانچە مەلۇم بولمىغان نازۇك ، ئەھمىيەتلىك باسقۇچنى تارىخىي چىنلىق بىلەن بەدىئىي توقۇلما ، ئىددىيۋى مەزمۇن بىلەن بەدىئىيلىك ، ئۆتمۈش بىلەن رېئاللىق ناھايىتى ماھىرلىق بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن ھالدا ئېچىب بېرەلگەنلىكى ، بۇ جەرياندا تۆمۈر گلىپە ئوبرازىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ياراتقانلىقىدا .
روماندىكى باش قەھرىمان تۆمۈر خەلىپە ئوبرازى ئۆزىدە ئىپادىلىگەن تارىخىي چوڭقۇرلىقى ، خاراكتىرىنىڭ چىنلىقى بىلەن ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە . يازغۇچى تارىخىي ھەقىقەتنى ، ھاياتلىق پەلسەپىسىنى ۋە كۆز قاراشلىرىنى تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە مۇشۇ ئوبراز ئارقىلىق يورۇتقان بولغاچقا ، تۆمۈر خەلىپىنىڭ تارىخىي رېئاللىقتىكى پىروتوتىپىنى تېخىمۇ كەڭ بەدىئىي زېمىن باغرىدىكى ئۆتكۈر زىددىيەتلەر ئىچىگە ، ھەركەت ئىچىگە قويۇپ ، ئۆسۈش ئىچىگە قويۇپ تۇرۇپ ئىچىگە قويۇپ تۇرۇپ ئەتراپلىق تەسۋىرلىگەن ، ئۇنى تارىخنىڭ تەرەققىيات ئىزناسىدىن زادىلا ئاجرىتىۋەتمىگەن . شۇ ئارقىلىق ، ئۇنىڭ ھاياتىي پائالىيەتلىرى بىلەن قوزغىلاڭ ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى زىچ جىپسىلاشتۇرۇپ ، جوزغىلاڭنىڭ پارتىلىشى ، كۈچىيىشى ، غەلىبە قىلىشى ۋە ئاخىرىدا مەغلۇپ بولۇشىنىمۇ تارىخىي چىنلىق ئاساسىدا سۆرەتلىگەن .
روماندا خېلى مۇپەسسەل يورۇتۇپ بىرىلگەن پىرسۇناژلار ئوبرازى يەتمىشكە يېقىن، تىلغا ئېلىنغان، يانداش پىرسۇناژلار ئاتمىش ئەتراپىدا . لېكىن ھەر قايسى پىرسۇناژلار ئۆزىگىلا خاس خاراكتىر ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرەرىدىمۇ پۇتۇنلەي ئوخشاشلىق ياكى تەقلىدچىلىك، ئۆلۈك قېلىپبازلىق، دورامچىلىق مەۋجۇت ئەمەس .
« ئىز » رومانىدىكى قازاق قىزى ئايسۇلۇنىڭ ۋەقەسىمۇ بەدىئىي توقۇلما بولۇپ، يازغۇچى بۇ پىرسۇناژنى ئۇيغۇر ، قازاق، مۇڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كۆرەش تارىخىنى بىر- بىرىگە باغلاش مەقسىتىدە ياراتقان . تېخىمۇ موھىمى شۇكى ، « بۇ روماندا پىروتوتىپ يەتمىش پىرسەنىتنى تۇتسا، بەدىئىي توقۇلما ئوتتۇز پىرسەنتىنى تۇتىدۇ.» (ئە، ئابدۇرېھىم . « يازغۇچىلار بىلەن سۆھبەت » . شىنجاڭ - ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى 2000- يىل 4- ئاي 1- نەشىرى 46- بەتكە قارالسۇن.) ئەمما، روماننىڭ چىنلىقى ۋە بەدىئىيلىكى ناھايىتى يۇقىرى بولغاچقا ، مەزكۇر روماندىكى پىروتوتىپلارنىڭ ھەممىسى ھەقىقىي ، چىن تارىخىي شەخىسلەردەك تۇيۇلىدۇ .
يازغۇچى روماندا مۇھەببەتنى تەسۋىرلەشكىمۇ ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلغان بولۇپ ، ئامانقۇل بىلەن ئايسۇلۇ ، راجى بالا بىلەن گۈلقىزلارنىڭ مۇھەببەت پاجىئەسى ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ئەينى دەۋىردىكى زۇلمەتلىك دەۋىرنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ بەرسە ، يەنە بىر تەرەپتىن ئەينى دەۋىردىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇھەببەت قىممەت قارىشىنى جانلىق ئېچىپ بەرگەن . تارىخىي رومان يېزىشنىڭ ۋە تارىخقا ئىچكىرلەپ كىرىشكە جۈرئەت قىلىش ھەم تارىخ ئىچىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىشقا ماھىر بولۇشتەك پىرىنسىپنى ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىدىن ئۆتكۈزۈپ ، ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىنى قىممەتلىك تەجرىبىلەر بىلەن تەمىنلىگەن . روماننىڭ سىيۇژىت قۇرۇلمىسى پۇختا ، زىددىيەت توقۇنۇشلىرى كەسكىن بولۇپ ، يازغۇچى روماننىڭ سىيۇژىتى بىلەن قۇرۇلمىسى ئۈستىدە ئىشلىگەندە ، باش قەھرىمان تۆمۈر خەلپىنىڭ تىپىك خاراكتىرىنى يورۇتۇپ بېرەلەيدىغان تارىخىي ماتىرىياللارنى توغرا تاللاپ ھەم ئىجادىي تەسەۋۋۇر كۈچى ئارقىلىق پىششىقلاپ ، ئاساسىي زىددىيەتلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ، رەتلىك ، پۇختا ، تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرغان . ھەر قايسى بابلار ئۆز ئارا ماسلاشقان ، بۆلەكلەر جىپسىلاشقان ، پىرسۇناژلار بىلەن ۋەقەلىك ئورگانىك باغلانغان .
يازغۇچى روماندا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتنىڭ مىراسلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ، مەزمۇنىنى بىيىتقان ، ئوبرازلىق تىل سەنئىتى ئارقىلىق تەپسىلاتلارنى ئوچۇق ، چۈشىنىشلىك ئىپادىلەش بىلەن بىرگە ، چىنلىققا ئىگە قىلىپ ، روماننى قويۇق مىللىي پۇراققا ئىگە قىلغان .
ئىز – تېمىسىنىڭ ئەھمىيەتلىكلىكى ، مەزمۇنىنىڭ موللىقى ، تەسۋىرلەنگەن تۇرمۇش دائىرىسدىنىڭ كەڭلىكى ، ئۆز ئىچىگە ئالغان تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي بىلەملەرنىڭ مول ھەم چوڭقۇرلىقى ، قەھرىمان ئوبرازلارنى تىپىكلەشتۈرۈش ئاساسىدا جانلىق ، كونكېرىت ياراتقانلىقى بىلەن زور ئالقىشقا سازاۋەر بولدى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-13 15:48
|