ئىگىسى: تۇردى سۇلتان

تۇردى سۇلتان ئىزچى: ئۇيغۇر رومانلىرى توغرىسىدا

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-5-18 11:15:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ بىلىشىمچە سادىر تۇرسۇننىياز ئودۇنلۇق ئاكىمىز ئۇيغۇر رومانچىلىقى ھەققىدە زور بىر ئىلمىي ئەمگەكنى قىلىۋاتقانىدى. قىلىۋاتقان بۇ ئىشىنى ئەيبۇ ياقۇپ ئاكىغا تېلىفۇندا يەتكۈزگەن. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ھازىرغىچە نەشىر قىلىنغان رومانلار 225 پارچە  بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىن 170 پارچە رومانغا باھا بىرىپ بولغانىدى. ئودۇنلۇق ئاكىمىز بۇ ئەمگەكنى باشلىغىلى ئوزۇن بولغان بولۇپ ماۋزۇنى «ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» دەپ قويغانىدى.   بۇنىڭدا روماننىڭ ئىسمى، ئاپتورى، قاچان، قايسى نەشرىيات تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغانلىقى، رومانلىق ئاساسلىق مەزمۇنى، روماندىكى ئاساسلىق پىروسوناژ، رومانغا بىرىلگەن باھا قاتارلىقلارنى ئومۇمىيۈزلۈك ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەنىدى. ئۇنىڭ يەنە «ئۇيغۇر رومانچىلىقى ھەققىدە» ناملىق يىرىك بىر ماقالىنىمۇ يازغانلىقىنى بىلەتتىم. كەڭ تورداشلارغا  بۇ ئۇچۇرنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى لايىق تاپتىم. ئاخىرىدا سادىركام ۋە تۇردى سۇلتان ئاكىلارنىڭ قەلىمىگە قۇۋۋۋەت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2012-5-18 18:01:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كونىلار ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن دىگەنىكەن . ئەھمىيەتلىك ئىشقا تۇتۇش قىپسىز . مۇۋەپپىقىيەت سىزگە يار بولسۇن ئۇكام .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-18 20:07:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                   باھادىرنامە
            
          يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ 2010 – يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان 6 توملۇق تارىخىي رومانى بولۇپ،  يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلان 《 باھادىرنامە 》 ناملىق كۆپ توملۇق تارىخىي رومانىدا  ئۇيغۇر تارىخىي رومانچىلىقىدا سىيۇژىت لاھىيلەش ، قۇرۇلما ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى بۇ خىل ئىزچىللىق ۋە ئومومىي ئالاھىدلىكتىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىش بىلەن بىرگە، بۇ خىل ئىزچىللىق ۋە ئومومىي ئالاھىدلىكنى تېخىمۇ بىيىتىپ، روماننىڭ قۇرۇلمىسىنى تەشكىللەش ۋە قانات يايدۇرۇشتا ئۆزگىچە يول تۇتۇپ، زور مۇۋەپپىقىيەت قازانغان.  
           《 باھادىرنامە 》 رومانىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسى ۋە مەزمۇن كۆلىمىدىن قارىغاندا ، ئېنىقكى، ياسىنجان سادىق چوغلان رومانىدا تۇرمۇش قانۇنىيتى ، تارىخىي تەرەققىيات قانۇنىيتىنى يورۇتۇپ بېرىش مەقسىتى ۋە خاراكتىر راۋاجىنىڭ مەنتىقىسى بويىچە قۇرۇلمىنى كۆڭۈل قويۇپ ئىنچىكە پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرغان . يازغۇچى ئۇيغۇر تارىخىدىكى زىددىيەت ئەڭ مۈرەككەپ، تارىخىي ۋەقەلەر ، تارىخىي تىراگىدىيىلەر كۆپ بولغان ئوتتورا ئەسىرگە مەنسۇپ بولغان تۇغلۇق تۆمۈر دەۋرىدىن  سۇلتان سەئىدخان دەۋرىگىچە بولغان 100 يىلدىن كۆپرەك تارىخىي مۇساپىگە ئىگە بىر باسقۇچنى بەدىئىي يۇسۇندا ئەكىس ئەتتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ھەمدە رومانىدا مەقسىتىگە تولۇق يەتكەن.
.  يازغۇچى ئەڭ زۆرۈر سىيۇژىت لاھىيىسىنى قوللىنىپ ،روماننىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسىنى ئورۇنلاشتۇرغان. يەنى، يازغۇچى تۇغلۇق تۆمۈر ئەۋلادلىرى بىلەن ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادلىرىنىڭ تەخت- سەلتەنەتكە ۋارىسلىق قىلىش، گۈللىنىش، زاۋاللىققا يۈزلىنىش ۋە قايتا باش كۆتۈرۈش تارىخىي جەريانىنى روماننىڭ غول لىنيەسى، سىيۇژىت لىنيىسىنىڭ ئۇمۇرۇتقىسى قىلغان. مۇشۇ تارىخىي جەريان قوينىدىكى سۇلتان شىرمۇھەممەتخان، سۇلتان ئۈۋەيىسخان، سۇلتان ئېسان بۇغاخان، سۇلتان يۇنۇسخان، سۇلتان دوستمۇھەممەتخان، كىپەك سۇلتان ،سۇلتان مەھمۇدخان، سۇلتان ئەھمەدخان، مەنسۇرخان، سۇلتان سەئىدخان قاتارلىق مۇغۇلىستان خانلىقىنىڭ سۇلتانلىرى، ھەمدە مۇغۇلىستان ھاكىمىيىتىنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئوتتورا ئاسىيادىكى ھاكىمىيەتنىڭ ھۆكۈمدارلىرىدىن    سەمەرقەنىت ھۆكۈمدارى سۇلتان مىرزا ئۇلۇغبەگ، دەشتى قىپچاق ھاكىمىيىتىنىڭ ھۆكۈمدارى سۇلتان ئوبۇلخەيرىخان، سەمەرقەنت ھۆكۈمرانى سۇلتان ئەبۇسەيىد مىرزا ... قاتارلىق ئوتتورا ئاسىيادىكى تەسىر كۈچى كۈچلۈك ھۆكۈمدارلار سەلتەنىتىگە تەئەللۇق بولغان تارىخىي ۋەقەلەرنى روماننىڭ كېسىك سىيۇژىت لىنىيىلىرى قىلىپ، كېسىك سىيۇژىت لىنىيىلىرىنى روماننىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسىنىڭ غول لىنيەسى، سىيۇژىت لىنيىسىنىڭ ئۇمۇرۇتقىسىنىڭ ھەر قايسى بۆلەكلىرىگە ئۇستىلىق بىلەن يانداشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرغان.  شۇڭا بۇ تارىخىي رومانىدا تەسىۋىرلەنگەن ۋەقەلەر چوڭ،  كۆپ ۋە مۈرەككەپ بولسىمۇ ، ۋەقەلىك قالايمىقانلىشىپ كەتمىگەن .
           يازغۇچى رومانىنىڭ كېسىك سىيۇژىت لىنيىسىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ھەر قايسى تارىخىي باسقۇچتىكى ھۆكۈمدارلارنىڭ  بەدىئىي ئوبرازىنى يارىتىش زۆرۈرىيتى بويىچە تەشكىللەپ ، بۇ ھۆكۈمدارلارنىڭ سەلتەنەت تەختىگە ئولتۇرۇش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، تەخىتتىن چۈشۈش ياكى ۋاپات بولۇشىدىن ئىبارەت ھايات مۇساپىسىدىن تەركىب تاپقان سىيۇژىت راۋاجىنى ئاشۇ ھۆكۈمدارلارنىڭ بەدىئىي ئوبرازىنى يارىتىش زۆرۈرىيتىنى ئاساس قىلىپ راۋاجلاندۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بۇ ھۆكۈمدارلارنىڭ سەلتەنەت تەختىگە ئولتۇرۇش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، تەخىتتىن چۈشۈشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكەن تارىخىي شەخىسلەرگە تەئەللۇق بولغان كىچىك سىيۇژىت دېتاللىرىنىمۇ كېسىك سىيۇژىت لىنيىلىرىنىڭ ھەر قايسى تەرەققىيات جەريانلىرىغا ماھىرلىق بىلەن سىڭدۈرۈۋەتكەن. كىچىك سىيۇژىت لىنيىلىلىرى كېسىك سىيۇژىت لىنيىلىرىگە تۇتىشىش، كېسىك سىيۇژىت لىنيىلىرى غول سىيۇژىت لىنيىلىرىگە تۇتىشىش، روماننىڭ سىيۇژىتنىڭ غول لىنىيىسى بىلەن كېسىك لىنىيىلىرى ئۆز- ئارا گىرەلىشىش ۋە كېسىشىشتەك بۇ خىل سىيۇژىت قۇرۇلمىسى روماننىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسىنى سانسىزلىغان ئوتتورا- كىچىك ئېقىنلار بىر- بىرىگە قوشۇلۇپ چوڭ ئېقىن ھاسىل قىلغان ياكى سانسىزلىغان چىغىر يوللار ۋە چوڭ- كىچىك يوللار بىر مەركىزى قاتناش تۈگۈنىگە تۇتاشقانغا ئوخشايدىغان غايەت زور تورسىمان قۇرۇلما ئالاھىدلىكىگە ئىگە قىلىغان .
          《 باھادىرنامە 》دە تەسۋىرلەنگەن تارىخىي مۇساپە بىر قەدەر ئۇزۇن، ئۆز باغرىغا سىڭدۈرگەن تارىخىي ۋەقە- ھادىسىلەر بىر قەدەر كۆپ ھەم مۈرەككەپ ، تارىخىي شەخىسلەرمۇ كۆپ ھەم مۇناسىۋىتى مۈرەككەپ . يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلان مەزكۈر تارىخىي رومانىدا زور بىر تۈ*ركۈم پىرسۇناژلار ئوبرازىنى يارىتىش ئارقىلىق، ئوتتورا ئەسىر ئوتتورا ئاسىيا تارىخىدىكى مۈرەككەپ ھەم كۆپ قاتلاملىق بىر تارىخىي دەۋىرنى يورۇتۇپ بەرگەن. باھادىرنامەدە ئوتتورىغا چىقىرىلغان پىرسۇناژلار 250 تىن ئارتۇق بولۇپ، ئوبرازى تولۇق يارىتىلغان پىرسۇناژلار  ۋە بىرقەدەر تولۇق يارىتىلغان پىرسۇناژلار خېلى كۆپ. روماندىكى پىرسۇناژلار سانىنىڭ كۆپلىكى، كۆلىمىنىڭ كەڭلىكى، مۇناسىۋەت قاتلىمىنىڭ موللىقى ۋە مۈرەككەپلىكى ئوقۇرمەنلەرنى خېلىلا قايىل قىلىدۇ.  ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ پىرسۇناژلارنىڭ كۆپىنچىسى مەلۇم تارىخىي ئاساسقا ۋە قىممەتكە ئىگە. بۇنداق كۆپ پىرسۇناژلارنىڭ ئوبرازىنى يارىتىش ئىنتايىن قىيىن بەدىئىي ئەمگەك. بۇنداق كۆپ پىرسۇناژلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىمۇ ناھايىتى مۈرەككەپ بولغان غايەت زور مۇناسىۋەت تورىنى شەكىللەندۈرگەن بولسىمۇ، يازغۇچى پىرسۇناژلارنىڭ سالاھىيىتىنى پەرىقلەندۈرۈش، ئېنىقلاش، مۇقىملاشتۇرۇشقا، ئۇلارنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت باغلىنىشلىرىنى ئېنىقلاشتا ئەڭ زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. يازغۇچى پىرسۇناژلارنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرىنى توغرا ئىگەللىگەچكە، پىرسۇناژلار مۇناسىۋىتىنى ۋە پىرسۇناژلار بىلەن ئىجتىمائىي ۋە  رىئاللىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى مۇۋاپىق، جايىدا بىر تەرەپ قىلىپ، ھالقىلىق پەيىتلەردىمۇ مۈرەككەپ مۇناسىۋەتلەر قاينىمىدىن ئوڭۇشلۇق چىققان. بۇ ئارقىلىق، روماننىڭ سىيۇژىت قۇرۇلمىسىنى غول لىنيىگە باغلاپ، روماننىڭ ئومۇمىي ئېقىمىنى راۋانلاشتۇرغان.      
            يازغۇچى تارىخىي پىرسۇناژلارنىڭ  ھاياتىي كەچمىشلىرىنى باشتىن- ئاخىر ئۆزى تەۋە سەلتەنەتنىڭ تەقدىرىگە بىۋاستە باغلىنىشلىق بولغان ۋەقە- ھادىسلەر بىلەن باغلاپ تەسۋىرلىگەن، ئۇلارنى سەلتەنەتنىڭ ھەر قايسى باسقۇچلىرىدىكى مۈرەككەپ سىياسىي ، ئىجتىمائىي موھىت باغرىدا ھەركەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئوبرازىنى مول تەبىئىيلىككە، تارىخىي ئاساسقا، قويۇق دەۋىر پۇرىقىغا ئىگە قىلغان. يازغۇچى كۆپ ھاللاردا پىرسۇناژلارنىڭ تارىخىي ۋەقە- ھادىسلەردىكى ئىش- پائالىيەتلىرىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ خاراكتىرىنى يۇرۇتۇشقا كۆپرەك ئەھمىيەت بەرگەن. روماندىكى كۆپلىگەن پىرسۇناژلار ئۆزىنىڭ ئوي- خىياللىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى، ئۆزىنىڭ ھەركەت، ئىش- پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئۆز ئوبرازىنى نامايەن قىلىدۇ. پىرسۇناژلار سانى كۆپ ، پىرسۇناژلار پائالىيەت ئېلىپ بارغان تەبىئىي موھىت كۆلىمى  كەڭ بولسىمۇ، يازغۇچى پىرسۇناژلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى تەسۋىرلەشكە سەل قارىمىغان.  پىرسۇناژلارنى مۈرەككەپ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر قاينىمىدا ئوتتورىغا چىقارغان ھەم ئۇلارنىڭ خاراكتىر تەرەققىيات جەريانىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن. بۇ جەرياندا ئۇلارنى تارىخىي تەرەققىياتنىڭ يۆنىلىشىدىن ئاجرىتىۋەتمىگەن، شۇنداقلا، ئىمكانقەدەر مۇناسىۋەت تورىدىكى پىرسۇناژلارنى پاراللىك ھالەتتە ئوتتورىغا چىقىرىپ، زىددىيەتلەرنى يوشۇرماي، ئاساسىي پىرسۇناژلار زىددىيەتلەرنىڭ مەركىزىدە تۇرىدىغان، يانداش پىرسۇناژلار زىددىيەتلەر مەركىزىنى ئوراپ تۇرغان ھالدا ئۆز خاسلىقىنى يارىتىدىغان تورسىمان زىددىيەتلەر قوينىدا پىرسۇناژلار ئوبرازىنى تارىخىي چىنلىق ئاساسىدا تەبىئىي يوسۇندا ياراتقان.  ئۇلارنىڭ خاراكتىرىنى ئۆزگىچە خاسلىق پەرىقلىرىگىمۇ ئىگە قىلىغان. شۇڭا، روماندىكى پىرسۇناژلار خاراكتىرى ھەم مۇئەييەن دەرىجىدىكى يەرلىك خاسلىققا، ئالاھىدىلىككە ھەم بىر پۈتۈن دەۋىر، بىر مىللەت كىشىللىرىگە ئورتاق بولغان ئالاھىدىلىكلىرى بىلەنمۇ، ھەم ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە ئىندىۋىدىئاللىقلىرى بىلەنمۇ كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ.
         يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلان 《 باھادىرنامە 》 رومانىدا تارىخىي شەخىسلەرنىڭ خاراكتىردىكى ئىلغارلىق تەرىپىنى يېزىش بىلەنلا بىرگە، ئۇلاردىكى تارىخىي چەكلىمىلىك ۋە خاراكتىر چەكلىمىللىرىنى، ئەجەللىك ئاجىزلىقلارنىمۇ قېزىشقا جۇرئەت قىلىغان ، بۇ پىرسۇناژلارئوبرازى ئارقىلىق ئوتتورا ئەسىردىكى ئىجتىمائى، سىياسى تۈزۈلمە، مەدەنىيەت قاتارلىق كۆپ خىل قاتلامنىڭ يادىروسى بولغان ھاكىميەتنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ئاجىزلىقى، سەلتەنەتى ۋە تىراگىدىيىسىنىمۇ يورۇتۇپ بەرگەن، ئىشەنچلىك ، مول تارىخىي دېتاللار بىلەن مۇئەييەن پەلسەپىۋى خۇرۇچلارنى زىچ جىپىسلاشتۇرۇپ  تارىخىي پىرسۇناژلارنىڭ ھاياتىي پائالىيەتلىرى ، قىسمەتلىرى ئارقىلىق شۇ دەۋىرنىڭ تارىخىي يۈزلىنىشىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئېچىپ بەرگەن.
        يازغۇچى روماننى يېزىش جەريانىدا 14- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 16- ئەسىرنىڭ بېشىغىچە بولغان تەخمىنەن بىر يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك تارىخنى ھەم تارىخشۇناس ھەم يازغۇچىنىڭ  كۆزى ،  تەپەككۇرى بىلەن ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ، جۈملىدىن تۈ*ركىي مىللەتلەرنىڭ ئەڭ مۈرەككەپ، ئەڭ چىگىش تارىخىي باسقۇچىدىكى مۇۋەپپىقىيەت  ۋە  مەغلۇبىيەتلىرىنى  روشەن  ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلەيدىغان چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، مۈرەككەپ تارىخىي ۋەقە ،  ھادىسىلەرنىڭ جەريانى  ۋە ماھىيىتىنى  تارىخىي  شەخىسلەرنىڭ ھاياتىغا باغلاپ بەدىئىي  يوسۇندا  يوروتۇپ  بىرىش  بىلەن بىرگە  ،  ئاشۇ  تارىخىي ۋەقە - ھادىسىنىڭ جەريانى  ، ماھىيىتىنى تارىخىي شەخىسلەرنىڭ ھايات قىسمەتلىرىدىن يەكۈنلىگەن ، ئۇيغۇر  مىللىتىنىڭ، جۈملىدىن تۈ*ركىي مىللەتلەرنىڭ  ئۆتمۈشىنى  بىلىپ ،  بۈگۈننى  تونۇش ۋە كەلگۈسىنى يارىتىش ئۈچۈن زۆرۇر ھەم كېرەكلىك ، ئىبىرەتلىك بولغان پەلسەپىۋى يەكۈن- ھېكىمەتلىرىنى تارىخىي پىرسۇناژلارنىڭ ياردىمىدە ئوتتۇرىغا قويغان . بۇ پەلسەپىۋى يەكۈن- ھېكمەتلەر مەزمۇن جەھەتتىن تارىخىي تەرەققىيات قانۇنىيتى ، شانۇ- شاۋكەتكە ئېرىشىشنىڭ سىرلىرى ، مەغلۇپ بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى قاتارلىق جەھەتلەردە ، ئادالەت، ھەققانىيەت، باھادىرلىق، مەردلىك، مەرىپەتپەرۋەرلىك،مۇناپىلىق ، بۆلۈنمىچىلىك ، چىچىلاڭغۇلۇق ، نادانلىق ، بىخۇدلۇق ، قاراملىق ، خائىنلىق ، ھەسەتخورلۇق ... قاتارلىق مەزمۇنلاردا ئېنىق ئوتتورىغا قويۇلغان . بۇ تېمىلارغا چېتىلغان  تونۇش،پەلسەپىۋىي يەكۈن، مۇلاھىزىللەر كونكىرىت جانلىق ئوبرازلارغا سىڭدۈرۈلگەن  . تارىخىي پىرسۇناژلار  ئوبرازىغا سىغدۇرۇلغان تارىخىي دەلىللەردىن يەكۈنلەنگەن پەلسەپىۋىيلىك مەزكۈر روماننىڭ ئىددىيۋى، پەلسەپىۋىي قىممىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان .
ياسىنجان سادىق چوغلان 《 باھادىرنامە 》 ناملىق تارىخىي رومان تىلىنى ئوتتورا ئەسىردىكى  ئۇيغۇر تىلى، جۈملىدىن ، تۈ*رك تىلىنىڭ ئوتتورا ئەسىر موھىتىغا ئەڭ زور چەكتە يېقىنلاشتۇرغان . شۇڭا، روماندا ئوتتورا ئاسىيانىڭ ئوتتورا ئەسىردىكى تارىخىي دەۋىر رېئاللىقىغا تەۋە بولغان تىل ئىلمىنىتلىرىنىڭ تارىخىي ئەينەنلىكىگە ، چىنلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىلىپ ، رومان قويۇق تارىخىي تۈسكە ئىگە قىلىنغان . روماندىكى تىل ئىلمىنىتلىرىنىڭ تارىخىي تۈسى كۆپىنچە پىرسۇناژلارنىڭ دىئالوگى ۋە مەكتۇپلىرى ئارقىلىق قويوقلاشتۇرۇلغان . پىرسۇناژلار تىلنىڭ ئەنئەنىۋىيلىكى ، تارىخىيلىقى ، تىپىكلىكى ، پاساھىتى ياخشى ساقلانغان ، شۇنداقلا، چۈشىنىشلىك ھەم ئاممىباپ بولۇپ ، بۇ تىل ئامىللىرى شۇ دەۋىرنىڭ تىل ئۇسلۇبىنى ناھايىتى ياخشى گەۋدىلەندۈرۈپ ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئوتتورا ئەسىردىكى يەرلىك ئالاھىدلىكلىرى ، مىللى خاسلىقى ، ئورتاق ئالاھىدلىكلىرى مۇۋەپپىقىيەتلىك يوروتۇپ بەرگەن .            
       تارىخىي رومانلاردىكى بۇنداق تىل تەركىبلىرى بۇ ئەسەرلەرنى مەزمۇن ۋە بەدىئىيلىك جەھەتتىن مول قاتلاملىققا ، رەڭدارلىققا ئىگە قىلىپ ، دەۋىر تۈسىنى ، دەۋىر كەيپىياتىنى دەۋىر رىئاللىقىنى قايتا يارىتىشتا موھىىم رول ئوينىغان ، شۇنداقلا ، بۇ روماننىڭ تىلشۇناسلىق ، ئېتنوگىرافىيە ، فولكىلورشۇناسلىق، تارىخشۇناسلىق جەھەتلەردىكى كۆپ تەرەپلىمە قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن .
          يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلان بۇ تارىخىي رومانىدا نوقول تارىخىي ۋەقەلەر توپىغا قارىغۇلارچە ئېسىلىۋالماي ، ئەينى دەۋىردىكى تارىخنىڭ ماھىيتىگە چوڭقور چۆكۈپ ،  تارىخىي شارائىت ، جۇغراپىيلىك موھىت ، مەنىۋىي ، ئىجتىمائىي موھىتقا تەۋە بولغان ، شۇ دەۋىر قىياپىتىنى ، دەۋىر رېئاللىقىنى ، دەۋىر ماھىيتىنى روشەن يوروتۇپ بېرىشتە يادرولوق رول ئوينايدىغان تىپىك تارىخىي دېتاللارنىڭ ئەينەنلىكى ، چىنلىقىنى زور دەرىجىدە ساقلىغان ھەمدە بۇ تارىخىي دېتاللارنى تاللاپ ، يىغىنچاقلاپ ۋە بەدىئىي سەنئەت ئوتىدا تاۋلاپ ، ئۆزى يازغان تارىخنىڭ ماھىيەتلىك تەرەپلىرىنى جانلىق ، ئەتراپلىق ، مۇپەسسەل يوروتۇپ بەرگەن .  
          بۇ تارىخىي رومانىدا تەسىۋىرلەنگەن ۋەقەلەر چوڭ،  كۆپ ۋە مۈرەككەپ، ۋەقە- ھادىسلەرگە بىۋاستە قاتناشقان تارىخىي شەخىسلەرمۇ كۆپ ھەم مۇناسىۋىتى مۈرەككەپ. شۇ تارىخىي ۋەقە ھەم شەخىسلەر باغرىغا سىڭدۈرۈلگەن تارىخىي، سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەنىۋىي ئۇچۇر ۋە قىممەتلەرمۇ كۆپ قىرلىق ھەم مۇئەييەن سالماققا ئىگە. روماندىكى تارىخىي ئۇچۇرلارمۇ ناھايىتى مول بولۇپ، يازغۇچى روماننىڭ ئېھتىياجى بويىچە، رومان باغرىغا تارىخىي ۋەقە ھەم شەخىسلەرگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان ئۇچۇر، مەلۇمات، تەپسىلاتلارنى سىڭدۈرۈۋەتكەن. بىز بۇ تارىخىي روماننى ئوقۇش جەريانىدا، ئەينى دەۋرنىڭ سىياسىي ئەھۋالىنى، ئوتتورا ئەسىر موھىتىدىكى ھەربىي ئەھۋالىنى، ئوتتورا ئەسىردىكى ئوتتورا ئاسىياغا تەۋە كۆپلىگەن شەھەر، يېزا، قىشلاقلارنىڭ تەبىئىي ھەم جۇغراپىيىلىك شارائىتىنى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈ*ركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ مەنىۋىيىتىنى، ئېتقات ئامىللىرىنى، ئاڭ- ئىدىئولوگىيە موھىتىنى، كىشىلىك مۇناسىۋەت، ئۆرپ- ئادەت، قائىدە- يۇسۇنلىرىنى، تىل ئادىتى ۋە تىل موھىتىنى كۆرۈۋالايمىز. بۇ ئۇچۇر، تەپسىلاتلار روماندىكى تارىخىي ئۇچۇرلارنىڭ ئاز بىر قىسمى، خالاس. بۇنداق مول ھەم تەپسىلى ئۇچۇر، مەلۇماتلار رومان ئۆز ئىچىگە ئالغان تارىخىي ۋەقە ۋە تارىخىي شەخىسلەر بىلەن قوشۇلۇپ، روماننىڭ تارىخىي قىممىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان.
            قىسقىسى، يازغۇچى مەزكۈر روماندا مول تارىخىي ئۇچۇرلارنىڭ ياردىمىدە تارىخىي رىئاللىققا ئۇيغۇن بولغان پىرسۇناژلار تىلى ۋە ھەركەت تەسۋىرى ئارقىلىق، پىرسۇناژلار تەۋە بولغان توپنىڭ ئادەت- يۇسۇنلىرىنى،  پىرسۇناژلار ئوبرازىدا ئىنتايىن مۇۋەپپىقىيەتلىك گەۋدىلەندۈرۈپ، ئوتتورا ئەسىردە ئوتتورا ئاسىيادا ياشىغان زور بىر تۈ*ركۈم تارىخىي پىرسۇناژلار ئوبرازىنى ماھىرلىق بىلەن يارىتىپ، تارىخىي چىنلىقى يۇقىرى تارىخىي دېتاللار ۋە تەپسىلاتلار بىلەن تارىخىي پىرسۇناژلار ئوبرازىنى يۇقىرى بەدىئىي ماھارەت بىلەن يۇغۇرۇپ، زور بىر تۈ*ركۈم پىرسۇناژلار ئوبرازى ئارقىلىق ئوتتورا ئاسىيانىڭ ئەڭ تىنىچسىز، ئەڭ مۈرەككەپ، ئەڭ تىراگىدىيىلىك دەۋرىنى ئىپوس شەكلىدە مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا قايتا يورۇتۇپ بەردى. روماننىڭ سىيۇژىت قۇرۇلمىسىنى تەشكىللەشتە ئىجادىي يول تۇتۇپ، مۇئەييەن تارىخىي دەۋىرنىڭ قانۇنىيىتىنى تولۇق ئېچىپ بېرەلەيدىغان مەلۇم باسقۇچىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى روماننىڭ ئاساسلىق غول سىيۇژىت لىنيىسى قىلىش ، شۇ باسقۇچتا موھىم رول ئوينىغان بىر قانچە باش قەھرىماننىڭ ھايات سەرگۈزەشتىللىرىنى روماننىڭ كېسىك سىيۇژىت لىنيىسى قىلىش ، باش قەھرىمانلارغا  مۇناسىۋەتلىك بولغان تەپسىلاتلار ، تەركىبلەرنى كىچىك سىيۇژىت لىنيىسى قىلىش، كىچىك سىيۇژىت لىنيىلىلىرى كېسىك سىيۇژىت لىنيىلىرىگە تۇتىشىش، كېسىك سىيۇژىت لىنيىلىرى غول سىيۇژىت لىنيىلىرىگە تۇتىشىش، روماننىڭ سىيۇژىتنىڭ غول لىنىيىسى بىلەن كېسىك لىنىيىلىرى ئۆز- ئارا گىرەلىشىش ۋە كېسىشىشتەك سىيۇژىت قۇرۇلمىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ،  روماننىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسىنى سانسىزلىغان ئوتتورا- كىچىك ئېقىنلار بىر- بىرىگە قوشۇلۇپ چوڭ ئېقىن ھاسىل قىلغان ياكى سانسىزلىغان چىغىر يوللار ۋە چوڭ- كىچىك يوللار بىر مەركىزى قاتناش تۈگۈنىگە تۇتاشقانغا ئوخشايدىغان غايەت زور تورسىمان قۇرۇلما ئالاھىدلىكىگە ئىگە قىلىشنىڭ ئىجادىي ھەم يېڭى ئۈلگىسىنى ياراتتى.  يازغۇچى بۇ ئىجادىيەت سەمەرىسى ئارقىلىق،  ئۆزىنىڭ 《 جاللات خېنىم 》 ناملىق تارىخىي رومانىدىن كىيىنكى يەنە بىر ئىجادىيەت ھالقىشىنى بارلىققا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر تارىخىي رومانچىلىقىنىڭ  《 ئويغانغان زېمىن 》 ۋە  《 ئانا يۇرت 》 رومانلىرىدىن كىيىنكى يەنە بىر يۇقىرى چوققىسىنى ياراتتى.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-18 20:15:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ت. نەمەتنىڭ ئىنكاسى :
      مېنىڭ بىلىشىمچە سادىر تۇرسۇننىياز ئودۇنلۇق ئاكىمىز ئۇيغۇر رومانچىلىقى ھەققىدە زور بىر ئىلمىي ئەمگەكنى قىلىۋاتقانىدى. .........
   
    ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ت. نەمەت ! بۇ ئۇچۇرىڭىزدىن ئىنتايىن سۈيۈندۈم. سىزگە كۆپ تەشەككۈر ! مۇمكىن بولسا، سادىر تۇرسۇننىياز ئۇدۇنلۇق ( ياش- قۇرامىنى بىلەلمىدىم ؟؟؟) ... بىلەن ئالاقىلاشقىلى بولارمۇ ؟
      مالال كەلمىسە، ئالاقە مەنزىلىمنى يەتكۈزۈپ قويغان بولسىڭىز . چ چ ئالاقە مەنزىلىم : 1286081255
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Sultan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-18 20:17  


ۋاقتى: 2012-5-18 23:03:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇردى سۇلتان ئاكا سادىر تۇرسۇن نىياز ئاكىمىز خۇتەندە بار. خۇتەندە تۇنۇشلار بولسا سۇرۇشتۇرسىڭىز تاپالايسىز.

ۋاقتى: 2012-5-19 00:57:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    دوستىمىز تۇردى سۇلتان ئىزچى ئەھمىيەتلىك بىر ئەمگەكنى داۋاملشتۇرىۋاتىدۇ. مېنىڭچە بۇ ئەمدىلا باشلانغان ئىش ئەمەس. ئاۋۇ بىر يەردە«ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا 225 رومان نەشىردىن چىقتى» دىيىلىپتۇ، بۇ رومانلاردىن 100 نى ئوقۇپ تۈگىتىشمۇ ئاسان ئىش ئەمەس. ئارىمىزدا يىلدا بىر پارچە رومان ئوقۇمايدىغانلارمۇ بار. دېمەكچى مەن، بۇ رومانلارنىڭ ھەممىسىنى تېپىپ بىردىن-بىردىن ئوقۇپ چىقىش ئاسان ئەمەس. بەلكىم، رومانلارنىڭ ئاپتۇرى، نەشىرىياتى، قاچان نەشىر قىلىنغانلىقىنى تىزىپ چىقىش ئانچە تەسكە چۈشمەس. لېكىن ئۇنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى ۋە ئالاھىدىلىكلىرىنى بىرمۇ-بىر شەرھىلەپ چىقىش مۈشكۈل. شۇ جۈملىدى تۇردى سۇلتان ئىزچىغا غەيرەت تىلەيمەن.
   ئەمدى بۇيەردە ھەمكارلىشىش گېپى بولىۋېتىپتۇ، «...رومانچىلىقنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى»نى تۈزۈش تەس ئەمەس. سادىر تۇرسۇننىيازدەك ئوقۇتقۇچى بولسا، رومانلارنى ئوقۇشنى ئوقۇغۇچىلارغا تاپشۇرۇق بەرسە يېزىپلا تاپشۇرىدۇ، توپلاپ، كومپىيوتېردا ئۇرۇپ چىقارسىلا بولىدۇ. ئەمما تۇردى سۇلتان ئىزچىنىڭ قىلىۋاتقىنى ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ ھەربىر پارچە رومانغا نىسپەتەن مۇكەممەل تەقرىز يېزىپ چىققان، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر رومانغا نىسپەتەن مۇئەييەن باھا-پىكىر تۇرغۇزۇلىشى كېرەك. شۇڭا ھەمكارلاشقاندا بەربىر ئىككى ئادەمنىڭ پىكىرى تامامەن بىر يەردىن چىقىشى ناتايىن، بۇنداق بولغاندا مۇرەسسە ۋە مەسلىھەتلىشىشكە توغرا كېلىدۇ-دە، باھا-تەقرىزلەردە ساختىلىق كېلىپ چىقىدۇ. مېنىڭچە بولغاندا «ھەممە ئېقىملار بەس-بەستە» سايرىغىنى تۈزۈك.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-19 21:00:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                                 قۇم باسقان شەھەر

                   ئىستىداتلىق يازغۇچى مەمىتىمىن ھوشۇرنىڭ 1996 – يىل 7- ئايدا شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان رومانى بولۇپ ، سىيۇژىت ، قۇرۇلما ، پىرسۇناژ ، بەدىئىي ئۇسۇل ، ئەدەبىي ۋاستە ، ئېستىتىك ئۈنۈم قاتارلىق جەھەتلەردە قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن رومانلارنىڭ بىرى .
           روماننىڭ قۇرۇلمىسى ئۆزگىچە بولۇپ ، ئۇ سۈپۈرگە ئاخۇن ھەققىدىكى ۋەقەلەر ، بارات ۋە ئۆمەر قاتارلىق ئۈچ ئاكا – ئۇكا ھەققىدىكى ھېكايىلەر ۋە چۆل ئوغلى ھەققىدىكى ھېكايىلەرسىن ئىبارەت كۆرۈنۈشتە نىسپىي مۇستەقىل ، ماھىيەتتە ئۆز ئارا باغلىنىشلىق بولغان ئۈچ سىيۇژىتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ ، بۇخىل قۇرۇلما شەكىل ئۇيغۇر رومانچىلىقىدا بىر يېڭىلىق بولۇپ قالغان . يازغۇچى قۇرۇلما ئالاھىدلىكى جەھەتتە ئۇيغۇر رومانچىلىقىنى تۈنجى قېتىم ئۇيغۇر خەلقنىڭ قىسسە ۋە چۆچەكلىرىدە موھىم ئالاھىدلىككە ئايلانغان نەسىرى ئەسەرلەر ئىجادىيىتى ئەنئەنىسىگە مۇۋەپپىقىيەتلىك تۇتاشتۇرغان .   
                   روماننىڭ سىيۇژىتى زىددىيەت – توقۇنۇشلارغا ، پىرسۇناژلارنىڭ سەرگۈزەشتىللىرى تاسادىپىيلىقلارغا باي ، تەپسىلاتلار رىۋايەت – چۆچەك تۈسىگە ۋە سېھىرلىك تەركىبلەرگە باي بولۇپ ، بۇ خىل ئالاھىدلىكلەر روماننى سىرلىقلىققا ۋە مەپتۇنكارلىققا ئىگە قىلغان . روماننىڭ بايان شەكلى سىيۇژىت دېتاللىرىدە رىۋايەت ئاساس قىلىنغان بولۇپ ، رىۋايەتتىكى ۋەقەلىك بىلەن رېئاللىقتىكى ۋەقەلىك ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن كىرىشتۈرۈلگەن ، يازغۇچى روماندا يېڭىچە ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك قوللىنىپ ، رېئاللىق بىلەن خىيالنى ، چىنلىق بىلەن تەسەۋۋۇرنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ ، سىيۇژىت ۋەقەلىكلەرنى فانتازىيە كۈچىدىن شەكىللەنگەن ئەپسانە – رىۋايەتلەر ۋاستىسىدە يۇمۇرغا تويۇندۇرۇپ تەسۋىرلەپ ۋە ئەكىس ئەتتۈرۈپ ، تولىمۇ رەڭدار بولغان ئۆزگىچە بىر بەدىئىي دۇنيانى يارىتىپ ، كىشىنى چەكسىزلىككە تويۇنغان ماكان بوشلۇقىدىكى تەبىئەت گۈزەللىكى ۋە ھايات گۈزەللىكى باغرىغا تاشلاپ ، چەكسىز ئېستىتىك تەسەۋۋۇر ۋە تەپەككۇر بوشلۇقى شەكىللەندۈرگەن. بۇ رومان ئۆز ھەجىمىگە مۇناسىپ بولمىغان ناھايىت كەڭ ئىجتىمائىي مەزمۇننى سىغدۇرغان ، مەلۇم بىر خەلقنىڭ مۇئەييەن بىر ماكان ، زامان بىرلىكى ھالىتىدە شەكىللەنگەن ئىجتىمائىي تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرىگە قارىغاندا تېخىمۇ كەڭ ، تېخىمۇ چوڭقۇر تىماتىك مەزمۇنغا ئىگە بولغان . شۇڭا ،  روماندا جەمئىيەت ۋە تەبىئەت بىلەن ھايات ۋە ئادەملەر مۇناسىۋىتىگە ئائىت نۇرغۇن ئۇچۇرلار تېپىلىدۇ . روماندا ئېنىقسىز بىر تىراگىدىيىلىك تارىخ ۋە بۇ تارىخقا سىڭىپ كەتكەن دەۋر روھى ئىپادىلەنگەن بولۇپ ، 《 ‹ قۇم باسقان شەھەر › تارىخىي رومان ئەمەس ، ئۇ يىراق بىر نائېنىق ئۆتمۈشنىڭ ئۆزىگە خاس تۇرمۇشىنى يېڭىچە بەدىئىي تەسەۋۋۇرلار ۋاستىسى بىلەن يورۇتۇپ بەرگەن ئىجادىي ئەسەر . ئۇنىڭدا ئەكىس ئەتكەن رېئاللىق تۇيغۇسى بىلەن ئىجتىمائىي بۈرچ تۇيغۇسى شۇنچىلىك كۈچلۈك . 》( مۇھەممەت پولات ) . روماندىن كىشىلەرنىڭ ھاياتقا ، روھىي ئەركىنلىككە بولغان ئىنتىلىشى ۋە بەخت قارىشى پارلاپ تۇرىدۇ .
                يازغۇچى روماندا پىرسۇناژلارنىڭ بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغان ھايات پائالىيەتلىرىنى بەكمۇ يىغىنچاق ۋە جانلىق ۋەقە – ھادىسلەر ئىچىدە تەسۋىرلەپ ،  ئەسەر پىرسۇناژلىرىنى ئاز ۋە يىغىنچاق ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلىرىنى روشەنلىككە ئىگە قىلىپ ، پىسخىك خاراكتىرىنى روشەن خاسلىققا ۋە تىپىكلىككە ئىگە قىلغان . ئەسەر پىرسۇناژلىرىنىڭ ھايات سەرگۈزەشتىللىرىنى تەرتىپ بويىچە ئىزچىل بايان قىلىپ ، سەكرەتمىلىك بايان ۋە دولقۇنلۇق تەسۋىر ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ، ئۇلارغا ئەسەر مەزمۇنى بىلەن ۋەقەلەر تەرەققىياتىنىڭ تەلىپى ۋە تەقەززاسىغا قاراپ مۇناسىپ ئورۇن بەرگەن .
               يازغۇچى بۇ روماندا تىل ئارقىلىق يۈكسەك ئىستىتىك زوق يارىتىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن.  يازغۇچى تىل ۋاستىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ، تەبىئەت مەنزىرىسى ، ، مۇئەييەن ئىجتىمائىي موھىت ۋە پىرسۇناژلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى سۆرەتلەپ ، روماننىڭ مەزمۇنىنى ئوبرازلىق يورۇتقان ، روماندىكى پىرسۇناژلار تىلىنىڭ ناھايىتى يۇمۇرىستىك ، قىزىقارلىق بولۇشىغا زور دەرىجىدە كۈچ سەرپ قىلىش ئارقىلىق بىر تەرەپتىن پىرسۇناژلارنىڭ ئۆزىگە خاس خاراكتىرىنى ياراتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ خىل يۇمۇرىستىك تىل  ئۇسلۇبى ئارقىلىق ، ئەسەرنىڭ ئىستىتىك قىممىتىنى يوقىرى كۆتۈرگەن.
         رومان بەدىئى تەپەككۇر قۇرۇلمىسىنىڭ يېڭىلىقى ، مۇكەممەللىكى، ئۆزگىچىلىكى ۋە خاسلىقى ، بەدىئىي تەسەۋۋۇرىنىڭ كەڭ ۋە ئازادىلىكى ، بەدىئىي پىكىر ، مۇلاھىزىللىرىنىڭ ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە يېڭى ھاياتىي مەنالار بىلەن تولغانلىقى قاتارلىق ئالاھىدلىكلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ بەدىئى ئالاھىدىلىكىنى مۇۋاپىقىيەتلىك ياراتقان رومان بولۇپ ، ئۇيغۇر پروزچىلىقىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرۇشقا لايىق ئەسەر.

ۋاقتى: 2012-5-27 00:28:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بەگيارنىڭ پىكرىنى قۇۋۋەتلەيمەن، يەنىلا بىر ئادەمنىڭ قولىدىن چىققىنى ياخشى. ھەر ئىككەيلەن ئوخشىمىغان نۇقتىدىن تەتقىق قىلىپ باقسا تېخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ؟

ۋاقتى: 2012-5-27 00:32:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا ، بۈگۈنمۇ يىغىندا موشۇ گەپ بولۇندى. خوتەنلىك بىر ئاكىمىز 180 پارچە رومانغا شەرھ يېزىپ بولغانلىغىنى ئېيىتتى. مەيلى كىم قىلمىسۇن مەن بۇ ئېشنى بەك قوللايمەن. ئەزىزلەر تىزراق تۇتۇش قىلغاي.

ۋاقتى: 2012-6-3 17:55:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك تۇردى سۇلتان ئىزچى ئەپەندىم، ئالدى بىلەن غەيرىتىڭىزگە ئاپىرىن ئېيتىمەن. ئەمدى ئاساسى مەقسەتكە كەلسەك، ئويغۇر رۇمانچىلىقىدا سان جەھەتتە كىشىنى خوش قىلغۇدەك  نەتىجىلەر بولغىنى بىلەن سۈپەت جەھەتتىن بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا رۇمانلېرىمىز بار . بەزىلەر تېخى يۈزىنى داپتەك قىلىپ ئېقتىسادى نەپ ۋە نام ئاتاقنى كۆزلەپ باشقىلارنىڭ ھەتتا چەتئەللەرنىڭ تارىخىي رۇمانلېرىنى ئىسمىنى ئۆزگەرتىپلا ئۆزىنىڭ نامىدا ئېلان قىلۋاتىدۇ. ئەڭ كۈلكىلىك بۇلۋاتقىنى ئوقۇسىڭىز بىرمۇنچە ۋاقتىڭىزنى ئېلۋالدىغان، ئەمما تېتىشلىق بىر پارچە ھېكايچىلىكمۇ ۋەزنى يوق ئەخلەت يازمىلار  «رومان»  نامىدا ئېلان قىلىنىپ بولدى، شۇڭا سىز باھا يازغاندا «بۇئەسەر مۇنداق- مۇنداق نوختىلاردىن رۇمانغا كىرىدۇ، يەنە مۇنداق- مۇنداق نۇختىلاردىن رۇمانغا توشمايدۇ.شۇڭا ئەخلەت ئەسەر» دەپ يۈز خاتىرە قىلماي يېزىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئاخىرىدا ئىشلېىرڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2012-6-8 15:40:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن تىنىمسىز مېھنەت قىلىۋاتىسىز، ئىزچى... قەلەم تۇلپارىڭىز توختاپ قالمىسۇن، ئىجات بېغىڭىز خۇش پۇراق گۈللەرگە تولسۇن!

ۋاقتى: 2012-6-10 15:19:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇردى سۇلتان ئىزچىنىڭ ئىزدىنىشىگە مۇئاپىقىيەت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2012-6-10 17:14:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رومان ھەققىدە سۆز ئاچقاندا ھازىر نەشر قىلىنغان رومانلار سان جەھەتتە مەلۇم كۆلەم ھاسىل قىلدى، لېكىن سۈپەت مەسلىسىدە يەنىلا نوقسانلار ئېغىر. «قۇم باسقان شەھەر»، «باھادىرنامە»،«ئانا يۇرت»، «ئىز» ،«ئويغانغان زىمىن»، «كەچمىش» قاتارلىقلارغا ئوخشاش سۈپەتلىك  رومانلار  يەنىلا بىزنىڭ ئېھتىياجىمىزنى قاندۇرۇپ بولالمايۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن رومانلارنى چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق رومانلارنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش تۇردى سۇلتاندەك  كەڭ ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قەلەم تەۋرىتىشىنى كۈتىۋاتىدۇ.  تۇردى سۇلتان .ئاكىمىزنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر.

ۋاقتى: 2012-6-10 21:50:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى بىر ئىشقا تۇتۇش قىپسىز، ئەدەبياتىمىز مانا سىزدەك  ياشلارغا مۇھتاج، بۇ خىل ئەمگەك جاپالىق لىكىن مىۋىسى شەرەپلىك ھەرگىز بوشاشماڭ!

ۋاقتى: 2012-6-10 21:53:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇردى سۇلتان يوللىغان ۋاقتى  2012-5-18 20:15
ت. نەمەتنىڭ ئىنكاسى :
      مېنىڭ بىلىشىمچە سادىر تۇرسۇ ...

ئۇدۇنلوق ئاكىمىز خوتەن شەھرىدە ئولتۇرۇشلوق بولوپ خوتەن مائارىپ ئىنسىتىتوتىدا ئوقۇتقۇچلو قىلىدۇ، كۆپ ۋاقتىنى ئىجادىيەتكە قاراتقان!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش