|
گەمىساڭ6 W* o; z7 g g, I. {( G0 m
8 {, Q3 N1 S, H Qگەمىساڭ - يېڭىشەھەر ناھىيىسى يامانيار يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ شەرقىي شىمالىدىن 10.7 كېلومىتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، يامانيار يېزىسىنىڭ ھازىرقى 5-، 6- كەنتلىرى ھازىر مۇشۇ نام بىلەن ئاتىلىدۇ. بۇ نام توغرىسىدا تەتقىقاتچى ئادىل تۇران تۈزگەن《 قەشقەر مەجمۇئەسى》نىڭ《قەشقەر يەر- جاي ناملىرى》قىسمى (قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 2010- يىل 4– ئاي 1- نەشىرى) دە بۇرۇنقى زامانلاردا بۇ جايدىكى كىشىلەر ئاشلىقنى گەمىدە ساقلىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتىلىپ قالغان》دېگەن بىر مەلۇمات بار. مېنىڭچە ئۇنداق ئەمەس. 《گەمىساڭ》 نامى بىلەن ئاتالغان بۇ جايغا تەۋە ئىككى كەنىت ئىلگىرى ئىككى خىل نام بىلەن ئاتالغان. 6- كەنتنىڭ ئىلگىرىكى نامى 《گەمە》 دەپ ئاتالغان، ھازىرمۇ كىشىلەر بۇ كەنتنىڭ نامىنى 《گەمە》 دەپ ئاتايدۇ. بۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىلگىرى گەمە ئۆيلەردە ئولتۇرغاچقا، بۇ كەنتنىڭ نامىنى 《گەمە》 دەپ ئاتاشقان. 5- كەنتنىڭ ئىلگىرىكى نامى 《ساڭ》 دەپ ئاتالغان، ھازىرمۇ كىشىلەر بۇ كەنتنىڭ نامىنى 《ساڭ》 دەپ ئاتايدۇ. كىيىنچە بۇ ئىككى كەنتنى بىرلەشتۈرۈپ ئاتاش زۆرۈرىيىتى بىلەن، ئىككى كەنتنىڭ نامى بولغان《گەمە》بىلەن《ساڭ》دېگەن ئىسىملار بىرلەشتۈرۈلۈپ《گەمە ساڭ》داپ ئاتالغان. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ سۆزدە فونتېكىلىق ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، 《گەمە ساڭ》دىگەن ئاتالغۇ تەركىبىدىكى 《ئە》 تاۋۇشى《ئى》 غا ئاجىزلىشىپ، 《گەمىساڭ》غا ئۆزگەرگەن.
1 T3 |2 k. ]' D2 q
|
|