|
《رابىيە- سەئدىن 》 مازىرى7 H: C4 ]; P5 U" w6 e
% A, W4 R% N" A; c( e. H《رابىيە- سەئدىن》 مازىرى يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يامانيار يېزىسىنىڭ غەربىي جەنۇپ تەرىپىدىكى سۇبھاناللا كەنتىنىڭ 2- مەھەللىسىدىكى 《چاتاق مازار》نىڭ ئوتتورىسىغا جايلاشقان. بۇ مازار يامانيار يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ شەرقىي جەنۇپ تەرىپىدىن 8.5 كېلومېتىر كېلىدۇ. مازارنىڭ شەرق تەرىپىدە ئائىلىلىك، غەرپ تەرىپى ئازنا مەسچىت، جەنۇپ تەرىپى قەبرىستانلىق ۋە يول، شىمال تەرىپى قەدىمىي تەلۋىچۈك دەرياسى. بۇ مازار سۇبھاناللا كەنتىدىكى چوڭ يول ياقىسىغا جايلاشقان بولۇپ، جۇغراپىيىلىك ئورنى شىمالىي پاراللىل ″19-″18′21°39، شەرقىي مىردېئان ″25-″24′18°76 قا توغرا كېلىدۇ.
, W, S( T% Z. L3 x" h; y' W4 ]. O《رابىيە- سەئدىن》 مازىرى يەنە 《چاتاق مازار》،《قوشماق مازار》دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ مازاردا مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن رابىيە بىلەن سەئدىن – تارىختا ئۆتكەن ھەقىقىي تارىخىي شەخسلەر بولۇپ، ھازىرقى يېڭىشەھەر ناھىيە يامانيار يېزىسىنىڭ سۇبھاناللا كەنتىدە ياشاپ ئۆتكەن. 7 F/ c- M2 ]9 y0 P5 C6 F/ O
19- ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پېشۋاسى، مۇتەپەككۇر شائىر، رابىيە – سەئدىن ياشىغان تارىخىي دەۋردە ياشاپ ئۆتكەن شائىر ئابدۇرەھىم نېزارىنىڭ شۇ دەۋىردە يازغان《رابىيە- سەئدىن》 ناملىق مەشھۇر تارىخىي داستانى، ئۇيغۇر ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى، تەتقىقاتچىى، تالانتلىق شائىر ئەھمەت زىيائىنىڭ 1943- يازغان《رابىيە- سەئدىن》 ناملىق ئوپىراسى، 1985- يازغان، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان چوڭ ھەجىملىك《رابىيە- سەئدىن》ناملىق تارىخىي داستانى، دەۋرىمىزدىكى تالانىتلىق درامماتورگ مۇھەممەتئېلى زۇنۇن تەشنائىيلار يازغان 《رابىيە- سەئدىن》ناملىق دىراممىلاردىكى مەلۇماتلار، ئېغىزدىن- ئېغىزغا كۆچۈپ دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن رىۋايەتلەر ۋە رابىيەنىڭ ھېلھەم مۇشۇ يۇرتتا ياشاپ كەلگەن ھايات تۇققانلىرىنىڭ بايانلىرىغا ئاساسلانغاندا، رابىيە تەلۋىچۈك دەرياسىنىڭ بويىدىكى سۈيى ئەلۋەك، يېرى مۇنبەت گۈزەل بوستانلىق بولغان سۇبھاناللادىكى ياقۇپباي ئائىلىسىدە، سەئدىن كەمبەغەل دېھقان ئىبراھىم ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۆز ئارا قۇرداش بولغان رابىيە بىلەن سەئدىن كىچىكىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان، شۇ كەنىتتىكى ئىپتىدائىي مەكتەپتە بىللە ئوقۇپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقان. يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، بىر – بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشىپ، مەڭگۈلۈك جۈپ بولۇشقا ئەھدە قىلىشقان. ئۇلارنىڭ پاك مۇھەببىتىدىن خەۋەر تاپقان ئىبراھىم ئۇلارنى مۇرادىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ياقۇپباينىڭ ئۆيىگە ئەلچى كىرگۈزگەن. بىراق، ياقۇپباي ئىبراھىمنىڭ ئەلچىللىرىنى رەت قىلىپ، رابىيەنىڭ كۆز يشلىرى ۋە نالە- زارىغا قارىماي، تېخىمۇ كۆپ يەر- سۇ ۋە ئابروي- ئاتاققا ئېرىشىش نىيىتىدە، رابىيەنى يۇت بېگى جابىرغا بەرمەكچى بولغان. مۇرادىغا يېتەلمىگەن رابىيە بىلەن سەئدىن باشقا يۇرتلارغا قېچىپ كەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا تۇتۇلۇپ قالغان. پاك ئىنسانىي تۇيغۇسى خورلانغان، چىن مۇھەببىتى فىئوداللىق جەمئىيەتنىڭ تۈرلۈك توسالغۇلىرىغا ئۇچرىغان، ياۋۇزلار تەرىپىدىن قىينالغان سەئدىن رابىيەنىڭ پىراقىدا مەجنۇن بولۇپ، ئاچچىق ھەسرەت ئىچىدە لەختە- لەختە قان يۇتۇپ، رابىيەنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلغان ھالدا سۇبھاناللادا ۋاقىتسىز ئالەمدىن ئۆتكەن. ياقۇپباي رابىيەنى مەجبۇرى ھالدا جابىرغا ياتلىق قىلغان بولسىمۇ، رابىيە بۇ تەڭسىز نىكاھقا باش ئەگمەي، جابىرغا قولىنىڭ ئۇچىنىمۇ تۇتقۇزماي ئۆز ئۆيىگە قېچىپ كەلگەن ھەمدە سىڭلىسى بىلەن بىللە سۇ ئەكىلىشنى باھانە قىلىپ، قەھرىتان قىش بولۇشىغا قارىماي، تەلۋىچۈك دەرياسىنىڭ كاچكۇلىغا ئۆزىنى تاشلىغان. كىشىلەر بۇ ۋەقەدىن خەۋەر تېپىپ، پالتا- كەكە، كەتمەن- گۈرجەكلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، مۇزلارنى چوقۇپ رابىيەنى ئىزدىگەن بولسىمۇ تاپالمىغان. ياندۇرقى يىلى ئەتىيازدا مۇزلار ئېرىگەندە رابىيەنىڭ جەسىتى سەئدىننىڭ قەبرىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بىر لايداڭدىن تېپىلغان. شۇنىڭ بىلەن يەرلىك كىشىلەر 《 ئۇلار ھايات چېغىدا مۇرادىغا يېتەلمىدى، ئەمدى تېنى ۋە روھىمۇ بولسا بىر يەردە بولسۇن، روھى ۋىسالغا يەتسۇن 》 دىيىشىپ، رابىيەنىڭ جەسىتىنى سەئدىننىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىغا يەرلىككە قويۇپ، بىر جۇپ قەبرە ياسىغان. شۇنىڭدىن باشلاپ بىر- بىرىگە يانداش ياسالغان بۇ جۇپ قەبرىنى 《قوشماق مازار》دەپ ئاتىغان. مازارنىڭ دەسلەپكى ياسالغان ۋاقتى 1830- يىللارغا توغرا كېلىدۇ. مازار دەسلەپتە لاي خىش قۇرۇلمىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ دەپنە ئادىتى بويىچە ياسالغان.بۇ مازارنىڭ شەرق تەرىپىگە سەئدىننىڭ قەبرىسى، غەرپ تەرەپكە رابىيەنىڭ قەبرىسى ياسالغان. قەبرە ياسىلىپ بىر يىلدىن كىيىن جۇپ قەبرىنىڭ ئوتتورىسىدىن بىر تۈپ يۇلغۇن يۇلغۇن ئۈنۈپ چىقىپ، شاخلىرى بىر- بىرىگە چىرماشقان ھالدا ئۆسكەن. ياندۇرقى يىلى بۇ يۇلغۇننىڭ بىر تەرىپى قىزىل، يەنە بىر تەرىپى ئاق رەڭدە ئېچىلغان. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر بۇ مازارنى 《چاتاق مازار》دەپ ئاتاشقان. شۇندىن باشلاپ رابىيە- سەئدىن مەقبەرىسى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى پاك مۇھەببەتكە ئىنتىلىدىغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ، تەتقىقاتچىلارنىڭ زىيارەتگاھىغا ئايلانغان. خەلق《رابىيە- سەئدىن》مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلىشنى تەرك ئەتمەي داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.ئاپەتلىك 《مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى》مەزگىلىدىكى 《تۆت كونىنى يوقىتىش》 ھەركىتىدە 《رابىيە- سەئدىن》مازىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، يۇلغۇنمۇ كېسىپ تاشلانغان. كىيىنچە يۇلغۇن قايتا ئۆسۈپ چىققان بولسىمۇ، بىر خىللا ئېچىلغان. 1984- يىلى 10- ئايدا يېڭىشەھەر ناھىيىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى قارار ماقۇللاپ، 《رابىيە- سەئدىن》مازىرىنى 《ناھىيە دەرىجىلىك نوقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىي يادىكارلىق ئورنى》دەپ ئەنگە ئالغان ۋە 1985- يىلى 《رابىيە- سەئدىن》مازىرىنى رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرگەن. شۇ چاغدا مازارنىڭ گۈمبىزى پىششىق خىش بىلەن تۇرغۇزۇلغان، قورشاۋ تېمى 2.7 × 3.2 ، قورشاۋ تام ئىچىدىكى قەبرە بۆشۈكى ئېگىزلىكى 35 سانتېمىتىر، يۆنىلىشى جەنۇپتىن شىمالغا بولۇپ، مازارنىڭ قۇرۇلۇشى قويۇق ئۇيغۇر قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىغا ئىگە قىلىنغان. ! o5 W5 m& ~# P* j1 k
《رابىيە- سەئدىن》رىۋايىتى ئېغىزدىن – ئېغىزغا كۆچۈپ، تىللاردا داستان بولۇپ بۈگۈنگىچە سېھرى كۈچىنى يوقاتماي كەلدى ھەمدە 2009- يىلى 《 ۋىلايەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئاغزاكى غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرى》 قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. 9 U ]3 ?3 `& \$ S
|
|