رۇداك يوللىغان ۋاقتى 2016-1-4 15:36
! {) }0 O, |) T9 y. pسىز تۈزۈك ماتېرىيال كۆرمەيلا قارىسىغا سۆزلەيدىغان قا ...
+ j- n# [& ^* S- O: A* [' `; @يوغىسۇ، گەپنى «سەن»لەپ باشلىغانلىقىڭىزدىن قارىغاندا، بۇنداق بىر ئىزدىنىشچان ئىلمىي ئەمگەككە ئىككى ئېغىز لىللا گەپ بىلەن جاۋاب بېرىشكە كۈچىڭىز يەتمەيدىغان، ئۆگىنىشنىڭ ئورنىغا كىتاب-ماتېرىياللارغا تارتىنماي گۇناھ ئارتىشقا باھانە ئىزدەيدىغان تۇتۇرۇقسىزلىقىڭىز كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ... جامائەتچىلىك ئالدىدا ئوچۇق ئاشكارە ئوتتۇرىغا قويۇشقا پېتىنالمىغان ھېلىقى ئاتالمىش «تارىخ بۇرمىلانمىغان، شەخسىي ھېس- تۇيغۇ، جۈملىدىن مىللەتچىلىك ئىدىيىسى ئارىلاشمىغان ھەقىقىي ماتېرىيال»ىڭىزنىڭ قايسىلىقىنى بەكلا بىلگۈم بار!
8 \9 Z+ `$ L4 x# F مەن نەچچە رەت ئوقۇغان ھەم ھېلىھەم ئىزچىل ئۆگىنىۋاتقان تۆۋەندىكى كىتابلاردىن بىرەرسىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن:
) z: A$ L; Z; R" S
«تۈركىي تىللار دىۋانى»، قۇتادغۇبىلىگ»، «ئەتەبەتۇل ھەقايىق»، ھودۇدۇل ئالەم»، «ئۆتمۈشنىڭ تامغىسى-يەر ناملىرى»، «شىنجاڭ يەر ناملىرىنىڭ ئېتېمولوگىيىسى»، «يۇرتىمىزدىكى يەر ناملىرىغا دائىر ئىزدىنىشلەر»، «قەشقەر يەر ناملىرى»، «دىيارىمىزدىكى بىر قىسىم يەر ناملىرى توغرىسىدا»، «تارىختىكى كارۋان يوللىرى»، «دۇنيا يەر ناملىرى لۇغىتى»، «تاجىكلار تارىخى»، «تارىخي رەشىدىي»، «زەپەرنامە»، «تارىخىي ھەمىدى»، «تارىخىي ئەمىنىيە»، «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات»، «چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، «ئالتە شەھەر مەكتۇبلىرى»، «تۈركىي تىللارغا كىرىش»، «قاراخانىيلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتى»، «تۈركىي تىللار دىۋانىدىن 11-ئەسىر تۈرك مەدەنىيىتىگە نەزەر»، «چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى»، «تۈركىي تىللار»، «موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى»، «چىڭگىزنامە»، «ئىسكەندەرنامە»، «ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى» «قەشقەر مەجمۇئەسى (30قىسىم)، «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى»...قاتارلىقلار.
; ^3 C0 O- N$ p0 x ئېلىمىز مەتبۇئاتلىرى ھېچقاچان مىللەتچىلىكنى تەرغىب قىلىدىغان ماقالە، ئەسەرلەرنى ھەرگىزمۇ ئېلان قىلمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئېلىمىزدىكى 56 مىللەتنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز تىل - يېزىقىدا ماقالە، ئەسەر يېزىپ ئېلان قىلىش ھوقۇقى ئىنتايىن كۈچلۈك قانۇنىي ئاساسقا ئىگە. شۇنداق بولغان ئىكەن، سىز بۇ جەھەتتە ئېلان قىلىنغان كىتاب- ژۇرناللىرىمىزدىكى ماقالىلەرنىڭ مەزمۇنىنىڭ ساغلاملىقىدىن تامامان خاتىرجەم بولسىڭىز بولىدۇ. بۇ جەھەتتە سىز يۇقىرىقى كىتاب- ژرناللاردا بۇرمىلىنىپ كەتكەن يەر-جاي ناملىرى بولسا قايىل قىلارلىق پاكىت كەلتۈرۈپ ماقالە يېزىپ ئېلان قىلىپ، كەسكىن رەت قىلىڭ. بولمىسا، بۇ ئىشنى ئۆز ئەھلىنىڭ ئىزدىنىشىگە قويۇپ بېرىڭ! سىزدە ئىلمىي مۇنازىرىگە ئەسقاتقۇدەك ساپانىڭ سۇنۇقىمۇ يوق ئىكەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-5 16:11
6 e; `$ X" r' I/ U8 W3 d- {
5 p0 ]4 @, w) W9 W- y, [) d