«قاراقۇرۇم باغرىدىكى يېشىل مەرۋايىت-كېرىيە»ناملىق كىتاب نەشىر قىلىندى
يېقىندا كېرىيە ناھىيلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى،«قاراقۇرۇم باغرىدىكى يېشىل مەرۋايىت-كېرىيە»ناملىق كىتابنى نەشىر قىلىپ تارقاتتى.كىتابنى پىشقەدەم شائىر، ئەدەبىيات-سەنئەت تەشكىلاتچىسى رېىھىم نىياز ئەپەندى بىلەن يازغۇچى مەتتۇرسۇن ئۇبۇلقاسىم بىرلىكتە تۈزگەن بولۇپ، كىتابقا؛«جۇڭگو ۋە چەتئەللىك مەشھۇر كىشىلەرنىڭ كېرىيە ھەققىدىكى بايانلىرى»،«تارىختىكى كېرىيە»،«كېرىيەدە مەدەنىيەت-مائارىپ،سەھىيە»،«كېرىيەدە ئەل ئېغىز ئەدەبىيا تى»،«كېرىيەدە ئەدىپ ۋە ئەدەبىيات»قاتارلىق بەش بۆلۈم بويىچە، كېرىيەنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى، تارىخى، مەدەنىيىتى، تەبىئەت ۋە جۇغراپىيىسى، ئەدەبىيات-سەنئىتى، تەرەققىيات ھالىتى...قاتارلىق كۆپ خىل مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن.
كىتابنىڭ مەزمۇنى كەڭ دائىرىلىك بولۇپلا قالماي، يەنە ھەرخىل سىتاستىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلار ئېنىق،يېڭى ۋە توغرا،كىتاب ئاممىباپ، چۈشىنىشلىك، تولۇق ۋە ئەتراپلىق. كىتاب خەلقارا ئۆلچەمدە چوڭ فورماتلىق سۈپەتلىك،616 بەت بېسىلغان بولۇپ، تۈرلۈك خەرىتە، رەسىم ۋە گىراپىلار بىلەن بېيىتىلغان.بۇ كىتاب يۇقارقىدە مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىكى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن قاراقۇرۇم باغرىدىكى يېشىل مەرۋايىت-كېرىيە ھەققىدىكى قامۇس خاراكتىرلىك كىتابتۇر.
كىتاب شىنخۇا كىتابخانىلىرىغا سېلىنمايدۇ. لېكىن ئاپتونۇم رايونىمىز تەۋىسىدىكى ئاخپارات، نەشىرىيات ئورۇنلىرى، ئالىي مەكتەپلەر كۈتۈپخانىلىرى، خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى قېرىنداش ناھىيە، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ناھىيەلىك كۈتۈپخانىلار، ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك شەخسلەرگە بىر نۇسقىدىن ھەقسىز تارقىتىلدى.