ئىلاۋە: <<ئىلى دەرياسى>> ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، يازغۇچى ئەسئەت ئابدۇرېشىت يېقىندا ئۆز جەمەتىنىڭ نەسەپنامىسىنى يېزىپ پۈتتۈرۈپ، ئۆز خىراجىتى بىلەن كىتاپ قىلىپ تۈزۈپ چىقتى. مەن ئالدى بىلەن ئۇنىڭ بۇ ئەمگىكىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن.
ئاندىن قالسا، بىزدە ئاق ھالەتتە دىگۈدەك تۇرۇۋاتقان بۇ ساھەدە ئىزدىنىدىغان دوستلارنىڭ پايدىلىنىشى، ئۈلگە ئېلىشى ئۈچۈن مەزكۇر تېمىنى تورىمىزدا يوللاپ قويۇشنى توغرا كۆردۈم.
مۇندەرىجە
1-باب: نەسەبنامە ھەققىدە........ ......................................................(01)
2-باب: خۇدابەردى جەمەتى ھەققىدە بايان.............................................(05)
3-باب: ئىبراھىمئاخۇن خۇدابەردىنىڭ ھاياتى.........................................(08)
4-باب: ئىسمائىلئاخۇن خۇدابەردى.......................................................(31)
5-باب: ھېبىبە ئاغىچا خۇدابەردى..........................................................(35)
6-باب: ئەمىتاخۇن (ئەخمەتئاخۇن) خۇدابەردى.........................................(39)
7-باب: غازىئاخۇن قۇربان...................................................................(65)
8-باب: خالىق ساقى..........................................................................(69)
9-باب: ئىبراھىمئاخۇن خۇدابەردىنىڭ مارىخاندىن بولغان پەرزەنتلىرى..........(71)
10-باب: ئىبراھىمئاخۇن خۇدابەردىنىڭ كەرەمەتخاندىن بولغان پەرزەنتلىرى...(120)
11-باب:خاتىمە..............................................................................(142)
1.باپ نەسەبنامە ھەققىدە
ئەسئەت ئابدۇرىشىت
نەسەبشۇناسلىق ئائىلە-جەمەت زەنجىرىنى ۋە تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىمنىڭ نامى بولۇپ، ئۇ مەلۇم ئائىلىنىڭ ئەجدادلىرىنى ۋە ئەۋلادلىرىنى ئالاقىدار تارىخىي ئۇچۇرلار ياردىمىدە ئېنىقلاش ئارقىلىق، تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىگە ئىگە بولغان مەلۇم كىشىلەر توپىنىڭ يىلتىز سۈرىتىنى سىزىپ چىقىش دېمەكتۇر. نەسەبنامە قارىماققا مەلۇم بىر جەمەت تارىخىنى يورۇتۇشنى مەقسەت قىلغاندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ شۇ مىللەت تارىخىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ئەندىزىلىرىنى مەلۇم نۇقتىدا تۇرۇپ يورۇتۇپ بېرىدۇ. نەسەبنامە قالدۇرۇش شۇ جەمەتنىڭ تار مەنىدىكى ئائىلىۋى يازما خاتىرىسىلا بولۇپ قالماي بەلكى ئەجدادلار ياشىغان مەلۇم تارىخىي دەۋرنىڭ ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈشلىرىنى يورۇتۇپ بېرىشتىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا نەسەبنامە قالدۇرۇش ئۆز تارىخى بىلەن بۈگۈنكى تەرەققىيات پۇرسەتلىرىدە تاۋلىنىۋاتقان شۇ قوۋمدىكى ھەر بىر جەمەت، ھەر بىر كىشىنىڭ باش تارتىپ بولماس مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى.
نەسەبنامە يېزىپ قالدۇرۇشنىڭ تۆۋەندىكىدەك مۇھىم رولى بار:
1. يېزىپ قالدۇرۇلغان ئائىلە نەسەبنامىلىرى مەدەنىي بۇيۇم ياكى ئاسار-ئەتىقىلىق قىممىتىگە ئىگە.
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يېزىپ قالدۇرۇلغان نەسەبنامىنىڭ مەدەنىي بۇيۇملۇق قىممىتى ئېشىپ بارىدۇ. شۈبھىسىزكى بۇ بىر مىللەتنىڭ مەدەنىي تارىخى ۋە مەدەنىي جۇغلانمىسىغا قوشۇلغان زور تۆھپە بولۇپ قالىدۇ.
2. يېزىپ قالدۇرۇلغان ئائىلە نەسەبنامىلىرى ماتېرىياللىق قىممىتىگە ئىگە.
نەسەبنامە ئۆزىگە شۇ جەمەت ئەزالىرىنىڭ مۇھىم ئۇچۇرلىرى يەنى ئۇلارنىڭ ھاياتى، نىكاھلىنىشى، ئېرسىي ئىزچىللىقى، جەمەت مىزانى (قائىدە تۈزۈمى)، ئۆلۈمى قاتارلىق سانسىزلىغان ئۇچۇرلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن بولۇپ، ئۇ تارىخشۇناسلىق، ئۆرىپ-ئادەتشۇناسلىق، ئىقتىسادشۇناسلىق، مائارىپشۇناسلىق، ئېرسىيەتشۇناسلىق ۋە باشقا پەنلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان تەتقىقاتلارنى ئىنتايىن قىممەتلىك بولغان پايدىلانما ماتېرىيال بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.
3. يېزىپ قالدۇرۇلغان ئائىلە نەسەبنامىلىرى تەربىيەۋى ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر تەرىپىدىن يېزىپ قالدۇرۇلغان نەسەبنامىلەردە كۆپىنچە شۇ جەمەتنىڭ جەمەت مىزانى، ئەڭ تۈپكى كىشىلىك قاراشلىرى كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇلغان بولىدۇ. بۇنداق يازما شەكىلدە قالدۇرۇلغان جەمەت يوسۇنلىرى شۈبھىسىزكى كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ تەربىيەلىنىشىدە مىسلىسىز تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. كىشىگە باشقا ھەرقانداق كىشىنىڭ ئۆگۈتلىرىدىن كۆرە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئۆگۈتلىرى بەكرەك تەسىر قىلىدۇ.
بەزى نەسەبنامىلەردە جەمەت يوسۇنى ئايرىم سەھىپە ئاجرىتىلىپ، ئېنىق پۈتۈلمىدى دېگەندىمۇ نەسەبنامىنىڭ ئۆزىگە پۈتۈلگەن ئەجدادلار ھەققىدىكى تۈرلۈك ئۇچۇرلارغا كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئۈلگە قىلىشىغا ئەرزىگۈدەك جانلىق دەرس ۋە ساۋاقلار يوشۇرۇنغان بولىدۇ. شۇ جەمەت ئەزالىرىنىڭ روھىدىكى ئىزچىللىق نەسەبنامىگە پۈتۈلۈش يولى ئارقىلىق كېيىنكى ئەۋلادلارغا تېخىمۇ مۇستەھكەم ئۇدۇم بولىدۇ.
4. يېزىپ قالدۇرۇلغان ئائىلە نەسەبنامىلىرى رېشتە باغلاش رولىغا ئىگە.
دەرەخنىڭ يىلتىزى، ئېقىننىڭ بېشى بولسا قۇرۇپ قالمىغىنىدەك، جەمەتنىڭمۇ ئۆچمەس قىلىپ پۈتۈلگەن نەسەبنامىسى بولسا ئۇرۇق-ئەۋلادلىرى چېچىلىپ كەتمەيدۇ. ئەڭ مۇھىمى ئەجدادلارنى ئەۋلادلارغا ئۈزۈلمەس رېشتە قىلىپ مەھكەم باغلاپ تۇرىدۇ. ھەرقانداق بىر جەمەت ئەزاسى ئائىلە نەسەبنامىسىنى ئوقۇپ تۇرۇش ئارقىلىق ئۆز ئەجدادى ۋە ئۆز قېرىنداشلىرىغا رېشتە باغلاپ تۇرىدۇ. ئېغىزدىكى ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق پەقەت نەچچە ئەۋلادلا داۋام ئېتىشى مۇمكىن. ئەمما، ئېقى قەغەز، قارىسى سىياھ قىلىپ پۈتۈپ قويۇلغان نەسەبنامە ئۇرۇق-تۇغقانچىلىقنى زامان چەكلىمىسىدىن ھالقىتىپ، ئەسىر-ئەسىرلەرگىچە ئۇلىشى مۇمكىن.
5. جەمەت ئەزالىرىنىڭ ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى ئۇرغۇتىدۇ.
جەمەت ئەزالىرى ئىچىدىكى تۆھپىسى ئالاھىدە زور، نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغانلارنىڭ ئىش-ئىزلىرى تەپسىلىي خاتىرىلىنىشى كېرەك، بۇنداق بولغاندا كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ جەمەتىگە نىسبەتەن قايىللىق، ھۆرمەت، ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى پەيدا بولۇپ غايىلىك ياشىشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.