3. گارمۇنست ئەيتىم (ھېيتمۇھەممەت)
چۆچەك سىرتنىڭ تەسىرىگە نىسبەتەن بالدۇر ئۇچرىغان مەدەنىيەتلىك، تىنچ، رومانتىك تۈس ئالغان شەھەر بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىمۇ پاكىز-رەتلىك كىيىنىشىپ، روھلۇق ياشايتتى.
ياۋروپا مەدەنىيىتى بىلەن يەرلىك مەدەنىيەت ئۆزئارا ئۇچراشقان بۇ شەھەردە توي-تۆكۈن، بەزمە-باراۋەتلەرمۇ ئۆزگىچە شەكىلدە ئۆتكۈزۈلەتتى. ئەتىسى-ئاخشىمى ھويلا-ئاران، تانسىخانىلاردا گارمۇن بىلەن جىرنىڭ ئاۋازى ياڭراپ تۇراتتى. بۇ يەردە چېلىنىۋاتقان گارمۇن بولسا گارمۇن ئائىلىسىنىڭ دەسلەپكى ئەۋلادى «ئادناراتكا» (بىر تىللىق گارمۇن) بولۇپ، ئۇ تاتارچە ئاھاڭلارنى جىرلاشقا تولىمۇ باب كېلەتتى.
ئەيتىم ئابزى (ئاكا دېگەن مەنىدە) ئەنە شۇ ئادىناراتكىنى چېلىشنى پىششىق ئىگىلەپ، تاتارچە، رۇسچە، قازاقچە ناخشىلارنى ماسلاشتۇرۇپ ئېيتقاننىڭ سىرتىدا ئۇيغۇرچە ئۇسۇل پەدىلىرىنىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ چېلىپ، سورۇن ئەھلىنى ئورۇنلىرىدا ئولتۇرالماس قىلىۋېتەتتى. ئۇنىڭ چالغان «ئادىنوچكا» پەدىسىگە دەسسىگۈچىلەر مەيداندىن چاڭ چىقىرىپ، كۆپچىلىكنى سۆيۈندۈرەتتى.
ئەيتىم ئابزى كېيىنكى مەزگىلدە مۇخەرەم ئىسىملىك گارمۇنست قىز بىلەن ئۆي-ئوتاقلىق بولىدۇ. ئەمدى بۇ بىر جۈپ گارمۇنستلار ماسلىشىپ، قۇتلۇق مەرىكىلەردىن ئوت چىقىرىۋېتىدۇ. بارا-بارا ئەيتىم ئابزىنىڭ خېرىدارى كۆپىيىپ، گارمۇن تىللىرىدا شوخ ئوينايدىغان بارماقلىرى كېچە-كۈندۈز دەم ئالمايدىغان بولىدۇ. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ سۆيۈنگەن بوۋام ئبىراھىمئاخۇن ئەيتىم ئابزىگە بىر ئات مىندۈرگەننىڭ سىرتىدا، بىر سانكېينى ھارۋىكەش بىلەن قوشۇپ ئۇنىڭ خىزمىتىگە سالىدۇ. قىشنىڭ ئۇزۇن تۈنلىرىدە ۋىچىر ئويناپ سانكېي بىلەن قايتقان ئەيتىم ئابزى شەھەرنىڭ ئېلېكتر چىراقلىرى يورۇق تاشلاپ تۇرغان كوچىلىرىدا، كۈلتۈك قارلارنى پۇرقىرىتىپ ئارقىدا قالدۇرۇپ، ئۆيىگە كەلگۈچە ھېلىقى جاراڭ ئاۋازى بىلەن جىر جىرلاپ، ئۇيقۇغا كەتكەنلەرنىمۇ شېرىن چۈش ئىلىكىدە سۆيۈندۈرەتتى.
ئەي-خەي دوستلار قار ياۋسىن،
قارغا يۈرەگىم قانسىن.
قارلى تۈندە جىر جىرلاساق،
ئۇيقىدان قىزلار ئويانسىن.
«بالامىسكىن» پەدىسىگە جىرلىنىۋاتقان بۇ لىرىك مىسرالار چۆچەكنىڭ قاتتىق سوغۇق بولىدىغان كېچىلىرىدە، كوچا چىراغلىرىنىڭ گىرىمسەن يورۇقىدا گۈزەل تۈسكە كىرىپ، لەپىلدەپ چۈشۈۋاتقان قار ياپراقچىلىرىنى يېرىپ ئۆتۈپ، بۇ ھۆسۈندار ماكاندا بەخىرامان ئۇخلاپ ياتقان ئىزگۈ نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ قەلبىگە سىڭىپ كەتسە، چالا ئۇيقۇدىكى ياش قىز-يىگىتلەرنىڭ يۈرىكىگە چوغ تاشلايتتى.
1955-يىلىغا كەلگەندە ئەيتىم ئابزى ئاپىسى زىلەيخا، ھەدىسى سالامەت بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. كېيىن تاشكەنت شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتىدۇ.
4. ياۋروپاغا يۈزلىنىش
شۇ يىللىرىدا بوۋام ئىبراھىمئاخۇننىڭ دېھققانچىلىق، سودا-سېتىق، ئىمپورت-ئېكسپورت ئىشلىرى كۆلەملىشىپ مۇستەھكەم گەۋدە ھاسىل قىلغانلىقتىن ئۇنىڭ نامى يىراق-يېقىنغا تېزلا تاراپ، نامى بار بايلارغا ئايلىنىدۇ. ئەمما بوۋام كۆز ئالدىدىكى بۇ سودا چەمبىرىكى ئىچىدە ئايلىنىپ يۈرۈشنى توغرا كۆرمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ چۆچەكتىكى ئىگىلىكىنى باشقۇرۇشنى ھالقىلار بويىچە شېرىك ھەم باشقۇرغۇچىلارغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئائىلىسى، بالا-چاقىلىرىنى خاتىرجەم قىلىدۇ-دە، سودا تۇلپارىنىڭ بېشىنى ئۇدۇل ياۋروپا بازىرىغا بۇرايدۇ. شۇ چاغدا ھەقەمسايلىرى ئۇنىڭغا تۈز نىيىتى بىلەن: «ئىبراھىمئاخۇن باي، بايلىقىڭىزنىڭ چېكى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز قىلىۋاتقان ئىشلارمۇ بەك كۆپ، مۇشۇ ئىشلارمۇ سىزنى چارچىتىپ قويۇۋاتقان تۇرسا، شۇڭا ئۇ تەرەپلەرگە بېرىشنىڭ قانچىلىك زۆرۈرىيىتى بار» دېيىشىدۇ بوۋامغا كۆيۈنۈپ. بوۋام بولسا ئۇلارغا: «بىر ياراملىق تىجارەتچى ياكى ئىگىلىك تىكلىگۈچى بۈگۈنىنىلا ئويلىماسلىقى كېرەك، ئەتە ئۈچۈنمۇ باش قاتۇرۇشى كېرەك. ماڭا كۆز ئالدىمدىكى بۇ بايلىق يېتىپ ئاشىدۇ. بىراق بۇرادەرلەر مەن ھازىر بىر چوڭ دەرەخ بولۇپ قالدىم، مېنىڭ سايەم يەنىمۇ كۆپ ئادەملەرگە چۈشىشى كېرەك. شۇڭا تېخىمۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتىشىم ئۈچۈن يەنىمۇ كۆپ ئېنېرگىيە مەنبەسىگە مۇھتاجمەن» دەيدۇ مەقسىتىنى ئوچۇق قىلىپ. شۇنداق قىلىپ بوۋام ياۋروپا سەپىرىنى باشلايدۇ. شۇ يىللاردا ياۋروپادا نۆۋەت بىلەن دۆلەتلەر ئارا «نېژنى» يەرمەنكە يەنى خەلقئارا سودا يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇراتتىكەن. بوۋام سوۋېت ئىتتىپاقى چېگرىسىدىن ھالقىپ، پەرەڭلەر (ئومۇمەن ياۋروپالىق بولسىلا شۇنداق ئاتىلاتتى) دۇنياسىنى كېزىدۇ. ئەلۋەتتە بوۋام ئۇ ياقلارغا قۇرۇق قول ئۆتمەيتتى. ئۇ ئېلىۋالغان يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى ياللىۋالغان تاتار تىلماچلىرى ئارقىلىق ئۇلارغا ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىگە لازىم سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى كېلىشىپ ئېلىپ، چۆچەككە ماڭغۇزۇپ تۇرىدۇ. ئۇ ماڭغۇزغان تەرەققىي تاپقان ئەللەرنىڭ تاۋارلىرى چۆچەك ئارقىلىق شىنجاڭ بازارلىرىغا تارايدۇ. شېرىكلىرى مالنى پۇلغا ئايلاندۇرغاندىن كېيىن بوۋامغا قايتا پۇل ۋە شىنجاڭنىڭ ياۋروپا بازارلىرى جىددىي ئېھتىياج بولۇۋاتقان مەھسۇلاتلىرىنى ئەۋەتىپ تۇرىدۇ. سودىنىڭ قىزىقتۇرۇشى بىلەن بوۋام لوندونغىچە بارىدۇ ھەمدە خەلقئارادىكى كۆپلىگەن تىجارەتچىلەر بىلەن تونۇشۇپ، دوستلىشىدۇ. ئۇنىڭ تىجارىتىمۇ كۈندىن-كۈنگە روناق تاپىدۇ.
ئۇچۇر-ئالاقە، قاتناش-تىرانسىپورت ئىشلىرى تەرەققىي قىلمىغان ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا بوۋامنىڭ بۇنچىلىك جاسارەت، ئەقىل-پاراسەت بىلەن ياۋروپا بازارلىرىدا يۈرەكلىك تىجارەت قىلىشى ئاسان ئەمەس ئىدى. شۇڭا يىراق شىنجاڭدىن كەلگەن بۇ ئۇيغۇر تىجارەتچىگە ياۋروپاغا يىغىلغان سودا ئەھلىلىرىمۇ قايىللىقىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى. ئەنە شۇ چۆچەكتىن چىقىپ، تىل ۋە چېگرا ئۆتكەللىرىدىن ئۆتۈپ، ياۋروپا بازارلىرىدا تېنىمەي تىجارەت قىلىپ، ھەم ئىگىلىك تىكلەپ ھەم ھۆرمەت تاپقان ئۇيغۇر تىجارەتچى دەل مېنىڭ بوۋام ئىبراھمئاخۇن خۇدابەردى ئىدى.
5. خەلقئارالىق ياردەم
1930-يىللارنىڭ ئاخىرلىرى سوۋېت ئىتىپاقىدىكى بىر قىسىم خەلق (رۇس، ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبېك، تاتار قاتارلىق مىللەتلەر) چۆچەكتىكى «بەختۇ» چېگرىسى ئارقىلىق ئېلىمىز تەۋەلىكىگە ئۆتىدۇ. ھۆكۈمەت ئاچارچىلىقتا ھالىدىن كەتكەن بۇ ئون مىڭدىن ئارتۇق سەرگەردانلارنى جىددىي قۇتقۇزۇشقا يەرلىك بايلارنى سەپەرۋەر قىلىدۇ. بۇ چاغدا بوۋام ئىبراھىمئاخۇن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇن، ماي، گۆش قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى تەييارلاپ، چېگرىغا بېرىپ نەچچە يۈز قازان ئاسىدۇ. ئاش-تاماق بىلەن ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىشكە باشلايدۇ. ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى تولۇق ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن بوۋام ئۇلارنى چۆچەك شەھىرىگە قايتۇرۇپ كېلىپ، بىر قىسىملىرىنى ئۆزىنىڭ قىشلاق ۋە دېھقانچىلىق مەيدانلىرىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، بىر قىسىملىرىغا مال-ۋاران بېرىپ ئۇلارغا يېڭى ھاياتلىق يولى بېرىدۇ. بوۋامنىڭ بۇ ئالىيجاناب پەزىلىتى ھۆكۈمەتنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە، خەلقنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىدۇ. بەلكىم بۇ ھەقتىكى پاكىتلار مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردا خاتىرىلەنگەن بولۇشى مۇمكىن.
6. چۆچەكتىكى چوڭ قورۇ ھەققىدە
بوۋام ئىبراھىمئاخۇننىڭ چۆچەكتىكى چوڭ قورۇسى «دۆڭ كوچا» دەپ ئاتىلىدىغان كوچىغا جايلاشقان بولۇپ، تەخمىنەن ئىككى موچە كېلەتتى. ياسىداق، قوش قاناتلىق چوڭ دەرۋازىدىن كىرگەندىن كېيىن، سول تەرەپتە بىر قانچە كارىدورلۇق كۆتۈرۈپ سېلىنغان ئۆيلەر بولۇپ، بۇ مەخسۇس مېھمانلار ئۈچۈن راسلانغان مېھمانخانىلار ئىدى. ئوڭ تەرەپ كوچا بىلەن پاسىللىنىدۇ. دەرۋازىنىڭ ئۇدۇلىدا ئىككى ئېغىزلىق ئۆي بولۇپ، بۇنىڭدا بىر قازاق ئائىلىسى ئولتۇراتتى. بۇلار ئاساسەن قورۇنىڭ ئامانلىقى، تازىلىق ئىشلىرىغا قارايتتى. سول تەرەپتە بىر قانچە ئۆيلەر بولۇپ، بۇ بوغالتىرلارنىڭ كېچە-كۈندۈز ھېسابات قىلىدىغان ئىشخانىلىرى ئىدى. ئۇ ئۆيلەرگە يانداش يەنە بىر قانچە چوڭ ئىسكىلاتلار سېلىنغان بولۇپ بۇ ئىسكىلاتلارغا سىرتتىن كەلگەن ماللار چۈشۈرۈلەتتى ياكى ماگىزىنلارغا شۇ ئىسكىلاتتىن ماللار ئېلىپ چىقىلاتتى. قورۇنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىكى كىچىك ئىشىكتىن بىر موچە كۆلەمگە ئىگە «ئارقا ھويلا» غا ئۆتكىلى بولاتتى. بۇ ھويلىدا بوۋامنىڭ خوتۇن–بالىلىرى بىلەن بىر قانچە ئايال ئاشپەزلەر ئولتۇراتتى. يېمەك-ئىچمەك ئىسكىلاتىمۇ مۇشۇ قورۇغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. ئاپتوموبىللار، دېھقانچىلىق قورال-سايمانلار، ئاشلىق ئامبارلار، ئات-ئۇلاق قوتانلىرى قاتارلىقلار باشقا قورۇلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.
چوڭ قورۇنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدە «تۆمۈر دەرۋازىلىق قورۇ» دەپ ئاتىلىدىغان، ئۈچ موچە كېلىدىغان يەنە بىر چوڭ قورۇ بولۇپ، بۇنىڭدا بىر قانچە قازاق ئائىلىسى ئولتۇراتتى. «تۆمۈر قاپقاقلىق قورۇ» دەپمۇ ئاتىلىدىغان بۇ قورۇدا ئىشچىلارنىڭ ئۆيلىرىدىن سىرت، قورۇنى چۆرىدەپ لاپاس يېپىلغان ئىدى. ئەنە شۇ لاپاسنىڭ ئاستىغا ئىسكىلات، دېھقانچىلىق قورال-سايمانلىرى قويۇلىدىغان ئامبار، ھارۋا ئاتلىرى، مىنىش ئاتلىرى، ئىشلەپچىقىرىشقا سالىدىغان ئاتلار ئۈچۈن سېلىنغان ئۇلاق قوتانلىرى بار ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا ئاپتوموبىللار بولسا مەخسۇس ئايرىم بىر قورۇدا تۇراتتى.
7. بەربات بولۇش
1940-يىللاردا شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان دوستلۇقتىن يۈز ئۆرۈگەندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ سىياسىي ئاتموسفېراسىغا قارا كۆلەڭگە چۈشكىلى تۇرىدۇ. چۆچەكتىمۇ ئوخشاشلا ئاسايىشلىق كۈنلەر ئاياغلىشىپ، ساراسىملىق كۈنلەر باشلىنىدۇ. شېڭ شىسەينىڭ چۆچەكتىكى ژاندارمىلىرى چۆچەكتىكى سوۋېت بىلەن باردى-كەلدى قىلىپ كەلگەن بايلارغا «خائىن» دېگەن بەدنامنى چاپلاپ، بايلارنى بىر-بىرلەپ يامۇلغا چاقىرتىپ، ئۆلتۈرۈپ، مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىشقا باشلايدۇ. سوۋېتتا ئوقۇپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىمۇ قولغا ئالىدۇ. شۇ قاتاردا ئۈرۈمچىدىكى چوڭ دادام مۇھەممەتئىمىن خۇدابەردىنىمۇ تۈرمىگە تاشلايدۇ.
جاھاننى ۋەھىمە قاپلىغان ئاشۇ قاباھەتلىك كۈنلەرنىڭ بىرىدە ياخشى نىيەتلىك بىر كىشى ئۆيگە ئالدىراش كىرىپ: «ئىبراھىمئاخۇن ئەتە نۆۋەت سىلىگە كېلىدىكەن، دەرھال ئۆزلىرىنى چەتكە ئالسىلا» دەپلا بىردەمدىلا كۆزدىن غايىب بولىدۇ.
بۇ شۇم خەۋەردىن چۆچۈپ كەتكەن بوۋام ئىبراھىمئاخۇن شۇ كۈنى جىددىي تەييارلىق قىلىشقا باشلايدۇ. ئۇ ئالدى بىلەن ئىشەنچلىك دەپ قارىغان بىر شوپۇرنى چاقىرتىپ، ماشىنىغا يېتەرلىك بېنزېننى زاپاس ئېلىۋېلىشنى تاپىلايدۇ. ئاندىن ئاز-تولا پۇلنى يانچۇققا سالىدۇ-دە، «زېس» ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ، كۆز باغلانغاندىن كېيىن، غۇلجىغا قاراپ يولغا چىقىدۇ.
بوۋام غۇلجىغا ئامان-ئېسەن كېلىۋالغاندىن كېيىن، مامۇت ھاجىمنىڭ نومۇرىغا (نومۇر دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان بۇ ساراي ھازىرقى گېنېرال مېھمانخانىسىنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ ساراينىڭ غۇلجا شەھەر بويىچە داڭقى بار بولۇپ، ياتاق ئىشىكلىرىگە ئەرەب رەقىمى بويىچە نومۇر قويۇلغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئالاھىدە پەرقى بىلەن مامۇت ھاجىمنىڭ نومۇرى دەپ تىلغا ئېلىناتتىكەن. كىشىلەرمۇ نومۇر ھاجىمنىڭ سارىيى دەپ ئاتاشقا ئادەتلىنىپ قالغان ئىكەن) چۈشۈپ، جىددىي ۋەزىيەت ئۆتۈپ كەتكۈچە شۇ ئورۇندا پاناھلىنىپ ياتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بوۋامنىڭ بېشى شېڭ شىسەينىڭ قان تېمىپ تۇرغان قىلىچىدىن ئامان قالىدۇ. دادامنىڭ دېيىشىچە بوۋاملار مامۇت ھاجىمنىڭ نومۇرىدا ئۈچ يىلغا يېقىن پاناھلانغان ئىكەن. دېمەكچىمۇ ئەتىسى گومىنداڭنىڭ چۆچەكتىكى ئاتارمەن-چاپارمەنلىرى بوۋام ئىبراھىمئاخۇننىڭ قەسرىگە بېسىپ كىرىپ، ئۇنى قولغا ئالماقچى بولىدۇ. لېكىن ئۇنى ئىزدەپ-سوراپ ھېچيەردىن تاپالمىغاندىن كېيىن مال-مۈلۈكلىرىنى، ئالتۇن-كۈمۈش قاتارلىق جاۋاھىراتلىرىنى پاك-پاكىزە مۇسادىرە قىلىدۇ. ماگىزىنلارنى، ئامبار-ئىسكىلاتلارنى ئۆتكۈزۈپ ئالىدۇ. ئاپتوموبىل، يەر-زېمىن، قوتاندىكى ئات، قوي-كالىلارغىچە مۇسادىرە قىلىدۇ. ئۈچ-تۆت قورۇدا ئولتۇرۇشلۇق بوۋامنىڭ ئادەملىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ، قورۇ-جايلارنى تارتىۋالىدۇ. قاباھەتلىك چۈشكە ئوخشايدىغان بۇ ئاچچىق رېئاللىق ئىبراھىمئاخۇن بوۋامنى مەركەز قىلغان بۇ چوڭ جەمەت ئەزالىرىنى توزغاقتەك ھەر تەرەپكە توزىتىۋېتىدۇ. غازىئاخۇن، ئەمىتاخۇنلار بالا-چاقىسىنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە كېتىدۇ. ئەمىتاخۇن خۇدابەردى ئۈرۈمچىدە ئىككى يىلدەك تۇرغاندىن كېيىن ئاكىسى ئىبراھىمئاخۇن خۇدابەردىنى ئوقاق تارتىپ غۇلجىغا قايتىپ كېلىدۇ. دېھقانچىلىق غوجىدارى ھۆمۈرئاخۇن (ئۆمەرئاخۇن) بالا-چاقىسىنى ئېلىپ، كونا ماكانى بولغان غۇلجىدىكى ھېزۋەكتامغا كۆچۈپ كېتىدۇ. مومام كەرەمەتخان ئىككى كىچىك بالىسى (دادام ئابدۇرېشىت بىلەن سىڭلىسى رىسالەت) نى ئېلىپ، چۆچەكتىكى ئۆزىنىڭ ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە كېتىدۇ. قالغان ماگىزىنچى، ھېساباتچى، ئىسكىلاتچى، ئامبارچى، مۇلازىم، شوپۇر-ھارۋىكەشلەر ۋە باشقا ئىشلەمچىلەرمۇ روھى چۈشۈپ ھەر تەرەپكە چېچىلىپ كېتىدۇ.
1942-يىلىغا كەلگەندە بوۋام ئىنىسى ئەمىتاخۇننى چۆچەككە مومام كەرەمەتخان بىلەن ئىككى بالىسىنى غۇلجىغا قايتۇرۇپ كېلىشكە ئەۋەتىدۇ. ئەمىتاخۇن خۇدابەردى چۆچەككە بارغاندىن كېيىن ئىككى ئاتلىق بىر ھارۋا سېتىۋالىدۇ. ھەمدە چۆچەكتىن غۇلجىغا قايتماقچى بولۇپ ھارۋىكەشلەرنى ئىزدەپ يۈرگەن ئوبۇلخەيرى ئىسىملىك يىگىتنى ئۆزلىرىگە ھەمراھ قىلىپ يولغا چىقىدۇ. ئۇلار قارا سوغۇقتا توپ-توغرا بىر ئاي يول يۈرگەندىن كىيىن غۇلجىغا يېتىپ كېلىدۇ. بوۋام كېيىنچە خوتۇن بالىلىرىنى ئېلىپ ئىنىسى ئەمىتاخۇن ئىجارىگە ئولتۇرۇۋاتقان ھاشىر شاڭيۇنىڭ قورۇسىدىن ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرىدۇ. بىر يىلدىن كېيىن ئەمىتاخۇن ئائىلىسىنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە كۆچۈپ كېتىدۇ. بوۋاملار شۇنىڭدىن تا ئازادلىق ھارپىسىغىچە غۇلجا شەھىرى سۇ دەرۋازا مەھەللىسىدىكى ئاددىي ئۆيىدە ئۇششاق تىجارەت بىلەن غورىگىل تۇرمۇشىنى داۋام ئېتىدۇ. بوۋاملار بۇ مەزگىلدە كېپەكيۈزىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ھەدىسى ھېبىبە ئاغىچا ۋە ئۇنىڭ بالا-ۋاقىلىرى بىلەن قويۇق باردى-كەلدى قىلىشىدۇ.
8. ئازادلىقتىن كېيىن
1949-يىلىدىن كېيىن (ئۆلكە ئازاد بولغاندىن كېيىن) بوۋام ئىبراھىمئاخۇن ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملاشقانلىقىنى كۆرۈپ، ھۆكۈمەتكە خىزمەت تەلەپ قىلىپ ئىلتىماس سۇنىدۇ. سابىق ئىلى ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت بوۋامنىڭ سودىغا پىششىق، ھېسابات ئىشلىرىدىكى ماھىرلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، توققۇزتارا ناھىيەسىدە قۇرۇلغان سودا تەرەققىيات ئىدارىسىدىن خىزمەت بېرىدۇ. بوۋام بۇ خىزمەتكە ئورۇنلاشقاندىن كېيىن توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ سودا-سانائەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تېگىشلىك ھەسسە قوشىدۇ. 1965-يىلىغا كەلگەندە ئاغرىق سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتىدۇ.
بوۋام ئىبراھىمئاخۇن مارىخان ئىسىملىك ئايالىدىن مۇھەممەتئىمىن، زىلەيخان، ئايشەم، خەمىت، مىجىت، ئەزىز قاتارلىق ئالتە پەرزەنت كۆرىدۇ. ئۇلار بىردەك بوۋىسى خۇدابەردىنىڭ ئىسمىنى فامىلە قىلىپ قوللىنىدۇ.
بوۋام ئىبراھىمئاخۇن كەرەمەتخان ئىسىملىك ئايالىدىن ئابدۇرېشىت (دادام)، رىسالەت، سائادەت، ئابلېكىم، ئەركىن، ئېرشات، نۇرشات قاتارلىق يەتتە پەرزەنت كۆرىدۇ. ئۇلار بىردەك دادىسى ئىبراھىمنىڭ ئىسمىنى فامىلە ئورنىدا ئىشلىتىدۇ.
9. ئىبراھىمئاخۇن لوندون
ئىبراھىمئاخۇن بوۋامنى بىر قىسىم چوڭلارنىڭ «ئبراھىمئاخۇن لوندون» دەپ ئاتايدىغانلىقىدىن كېيىنچەرەك ۋاقىپلاندۇق. توققۇزتارادىكى بىر قىسىم ياشانغان جامائەتچىلىكنىڭ نېمە سەۋەبتىن شۇنداق ئاتاپ تىلغا ئالغانلىقى ھەققىدە سوراپ كۆرمەپتۇق. لېكىن «لوندون» دېگەن بۇ سۆزدىن بوۋامنىڭ «بەختۇ» چېگرىسىدىن ئۆتۈپ، يىراق ئەنگلىيەگىچە بارغانلىق ئەمەلىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ شۇنداق سۈپەت بېرىۋاتقانلىقىنى قىياس قىلىش تەس ئەمەس، ئەلۋەتتە. ھازىرمۇ بوۋام ھەققىدە سۆز بولۇنسا بىر قىسىملار چوڭلاردىن ئاڭلىغىنى بويىچە بوۋامنىڭ ئىسمىنىڭ كەينىگە «لوندون» قوشۇمچىسىنى قوشۇپ سۆز قىلىشىدۇ. بۇ لەقەم ھازىرمۇ تاشلىنىپ قالماي تاغام نۇرشات (بوۋامنىڭ كەنجى ئوغلى) قا ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ بەلكىم تاغام نۇرشاتنىڭ سودا-سېتىق ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، كېيىنكى مەزگىلدە «ئارمان» شىركىتىنىڭ توققۇزتارادىكى ۋاكالەتچىسى بولۇپ، دادىسىنىڭ سودا ئىشلىرىنىڭ يولىنى تۇتقانلىقى سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئىشقىلىپ بوۋامنى بىلىدىغان بىر قىسىم جامائەتچىلىك تاغام نۇرشاتنى «نۇرشات لوندون» دەپ ئاتىشىپ كەلمەكتە. گەرچە بۇ قارىماققا بىر لەقەم مەسىلىسىدەك قىلغىنى بىلەن يەنىلا بوۋام ئىبراھىمئاخۇننىڭ شانلىق سودا ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك جانلىق پاكىت خالاس.
10. ئىبراھىمئاخۇن بوۋامنىڭ مىجەز-خارەكتېرى
بوۋام ئىبراھىمئاخۇن خۇدابەردى ئوتتۇرا بوي، تولۇق كەلگەن، ئاق-سېرىق چىرايىغا ماسلاشتۇرۇپ، چىرايلىق ساقال-بۇرۇت قويۇۋالىدىغان، بەش ۋاق نامازنى تەرىك ئەتمەيدىغان، تەقۋادار ئادەم ئىدى. كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ پاكىز-رەتلىك بولۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرەتتى.
ئادەتتە بوۋام كۆپ گەپ قىلمايدىغان تەمكىن، سالاپەتلىك يۈرىدىغان ئادەم ئىدى. شۇڭلاشقىمۇ ئۇ ئۆتكەنكى بايلىق سەلتەنىتىدىن ماختىنىپ سۆزلەپ كەتمەيتتى ھەم ناچار تۇرمۇش شارائىتىدىن زارلىنىپ ۋايسىمايتتى. كىشىلەرگە بار ئىمكانىيىتى بىلەن ياخشىلىق قىلسا قىلاتتىكى، باشقىلارغا يامانلىق قىلىش ئويىدا بولمايتتى. كېيىنكى كۈنلەرگە كەلگەندە قارا قاشلىرىنىڭ ئاستىدىكى قارا كۆزلىرىدە خىيال تۇمانلىرى كۆپرەك ئەگىيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. بوۋام مىجەزىدىكى سەمىمىيلىكى بىلەن ئەل-يۇرت بىلەن ئەپ-ئىناق ئۆتەتتى. سودا-سېتىق ئىشلىرى بىلەن ئۇزۇن مەزگىل ھەپىلەشكەنلىكى ئۈچۈن ھېسابات ئىشلىرىغا كۈچلۈك ھەۋىسى بولۇش بىلەن بىرگە تولىمۇ چېۋەر ئىدى. ئۇ رۇسچە، خەنزۇچە چوتلاردىمۇ بىمالال توغرا مەشغۇلات قىلالايتتى. شۇڭا ھۆكۈمەتكە ئىشلەپ يۈرگەن چاغلىرىدىمۇ بەجانىدىل ئىشلەپ توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ سودا-سانائەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۇنمۇ تېگىشلىك تۆھپە قوشقان ئىدى. ناھىيەدىكى ئۇششاق تىجارەتچىلەر، سودىگەرلەر بوۋامدىن مال ئالغاندا، بوۋام ئۆز تەجرىبىسىگە ئاساسەن قايسى مالنى ئالسا كۆپرەك مەنپەئەت قىلىدىغانلىقىنى ئۇلارغا چۈشەندۈرەتتى ھەم ئۇلارنى شۇ مالنى ئىككىلەنمەي ئېلىشقا دەۋەت قىلاتتى. بوۋامنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مال ئېلىپ ئوبدان نان يېگەن تىجارەتچى-سودىگەرلەر بوۋامغا مىننەتدارلىقلىرىنى بىلدۈرۈشەتتى. بوۋام ئەنە شۇ خىل كەمتەر، چىقىشقاق، سەمىمىي، بېشىغا تاغدەك غەم-غۇسسىلار چۈشسىمۇ قەددىنى پۈكمەي قەيسەر ياشىيالايدىغان ئېسىل مىجەزى بىلەن ئەل ئىچىدە ھۆرمەت تاپقان زات ئىدى.