11-باب خاتىمە
فامىلە توغرىسىدا
فامىلە-ئىنسانلارنىڭ نىكاھ ۋە تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ساغلاملاشتۇرىدۇ. يېقىن تۇغقانلارنىڭ نىكاھلىنىشىنى چەكلەيدۇ ھەمدە ئىناقلىقنى كۈچەيتىدۇ.
فامىلە-ئەجدات بىلەن ئەۋلادلىرىنى بىر-بىرىگە چەمبەرچەس باغلايدۇ. ئىنسانلارنىڭ يىلتىز چۈشەنچىسىنى كۈچەيتىدۇ. بۈگۈنكى كۈنسېرى ئىجتىمائىيلىشىۋاتقان دۇنيادا ئائىلە، جەمەت ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ بىرلىكىنى، ئۇيۇشقاقلىقىنى ھەمدە تىنچ-ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۇيغۇر خەلقىدە تۇراقلىق فامىلە سىستېمىسىنىڭ تۇرغۇزىلىشى مۇھىم بولۇپلا قالماستىن بەلكى ناھايىتى زۆرۈردۇر. فامىلە قوللىنىش بىزنىڭ نۆۋەتتىكى جەمئىيەت ۋە تەرەققىيات ئىھتىياجىمىزلا ئەمەس، بەلكى يەنە خەلقئارا ئالاقىلەردىكى كەم بولسا بولمايدىغان ئېھتىياجىمىزدۇر.
ئىسىم-فامىلە ئۆز مەنىسى بىلەن بىر مىللەت ئەزالىرىنىڭ بىرىنچى ئىجتىمائىي بەلگىسى. ئىسىملا بولۇپ، تۇراقلىق فامىلە بولماسلىق كىملىك سالاھىيىتىمىزنىڭ ئىنىقسىزلىقى ۋە كەمتۈكلۈكىنى ئاشكارىلاپ تۇرۇپتۇ. شۇڭا بىزدە چوقۇم فامىلە بولۇشى كېرەك.
مەن «خۇدابەردى جەمەتى نەسەبنامىسى» نى يېزىش جەريانىدا شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى مۇشۇنداق بىر چوڭ جەمەتتە تېخى ھەممەيلەنگە ئورتاق بولغان بىر فامىلە قوللانماپتۇق.
شۇ سەۋەبتىن مۇشۇ يازمىنى پۈتۈپ چىقىشتىمۇ نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا يولۇقتۇق. بەزى يېقىن تۇغقانلار بىلەن مۇشۇ نەسەپنامىنى يېزىش سەۋەبى بىلەن كۆرۈشتۇق ياكى ئالاقە قىلىشتۇق. بۇنىڭ سەۋەبىنى چوڭلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلارنى ئۆزئارا تونۇشتۇرۇش بىلەن فامىلە قوللىنىش ئىشىغا سەل قارىغانلىقىدىن كۆرۈشكە بولىدۇ. مەنچە بولغاندا بۇ سەۋەنلىك ئەمدى قايتىلانماسلىقى كېرەك.
بىزنىڭ جەمەتىمىزدە ئۇرۇق-تۇغقانلار ئىچىدىلا ئەمەس بەلكى ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىمۇ خېلى چوڭ تەسىرگە ئىگە زىيالىيلار بار. مۇشۇنداق چوڭ ھەم ساپالىق جەمەتتە فامىلە بولماسلىقى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ، ئەلۋەتتە. ئىبراھىمئاخۇن بوۋىمىزنىڭ مارىخان ئانىمىزدىن تۇغۇلغان پەرزەنتلىرى ھەر ھالدا «خۇدابەردى» نامىنى فامىلە ئورنىدا قوللىنىپ كەلدى. لېكىن باشقا تۇغقانلار ھەمدە كېيىنكىلەر بۇ ئىشقا سەل قارىدى. شۇڭا پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتى فامىلە قوللىنىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ھېس قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭمۇ جەمەت تامغىمىز بولغان فامىلىمىزنىڭ بولۇشى ئىنتايىن زۆرۈر ئەلۋەتتە.
مەنچە بىزنىڭ تومۇرىمىزدا دولقۇنلاۋاتقىنى خۇدابەردى ئۇلۇغ بوۋىمىزنىڭ قېنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ نامنى بىر قىسىم تۇغقانلىرىمىز فامىلە قىلىپ قوللاندى شۇڭا بىزمۇ بۇ زاتى مۇبارەك ئۇلۇغ بوۋىمىزنىڭ نامىنى زىكرى قىلىپ ئۇنى فامىلە قىلساق دېگەن تەكلىپنى بېرىمەن. تۇغقانلارنىڭ ئويلىشىپ كۆرۈشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.
ئاخىرقى سۆز
1. ھەممىمىزگە مەلۇمكى تارىخ ھامان يەككە شەخسلەرنىڭ تارىخىدۇر. مىللەت ياكى دۆلەت تارىخى ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن يەككە شەخسلەر تارىخىنىڭ قوشۇلۇشى ياكى ئورگانىك رەۋىشتە يۇغۇرىلىشىدىن تەشكىل تاپقان بىر پۈتۈن گەۋدىدۇر. شۇ سەۋەپتىن مىللەت ياكى دۆلەت تارىخىنى تەتقىق قىلىش ۋە بىلىشتە نەسابنامىلەرنىڭ قىممىتىنى تۆۋەن مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ. ھازىرقى زامان تارىخشۇناسلىق ئىلمىدە نەسەبنامىلەرگە كۆپ ئېتىبار بېرىش يۈزلىنىشلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى دەل كۆپىنچە تارىخشۇناسلارنىڭ نەسەبنامىلەرنىڭ تارىخى قىممىتىنى كۆرۈپ يېتەلىگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. شۇڭا نەسەبنامىلەرنىڭ رېئال ئەھمىيىتى ياكى قىممىتى ئۇلارنىڭ مىللەت ياكى دۆلەت تارىخىنىڭ مۇھىم مەنبەسى بولىدىغانلىقى جەھەتتە كۆرۈلىدۇ.
2. دېمەك بىز قارىماققا ئۆز جەمەتىمىزنى بىلىش مەقسىتىدە قەلەم تەۋرىتىۋاتقاندەك قىلغىنىمىز بىلەن ئەمەلىيەتتە يۇقىرىدا قەيت قىلىنغىنىدەك ئەھمىيەتلىك ئىشلاردا ئۆز مەسئۇليىتىمىزنى ئادا قىلدۇق دېيەلەيمىز.
3. قولىڭىزدىكى «خۇدابەردى جەمەتى نەسەبنامىسى» نى يېزىش ھەرگىزمۇ بىر تاسادىپىيلىقنىڭ مەھسۇلى ئەمەس. دادام ئابدۇرېشىت ئىبراھىم دائىم ئۆزىنىڭ بالىلىق ئەسلىمىلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ باردى-كەلدىسىنى، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى بىزگە ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ بېرەتتى. گەرچە بىز بۇ ھېكايىلەرنى دادامنىڭ ئەتراپىدا چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ كۆپ ئاڭلىغان بولساقمۇ يەنىلا كىم كىم بىلەن قانداق تۇغقانچىلىق، قانداق قانداشلىق مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكىنى ئايرىيالماي گاڭگىراپ قالاتتۇق. ئۇنداق بولۇشى ئىبراھىمئاخۇن بوۋام ئىككى ئاياللىق ئادەم بولۇپ ئىككى تەرەپتىن كۆپ پەرزەنتلىك، كۆپ نەۋرىلىك بولغان چوڭ «دەرەخ» ئىدى. بوۋامنىڭ تونۇش–بىلىشلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى كۆپ بولغاننىڭ تاشايىنىدا بارغان-تۇرغان جايلىرىمۇ، قالدۇرغان ئىزلىرىمۇ كۆپ ئىدى. ئۇرۇق-تۇغقان، يېقىن-يورۇقلىرى قەشقەر، خوتەن، ئۈرۈمچى، چۆچەك، غۇلجا، توققۇزتارا، كېپەكيۈزلەرگىچە تارالغان ئىدى. بوۋامنىڭ كۆزى يۇمۇلۇپ كېيىنكى چاغلارغا كەلگەندە بەزى ئۇرۇق-تۇغقانلار بىلەن بولغان باردى-كەلدىلەر سۇسلاپ، ئارىلىق يىراقلاپ كەتكەن ئىدى. مۇشۇنداق تارىخى شارائىتتا جەمەتىمىز تارىخىنى يورۇتۇپ، ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ مۇناسىۋەت زەنجىرىنى ئۇلايدىغان مۇكەممەل بىر نەسەبنامىنىڭ يېزىلىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلدى. بۇ ئشنى ئىزچىل روياپقا چىقىرىشنى ئويلاپ كېلىۋاتقان دادام 2012-يىلىنىڭ بېشىدا نەسەبنامە يېزىش ئىشىنى رەسمىي يوسۇندا بىزگە ئېيتتى ھەمدە قەلەمگە ئېلىش ۋەزىپىسىنى ماڭا تاپشۇردى. گەرچە دادام دەسلەپكى ماتېرىياللار بىلەن مېنى تەمىنلىگەن بولسىمۇ بۇ ئىشقا رەسمىي كىرىشكەندىن كېيىنلا نەسەبنامە يېزىش ئىشىنىڭ ئۇنچە ئاسان ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتىم. خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈرۈمچىگە ئىككى قېتىم بارغاندا ماتېرىيال توپلىغان بولساممۇ يەنىلا نۇرغۇن ئۇچۇرلار تولۇقلانمىدى. ئىنىم نېغمەت ئابدۇرېشىتنىڭ ئۈرۈمچىدىن ئەكەلگەن ماتېرىياللىرىمۇ يەنىلا تولۇق ئەمەس ئىدى. چۈنكى تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى بەزى ئۇرۇق-تۇغقانلار بىلەن كۆرۈشۈش پۈرسىتى بولمىدى. سۈرەت يىغىش، تەرجىمىھال ئېلىش ئىشلىرىدا بولسۇن ۋە ياكى كىچىككىنە بىر يىلنامىنىڭ توغرا ئۇچۇرىغا ئېرىشىش ئىشلىرىدا بولسۇن قايتا-قايتا سورىدىم، قايتا-قايتا تېلېفون ئۇردۇم. كەم مەنبەلەرنى سۈرۈشتۈرۈپ توختىماي تېلېفون ئۇرۇپ بەزىلەرنى بىزار قىلغانمۇ بولۇشۇم مۇمكىن. لېكىن شۇنى دېمەيمۇ بولمايدۇ تۇغقانلار بۇ قۇتلۇق ئىشنى چىن كۆڭلىدىن قوللىدى، ئىشلىرىمغا ئاكتىپ ماسلاشتى. بولۇپمۇ تۇغقانلاردىن تەلەت ئەمەت، دىلارە خەمىت، نېغمەت ئابدۇرېشىتلار ماڭا يېقىندىن ياردەمدە بولدى ۋە ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن بۇ ئىشنى قوللىدى. مەن بۇ يەردە تۇغقانلار نامىدىن ئۇلارغا بولغان رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
4. نىھايەت، «خۇدابەردى جەمەتى نەسەبنامىسى» ئاخىرى پۈتۈپ، قولىڭىزلەرگە يەتتى. ئەمما بۇ نەسەبنامىنى مۇكەممەل، قىسمەن سەۋەنلىكلەردىن خالى بولدى دېيەلمەيمەن. چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەن قىسمەن تۇغقانلارنىڭ ئۇچۇر مەنبەسىگە تولۇق ئېرىشەلمىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەزكۇر نەسەبنامىنىڭ چېتىلىش دائىرىىسى كەڭ، ئادەم سانى بىر قەدەر كۆپ، تارىخى ئۇزۇن بولۇشتەك ئوبيېكتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلى قىسمەن پاكىتلارنىڭ جايىغا چۈشمەي قالغان يەرلىرى، ئاتالغۇ، يىلنامىلەردە خاتا كەتكەن يەرلىرى بولۇشىمۇ مۇمكىن. نەسەبنامە قالدۇرۇش قائىدىسىگە ئاساسلانغاندا ئەر جەمەت يىلتىزى نۇقتا قىلىنغانلىقى ئۈچۈن خۇدابەردى بوۋىمىزنىڭ 2-پەرزەنتى ھېبىبە ئاغىچا مومىمىزنىڭ ئەۋلادلىرى مەزكۇر نەسەبنامىغا تەپسىلىي كىرگۈزۈلمىدى. شۇڭا تۇغقانلارنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە توغرا قاراپ، سەمىمىي تەكلىپ ۋە تولۇقلاش پىكىرلىرىنى بېرىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.
5. بۇ بىر باشلىنىش، ئىشىنىمەنكى خۇدابەردى جەمەتىدىن مۇشۇ يولنى بويلاپ مەزكۇر نەسەبنامىنى تېخىمۇ مۇكەممەل، تېخىمۇ سۈپەتلىك قىلىپ ئالدىمىزغا قويىدىغان ئەۋلادلار چىقىدۇ، ئەلۋەتتە.