يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: ق.سىدىق

قاسىم سىدىق: پاكىت، مۇلاھېزە، بايانات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-18 16:48:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرمە:

ziyaنىڭ يازمىسى.114-قەۋەت:

سەمىمى ئادەملەر بىر خىل قاراشنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى بايقىغان ھامان بۇنداق قاراش،بۇنداق نەزەريەدە دەرۋەقە چەكلىمىلىك بارلىغىنى ئېتراپ قىلىدۇ.بۇ تېمىدىكى مۇنازىرە جەريانىدا بىز بۇ نۇقتىنى تونۇپ يەتتۇق.
كونسىرىۋاتىپ ئادەملەر كونا ئىدىيىلەرنىڭ مېزى چوۋۇلۇپ تۇرىسىمۇ كۇرۆپ تۇرۇپ كۇرمەسكە سالىدۇ.كۇرۆشنى خالىمايدۇ.ئۇلارخۇددى ئاتا-بوۋامدىن قالغان قەدىمى ئۆي بۇ،چاققۇزمايمەن ھەم يېڭلاتقۇزمايمەن،رىمونىت قىلغۇزمايمەن دەيدىغان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ.ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇ جاھىللىققمۇ ۋاپادارلىق دىگەن بىر چىرايلىق لىباسنى يېپىنىۋالغان بولىدۇ.بۇنداق ئادەملەرئاتا-بوۋامنىڭ چىرىغىنى ياندۇرۇپ مۇشۇ ئۆيدە ئولتۇرىۋىرىمەن دەيدىغان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ.
ئىلىم-پەن تارىخى بۇنداق ئادەملەرنى مەسخىرە قىلىش بەدىلىگە ھازىرغىچە تەرەققى قىلىپ كەلدى.تەرەققى قىلىۋىرىدۇ.
نىمانچە ئەھمىيەتسىز يىغا - زارە بۇ!.
29-تىئورما كىلاسسىك فىزىكىغا بىر چوڭ سوئال قويدى.كىلاسسىك فىزىكا ياكى بۇنىڭغا ئۇزىدىن توغرا جاۋاپ تېپىپ بېرىپ بۇ تىئورمىنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىشى ياكى ئۇزىنى ئىسلاھ قىلىشى كېرەك.نىمانچە تولا گەپ بۇ.قىلىشقا تېگىشلىك پەقەت مۇشۇ ئىككىلا ئىش بار بۇ يەردە!.


http://bbs.bagdax.cn/thread-27334-15-1.html



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-18 21:01:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شۇنچە كۇپ مۇنبەرلەر كۆچۆرۆپ ئېلان قىلىپتۇ.راسىت گەپمىدۇ بۇ يالغان گەپمىدۇ؟!.مانا:
ئالىملارنىيوتۇن،ئېينىشتېيىن نەزەريىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدىغان 9چوڭ قانۇننى بايقىدى



ماۋۇ ئوخشاشلىقلارغا قاراڭ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-18 22:15  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-18 21:37:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش:
بۇ تېما ۋە ئۇلىنىشى بېرىلگەن يەنە بىر تېمىدا شەكىل نەزەريىسىنىڭ بەزى قاراشلىرىغا ئوخشۇشۇپ كېتىدىغان قاراشلار بارئىكەن.مەن ئۇلار بىلەن ياخشىراق تونۇشۇپ چىقىپ ئاندىن قاراشلىرىمنى،ئوخشاشلىقلارنى ئوتتۇرىغا قۇيۇمەن.بۇ ئۇچۇر راسىت ياكى يالغان،بىر قىسمىنىڭ راسىت ياكى بىر قىسمىنىڭ يالغان بولىشىدىن قەتئى نەزەر مىنى جەلىپ قىلغان ئۇچۇر بولدى:




بىر نوپۇزلۇق نەزەريە فىزىكىسى تەتقىقاتى ئاپاراتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىن كەلگەن ماتىرياللاردىن ئاشكارىلىنىشىچە فىزىكا ئالىملىرى ھازىر 9چوڭ قانۇننى يىغىنچاقلاپ چىققان بولۇپ،بۇ توققۇز يېڭى قانۇن نۇرغۇنلىغان ئەنئەنىۋى نەزەريىلەرنى،جۆملىدىن نىيوتۇن،ئېينىشتېيىن نەزەريىلىرىنىمۇ ئاغدۇرۇپ تاشلاپ،فىزىكا نەزەريىلىرىنى قايتىدىن تىكلەشتىن دېرەك بېرىدىكەن.نۇۋەتتە ئومۇمىيۆزلۈك دەلىللەش ئېلىپ بېرىلىۋىتىپتۇ.تۇۋەندىكىلەر شۇ 9قانۇننىڭ مەزمۇنلىرىدىن ئىبارەت.

تولۇقى بۇ يەردە:
http://kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=154654&page=1&
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-18 21:49  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-19 23:14:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېينىشتېيىن «تارتىش كۈچىنىڭ يورۇقلۇقنىڭ تارقىلىشىغا بولغان تەسىرى»سەرلەۋھەلىك ماقالسىدا(2-توم 213-بەت)شۇنداق يازىدۇ«ئېغىرلىق كۈچ مەيدانىدا بارلىق جىسىملارتۇۋەنگە ئوخشاش چۈشىدۇ،بۇ تەجىربە بىزنىڭ تەبىئەتنى كۈزۆتۈشىمىزدىن قولغا كەلتۆرگەن ئەڭ ئومۇمىلاشقان بىر تەجىربە؛دەرۋەقە شۇنداق ئىكەن،بىزنىڭ فىزىكا دۇنيارىمىزنىڭ كارتىنا ئاساسلىرى ئىچىدە بۇ قانۇن پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغان ھېچقانداق ئورۇن يوق»



_____________

29-تىئورمىنىڭ ئورۇنلۇقلىغى ئىسپاتلانغان ھازىرقىدەك ئەھۋالدا ئېينىشتېيىننىڭ يۇقۇرقى بايانى ھەقىقەتەنمۇ بىر تەرەپلىمە قاراش بولۇپ قالىدۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-19 23:46:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېينىشتېيىن ئېيتىدۇ:
تارتىش كۈچى مەيدانىدا بارلىق جىسىملار ئوخشاش تىزلىنىشچان ھەركەت قىلىدۇ،بۇ قانۇنىيەت ئۇز نۇۋىتىدە ئىنىرىتسىيىلىك ماسسا بىلەن تارتىش كۈچى ماسسىسىنىڭ تەڭ ئۆنۆملىك ئىكەنلىگىنى ئىپادىلەيدۇ.مەن ئەينى ۋاقىتتا بۇنىڭ ھەر تەرەپلىمە موھىملىغىنى تونۇپ يەتكەن ئىدىم.مەن بۇ خىل ھالەتنىڭ مەۋجۈتلىغىغا ھەيران قالغان،شۇنداقلا  ئۇنىڭ ئىچىدەئىنىرىتسىيە ۋە تارتىش كۈچىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشۈنۈشنىڭ ئاچقۇچى بارلىغىنى پەرەز قىلغان.


http://zh.wikipedia.org/wiki/%E7%AD%89%E6%95%88%E5%8E%9F%E7%90%

كىلاسسىك تەڭ ئۈنۈم پىرىنسىپى شۇنىڭ بىلەن  چەكلىملىككە ئىگە بولۇپ قالدى!.ھەي،29-تىئورما،بۇنچىلىك كۇپ ئىش تېرىۋىتەرىڭنى ئەجەپ باشتا بىلمەپتىكەنمەن.....


ۋاقتى: 2014-12-21 20:36:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم! قاسىم سىدىق ئەپەندىم.
ئاۋال سىزنىڭ ئىلىم-پەنگە ئۆزىڭىزنى بىغىشلاپ مىقتەك قادىلىپ ئىلىم ھەقىقەتلىرى ئۈچۈن ئىنتىلىش روھىڭىزغا تەشەككۇر.بىراق ئىسىڭىزدە بولسۇن،بۇ ئەدەبىيات تورى(دېمىسىمۇ ئۇيغۇرنىڭ ئېڭىدا شىئېر قوشاقتىن  باشقىغا ئورۇن يوق ۋە ئانچە قارشى ئىلىنمايدۇ)،بىراق ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق مەدەنىيىتىنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسى« ئېتىقاد بىلەن ئەقلىيلىقنىڭ كىرىلىش كۈچى» ئارىلىقىدا ھاسىل بولغاندۇر.سىزدەك قوش بىسلىق ئالىملار« كېمىنىڭ ئىككىلى قىرغىقىغا تەڭ دەسسەپ مۇستەھكەم تۇرالىغىنى» بىلەن،شىئېر قوشاق بىلەن ھەپىلىشىدىغان كىشىلەر بىرىنچىدىن چىن مەنىدىكى ئىلىم-پەندىن ئاساسەن ساۋاتسىز؛ ئىككىنچىدىن ئۇلار ئەقلىيلىك بىلەن ھىسسىيات،گۈزەللىك بىلەن چىنلىق ئارىلىقىدا تاللاشقا دۇچ كەلگەن ھامان  تەبىئىيلا ھىسسىيات ۋە گۈزەللىككە بولغان مايىللىقىنى ئىپادىلەپ، ئەقلىيلىك ۋە چىنلىقتىن يىراقلاپ ياشايدىغان كىشىلەر توپىغا تەۋەدۇر.شۇڭا سىز بىباھا زېھنىڭىزنىبۇ يەردە  بۇھۇدە خوراتماي،زىھنىي قۇۋېتىڭىز مۇشۇنچىلىك ياخشى ،تېنىڭىز سالامەت ۋاقتىدا، شەكىل نەزەرىيەرىڭىزنىڭ يادرولۇق ئۇقۇملىرىنى، ئۇنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئىلمىي قىممىتى ۋە تەتقىقات ئىستىقپالىنى ئوبدان شەرھىيلەپ،ئىلمىي مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىش،ئىلمىي ئورگانلارغا سۇنۇش ،ئىلمىي مۇنبەرلەرگە يوللاشقا كۈچەڭ. بۇنىڭدىن باشقىسى ھاماقەتلىك.بۇنداق دېيىشىمنىڭ سەۋەبى سىزنىڭ نەزەرىيىڭىزنىمۇ باشقا كىلاسسىك ئالىملارنىڭكىدەك  نەچچە ئەسىرلەردىن كېيىن تەتقىق قىلىپ ،روھىڭىزغا دۇۋا قىلماي،بىلىم ئىراسى دېيىلىۋاتقان مۇشۇ دەۋىردە سىزنىڭ روھىڭىز ۋە شەكىل نەزەرىيەسى تەتقىقاتىنىڭ قىممىتىنى تونۇشنىڭ مۇقەررەر يولىدۇر. رەھمەت پايدىلىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-21 21:05:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېينىشتېيىننىڭ نىسبىلىك نەزەريىسىنى،گالىلىنىڭ تەكشى تىزلىك بىلەن ئۆزۆۋاتقان بىر كېمە ئىچىدەمىخانىكا تەجىربىلىرىنى ئىشلىگەن چاغدا ئوتتۇرىغا قويغان ھېلىقى تەجىربە -ئىسپاتلىرىنىڭ پارلاق چوققىسى دەپ قاراش مۇمكىن.بۇ نەزەريىنى تەكشى بولمىغان ھەركەتكە كېڭەيىتكەندە ئادەتتە ئۇ كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسى دېيىلىدۇ.ئەمما ئۇنى نىسبىلىك نەزەريىسى خارەكتىرىدىكى تارتىش كۈچى نەزەريىسى دەپ ئاتاش كېرەك.ئۇنىڭ ئېغىر - يېنىك جىسىملارنى پىسا قىيپاش مۇنارىسىدىن تاشلاشتىن ئىبارەت گاللى تەجىرىلىرىدىمۇ يىلتىزى بار.

   ___ گېئورگى گاموف _"فىزىكىنىڭ قىسقىچە تارىخى"،337-بەت.

____________________

مانا مۇشۇ نىسبىلىك نەزەريىسى خارەكتىرىدىكى تارتىش كۈچى نەزەريىسى ئوڭ ۋە تەتۇر ئايلىنىدىغان پىلانىتلار ھەركىتى تەرىپىدىن رەت قىلىنىدۇ.شۇنداقلا ئىللىپىسىمان ئوربىتا تەرىپىدىنمۇ رەت قىلىنىدۇ.چۈنكى ئېينىشتېيىن تارتىش كۈچى مەيدانى بىر شارسىمان مەيدان.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-21 21:09:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Biligtekin يوللىغان ۋاقتى  2014-12-21 20:36
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم! قاسىم سىدىق ئەپەندىم.
ئاۋال سىزنى ...

ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام!.
رەھمەت.تەكلىپلىرىڭىز ئورۇنلۇق.بەزى ماقالىلەرنى ئېلان قىلدۇق.ئەمدى رەسمى ئىنگىلىزچە،خەنزۇچە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىدىغان ۋاقتىمۇ كەپقالدى.ئالاقىدار بەزى تەجىربە ئاساسلىرىمۇ تېپىلدى.
قاراشلىرىم توردا بۇلسىمۇ ساقلىنىپ قالسۇن دەۋاتىمەن.مىنىڭ نەرسىلىرىم ئاسان يۆتۈپ كېتىدۇ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-22 11:53  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-22 11:54:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Biligtekin يوللىغان ۋاقتى  2014-12-21 20:36
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم! قاسىم سىدىق ئەپەندىم.
ئاۋال سىزنى ...


شەكىل نەزەريىسىگە ئائىت ئۇچۇرلار خەنزۇچە تورلاردىمۇ چەكلەنگىنى يوق،ئەكسىچە ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇن ئىلمى ماقالە يېزىشتا پايدىلىنىش ماتىريالى  سۈپىتىدە تەشەببۇس قىلىنىپتۇ:





回眸物理史,展望新一轮物理学革命--《科技传播》2011年07期

http://www.cnki.com.cn/Article/CJFDTotal-KJCB201107112.htm

2011                      年07期 目录
*

《科技传播》杂志(国内统一刊号:CN11-5820/N 国际标准刊号:ISSN   1674-6708),由中国科学技术协会主管、中国科技新闻学会主办的一本面向科技界、学术界、传播界以及大专院校师生等广大读者的国内外公开发行的国家级跨学科的科技类学术刊物

            《科技传播》以提高国家科技传播能力,服务于社会经济发展为办刊宗旨。坚持科技发展为国家经济建设服务,科技发展为社会进步服务的原则。把科技传播与提高国家竞争力和综合国力,提高全民族科学文化素质紧密结合,使科技传播的成果促进经济社会的发展和人民科迹质的提高
            《科技传播》坚持研究性、权威性、指导性和实用性,注重文章的科学性和学术价值。从科技传播政策、科技传播实践、科技传播技术手段的发展等多个层面关注科技转播领域         
                                      
شەكىل نەزەريىسى تونۇشتۇرۇلغان ،جوڭگۇ پەن تېخنىكا جەميىتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان ژۇرنالنىڭ(2011-يىلى 7-سان) مۇقاۋىسى ۋ ە بۇ ژورنال ھەققىدىكى تۇنۇشتۇرۇش.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-22 12:28  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-24 12:46:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھازىرغىچە 29-تىئورمىنىڭ توغرا - خاتالىغىنى دەلىللەش مەقسىتىدە رەسمى دوكىلات بىلەن تەمىنلەشكە بولىدىغان تەجىربە ئىككى قېتىم ئىشلەندى.ھەر ئىككى تەجىربىدە 29-تىئورمىچە ئېغىش كۆرۈلدى.ئالدىنقى قېتىم ئىشلەنگەن تەجىربە  2011-يىلى 4-ئايدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ،بۇ تەجىربىنى ۋاكىئوم تەجىربىسى ئۈنۈمىگە ئىگە دەپ قاراشقا بولىدۇ.
ئىككىنجى قېتىملىق تەجىربە 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 15 كۆنى ئىشلەندى.ھازىر بىز ۋاكىئوم تەجىربىسى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن جىددى تەييارلىق قىلىۋاتىمىز.

____________________

تېمىدىكىدىن باشقا ھازىرغىچە بايقالغان تەجىربە نەتىجىلىرى:

1.ۋاكىئوم تەجىربىسىدە 5مىللىمىتىر ئېغىش كۇرۇلدى.

2.سىرتقى قېپى ئايلانمايدىغان ئىلىكتىر مۇتۇر ئارقىلىق ئىشلەنگەن ماياتنىك تەجىربىسىدە ناھايتى رۇشەن بولغان 29-تىئورمىچە ئېغىش بايقالدى.

3.دېسكا ۋە چاقلاردا ئېلىپ بېرىلغان پرېتسىيە تەجىربىسى ۋە ئانتى ئېغىرلىق كۈچى تەجىربىلىرىدە 29-تىئورمىچە ئېغىش كۇرۇندى شۇنداقلادېسكا ۋە چاقلاردىكى  پرېتسىيە،ئانتى ئېغىرلىق كۈچى ھادېسىلىرىنىڭ 29-تىئورمىچە ئېغىشنى ئالدىنقى شەرىت قىلىدىغانلىغى بايقالدى.

http://bbs.bagdax.cn/thread-24740-15-1.html

ۋاقتى: 2014-12-24 19:33:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىزدىنىش روھىغا قايىلمەن.بۇ گەرچە، ئەدەبىيات تورى بولسىمۇ،يازغۇچىلار ئۆزلىرىنى ھەر تەرەپلىمە مۇكەممەللەشتۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك ،دەپ ئويلايمەن. پەلسەپە، تارخ، ئىستىتىكا ،تەبىي پەن ...قاتارلىق ئەدەبىياتتىن باشقا ھالقىما پەنلەردىن خەۋەردار بۇلۇپ تۇرۇش يازغۇچىلار ئۈچۈن ھەرگىز ئوشۇقلۇق قىلمايدۇ.ئۇستازنڭ قايتماس ئىرادىسىگە،يىڭى ئىزدىنىشلىرىگە تېخىمۇ زور ئۇتۇقلار  يار بولسۇن!

باھا سۆز

ھەق سۆز  ۋاقتى: 2015-1-5 11:42 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-24 22:02:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uygurya يوللىغان ۋاقتى  2014-12-24 19:33
ئۇستازنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىزدىنىش روھىغا قايىلمەن.بۇ ...

رەھمەت.
تەبىئى پەن بىلىملىرىدىنمۇ خەۋەردار بولۇش يازغۇچىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى بېيىتىدۇ،تەساۋۋۇر دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ.ئىلمى فانتاستىك ئەدەبىياتنىڭ تەرەققى قىلىشىغا تۆرىتكە بولىدۇ.بىزنىڭمۇ “ژىيول ۋېرىن”لىرىمىز بولىشى،ئۇلارئىلىم-پەن تەرەققىياتى ۋە قىزغىنلىغى ئۈچۈن قوزغۇتۇش رولىنى ئوينىشى كىرەك.تەبى پەن بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارمۇ ئادەم.ئادەمنى ئوبىكىت قىلغان بەدىئى ئەدەبىيات ياكى سەنئەت نىمە ئۈچۈن مۇئەييەن سەۋىيەدە تەبىئەت پەنلىرى ئۆگەنمەسلىكى كېرەك ئىكەن؟!.ئېيىتقانلىرىڭىز ئورۇنلۇق.

باھا سۆز

دىمەكچى بولغانلىرىم دەل شۇ ئىدى...  ۋاقتى: 2014-12-25 09:48 AM
ۋاقتى: 2014-12-24 22:24:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاسىم سىدىقنىڭ ئەڭ گۈزەل پەزىلىتى بىلىم ۋە ئىجتىھات،شۇڭا بەس مۇنازىرىلىك بىلىم بۇ غايىلىك ئۇستازغا بىردىن بىر ئىمتىياز خالاس،

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-25 20:09:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۆگۆن 2014-12-25-كۈنى ئېغىرلىق كۈچ تېزلىنىش يۆنىلىشى ئېيتىلىپ كېلىۋاتقىنىدەكمۇ -ئەمەسمۇ ،دىگەن مەقسەتتە ئۇزۇن يوللۇق يولۇچىلار ئاپتۇموبىلىدا تەجىربە ئېلىپ باردۇق.قويۇپ بېرىش قۇرۇلمىسىدىكى نۇقسانلار تۆپەيلى غايىدىكىدەك نەتىجىگە ئىرىشەلمىدۇق.قۇرۇلمىنى ياخشىلاپ قايتا سىناق ئېلىپ بېرىش قارارىغا كەلدۇق.


ۋاقتى: 2014-12-26 17:01:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قاسىمكا سىزگە مۇۋاپىقىيەت تىلەيمىز!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش