يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 354|ئىنكاس: 3

نازىم ھېكمەت ران شېئىرلىرىدىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-21 00:11:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
نازىم  ھېكمەت ران  شېئىرلىرىدىن  



(1963.4.3-1902.1.20)
(تۈركىيە)

ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: مەسئۇد ئىسا

   

يىگىرمىنچى ئەسىر


سۆيۈملىگىم، شۇتاپتا ئۇخلاپ قالساق،
ئۆتۈپ يەنە يۈز يىل، ئويغانساق...
ياق، مەن قاچقماقچى ئەمەسمەن!
زادىلا قورقۇنچىم يوق،
ئەسىرىمدىن زەرىچچە قۇرقۇنچىم يوق.
مېنىڭ  ئەسىرىم،
نۇمۇستىن ئەبگار.
جەسۇر ئەسىرىم،
بۇيۈك مەردلەر ئەسىرى.
مەن بىمەزگىل دۇنياغا كەلگىنىم ئۈچۈن،
ھېچقاچان پۇشايمان يېگەن ئەمەسمەن
يېگىرمىچى ئەسىر ئادىمىمەن.
بۇنىڭ بىلەن مەندە ئىپتىخار.
قەدىردانلار بىلەن بىرگە ياشايمەن،
يېڭى جاھان ئۈچۈن جەڭ قىلىمەن
سۆيۈملىگۈم ، يۈز يىلدىن كېيىن...
ياق، ياۋلار كۆزىگە تىك بېقىپ.
ھازىر ياشىماقلىق قوبۇلدۇر ماڭا!
مېنىڭ ئەسىرىم ھامان تىرىلەر،
ئامما كېلەچىكى شۇلقەدەر دىلبەردۇر
سۆيۈملىگۈم، قۇياشتەك، سېنىڭ كۆزلىرىڭدەك
ئۇ جىلۋىلىنەر.

ھەمىد غۇلام تەرجىمىسىدىن ئۇيغۇرچىغا ئۆزلەشتۈرۈلدى.

بۇلۇتلار كەزمەكتە  

بۇلۇتلار كەزمەكتە ،
جەنۇپقا ئېلىپ بارماڭ،
مەن ئۆلۈشنى ئىستىمەيمەن.
مەن ئۆلۈشنى ئىستىمەيمەن،
شىمالغا ئېلىپ بارماڭ.
شەرقكە ئېلىپ بارماڭ،
مەن ئۆلۈشنى ئىستىمەيمەن.
مەن ئۆلۈم ئىستىمەيمەن،
غەرپكە ئېلىپ بارماڭ.
بۇندا قالدۇرماڭ مېنى،
بىر يەرگە ئېلىپ بېرىڭ.
مەن ئۆلۈم ئىستىمەيمەن،
مەن ئۆلۈم ئىستىمەيمەن.
.
سەن مېنىڭ سەرخۇشلىغىم  

سەن مېنىڭ سەرخۇشلۇغۇم،
نە ئويغاندىم،
ئويغانسام ئۆلۈرمەن،
ئويغۇنىشىنى خالايمەن.
بېشىم ئېغىر،
تىزلىرىم سۇنغان،
ئۆزۈم پاتقاق ئىچىدە.
لىپ -لىپ يېنىپ ئۆچىۋاتقان شولاڭغا قاراپ،
بىر يىقىلىپ -بىر قوپۇپ بارىمەن.

دۇنيانى بېرەيلى بالىلارغا
  
دۇنيانى بېرەيلى بالىلارغا، ھېچ بولمىسا بىركۈن،
قىزىل چوڭ شار كەبى بېرەيلى، ئوينىسۇن.
ئوينىسۇن قوشاقلار قوشۇپ،يۇلتۇزلار ئارىسىدا.
دۇنيانى بالىلارغا تاپشۇرايلى ئادەملەر.
يوغان ئالما كەبى،ياكى ئىسسىق نان كەبى، تۇتقۇزايلى قولىغا،
بىركۈن بولسىمۇ قانسۇن دۇنياغا
دۇنيانى بالىلارغا بېرەيلى تاپشۇرۇپ.
بىر كۈن بولسىمۇ ئۈگەنسۈن دۇنيادىكى ئىتتىپاقلىقىنى،
بالىلار ئالماقتا دۇنيانى قولىمىزدىن،
مەڭگۈلۈك دەرەخلەرنى تىكمەكتە...

چىنار بولسام   

چىنار بولسام ،دەم ئالسەم سايىسىدا،
كىتاپ بولسام،ئوقۇسام، ئۇيقۇسىز كېچىلەردە  يۈرىگىم سىقىلماستىن.
قەلەم بولۇشنى ئىستىمەيمەن،ئۆز قولۇمدا ھەم،
ئېشىك بولسام ياخشىلارغا ئېچىلسام ،يامانلارغا يېپىلسام،
دېرىزە بولسام،پەردىسىز،ئىككى قانىتى ئېچىق بىر دېرىزە،
بۇ شەھەر كىرسە خانەمگە.
سۆز بولسام، چاقىرسام ئادالەتكە، ئىزگۈلۈككە، گۈزەلىككە.
سۆز بولسام سۆيگۈمنى سۆزلىسەم يىراقلاردا.
ئىنسانلارنىڭ قوشاقلىرى ئۆزلىرىدىن گۈزەلدۇر
ئىنسانلارنىڭ قوشاقلىرى ئۆزلىرىدىن گۈزەلدۇر،
ئۆزلرىدىن ئۈمىدلىك،
ئۆزلىرىدىن قەدىرلىك،
ئۇلارنىڭ ئۆمۈرىدىن ئۇزۇندۇر.
سۆيدۈم ئىنسانلاردىن كۆرە قوشاقلىرىنى.
ئىنسانسىز ياشاي دېدىم.
قوشاقسىز ھېچ قاچان.
يارىمنى ئالدىدىم بەلكىم،
قوشىىقىنى ئەمما ھېچقاچان.
ھېچقاچان ئالدىمىدى قوشاقلار ھېچقاچان ھەم.
قوشاقلارنى ئاڭلىدىم قايسى تىلدا ئېيتىلسا،
بۇ دۇنيادا يەپ -ئىچكەنلىرىمنىڭ،
ئايلىنىپ يۈرگەنلىرىمنىڭ،
كۆرۈپ ھەم ئاڭلىغانلىرىمنىڭ،
ھېس قىلغانلىرىمنىڭ،
بىلگەنلىرىمنىڭ ھېچ بىرى ،ھېچ بىرى،
مېنى بەختىيار قىلمىدى قوشاقلاردەك.
پىراياغا ئاتالغان  شېئىرلار


(تۈركىيە)

****
1945\09\22
كىتاپ ئوقۇيمەن:
ئىچىدە بارسەن،
كۈي تىڭلايمەن:
ئىچىدە بارسەن،
ئولتۇرۇپ نان ئۇشتىسام
كۆزئالدىمدىسەن
ئىشلەپ ئولتۇرغاندا،
خىيالىمدىسەن.
سەن ھەر جايدا‹‹ ھازىرۇ نەزەر››رىمدىسەن.
گەپلىشەلمەيىز
دەردلىشەلمەيمىز...
سەن مېنىڭ سەككىز يىللىق  ئايالىمسەن...
****
1945\09\25
ئەڭ گۈزەل دېڭىز:
كۆرۈپ ئۈلگۈرەلمىگىنىڭ.
ئەڭ گۈزەل پەرزەنت
ئۆسۈپ ئۈلگۈرەلمىگىنىڭ.
ئەڭ گۈزەل كۈنلىرىمىز:
ياشاپ ئۈلگۈرەلمىگىنمىز.
ۋە سېنىڭ ئېيتالمىغان ئەڭ گۈزەل سۆزۈم:
ئېيتىپ ئۈلگۈرەلمىگىنىم.
****
1945\10\6
بۇلۇتلار كارۋېنى سۈزىلەر:
خەۋەرلەرنى ئارتىپ ئۈستىگە.
مىجىقلايمەن تېخى كەلمىگەن
مەكتۇپلەرنى قولۇمدا.
يۈرەك كىرپىكلەر ئۇچىدا
يول قاراپ ھالسىز...
ۋاقىرايدۇ ئىنتىلىپ:
‹‹پىرايا، پىرايا!...››دېگۈنىچە
1945\10\27
****
بىر ئالمىنىڭ يېرىمى بىز
يېرىمى بۇ كونا دۇنيا.
بىر ئالمىنىڭ يېرىمى بىز
يېرىمى ئېرۇر خالايىق.
بىر ئالمىنىڭ يېرىمى سەن
يېرىمى مەن
ئىككىمىز...
1945\11\8
****
يىراقتىكى شەھىرىم تامىلرى ئۈستىدىن
ۋە مارمارا دېڭىزى ئاستىدىن ئۆتۈپ
كۈزگى باغلار، تۇپراقلار ئارا
ئۇلۇغۋار ۋە نامدار
تۇيىلدى ئاۋازىڭ.
ئۇچ دەقىقە داۋام ئەتتى پەقەت.
كېيىن، تېلېفون زۇلمىتىگە چۆمدى.

ئەسكەرتىش: ئاپتور شېئىرلارغايېزىلغان ۋاقتى ماۋزۇ قىلىغان.

رائۇف پەرفىنىڭ ئۆزبېكچە تەرجىمسىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۈرۈلدى.



سۆيىمەن سېنى

سۆيىمەن سېنى
ناننى تۇزغا چىلاپ يېگەندەك
كېچىلىرى قىزىپ ئويغىنىپ
جۈمرەكتىن سۈمۈرۈپ سۇ ئىچكەندەك
ئېغىر پوسۇلكىنى  
قانداق نىمە بىلمەستىن
قىزىقىپ،  تەشىۋىش  ئىچىدە ئاچقاندەك
سۆيىمەن سېنى
تۇنجى  رەت  ئايرۇپىلاندا
دېڭىز ئۆزرە ئۇچقاندەك
ئىستانبۇل يۇمشاق ئاقشامغا چۆكەركەن
ئىچىمدە بىر نىمە قىمىرلىغاندەك
سېنى سۆيىمەن
ياشاۋاتىمىز مىڭ شۈكۈر دېگەندەك

مەن ئۈچۈن ئەندى سەن ھەركىم كەبىسەن

كۆزلىرىم كۆزۈڭدە سۆيگۈلەر چاچماس
ئۇلاردىن قەلبىمدە سەزگۈلەر قالماس
رۇھىمنى دال قىلدىم ساڭا نۆۋەت بەس
مەن ئۈچۈن سەن ئەندى ھەركىم كەبىسەن
يولۇڭنى پايلىدىم تاكى تاڭغىچە
قاچماقتىن بۈگۈن  سەندىن مەن ئىنژا
يۈرەكنى تىڭلىدىم ۋە يېتەرلىك
ئاڭلىدىم سەن ئەندى ھەر كىم كەبىسەن
تامام ئۇنۇتتۇم مەن كامىل ئىمانىم
مۇزېيغا قارشىدى ھەم ئىچگەن قەسىمىم
قەلبىمدە سەن ئۈچۈن يوقتۇر ھېچ زارىم
مەن ئۈچۈن سەن ئەندى ھەركىم كەبىسەن

دادا
دادا!
ھەر يىلنىڭ بېشىدا
سىزگە ئايتار
يالغۇز
سۆزۈم بار:
‹‹سىزنى نەقەدەر ياخشى كۆرسەم
شۇقەدەر
ئۇزاق بولسۇن سىزنىڭ ئۆمۈرىڭىز...››
دادا!
دادام، ئاغام مېنىڭ، قاندېشىم مېنىڭ، دوستۇم!
نە زۇلۇم، نە ئۆلۈم، نە قورقۇنچ
بېشىمنى ئېگىلمەس!
پەقەت، سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى ئالماق ئۈچۈن
ئىگىلەر بېشىم.
دادام، ئاغام مېنىڭ قاندىشىم، دوستۇم...

سادا
ئېڭىكىڭنى كەفتلەرىڭ ئىچىگە ئالما!
ئىشىككە قاراپ قالما!
ئېڭىكىڭنى كەفتلەرىڭ ئىچىگە ئالما!
قەلق!
باق!
تاشقىرىدا ئاخشام بىر جەنۇپ دېڭىزىدەك گۈزەل،
چاڭ سالىدۇ دېرىزىگە دولقۇنلار...
كەل!
تىڭلا ھاۋالارنى:
ھاۋالار سادالارنىڭ يولىدۇر،
ھاۋالار سادالارغا تولىدۇ:
تۇپراقنىڭ، سۇنىڭ يۇلتۇزلارنىڭ
ۋە بىزنىڭ سادالىرىمىز ئىلە...
دېرىزىگە كەل!
ھاۋالارنى تىلىڭغا بىر:
سادارىمىز يېنىڭدىدۇر،
سادارىمىز سېنىڭدىدۇرر...

قانداق گۈزەل ئىش ھە، سېنى ئەسلىمەك

قانداق گۈزەل ئىش –ھە،ئەسلىمەك سېنى:
ئۆلۈم ۋە زەپەر خەۋەرلىرى ئىچىرە،
قاماقتا
ۋە يېشىم قىرىققا تولار شۇدەم...
قانداق گۈزەل ئىش –ھە،ئەسلىمەك سېنى
ئۇنتۇلىشىم مۈمكىن بىر كۆك يىپەكتەك قولۇڭ
ۋە چاچلىرىڭنىڭ
ۋەزمىن يۇمشاقلىقى
جېنىم يىلتىزى–ئىستانبۇل تۇپرىقىنىڭ...
ئىچىمدىكى ئىككىنچى بىر ئىنسان كەبىدۇر
سېنى سۆيمەك، سائادىتى...
بارماقلارنىڭ ئۇچىدىن قالغان
ئىپارى سەردۇنيا ياپرىقىنىڭ
ئىللىق،بىر راھتبەخش
ۋە ئويغاق دەۋىتى:
توق قىزىل سىزىقلىرى بولمىش
ئىسسىق، قويۇق قاراڭغۇلۇق...
قانداق گۈزەل ئەسلىمەك –ھە سېنى:
يازماق سەن ھەقتە
تولغىنىپ يېتىپ قاماقتا سېنى چۈشەنمەك
پالان كۈنى، پۇستان يەردە ئېيتىلغان سۆز،
ئۆزىڭگە بېگانە
ئۇ تونۇش دۇنيا...
قانداق گۈزەل ئەسلىمەك –ھە سېنى،
سەن –چۇ ياغاچلارغا نەقىش ئويارمەن يانا:
بىر تارتما،
بىر ئۈزۈك
ۋە بىر كىيىملىك نەپىس ئىپەك توقارمەن
ۋە توساتتىن چاپچىپ ئۆرنىمدىن
دېرىزەمدە تۆمۈرلەر –ھۆمۇيىشار
ئەركنىڭ سۈتتەك ئاق گۈزەللىكىگە
ساڭا يازغانلىرىمنى ۋاقىراپ–ۋاقىراپ
ئوقۇپ بېرەرمەن...
قانداق گۈزەل ئەسلىمەك سېنى:
ئۆلۈم ۋە زپەر خەۋەرلىرى ئىچىرە
قاماقتا
ۋە يېشىم قىرىققا تولار...
رەپىق سەيدۇللانىڭ ئۆزبېكچە تەرجىمىسىگە ئاساسلاندى.
بۇلۇتلار كەزمەكتە  
بۇلۇتلار كەزمەكتە ،
جەنۇپقا ئېلىپ بارماڭ،
مەن ئۆلۈشنى ئىستىمەيمەن.
مەن ئۆلۈشنى ئىستىمەيمەن،
شىمالغا ئېلىپ بارماڭ.
شەرقكە ئېلىپ بارماڭ،
مەن ئۆلۈشنى ئىستىمەيمەن.
مەن ئۆلۈم ئىستىمەيمەن،
غەرپكە ئېلىپ بارماڭ.
بۇندا قالدۇرماڭ مېنى،
بىر يەرگە ئېلىپ بېرىڭ.
مەن ئۆلۈم ئىستىمەيمەن،
مەن ئۆلۈم ئىستىمەيمەن.

سەن مېنىڭ سەرخۇشلىغىم  

سەن مېنىڭ سەرخۇشلۇغۇم،
نە ئويغاندىم،
ئويغانسام ئۆلۈرمەن،
ئويغۇنىشىنى خالايمەن.
بېشىم ئېغىر،
تىزلىرىم سۇنغان،
ئۆزۈم پاتقاق ئىچىدە.
لىپ -لىپ يېنىپ ئۆچىۋاتقان شولاڭغا قاراپ،
بىر يىقىلىپ -بىر قوپۇپ بارىمەن.


ئىنسانلارنىڭ قوشاقلىرى ئۆزلىرىدىن گۈزەلدۇر

ئىنسانلارنىڭ قوشاقلىرى ئۆزلىرىدىن گۈزەلدۇر،
ئۆزلرىدىن ئۈمىدلىك،
ئۆزلىرىدىن قەدىرلىك،
ئۇلارنىڭ ئۆمۈرىدىن ئۇزۇندۇر.
سۆيدۈم ئىنسانلاردىن كۆرە قوشاقلىرىنى.
ئىنسانسىز ياشاي دېدىم.
قوشاقسىز ھېچ قاچان.
يارىمنى ئالدىدىم بەلكىم،
قوشىىقىنى ئەمما ھېچقاچان.
ھېچقاچان ئالدىمىدى قوشاقلار ھېچقاچان ھەم.
قوشاقلارنى ئاڭلىدىم قايسى تىلدا ئېيتىلسا،
بۇ دۇنيادا يەپ -ئىچكەنلىرىمنىڭ،
ئايلىنىپ يۈرگەنلىرىمنىڭ،
كۆرۈپ ھەم ئاڭلىغانلىرىمنىڭ،
ھېس قىلغانلىرىمنىڭ،
بىلگەنلىرىمنىڭ ھېچ بىرى ،ھېچ بىرى،
مېنى بەختىيار قىلمىدى قوشاقلاردەك.
رائۇف پەرفىنىڭ ئۆزبېكچە تەرجىمسىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۈرۈلدى.

ئۆزبېك تىلىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى:                                
مەسئۇد ئىسا



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-22 00:08  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-21 16:06:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەندە خېتى نورمال كۆرۈنمىدى

باھا سۆز

دوستۇم، خەتنى ئاپتور ئوڭشىۋەتسە ياخشى بولاتتى، ھەي...ھوزۇر ئارماندا قالدى-!  ۋاقتى: 2015-10-21 04:20 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-22 01:39:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نورمال كۆرۈندىمۇ؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-24 15:40:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىراياغا ئاتالغان  شېئىرلار
نازىم ھېكىمەت
(تۈركىيە)
****
1945\09\22
كىتاپ ئوقۇيمەن:
ئىچىدە بارسەن،
كۈي تىڭلايمەن:
ئىچىدە بارسەن،
ئولتۇرۇپ نان ئۇشتىسام
كۆزئالدىمدىسەن
ئىشلەپ ئولتۇرغاندا،
خىيالىمدىسەن.
سەن ھەر جايدا‹‹ ھازىرۇ نەزەر››رىمدىسەن.
گەپلىشەلمەيىز
دەردلىشەلمەيمىز...
سەن مېنىڭ سەككىز يىللىق  ئايالىمسەن...
****
1945\09\25
ئەڭ گۈزەل دېڭىز:
كۆرۈپ ئۈلگۈرەلمىگىنىڭ.
ئەڭ گۈزەل پەرزەنت
ئۆسۈپ ئۈلگۈرەلمىگىنىڭ.
ئەڭ گۈزەل كۈنلىرىمىز:
ياشاپ ئۈلگۈرەلمىگىنمىز.
ۋە سېنىڭ ئېيتالمىغان ئەڭ گۈزەل سۆزۈم:
ئېيتىپ ئۈلگۈرەلمىگىنىم.
****
1945\10\6
بۇلۇتلار كارۋېنى سۈزىلەر:
خەۋەرلەرنى ئارتىپ ئۈستىگە.
مىجىقلايمەن تېخى كەلمىگەن
مەكتۇپلەرنى قولۇمدا.
يۈرەك كىرپىكلەر ئۇچىدا
يول قاراپ ھالسىز...
ۋاقىرايدۇ ئىنتىلىپ:
‹‹پىرايا، پىرايا!...››دېگۈنىچە
1945\10\27
****
بىر ئالمىنىڭ يېرىمى بىز
يېرىمى بۇ كونا دۇنيا.
بىر ئالمىنىڭ يېرىمى بىز
يېرىمى ئېرۇر خالايىق.
بىر ئالمىنىڭ يېرىمى سەن
يېرىمى مەن
ئىككىمىز...
1945\11\8
****
يىراقتىكى شەھىرىم تامىلرى ئۈستىدىن
ۋە مارمارا دېڭىزى ئاستىدىن ئۆتۈپ
كۈزگى باغلار، تۇپراقلار ئارا
ئۇلۇغۋار ۋە نامدار
تۇيىلدى ئاۋازىڭ.
ئۇچ دەقىقە داۋام ئەتتى پەقەت.
كېيىن، تېلېفون زۇلمىتىگە چۆمدى.
ئەسكەرتىش: ئاپتور شېئىرلارغايېزىلغان ۋاقتى ماۋزۇ قىلىغان.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش