29-تىئورما يېتەرلىك تەجىربە ئىسپاتلىرىغا ئىرىشىپ بولدى.بەزىلەر ھالقىلىق مەسىلىلەردىن ئۇزىنى قاچۇرۇپ قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ.
مەن 29-تىئورمىچە ئېغىشنىڭ سەۋەبى ئايلىنىۋاتقان جىسىمنىڭ ئىككى يۆزىدىكى سىزىقلىق تېزلىك پەرقىدە،دىگەن. مۇشۇ تەشەببۇسۆمغا قاشى چىققۇچىلار بىلەن پاكىت كۇرسىتىپ تۇرۇپ مۇنازىرىلىشىشكە ھەر قاچان تەييار!.
لىكىن بۇ سىزىقلىق تېزلىك پەرقى تىلغا ئېلىنسا بەزىلەر قېچىپ كېتىدىكەن.قاچقانلارنىڭ باشلامچىسى بىلىمخۇمار.ماۋۇ
qaraqashliq تورداشمۇ بىلىمخۇمارنى دوراپ قاچتى!.
____________________
‹‹29- تېئورىما›› غا ئاخىرقى رەددىيە دىگەن بۇ تېمىنىڭ ئىگىسى YasinEhmet ئەپەندىم 29-تىئورمىنى ھازىرقى فىزىكا بىلىملىرى مەۋقەسىدە تۇرۇپ ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغانلىغىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ھازىرقى فىزىكا بىلىملىرى مەۋقەسىدە تۇرۇپ ئىنكار قىلالايدىغانلار بارمۇ؟
بار بولسا قېنى،ئوتتۇرىغا چىقسۇن،قالغان تېمىغا مۇناسىۋەتسىز گەپلەرنىڭ زۆرۆرى ئەھمىيىتى يوق!
مانا ئىسپات:
‹‹تېما دەبدەبىلىك، لىكىن مەزمۇن قۇپقۇرۇق››- بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتىت ناملىق تورداش، چۈشەنچىڭىز دەل توغرا. تېمىدا ئىشلىتىلگەن تېرمىن دەبدەبىلىك ئەمما مەزمۇنى قۇپقۇرۇق بولغاچ ئىشلار شۇنداق بولۇپ قالدى. تېزلىك كۈچ پەيدا قىلالايدۇ دىگەن بۇ ھۆكۈملۈك ئىنسانلار تالاي يىللار مابەينىدە يەكۈنلىگەن مېخانىكا ئىلمىي سىستېمىسىنىڭ يادرولۇق قىممەت قارشىنى نۆلگە ئايلاندۇرىدۇ شۇنداقلا ئىنسانلار ئەڭ ئىپتىخارلىنىدىغان بۇ ئىلمىي نەزەرىيە سىستېمىسىنى ئۆلتۈرىدۇ. قاسىمكام بۇ ھۆكۈمى بىلەن ئاۋال مىخانىكىنى ئۆلتۈردى، ئاندىن يەنە توختىماي شۇ ئۆلتۈرۈلگەن مىخانىكا بىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ گىپىنى ئىسپاتلىماقچى بولىدۇ. قاسىمكامنىڭ نەزىرىدە بۇ مىخانىكا ئۆلگەن، پۈتۈن دۇنيادا ھەرقانداق بىر ئالىم ئۆلگەن مىخانىكا بىلەن ‹‹29-تېئورىما›› نىڭ توغرا خاتالىقىنى ئىسپاتلىيالمايدۇ. ناۋادا مىخانىكا ھايات بولسا ‹‹29-تېئورىما›› نىڭ پىكىر يولى ئۆلگەن بولىدۇ. بۇنىڭغا بىر نىمە دىيىش ئۈچۈن دەبدەبىلىك ئىسپات بىھاجەت. مىنىڭچە بۈگۈنكى مىخانىكا ھاياتلا بولىدىكەن ‹‹29-تېئورىما›› ھەرگىز ئۆلمەيدۇ، خۇددى تىرىك موردىدەك، مەيلى قانچە رەددىيە بىرەيلى، ئوقلارنى ئېتىپ ئۆتمە تۆشۈك قىلىۋىتەيلى ئۇ يەنىلا دەلدەڭشىپ كىتىۋىرىدۇ.
بەلكىم قاسىمكامنىڭ توغرا، باشقا ئىنسانلارنىڭ خاتا بولىشىمۇ مۇمكىن. مەيلى قانداقلا بولسۇن مەن بۇ تېمىنى ئۆزۈم توغرا دەپ ئىشىنىپ كەلگەن، ماڭا خوشاللىق ۋە پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ئاتا قىلىپ كىلىۋاتقان بىر ئىدىيە سىستېمىسىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن يازدىم، قاسىمكاممۇ ئۆز ئېتىقادىنى قوغداۋاتىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئىككىلىمىز ئوخشاش. قوغدىغۇدەك ئىدىيە بولۇشمۇ بىر بەخىت. كۆڭۈللەرگە تېگىپ كەتكەن بولسا كەچۈرۈم سورايمەن.
ھارماڭ قاسىمكا، ياشلار سىزنىڭ روھىڭىزدىن ئۈلگە ئالسۇن، ئەمما خاتاغا يول قۇيۇشنىڭ ئۆمۈرلۈك خىيىم خەتىرىنى تەكىتلەشنىمۇ ئۇنۇتماڭ.
ئاخىرقى رەددىيە دىگەننىڭ مەنىسىنى مۇشۇنداق چۈشۈنۈپ قالساڭلار بولدى.
مانا مەنبە:
http://bbs.bagdax.cn/thread-27334-8-1.html