بىز ئايرىلىپ كەتتۇق ئاشۇ كۈن
مۇنەۋۋەر ئابدۇقادىر
بىز ئايرىلىپ كەتتۇق ئاشۇ كۈن،
يۈرەكلەردە ئۇيۇپ كەتتى قان.
سەندىن كۈتكەن ئىشەنچ، ئۈمىدىم،
بولدى ئاخىر مەڭگۈلۈك پايخان.
بىز ئايرىلىپ كەتتۇق ئاشۇ كۈن،
ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلىدىم غەمكىن.
پارە - پارە بولسىمۇ يۈرەك،
بىلمىگەندەك تۇرىسەن تەمكىن.
بىز ئايرىلىپ كەتتۇق ئاشۇ كۈن،
قالدى بىللە باسقان ئىزىمىز.
ئوغلۇم قالدى «ئانا» دەپ زارلاپ،
ــ دادا!-دېدى، ئوماق قىزىمىز.
بىز ئايرىلىپ كەتتۇق ئاشۇ كۈن،
چاراسلاپ چاك ئالدى تاغ-تاشلار.
ئانا زېمىن چۆمدى سۈكۈتكە،
كۆك ئاسمانمۇ تۆكتى كۆز - ياشلار.
بىز ئايرىلىپ كەتتۇق ئاشۇ كۈن،
ھەسرىتىمگە ياش تۆكتى دالا.
شۇندىن بېرى تەنھا ياشىدىم،
ئۆزگۈلەردىن كۈتمىدىم ۋاپا.