كۆرۈش: 122|ئىنكاس: 2

ئانا ئاجرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1020
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 35
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 20:36:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئانا ئەجرى (نەسىر)
ئاپتور : رەشىدە سېيىت
مىكروفۇن ئالدىدا ۋە مۇزىكا كىرىشتۈرگۈچى: ئابدۇرېشىت مىجىت (خۇشتار)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   خۇشتار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-14 20:37  


mukam.cn

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  228
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1376
تۆھپە : 10
توردا: 157
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 12:58:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېنى ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablipiz idiris تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-15 13:01  


يامان كۆرمەڭ مېنى دوستلار ،ئىگەمنىڭ بىر قۇلىدۇرمەن ،
كىشى قەدرىمنى بىلمەيدۇ،ۋەتەننىڭ گۆھىرىدۇرمەن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  228
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1376
تۆھپە : 10
توردا: 157
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 13:02:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا ئەجرى
رەشىدە سىيت



ئانا،بۇ دۇنيادىكى چەكسىزلىككە ئىگە تۇيغۇلىرىم ئىچىدىكى ئەڭ ئۇلۇغلۇقنى ساڭا بېغىشلايمەن. ھايات مۇساپەمدىكى بارلىق ئەجىر-مېھنىتىمنىڭ شەرەپلىرىنى ساڭا ئاتايمەن.ھەر بىر تىنىقىمغا مەنسۇپ بولغان خۇشاللىقىنى  ساڭا ھەدىيە قىلىمەن.لىرىكىلانغان شائىرانە قەلبىمنىڭ بارلىق مىسرالىرىنى سەن ئۈچۈن يازىمەن.ئانا،سەن بۇ دۇنيادىكى بارلىق مېھر-مۇھەببەتنى ئويغاتقۇچى،بارلىق پاكلىق ھەم نازاكەتنى نۇرلاندۇرغۇچى.بارلىق سۆيگۈ ۋە ئىتىقادنى ئەڭ پاك ئالقاندا تۇتۇپ تۇرغۇچى،بارلىق گۈزەللىك ھەم لاتاپەتنى پەرۋىش قىلغۇچى.غۇرۇر ھەم ساداقەتنى ئۆز قولۇڭ بىلەن دۇنيغا تەقدىم ئەتكۈچى تەمەسىز ئىنسان. سەن چەكسىز ئارمانلىرىڭ ئىچىدىن ئانىلىق ئىستىكىڭ،ئۇلۇغ مەقسەتلىرى يولدا ئۆزۈڭنى ئۇنتۇپ ياشىغان ھۇشيار،تۇيغۇ،سەزگۈر ئايال سەن.سەن  ئانىلىق ئەقىدەڭ ئۈچۈن يۈرىكىڭنى مەشئەل قىلىپ ياندۇرۇپ ،بۇرچۇڭ،ئىقتىدارىڭ،جاسارىتىڭ،غۇرۇر-ئىمانىڭنى يۇرۇتقان،ئۇلارنى مەن ئۈچۈن بەرپا قىلغان سەن.
ئانا،ئاسماندىكى قۇياش بىلەن ئاي،يۇلتۇزلار،زىمىندىكى باغ،ئورمان،تاغ-دەريالار سىنىڭ تەرىپىڭ بىلەن ئۇلۇغلىنىپ كەلدى.ئادىمىيلىكنىڭ ئىزلىرى ھەربىر قەدىمىڭ بىلەن يىللارنى يارقىن بەتلىرىنى گۈزەل ھىكايىلەرگە تولدۇردى،ھايات مېھرى-مۇھەببەتكە تۇيۇنۇپ مۈشكۈللەر ئاسانلاشتى.سەن بەرگەن ئاق سۈتنىڭ قۇدرىتى بىلەن قۇياش قۇيشتەك نۇر چېچىپ،ئاي ئايدەك پارلاپ كېچە قوينىنى نۇرانە قىلدى.سەن كۈنگە ئوخشايسەن،مەنمۇ كۈنگە ئوخشايمەن.سەن ئايغا ئوخشايسەن،مەنمۇ ئايغا ئوخشايمەن.سېنىڭ قىزىڭ بولغانلىقىم ئۈچۈنلا مەن ھەم كۈن، ھەم ئايغا ئوخشىدىم.ئانا،مەن سېنىڭ بالاڭ بولغانلىقىم ئۈچۈنلا ھاياتنى قىزغىن سۆيەلىدىم.ئىجاد-مېھنەت كۆكىدە قانات قاقالىدىم. ئەل- ۋەتەن ئالدىدا بۇرچۇمنى ئادا قىلالىدىم.مەن سېنىڭ بالاڭ بولغانلىقىم ئۈچۈنلا ئۆزۈمگە يۈز كېلەلەيدىغان ئادەم بۇلۇپ ياشاش يولىنى ئىزدەپ تاپتىم!
ئانا،سېنىڭ ئەجرىڭ قورايدەك ھالىتىمنى چىناردەك باراقسان قىلدى.ۋاپا ھەم ساداقەتنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى ماڭا تۇنۇتتى. ھەر قانداق چاغدا ئەجىر-مېھنەت بىلەن ياشاشنىڭ ئادەم ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك خىسلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.بۈگۈنكى بۇ قۇتلۇق دەملەردە سېنىڭ ھايات ئىزلىرىڭ بىر-بىرلەپ كۆز ئالدىمدا زاھىر بولماقتا.كۈنسېرى مۈكچىيىۋاتقان گەۋدەڭ،كۈنسېرى ئاقىرىۋاتقان چاچلىرىڭغا قاراپ يۈرىكىم پۇچىلانماقتا.سەن مەن ئۈچۈن پۈتۈن ھاياتىڭنى سەرىپ ئەتتىڭ،سېنىڭ ياشلىقىڭ ،گۈزەل قەددى-قامىتىڭ،ئارزۇ-ئارمانلىرىڭ مېنىڭ ئادىمىي روھىمغا سىڭىپ كىردى.ھازىر ئويلىسام ،سەن مىنى بېقىش جەريانىدا ئۆزۈڭگە ئازراق ۋاقىتنى ئاجىرىتىپ باقتىڭمۇ؟ئۆز خۇشاللىقىڭ،ئارمانلىرىڭ ئۈچۈن بىر كۈن،ياق بىر سائەت ۋاقتىڭنى سەرپ قىلىپ باقتىڭمۇ؟
سەن گويا يەر ئاستىدىكى پىنھان يىلتىزغا ئوخشاش ئائىلە ۋە بالا ئۈچۈن تىرىشقان ئاال،<<بالا دەڭ،جان دەڭ>>
دەپ،بالاڭنىڭ ئوتىدا ككۈيۈ،سۈيىدە ئاققان بىر ئانا.سەن خىزمەت بىلەن ئۆي ئارىلىقىدا يۈگۈرۈپلا يۈردۈڭ.بۇنچە ئۇزۇن مۇساپىلىك يۈگۈرۈش تاكى ھازىرغىچە داۋام قىلىۋاتىدۇ، سەن يۈگۈرۋاتىسەن،سەن بۇ يۈگۈرۈشتە قانداقتۇر بىر ئالتۇن مېدال ئېلىشنى ئويلىمىدىڭ،پەقەت مېنىڭ ياراملىق ئادەم بۇلۇشۇمنى ماڭا ئۆينىڭ،ئائىلىنىڭ بىر ھۇزۇرلۇق ،ئىللىق ،بەختىيار ماكان ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇشنىلا ئويلىدىڭ .سەن يەنە يۈگۈرۈۋاتىسەن،مېنى ئەڭ گۈزەل مەنزىلگە يەتكۈزۈشنى ئويلاۋاتىسەن .ئانا، سېنىڭ ئەجرىڭ تاغدىنمۇ بۈيۈك،دېڭىزدىنمۇ ئۇلۇغ، قەلبىمدە مەۋەج ئۇرغان ككيۈم بىلەن شەپقەت سېنىڭ غايىلىرىڭ يولىدا تىرىشىش نىشانىمنى تېخىمۇ روشەن كۆرسىتىپ بېرىۋاتىدۇ. پۈتۈن ۋۇجۇدۇم سېئىرغا ئايلىنىپ، سېنىڭ تەرىپىڭگە كۈي قېتىۋاتىدۇ.گۈل-چېچەكلەر،قۇشلار،يازنىڭ ئەركەن شاماللىرىغا ئۇ كۈيلەرنى ئۆز تىلىدا نامايەن قىلىۋاتىدۇ.
ئانا،ئەجرىڭگە ئەجرىم بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇش مېنىڭ بۇرچۇم.ئانا،مېنىڭ گۈدەكلىكىمنى كەچۈر! بۈگۈنگىچە ساڭا بىر پىيالە چاي تۇتماي،پىشۇرۇپ بەرسەڭ يەپ ،<<مەن ئانامغا ياخشى قاراۋاتىمەن>> دەپ يۈرگىنىمگە تولىمۇ ئۆكۈندۈم.<<بالا مەڭگۈ بالا>>دېگەن گەپ ھەقىقەتەن توغرا ئىكەن. ئۆزۈم ئانا بولغاندىلا ئانىلارنىڭ روھىي تەسەللىيىگە ھەممىدىن بەك مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم.
ئانا، ئاپئاق چاچلىرىغا،كىسەل كارۋىتىغا بەنىد بولۇپ قالغان ئاجىز تېنىڭگە قاراپ قاتتىق پۇشايمان قىلىمەن. قايسى بىر يازغۇچى <<بۈگۈن ئاناڭغا بىر ئالما ئېلىپ بېرىشنى ئويلىغان بولساڭ ھەرگىز ئەتىگە قويما،ئاناڭ بىلەن  بۈگۈن مۇڭداشماقچى بولساڭ ۋاقتىنى  ھەرگىزمۇ ئارقىغا سۆرىمە...>> دەپ يازغان ئىكەن.ۋاپادارلىقتىن سۆز ئاچقان ھەر بىر ئىنسان ئالدى بىلەن ئۆز ئانىسىنى قەدىرلەيدىغان بولۇش كىرەك. ئانا مەن ساڭا بايلىقىم  ۋە ئەمىلىم  بىلەن سىر كۆرسىتىدىغان بالا ئەمەس،مېھرىبانلىقىم،كۆيۈمىم بىلەن سېنى يوقلاپ تۇرالايدىغان،ساڭا كىچىك چاغلىرىمدىكىدەكلا ئەركىلىيەلەيدىغان بولۇشنى ئويلايمەن. چۈنكى ھاياتنىڭ ھەقىقى مەنىسى ئانا- بالىلىق مۇھەببىتىدە ئىكەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablipiz idiris تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-15 13:03  


يامان كۆرمەڭ مېنى دوستلار ،ئىگەمنىڭ بىر قۇلىدۇرمەن ،
كىشى قەدرىمنى بىلمەيدۇ،ۋەتەننىڭ گۆھىرىدۇرمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش