يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 2520|ئىنكاس: 30

قارامايدا ‹‹دەۋر مىلودىيەسى شىئېرىيەت سەپىرى پائالىيىتى›› ئۆتكۈ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قارامايدا «دەۋر مىلودىيەسى-شىنجاڭ  شېئىرىيەت سەپىرى» ئۆتكۈزۈلدى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات  بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر  بىرلەشمىسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى، قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات -  سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىرلىكتە تەشكىللىگەن «دەۋر مىلودىيەسى-شىنجاڭ  شېئىرىيەت سەپىرى»نىڭ قارامايدىكى مۇشائىرە پائالىيىتى 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى  قاراماي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى،  يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان، قاراماي شەھەرلىك خەلق  ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابلىكىم ئەزىز ۋە قاراماي شەھىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك  ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى، كادىر ۋە خىزمەتچىلىرىدىن بولۇپ 400 دىن ئارتۇق كىشى  قاتناشتى.

پائالىيەتتە ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى،  يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان، قاراماي شەھەرلىك خەلق  ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابلىكىم ئەزىز سۆز قىلدى.  شائىرلىرىمىزدىن  سەمەت  ئابدۇراخمان قۇچىغۇن، ئەسقەر ياسىن، ئادىل تۇنىياز، ئەركىن نۇر، ئوسمان قاۋۇل،  ئىبراھىم نىياز، ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى، مۇھەممەت مەمتىلى، گۈزەلنۇر مۇتەللىپ، مەريەم مۇھەممەد، ئارزۇگۈل ئابدۇرېھىم، دىلنۇر ياسىن، ئەلىجان ئوبۇل خەنجەر، غالىپ توختى، ئەركىن  مۇھەممەد كامالى قاتارلىقلار ئۆز ئەسەرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى. قاراماي شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋەتەنپەرۋەر شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ << جۇڭگو>>، ئاتاغلىق شائىر تىيىپجان ئېلىيوفنىڭ <<ۋەتەن ھەققىدە غەزەل>> ناملىق شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلغاندا كەيپىيات تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقتى.

دىكلاماتسىيە پائالىيىتىنىڭ ئاخىرىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق  ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، شىنجاڭيازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ  رەئىسى، ئاتاقلىق ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، دوكتۇر يېتەكچىسى  ئازات سۇلتان  ئەپەندى «دەۋرمىلودىيەسى – شىنجاڭ شېئىرىيەت سەپىرى پائالىيىتى»نى ئۆتكۈزۈشنىڭ  ئەھمىيىتى،رولى ھەمدە مەدەنىيەتنى خەلق ئارىسىغا، نېفىتلىك ئىشچىلىرى ئارىسىغا  يۈزلەندۈرۈپ،زامانىۋى مەدەنىيەت يارىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى شۇنداقلا باش شۇجى شى  جىنپىڭنىڭ يېقىندائەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى مەمەلىكەتلىك سۆھبەت يىغىنىدا  قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ھەققىدە لىكسىيە سۆزلىدى.


IMG_4828.JPG



IMG_4842.JPG





ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-8 09:30:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
IMG_4795.JPG قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىگۇرۇپىسىنىڭ شۇجىسى، "مايبۇلاق" ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى دولقۇن تۇرغۇن پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلماقتا
IMG_4810.JPG
قاراماي شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابلىكىم ئەزىز تەبرىك سۆزى سۆزلىمەكتە
IMG_4812.JPG
ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان پائالىيەتتە سۆز قىلماقتا
IMG_4824.JPG
ئەدىپ غالىپ توختى پائالىيەتتە مەرھۇم ۋارىسجان تۇردى (ۋارىس ھۆكۈمەت) نىڭ "قارمايغا مەدىھيە" ناملىق شىئېرىنى ئوقوماقتا
IMG_4834.JPG
شائىر سەمەت ئابدۇراخمان پائالىيەتتە "ياخشى" ناملىق غەزىلىنى دىكلاماتسىيە قىلماقتا
IMG_4846.JPG
شائىر مۇھەممەت مەمتىلى پائالىيەتتە "سالام ساڭا پىشقەدەملەر" ناملىق شىئېرىنى ئوقۇماقتا
IMG_4852.JPG
شائىر ئادىل تۇنىياز پائالىيەتتە ئۆزىنىڭ "سۇ" ناملىق شىئېرىنى دىكلاماتسىيە قىلماقتا
IMG_4862.JPG
شائىر، نەسىرچى ئوسمان قاۋۇل پائالىيەتتە ئۆزىنىڭ "ئۇ مېنىڭ يۈرىكىم ئىدى" ناملىق نەسىرىنى ئوقۇماقتا
IMG_4866.JPG

شائىر ، ئەدەبىي تەرجىمان ئىبراھىم نىياز پائالىيەتتە ئۆزىنىڭ "قاراماينىڭ يۈرىكى" ناملىق شىئېرىنى دىكلاماتسىيە قىلماقتا

IMG_4885.JPG
شائىر ئەسقەر ياسىن "ئېھ،ئانا مەن ساڭا ئوخشايمەن قەۋەت" ناملىق شىئېرىنى دىكلاماتسىيە قىلماقتا
IMG_4895.JPG
شائىرە، نەسىرچى ئارزۇگۈل ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ "قاراماينىڭ تىنىقى" ناملىق نەسىرىنى ئوقۇماقتا
IMG_4913.JPG
شائىرە دىلنۇر ياسىن ئۆزىنىڭ "ئاتا قەسىدىسى" ناملىق شىئېرىنى ئوقۇماقتا
IMG_4921.JPG
شائىرە مەريەم مەمتىمىن ئۆزىنىڭ "باغۋەنمەن" ناملىق شىئېرىنى ئوقۇماقتا
IMG_4925.JPG
شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان ئەركىن نۇر "بىر مۇھاجىرنىڭ تىلىدىن" ناملىق شىئېرىنى ئوقۇماقتا
IMG_4928.JPG
يازغۇچى، نەسىرچى گۈزەلنۇر مۇتەللىپ "بۇ شەھەرنىڭ ئەركە قىزىمەن" ناملىق نەسىرىنى ئوقۇماقتا
IMG_4916.JPG
شائىر ئايبەك ئۆمەر ئۇيغۇرى "ۋەتەن لىرىكىسى" ناملىق شىئېرىنى ئوقۇماقتا
IMG_4937.JPG
ئوبزورچى، شائىر ئەلىجان ئوبۇل خەنجىرى ئۆزىنىڭ "مۇئەللىم" ناملىق شىئېرىنى ئوقۇماقتا
IMG_4939.JPG

شائىر، يازغۇچى ئەركىن مۇھەممەت كامالى ئۆزىنىڭ "تاڭ لېرىكىسى" ناملىق شىئېرىنى ئوقۇماقتا

ۋاقتى: 2014-11-8 10:00:04 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا مۇشىنداق ياخشى پالىيەتنىڭ داۋامى ئۈزۈلمىگەي!

ۋاقتى: 2014-11-8 10:02:15 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۈتۈن شىنجاڭ مىقياسىدا تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ قېتىمقى پائالىيەت نۆۋىتىدە ئەدىبلىرىمىزنىڭ دەۋر تەقەززا بولۇۋاتقان ئەدەبىيات يۆنىلىشى بويىچە ئىجادىيەت قىزغىنلىقىنى يۇقۇرى كۆتىرىدىغان، يۇرت-ئايماقلاردىكى ئەدىبلەرنىڭ رىشتىسىنى باغلايدىغان تولىمۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بولۇپ، ھەرقايسى ناھىيە، يېزا قىشلاقلارغىچە كېڭەيتىلسە،ئىجتىمائىي ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتىرۈلگۈسى!

ۋاقتى: 2014-11-8 10:39:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىياتىمىزنىڭ يېڭى ئەسردىكى يەنە بىر قېتىملىق  گۈللىنىش پۇرسىتىدە ياشاۋاتقانلىقىمىز ھەقىقەتەن دىللارنى سۆيۈندۈرىدۇ.
پائالىيەت تەشكىللىگەن ئەزىزلىرىمىز ئامان بولغاي.

ۋاقتى: 2014-11-8 11:13:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخى ئالدىنقى كۈنىلا ئوسمان قاۋۇل ۋە ئىبراھىم نىياز ئاكىلاردىن بۇ پائالىيەتنىڭ ئۇچۇرىنى ئاڭلاپ تولىمۇ سۆيۈنگەنىدىم. بۈگۈن توردىن بۇ پائالىيەتنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپ بەكمۇ خۇش بولدۇم. مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى تەشكىللىگەن ۋە پائالىيەتكە قىزغىنلىق بىلەن ئىشتىراك قىلغانلارنىڭ تېنى ساغلام، زېھنى يەنىمۇ ئۆتكۈر، ئىجادىي ئىزدىنىشلىرى تېخىمۇ مول، ئۇتۇقلۇق بولسۇن !
قارامايدىكى مەرىپەت سۆيەر رەھبەرلەر ۋە دوستلارغا سەمىمىي سالام - ئېھتىرام! بۇ پائالىيەتنىڭ سۈرەتلىك كۆرۈنۈشلىرى بىزنى قارامايدىكى قەلەمكەش ئۇستازلار ۋە دوستلار بىلەن يەنە بىر قېتىم دىدارلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن تېما ئىگىسىگە ئالاھىدە تەشەككۈر ئېيتىمەن.

ۋاقتى: 2014-11-8 12:01:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پائالىيەتنىڭ داۋاملاشقىنىدىن بەك خۇرسەن بولدۇم .

ۋاقتى: 2014-11-8 12:03:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن

ۋاقتى: 2014-11-8 12:15:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



       بۇ پائالىيەت قەدىمىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭنى بىر ئايلىنىپ، جۇڭغارنىڭ يۈرىكىگە جايلاشقان قارامايغا يېتىپ بېرىپ نېفىت ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ئارىسىدا ياڭرىشى خۇشاللىنارلىق ئىش. بۇ پائالىيەتنىڭ ئىجابىي تەسىرى ۋە رولى تۆۋەن بولمىدى. بۇ خىل پائالىيەتلەرنى ھەرخىل ناملار بىلەن پات-پات ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدۇق، بولسا بۇلبۇللارنى ئالماشتۇرۇپ ئېلىپ بارسا، ئۈنىمى تېخىمۇ ياخشى بولىشى مۇمكىن. ئازاد مۇئەللىمگە ساقلىق يار بولغاي!

ۋاقتى: 2014-11-8 15:54:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات  بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان بۇ پائالىيەتنىڭ قەدەممۇ قەدەم كىڭىيىۋاتقانلىقىمدىن خۇرسەن بولدۇم. بۇ مۇناسىۋەتتە قارامايدىكى بارلىق قەدىردانلارغا سالام يوللايمەن. تىما يوللۇغۇچىغا رەھمەت.

ۋاقتى: 2014-11-8 21:22:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى پائالىيەت ئىكەن،داۋامى ئۈزۈلمىگەي!بارلىق ئۇستاز،ئەزىزلەرگە،قەلەمكەش دوستلارغا سېغىنىشلىق سالام!

ۋاقتى: 2014-11-8 21:28:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پائالىيەت رەسىملىرىدىن يەنە يوللاپ قويۇلسا،بەك ياخشى بولاركەن.قارىمايلىق قېرىنداشلارغا،ئۇستاز،قەلەمكەش دوستلارغا سالام! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ali تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-8 21:29  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-9 12:49:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پائالىيەت ئارىلىقدىكى ئېكىسكۇرسىيە ۋە زىيارەت

IMG_4690.JPG
قاراماي نېفىتلىك موزىيىدا
IMG_4716.JPG
[size=18.3999996185303px]قاراماي نېفىتلىك موزىيىدا
IMG_4725.JPG
ئازات سۇلتان قارامايغا بېغىشلىما يېزىپ بەرمەكتە
IMG_4729.JPG
ئادىل تۇنىياز قارامايغا بېغىشلىما يېزىپ بەرمەكتە
IMG_4756.JPG
سېلىم بوۋىنى يوقلاش
IMG_4781.JPG
قاراماي كۇتۇپخانىسىدا
IMG_4875.JPG
رەئىس ئازات سۇلتان مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-9 13:01:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىكلاماتسىيە پائالىيىتىدىن كېيىن رەئىس ئازات سۇلتان قارامايدا زامانىۋى مەدەنىيەت ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىدى

IMG_4947.JPG
ئازات سۇلتان قارامايدىكى بىر قىسىم ئايال ئەدەبلەر بىلەن بىللە
IMG_4958.JPG
رەئىس ئازات سۇلتاننىڭ لېكسىيەسىگە قاراماي شەھەرلىك پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مۇتەللىپ كېرىم رىياسەتچىلىك قىلماقتا
IMG_4971.JPG
رەئىس ئازات سۇلتان لېكسىيە سۆزلىمەكتە
IMG_4982.JPG
دەم ئېلىش ئارىلىقىدىكى سۆھبەت

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-9 13:12:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارامايدىكى ئەدىبلەر يىغىلىشى

IMG_4984.JPG

IMG_4991.JPG

IMG_5000.JPG

IMG_5012.JPG

IMG_5025.JPG

IMG_5032.JPG

IMG_5049.JPG

IMG_5066.JPG

IMG_5096.JPG

IMG_5103.JPG

IMG_5141.JPG

IMG_5165.JPG


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش