قاراماينىڭ يۈرىكى
ئىبراھىم نىياز
1
قاراماي
سېھىرلىك ماكان مېنىڭ قەلبىمدە ،
تىلسىملانغان تەكلىماكاندەك .
ئۇنىڭ ئوتى يېنىپ تۇرىدۇ ،
يۈرىكىمدە بىر پارچە چوغدەك .
شۇقەدەر سۆيۈملۈك ئەزىز بۇ ماكان ،
رىشتىسى باغلانغان قەلبىمگە چوڭقۇر .
ئۇنىڭدىن بىر مېھىر تېشىپ تۇرىدۇ ،
مەڭگۈلۈك چېتىلغان مەندىكى غورۇر .
مېنىڭ نەزىرىمدە تىلسىملىق ماكان ،
مۆجىزە ، بۇ يەردە يانغان مۇھەببەت ،
مۆجىزە ، بۇ يەردە ئىسسىق قوللاردىن ،
يېڭىپ تاشلانغىنى تالاي مۇشەققەت .
مۆجىزە ئەمەسمۇ پايانسىز چۆلدە ،
سېلىم بوۋاينىڭ تەنھا ياشىشى .
مۆجىزە ئەمەسمۇ مۇھەببەت بىلەن
مايبۇلاقلارنى بۇندا بايقىشى .
بىر تارىخ ئەمەسمۇ بۇ يەردە يەنە ،
قاردەك ئاقىرىشى چاچ – ساقاللارنىڭ .
مۆجىزە بۇ يەردىكى دەريا شاۋقۇنى ،
مۆجىزە قايتا ياشىرىشى توغراقلارنىڭ .....
قاراماي
ئانامنىڭ باغرىدەك مېھرى ئىسسىق جاي .
ئېگىز – ئېگىز بارخانلىرىدىن ،
يىلتىزى چوڭقۇر توغراقلىرىدىن ،
ئىللىق ، مەيىن شاماللىرىدىن ،
سېلىم بوۋام ئېيتقان قوشاقتىن ،
ئۇچۇپ كېلەر ئاستا ماي ھىدى .
بۇ تۇپراققا سىڭگەن مۇھەببەت ،
ئوت يۈرەكلىك نېفىتچىلارنىڭ
يېنىپ تۇرغان ئارمانى ئىدى .
قاراماي
مۇقاملار ئەۋجىگە كۆمۈلگەن يۇرت بۇ ،
مۇقامغا ئوخشايدۇ ۋىشكىلار كۈيى .
سالام بېرەر كاچالكىلارمۇ ،
ئۇچراپ قالسا ساڭا يول بۇيى .
. 2 .
مېھرى ئىسسىق باياۋان ئارا
ھايات شۇنداق داۋاملىشىدۇ ،
نېفىتچىلار ياراتقان شەھەر ،
تاڭلار بىلەن سالاملىشىدۇ .
بىر ئېقىن بار بۇ يەردە پەقەت ،
دەيمەن ئۇنى مېھىر دەرياسى .
قاراماينى سۆيۈپ ئۆتىدۇ ،
شاۋقۇنلىغان لەرزان ناخشىسى .
سۇ ... !!!
سۇ ... !!!
سۇ ... !!!
بىر چاغلاردا قۇشلار ، گىياھلار ،
پىچىرلايتتى ئۈنسىز ئاشۇنداق .
تەلمۈرەتتى كۆككە يۇلغۇنلار ،
بىر تەشنالىق ئىچىدە ئۇزاق .
بىر قارىساڭ نېفىتچىلارنىڭ
تۆكۈلەتتى ئوتلۇق كۆزىدىن ،
سۇغا بولغان چوڭقۇر بىر پىراق ....
بىر چاغلاردا سۇسىز باياۋان ،
سۇغا شۇنداق باغلاپ ئىشتىياق ،
بۇ كۈنلەرنى كۈتكەنتى ئۇزاق .
ئەنە قارا بۈگۈن بۇ يەردە !
شۇنچە قايناق ھايات ناخشىسى
ناۋا قىلغان قۇشلارنىڭمۇ ھەم
مۇھەببەتكە تولغاندۇر قەلبى .
قاراماينىڭ ئاسمىنىمۇ چىرايلىق ،
يۇلتۇزى خۇددى قىزلارنىڭ كۆزى .
ئاي تاماشاسى قىلساڭ ئاخشىمى ،
دەپ قالىسەن جەننەتنىڭ ئۆزى .
قاراماي ،
ئەنە شۇنداق سېھىرلىك ماكان ،
چەكسىزلىكى تەكلىماكاندەك
توغراقلارنى قۇچاغلاپ ياتقان .
قاراپ باقساڭ كۆزلىرى نۇرلۇق ،
نېفىتچىلار شۇنچە مېھرىبان .
. 3 .
قاراماينىڭ يۈرىكى گويا
يېنىپ تۇرغان بىر پارچە چوغدۇر .
يىراق - يىراققا نامى تارالغان ،
گۈزەللىكتە يەكتا بىر يۇرتتۇر .
چوغ بار يەردە ئوت بار ئەمەسمۇ ،
ئاشۇ ئوت ئەمەسمۇ ئەلنى كۆيدۈرگەن .
سۆيەلمەيدۇ ئۆزىنىمۇ ھەم ،
شۇنداق ئوتتا كۆيمىگەن ئادەم .
قاراماينىڭ ئارمانلىرى كۆپ ،
توغراق كەبى ياشىرىپ تۇرار.
قاراماينىڭ قاپ قارا « قېنى »
ئانا يەرنىڭ ئىللىق باغرىدىن
مېھىر بىلەن ئېتىلىپ چىقار .
قاراماي
مۆجىزىگە باي ، سۆيۈملۈك ماكان .
سانسىز بارخاندىن تارايدۇ سۈكۈت .
سانسىز يۇلغۇنلاردىن تارايدۇ چىدام .
سانسىز كۆزلەردىن تۆكۈلەر ئۈمۈت ....
قاراماي
ئەجەپمۇ مېھرىبان ئۇنىڭ يۈرىكى .
ئەجەپمۇ ئۇلۇغ ھەر بىر تىلىكى .
ئەجەپمۇ تاتلىق مۇقامدەك كۈيى .
ئەجەپ چىرايلىق ئۇنىڭ ھەر تېڭى .
قاراماينىڭ يۈرىكى
سېلىم بوۋامنىڭ تىلىكى ئىدى ،
ئۇچۇپ يۈرگەن شاماللار ئارا
پات – پات ئۇرۇلار ئۇنىڭ تىنىقى .
ئېھ مېنىڭ رىشتىم باغلانغان ماكان ،
سېنىڭ ئەمەسمۇ شائىر يۈرىكى .......
ئېھ ، قاراماينىڭ يۈرىكى ،
سەن تارىخ سۆزلەيسەن ، تاڭنى كۈيلەيسەن .
مەن بۇلبۇل بولۇپ سېنى كۈيلەيمەن .
ھايات بۇ يەردە بىزنى ياراتقان
بىزنىڭ تەغدىرىمىز باغلىنىپ كەتكەن ،
مەن باھار بولۇپ سېنى كۈيلەيمەن .
قىزىل گۈللەرگە سېنى پۈركەيمەن .
|