قارامايدا «دەۋر مىلودىيەسى-شىنجاڭ شېئىرىيەت سەپىرى» ئۆتكۈزۈلدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى، قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىرلىكتە تەشكىللىگەن «دەۋر مىلودىيەسى-شىنجاڭ شېئىرىيەت سەپىرى»نىڭ قارامايدىكى مۇشائىرە پائالىيىتى 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى قاراماي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان، قاراماي شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابلىكىم ئەزىز ۋە قاراماي شەھىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى، كادىر ۋە خىزمەتچىلىرىدىن بولۇپ 400 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
پائالىيەتتە ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان، قاراماي شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابلىكىم ئەزىز سۆز قىلدى. شائىرلىرىمىزدىن سەمەت ئابدۇراخمان قۇچىغۇن، ئەسقەر ياسىن، ئادىل تۇنىياز، ئەركىن نۇر، ئوسمان قاۋۇل، ئىبراھىم نىياز، ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى، مۇھەممەت مەمتىلى، گۈزەلنۇر مۇتەللىپ، مەريەم مۇھەممەد، ئارزۇگۈل ئابدۇرېھىم، دىلنۇر ياسىن، ئەلىجان ئوبۇل خەنجەر، غالىپ توختى، ئەركىن مۇھەممەد كامالى قاتارلىقلار ئۆز ئەسەرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى. قاراماي شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋەتەنپەرۋەر شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ << جۇڭگو>>، ئاتاغلىق شائىر تىيىپجان ئېلىيوفنىڭ <<ۋەتەن ھەققىدە غەزەل>> ناملىق شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلغاندا كەيپىيات تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقتى.
دىكلاماتسىيە پائالىيىتىنىڭ ئاخىرىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، شىنجاڭيازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ئاتاقلىق ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، دوكتۇر يېتەكچىسى ئازات سۇلتان ئەپەندى «دەۋرمىلودىيەسى – شىنجاڭ شېئىرىيەت سەپىرى پائالىيىتى»نى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتى،رولى ھەمدە مەدەنىيەتنى خەلق ئارىسىغا، نېفىتلىك ئىشچىلىرى ئارىسىغا يۈزلەندۈرۈپ،زامانىۋى مەدەنىيەت يارىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى شۇنداقلا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندائەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى مەمەلىكەتلىك سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ھەققىدە لىكسىيە سۆزلىدى.