پەلتويۇم بىلەن قەسەمكى (ئەلى مۇئەللىمنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا) قاراخان بولسۇن، ئاستانە بولسۇن دۇرۇست ئادەملەر ئىدى. ئەمدى بۇ ئىش ئۈستىدە بۇنچە سەتلىشىپ يۈرمىسەك قانداق؟ ئەمدى توختاپ قالايلى. ھەممە ئىش ئايدىڭ بولدى مانا. ئەسەرنىڭ ھەقىقىي ئىگىسى چوپانى ئەپەندىممۇ تورغا كىرىپتۇ. ئەمدىكى مەسىلە قاراخان ئەپەندى سەمىمىيلىك بىلەن ئىپادە بىلدۈرسىلا بولىدىغان ئىش. قاراخان ئەپەندى، ئىدىيىدىن ئۆتمىگۈدەك نېمە ئىش بار ئىدى. ئېتىراپ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشنى ئېتىراپ قىلغۇلۇق. بۇ سەۋەبلىك سىزنىڭ قەددىڭىزگە يا كەتمەيدۇ يا ئىنسانىي پەزىلىتىڭىزگە نۇقسان كەتمەيدۇ. ئېتىراپ قىلمىسىڭىز بولىدىغىنى بولىدۇ. ئالىقاندەكلا ئېنىق ئىش بۇ. مەن بىلىدىغان، چۈشىنىدىغان ئالمىزارلىق قاراخان ھەقىقەتكە يۈزلىنەلەيدىغان دۇرۇست ئەركەك. لېكىن ھازىر گەپلىرىڭىزدىن چاك كېتىۋاتىدۇ.
ئاستانە بوۋا، سىزگە بولغان ھۆرمىتىممۇ زور ئىدى. ئەمدى ئازارلاشمىساق. بۈۋى رابىيە بىزگە شۇنداق ئۆگەتكەن: «باشقىلار ھەرقانچە سەۋەنلىك ئۆتكۈزسىمۇ ئەپۇ قىلىڭلار، لېكىن ئۆزۈڭلارنى ھەرگىز ئەپۇ قىلماڭلار!» تۇتىشىۋەرمەيلى.
چوپانى ئاكىمىزنىڭ تەلىپىمۇ يۇقىرى ئەمەس ئىكەن. بۇنى قىلىشمۇ تەس ئىش ئەمەس.
دوڭشى ھەرقانچە قوشۇمىسىنى تۈرسىمۇ شىشى بولالمايدۇ.
|