ئاستاغىنە...
بىر- بىر بېسىپ ئاستا كېلەي، ئاستا ئۆزۈم، ئاستاغىنە،
يارنى كۆرەي تۈڭلۈكىدىن، ئاستا كۆزۈم، ئاستاغىنە.
ئويغانمىسۇن، دۇنيا دېگەن جادى خوتۇن ئويغانمىسۇن،
چاقىرما ئەي... ئۆزى تۇيسۇن، ئاستا سۆزۈم، ئاستاغىنە.
يۇپۇق ياپقىن ئاي يۈزىگە قۇياش كەبى شەلپەر چېچىپ،
ئوت كەتمىسۇن ئايۋىنىغا، ئاستا يۈزۈم، ئاستاغىنە.
بەللىرىنى گۈل شاخىدەك ئەگگىن قولۇم، (مەن قورقىمەن)،
ئاھ، قوينۇمغا ئىختىيارسىز كىرسۇن گۈلۈم، ئاستاغىنە.
لەۋلىرىگە ئاپار لېۋىم ئابى ھايات پىيالەڭنى،
تۆكۈلمىسۇن يار لېۋىدىن ماۋى ئۆلۈم، ئاستاغىنە.
كەتكىن پۇتۇم يار ئۆيىدىن، (مەن كەتمەسمەن تا ئۆلگىچە)،
ئىشىكىدە قاراق بولۇپ قالسۇن كۆڭلۈم، ئاستاغىنە...
2014- يىل 22- ئۆكتەبىر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا غوجىمۇھەممەد تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-23 05:41