qaraxan يوللىغان ۋاقتى 2014-10-23 18:47
ئاستاغىنە ...
قاراخان
قاراخان ئەپەندى، سىز يازغۇچىلار تورىغا يوللىغان «ئاستاغىنە» ناملىق غەزەلنى كۆرۈپ ھەم سۆيۈنگەن، ھەم ھەيران قالغان ئىدىم. سۆيۈنگىنىم مەن بۇ غەزەلنى ياقتۇرۇپ قالغانلىقىم ئۈچۈن، ئەينى ۋاقتىدا «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ 1994-يىللىق 3-سانىدىن خاتىرەمگە كۆچۈرۈۋالغان ئىدىم؛ ھەيران قالغىنىم، توردا ئاپتورنىڭ ئىسمىغا «قاراخان» دېگەن نامىڭىزنى يېزىپسىز ھەم ئەسەر ئاخىرىدا ھېچقانداق بىر مەنبەئەنى ئەسكەرتمەپسىز. شۇڭا مەن سىزدىن: «بۇ غەزەل قاراخاننىڭمۇ ياكى چوپانىنىڭمۇ؟» دەپ سورىغان ئىدىم. سىز «چوپانىنىڭ» دەپ بېرىپسىز. مەن، قاراخان ئېھتىياتسىزلىقتىن ئاپتورنىڭ ئىسمى كېلىدىغان يەرگە «قاراخان» دەپ يېزىپ قويغان ئوخشايدۇ، قاراخان بۇ غەزەلنىڭ ئاپتورىنىڭ «چوپانى» ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىپتۇ، دەپ ئويلىدىم.
بىراق، سىز ئەتىسى بۇ غەزەلنى مىسرانىم تورىغىمۇ يوللاپسىز، ئاپتورنىڭ ئىسمىغا يەنىلا ئۆزىڭىزنىڭ نامىڭىزنى يېزىپسىز، ھېچقانداق مەنبەئەنىمۇ ئەسكەرتمەپسىز. ھەتتا باشقىلارنىڭ ئۇچۇرۇپ – ماختاشلىرىدىن مەستخۇشلىنىپ «ياق، بۇ غەزەل مېنىڭ ئەمەس، چوپانىنىڭ» دەپ تورداشلارغا ئەسكەرتىپ قويۇشنىمۇ ئۇنتۇپ قاپسىز. شۇنىڭ بىلەن مەن بۇنىڭ ئېھتىيارتسىزلىق ئەمەس، قەستەنلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. سىزنىڭ «بۇ غەزەل چوپانىنىڭ» دېگىنىڭىز ئەسلى «بۇ غەزەل مېنىڭ، چوپانى دېگەن مانا مەن» دېگىنىڭىز ئىكەن. شۇڭا مەن مىسرانىم تورىغا (
http://bbs.misranim.com/thread-130572-1-1.html): «بۇ غەزەل قارىخاننىڭ ئەمەس، چوپانىنىڭ، «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ 1994-يىللىق 3-سانىغا بېسىلغان» دەپ مەنبەئەنى ئەسكەرتكەن ئىدىم. بىراق سىز بۇنىڭغا قايىل بولماي، مىسرانىم تورىغا: «قايسى چوپانى؟ ئىسىم فامىلىسىنى ئېيتىش بىلەن بىرگە شۇ ژورنالدىكى شۇ ناملىق غەزەلنى بىرگە يوللاپ پىكىرىڭىزنى دەلىللەپ كۆرسىڭىز، مېنىڭ بۇ ئىشنى ئېنىقلاپ باققۇم بار...»، «توغرا بۇ ئادرېسقىمۇ (
forum.php? ... p;extra=&page=2) مەن يوللىغان،بىراق بۇ شېئىر سىز دەۋاتقان قايسى چوپانىنڭ، بۇ يەردە ئىككى ‹‹چوپانى››بولىشى مۈمكىن؟ چوپانى ئىككى بولسا بىرى مەن، ئەگەر بىر بولسا يەنىلا بىرى مەن...»، « 0000bahar سىز تەشەببۇس قىلغان چوپانى ھەم ئۇنىڭ مەزكۇر ئەسىرىنى ژورنال مۇندەرىجىسى ھەم ئەسلى ئەسەر بويىچە مۇنبەرگە يوللاپ باقسىڭىز، بۇ يەردە بىر قاتار مەسىلىلەر بار، مەن بۇ ئىشلارنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىنى تورداشلارغا ئورتاقلاشماقچى قېنى سىز ئازراق ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ پىكىرىڭىزنىڭ يەكۈنىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسىڭىز... » دەپ ئارقا ئارقا ئىنكاس يېزىپ، مېنىڭ دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىشىمنى تەلەپ قىپسىز.
سىزنىڭ بۇ ئىنكاسلىرىڭىزدىن تېخىمۇ ھەيراپ قالدىم. چۈنكى مەن ئەدەبىيات سېپىدە «چوپانى» تەخەللوسلۇق ئىككى شائىر (يازغۇچى)نىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىكەن. مېنىڭ بىلىدىغىنىم «سەمەندەر»، «ياغاچ مېدال» ناملىق رومانلارنىڭ ۋە بىر تۈركۈم شېئىرلارنىڭ ئاپتورى مۇھەممەد ئەھمەد چوپانى.
مەن تەلىپىڭىزگە كۆرە دەلىل – ئىسپاتلارنى يوللىدىم. يەنىلا «ئۇيغۇر ئەدەبىيات سېپىدە بىرلا چوپانى بار، ئۇ بولسىمۇ مەن، چوپانىدىن ئىككىسى بولسىمۇ ئۇنىڭ بىرى يەنىلا مەن» دېگەن قارىشىڭىزدا چىڭ تۇرسىڭىز، سىزمۇ دەلىل – ئىسپاتىڭىزنى كۆرسىتىڭ. بۇ «غەزەل»ىڭىز قاچان، قايسى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنغان؟ ھەقىقەت ئايدىڭلىشىپ كەتسۇن.