غەزەللەر
ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم
1
بىر كۆرۈپ، ئىككى كۆرۈپ ئالدىڭ كۆڭۈلنىڭ رايىنى ،
ئۈچ كۆرۈشتە باغلىدىڭ قەلبىمگە سۆيگۈ تارىنى .
تۆت كۆرۈپ ئىشقىمغا دەرد قوشتى خۇمارلىق كۆزلىرىڭ ،
بەش كۆرۈشتە ئاۋۇتۇپ باردىڭ پىراق غەليانىنى .
ئالتە كۆرمەكنى تىلەپ باردىم مەھەللەڭگە تالاي ،
كۆرگىچە يەتتە، بىلەرسەنمۇ يۈرەكنىڭ زارىنى ؟
ئاھ ئۇرۇپ سەككىز كۆرۈشكە ئىنتىزار يۈردۈم ئۇزاق ،
بەلكى بار توققۇز كۆرۈشتە، دەپ ۋىسال ئىمكانىنى .
ئون كۆرۈشنى ئىستەبان يىغلار تەبەسسۇم نالىتىپ ،
ياكى ئون بىر رەت كۆرۈپ قىلسۇنمۇ دىل ئىزھارىنى...
2
قاردا قارلىق تاشلىسام يەتكەيمۇ يارغا قارلىقىم ؟
پاك ساداقەت شەرتىنى قىلغان كۆڭۈل ئىزھارلىقىم .
يار مۇھەببەت شەھرىنىڭ كۆڭلى سۈزۈك سۇلتانىدۇر ،
نە ئەجەب بولسا قوبۇل ئۇشبۇ سەمىيمىي يارلىقىم .
قار كەبى ئاپئاق تىلەك بارمۇ نىگارنىڭ قەلبىدە ؟
بولسا گەر، يەتسۇن جاھانغا ئاڭا چىن دىلدارلىقىم .
يەرگە سىڭگەن قار كەبى سىڭسەم جانانىم باغرىغا ،
ئارمىنىم- شۇ ئاڭا كۈچ قوشسا ھاياتىم، بارلىقىم .
مەن بىلەن چاڭقاقلىقى قانسا، بېغى گۈلگە تولۇپ ،
بۇ مىنىڭ بەختىم، مۇرادىم، ھېچ ئەمەس دىشۋارلىقىم .
قارمۇ ئاق، كۆڭلۈممۇ ئاق ھەم بىغۇبار سۆيگۈممۇ ئاق ،
مەيدىگە قىسسۇن مىنى غۇنچە قىلىپ خۇمارلىقىم .
شۇ سەۋەپ، قارلىق بىلەن ئۇتسام جانانىم كۆڭلىنى ،
سۆيگۈمىز تارىخىغا داستان بولۇر ھەييارلىقىم .
3
بۇ ھايات بابىمغا تامغا باسقىلى كەلدى شېئىر ،
دىل كۆكىمدە كۈن بولۇپ نۇر چاچقىلى كەلدى شېئىر .
بىداۋا قەلبىمدە مىڭ ئارمان يېلىنجايدۇ ھامان ،
كۈيلىرىم ئۇدارىغا مۇڭ قاتقىلى كەلدى شېئىر .
كىشى كۆڭلى، بۇ ھايات- سىرلىق مۇئەمما، نائىنىق ،
ماڭا ھەمدەمدۇر جاۋابىن تاپقىلى كەلدى شېئىر .
ئىزدىسەم دىلكەش قەدىردان ئۇ كېرىپ چىقتى قۇچاق ،
رىشتىنى يۈرەك بېغىمغا چاتقىلى كەلدى شېئىر .
يىغلىسام ھىجران چۆلىدە قان يۇتۇپ، گاھ تەلمۈرۈپ ،
ئۆزىنى باغرىم نىشانلاپ ئاتقىلى كەلدى شېئىر .
كەينىدىن ماڭسام قايانغا باشلىسا تائەت بىلەن ،
قۇل قىلىپ، توۋا، قەلەمگە ساتقىلى كەلدى شېئىر ...
ئەي تەبەسسۇم ئىپتىخاردا تۇت ئاڭا گۈلدەستىنى ،
ساڭا << شائىرە>> مىدالىن ئاسقىلى كەلدى شېئىر .