بىـر دەريا سۈزۈك سۇ يارىمنىڭ ئىشقى، ئىـچىمدە ئۇسسايدۇ چەكسىز قوناقلىق. يېنىمـدا كىـشىلەر دوغـاپ ئىـچىـدۇ ، ھەسەتتىن لېۋىمنى چىشلەيمەن قاتتىق.
ئـايـدىڭغـا يـۆلىنىپ تۇرىـمـەن تـەنھا، مـوخـۇركـام لېـۋىـدە كۆيىـدۇ بىر تەن. ئـاشىقـلىق دەشـتـىدە چالـىمـەن دۇتتار، قـەلبـىمنىڭ سىرتىـدا ئولتۇرۇپ قەسـتەن.
قـارايـمـەن ئۆگـزەمـدە ياتقان ھىـلالغا، قـارايـمەن مـەلـەمنى كـەزگـەن شامالغا. ئـاخىـرى يـەنـىلا يـاقىـمـەن گـۈلخان، بىـر چۆگۈن ھەسرەتتىن پۈتكەن خىيالغا.
كـۆزۈمـدە چاچـلىرى چـۇۋۇلغان دۇنـيا، بـۇلبۇلـلار گۈلـلەرگـە قىلـغان خىيانەت. قـولـۇمدا ئـەڭ تاتلىق بىر تاۋاق زەھەر، قانىـغان ئىسـتەكتىن يانـغان جاراھـەت.
بىـر دەريـا ، دەريـادۇر يارىمـنىڭ ئىشـقى، ئىچـىمدە ئۇسـسايدۇ مـەن سۆيگەن ھايات. يېنـىمدىن بىـر ئـوكيـان ئېقـىپ ئۆتـىـدۇ ، پاھىـشە قىـزلاردەك سىـلكىشىپ قـانـات...
(ماۋزۇ سۈرەتنى ئابدۇرېشىت ئېلى تارتقان)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elqizi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-26 10:30
|