- UID
- 320
- يازما
- 124
- ھوقۇقى
- 1
- 真实姓名
- hojamuhammad kabiz
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 816
- تىزىملاتقان
- 2012-4-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-6-18
|
|
|
|
|
غوجامۇھەممەد قابىز
بۈگۈن سېنىڭ بايرىمىڭ ئانا
(ھەر يىلى ماي ئېيىنىڭ ئككىنچى
يەكشەنبىسى ئانىلار بايرىمى كۈنى)
گۈل ياغماقتا سەن ئۈچۈن ئانا،
بۈگۈن سېنىڭ بايرىمىڭ ئىكەن .
ياش لىغىرلار كۆزۈمدە بىراق،
سانچىلغاندەك باغرىمغا تىكەن.
بايرام دېدىم، ئۆرۈلدى ئۆپكەم،
كۆزلىرىمگە لۆم- لۆم ياش كەلدى.
ئانا دېسەم تەۋرىنىپ زېمىن ،
گۈلگۈن سىما، نۇر- قاياش كەلدى.
يىقىلغاچقا بىز يۆلەنگەن تاغ،
سىرىق تۈكتىن ئايرىلماي تۇرۇپ.
كۆز يېشىڭدا ئايلاندى تۈگمەن،
بىزگە ئانا ھەم ئاتا بولۇپ .
بىر ئۆي غېمى، ئىش- ئەمگەك غېمى،
بىر ساڭىلا يۈكلەندى ئانا .
سەبىيلەرنى قوشقىچە سەپكە،
چىنار بەستىڭ پۈكلەندى ئانا .
بىلمەپتىمەن ھاياتلىقىڭدا،
سېنىڭ بايرام كۈنۈڭنى ئانا.
مۇبارەك دەپ بوغۇلدى نەپەس،
ئاڭلىيالماي ئۈنۈڭنى ئانا.
ئۆتكۈزەلمەي بىر قېتىم بايرام،
بەكمۇ بالدۇر ئۇزاتتىم سېنى.
چۈشلىرىمگە كىرىسەن پات- پات،
پەرىشتىگە ئوخشاتتىم سېنى.
بايرىمىڭنى ئۆتكۈزدۈم بۈگۈن،
دۇئا بىلەن تۇپراق بېشىدا .
نەمدىلىپتۇ قەبرە ئوغلۇڭنىڭ-
يۈرىكىدىن ئاققان يېشىدا.
تەنتەكلىكىم- بەڭۋاشلىقىمنى،
ئارخىپىڭدىن ئۆچۈرگىن ئانا ..
مەن ئالدىڭدا مەڭگۈ بالىمەن،
سەھۋىنىمنى كەچۈرگىن ئانا.
يۈكۈندۈم مەن كېلىپ قەبرەڭگە،
يېقىپ سولغۇن يۈزۈمنى ئانا.
ئايىغىڭدىن جەننەت ئىزدەيمەن،
ئاڭلىدىڭمۇ سۆزۈمنى ئانا.
بۇ دۇنيادا بايرام قىلمىدىڭ،
بايرام پەيزى سۈرگەيسەن ئانا.
خىزمىتىڭدە بولسۇن ھۆرىلەر،
جەننەت يۈزى كۆرگەيسەن ئانا.
2007-يىل، 13- ماي
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elqizi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-12 02:20
|
|
|
|
|
|
|