جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1367 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 296|ئىنكاس: 6

«دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1168
تۆھپە : 59
توردا: 202
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 14:05:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


2.jpg



3.jpg


4.jpg



«دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى



      «دۇنيا  ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 1980-يىلىدىن بۇيان نەشر قىلىنىپ كېلىۋاتقان شىنجاڭدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق نادىر ئەدەبىي ژۇرناللارنىڭ بىرى . ئۇ 30يىلدىن بېرى  دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى نادىر ئەسەرلەر بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ  مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىپ ، ئۇلارغا ئېستېتىك ۋە بەدىئىي زوق ئاتا قىلىپ كېلىۋاتقان ، دۇنيا ئەللىرىنىڭ بولۇپمۇ غەرب كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بىردىنبىر مەخسۇس ژۇرنال .شۇنداقلا ئۇيغۇر يازغۇچىلار قوشۇنى ، تەرجىمانلار قوشۇنىنى يېتىلدۈرۈشكە تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان تۆھپىكار ژۇرنال .

  «دۇنيا ئەدەبىياتى » ژۇرنىلىدا ، چەتئەللەرنىڭ ئەڭ داڭلىق رومان-پوۋېستلىرى ، تاللانغان ھېكايىلەر ، داڭلىق شېئىرلار ، ئەدەبىي ئوبزورلار ، داڭلىق ماي بوياق رەسىم ۋە ھەجۋىي رەسىملەر تونۇشتۇرۇلىدۇ .


«دۇنيا ئەدەبىياتى» قوش ئايلىق ژۇرنال بولۇپ ، ھەر جۈپ ئاينىڭ 1-كۈنى نەشردىن چىقىدۇ.

نەشر قىلىپ تارقاتقۇچى ئورۇن : شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى

ئادرېسى : ئۈرۈمچى جەنۇبىي ئازادلىق يۇلى 348-نۇمۇر
تېلىفون : 18099607770
ئېلخەت ئادرېسى :
739682485@qq.com

پوچتا نومۇرى : 830001

خەلقئارالىق ئۆلچەملىك نومۇرى :ISSN 1005-1791

مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ژۇرنال نومۇرى : CN 65-1075/1

ژۇرنال ۋاكالەت نومۇرى : 52-58

باھاسى :    8.00يۈەن  



1.jpg


مۇھەررىر : ھەجەرگۈل تۇرسۇن




ۋىسال سەپىرىدە ئۇچىۋاتىمەن ، سېنىڭ ئىزلىرىڭ تامان . شۇنداق بىر ئۇۋا باركى زىمىندا ، سېنىڭ يۈرىكىڭ شۇ تىلسىملار بىلەن قورشالغان . دوزاخقا كىرسەممۇ رازى ئىدىم بىر ئۆمۈر ، كۈلرەڭ ئوت پۈركۈپ تۇرغان ئاشۇ ئۇۋا مېنىڭ ماكانىم بۇلىدىغانلا بولسا ...

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  905
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 56
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 14:43:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى ئۇيغۇر ئەدىبىياتىنى  چەتئەل ئەدىبىياتى بىلەن تۇتاشتۇردىغان كۆۋرۈك، شۇنداقلا يازغۇچى شائىرلىرىمىز ئۈچۈن ياخشى بىر ئۆرنەك...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  297
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 73
تۆھپە : 0
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 12:40:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بالىلىق چاغلىرىمدا مۇشۇ ژۇرنالنى ئوقۇپ، ئۆمەر سەيفىددىن، ساباھىددىن ئەلى، كەرىمە نادىر، چىڭغىز ئايتماتوۋ، گۇگۇل، ئۇسرال بىئاترى، بورگىس، ئەھمەد ئابباس (ھىندىستان)، جۇرجى زەيدان...قاتارلىق ئەدەبىيات پېشىۋالىرىغا مەپتۇن بولغان ئىدىم. ھازىرمۇ شۇ تەسىرلەر يۈرىكىمدىن كەتكىنى يوق.
بۇ ژۇرنال ئۈچۈن خالىس ئەجىر سىڭدۈرگەنلەرگە ئاللاھ يار بولسۇن.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1105
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 8
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-22
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ رەھمەت پىكىرلىرىڭلاغا.خۇرسەن بولدۇم.تېخىمۇ ياخشى پىكىر تەكلىپلەردھ بولىشىڭلانى ئۈمىد قىلىمەن.تاللىنىۈاتقان ئەسەرلەر توغرۇلۇق.مەنمۇ ھەم پۈتۈن كۈچۈم بىلەن داۋاملىق تىرىشىمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  102
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 272
تۆھپە : 4
توردا: 62
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-24
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Umidwar يوللىغان ۋاقتى  2012-5-12 12:40
مەن بالىلىق چاغلىرىمدا مۇشۇ ژۇرنالنى ئوقۇپ، ئۆمەر سەي ...

  ئۈمدۋار مېنىڭ كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىپتۇ، مەن بۇ ژورنالنىڭ بارلىق سانلىرىنى ساقلاپ كېلىۋاتىمەن. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن كېيىنكى بىر ئەۋلاد كىشىلەر قانداقلا بولمىسۇن بۇ ژۇرنالدىن ئايرىلماي كەلدى. بىز دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى كۆپلىگەن ئېسىل ئەسەرلەر ۋە ئەدەبىيات ئېقىملىرىدىن مۇشۇ ژۇرنال ئارقىلىق خەۋەر تېپىپ كەلدۇق. ئەينى يىللىرى ئۈمىدۋار ئىنىمىز دېگەندەك كەرىمە نادىرنىڭ «ئۆكسۈش»، چىڭغىز ئايتماتوۋنىڭ «ئالا ئىت قىياسى»...قاتارلىق ئەسەرلەرنى ھاياجان بىلەن ئوقۇغانلىرىم ھازىرمۇ ئېسىمدە. يەنە بىر قىزىق ئىش بار: قاچاندىن باشلاپ بېرىلىشكە باشلىدى، مۇشۇ ژۇرنالنىڭ ئاخىرقى بېتىدىكى پېدستۇروپنىڭ ھەجۋىي رەسىملىرىگە بەك ئامراقمەن. ژۇرنالنى قولۇمغا ئېلىپلا ئاخىرقى بەتنى ئاچىمەن، شۇ بەتنى كۆرۈپ بولۇپ ئاندىن مۇندەرىجىنى كۆرۈمەن. بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇ ژۇرنالغا كۈچ ئۇلاپ ئۈن-تىنسىز ئەجىر قىلىۋاتقانلارنىڭ قولى دەرت كۆرمىگەي.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  252
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 222
تۆھپە : 2
توردا: 37
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئەڭ دەسلەپتە بۇ ژورنالنى «كۆل بويىدىكى ئەما قىز»ناملىق ئەسەرنى ئوقۇش ئارقىلىق ياقتۇرۇپ قالغان.
ئۆزۈممۇ بىر تەرجىمە ھەۋەسكارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن،بۇ ژورنالنىڭ تەرجىمانلار قوشۇنىنى يىتىشتۈرۈشتىكى كۆۋرۈكلۈك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىشىغا تىلەكداشمەن.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  261
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 55
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنى تەرجىمان قىلىۋىتىشكە ئازلا قالغان ژورنال ئىدى بۇ، بىراق ئۆزۈم بوش كىلىپ قالدىم، بىراق بۇ ژورنالغا چەكسىز مىھرىم بار.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش