كۆرۈش: 5438|ئىنكاس: 17

«دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


2.jpg


3.jpg

4.jpg


«دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى


      «دۇنيا  ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 1980-يىلىدىن بۇيان نەشر قىلىنىپ كېلىۋاتقان شىنجاڭدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق نادىر ئەدەبىي ژۇرناللارنىڭ بىرى . ئۇ 30يىلدىن بېرى  دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى نادىر ئەسەرلەر بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ  مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىپ ، ئۇلارغا ئېستېتىك ۋە بەدىئىي زوق ئاتا قىلىپ كېلىۋاتقان ، دۇنيا ئەللىرىنىڭ بولۇپمۇ غەرب كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بىردىنبىر مەخسۇس ژۇرنال .شۇنداقلا ئۇيغۇر يازغۇچىلار قوشۇنى ، تەرجىمانلار قوشۇنىنى يېتىلدۈرۈشكە تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان تۆھپىكار ژۇرنال .
  «دۇنيا ئەدەبىياتى » ژۇرنىلىدا ، چەتئەللەرنىڭ ئەڭ داڭلىق رومان-پوۋېستلىرى ، تاللانغان ھېكايىلەر ، داڭلىق شېئىرلار ، ئەدەبىي ئوبزورلار ، داڭلىق ماي بوياق رەسىم ۋە ھەجۋىي رەسىملەر تونۇشتۇرۇلىدۇ .

«دۇنيا ئەدەبىياتى» قوش ئايلىق ژۇرنال بولۇپ ، ھەر جۈپ ئاينىڭ 1-كۈنى نەشردىن چىقىدۇ.
نەشر قىلىپ تارقاتقۇچى ئورۇن : شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
ئادرېسى : ئۈرۈمچى جەنۇبىي ئازادلىق يۇلى 348-نۇمۇر
تېلىفون : 18099607770
ئېلخەت ئادرېسى :
739682485@qq.com
پوچتا نومۇرى : 830001
خەلقئارالىق ئۆلچەملىك نومۇرى :ISSN 1005-1791
مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ژۇرنال نومۇرى : CN 65-1075/1
ژۇرنال ۋاكالەت نومۇرى : 52-58
باھاسى :    8.00يۈەن  


1.jpg

مۇھەررىر : ھەجەرگۈل تۇرسۇن



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-5-11 14:43:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى ئۇيغۇر ئەدىبىياتىنى  چەتئەل ئەدىبىياتى بىلەن تۇتاشتۇردىغان كۆۋرۈك، شۇنداقلا يازغۇچى شائىرلىرىمىز ئۈچۈن ياخشى بىر ئۆرنەك...

ۋاقتى: 2012-5-12 12:40:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بالىلىق چاغلىرىمدا مۇشۇ ژۇرنالنى ئوقۇپ، ئۆمەر سەيفىددىن، ساباھىددىن ئەلى، كەرىمە نادىر، چىڭغىز ئايتماتوۋ، گۇگۇل، ئۇسرال بىئاترى، بورگىس، ئەھمەد ئابباس (ھىندىستان)، جۇرجى زەيدان...قاتارلىق ئەدەبىيات پېشىۋالىرىغا مەپتۇن بولغان ئىدىم. ھازىرمۇ شۇ تەسىرلەر يۈرىكىمدىن كەتكىنى يوق.
بۇ ژۇرنال ئۈچۈن خالىس ئەجىر سىڭدۈرگەنلەرگە ئاللاھ يار بولسۇن.

ۋاقتى: 2012-5-22 21:26:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ رەھمەت پىكىرلىرىڭلاغا.خۇرسەن بولدۇم.تېخىمۇ ياخشى پىكىر تەكلىپلەردھ بولىشىڭلانى ئۈمىد قىلىمەن.تاللىنىۈاتقان ئەسەرلەر توغرۇلۇق.مەنمۇ ھەم پۈتۈن كۈچۈم بىلەن داۋاملىق تىرىشىمەن.

ۋاقتى: 2012-5-22 23:54:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Umidwar يوللىغان ۋاقتى  2012-5-12 12:40
مەن بالىلىق چاغلىرىمدا مۇشۇ ژۇرنالنى ئوقۇپ، ئۆمەر سەي ...

  ئۈمدۋار مېنىڭ كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىپتۇ، مەن بۇ ژورنالنىڭ بارلىق سانلىرىنى ساقلاپ كېلىۋاتىمەن. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن كېيىنكى بىر ئەۋلاد كىشىلەر قانداقلا بولمىسۇن بۇ ژۇرنالدىن ئايرىلماي كەلدى. بىز دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى كۆپلىگەن ئېسىل ئەسەرلەر ۋە ئەدەبىيات ئېقىملىرىدىن مۇشۇ ژۇرنال ئارقىلىق خەۋەر تېپىپ كەلدۇق. ئەينى يىللىرى ئۈمىدۋار ئىنىمىز دېگەندەك كەرىمە نادىرنىڭ «ئۆكسۈش»، چىڭغىز ئايتماتوۋنىڭ «ئالا ئىت قىياسى»...قاتارلىق ئەسەرلەرنى ھاياجان بىلەن ئوقۇغانلىرىم ھازىرمۇ ئېسىمدە. يەنە بىر قىزىق ئىش بار: قاچاندىن باشلاپ بېرىلىشكە باشلىدى، مۇشۇ ژۇرنالنىڭ ئاخىرقى بېتىدىكى پېدستۇروپنىڭ ھەجۋىي رەسىملىرىگە بەك ئامراقمەن. ژۇرنالنى قولۇمغا ئېلىپلا ئاخىرقى بەتنى ئاچىمەن، شۇ بەتنى كۆرۈپ بولۇپ ئاندىن مۇندەرىجىنى كۆرۈمەن. بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇ ژۇرنالغا كۈچ ئۇلاپ ئۈن-تىنسىز ئەجىر قىلىۋاتقانلارنىڭ قولى دەرت كۆرمىگەي.

ۋاقتى: 2012-5-23 01:02:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئەڭ دەسلەپتە بۇ ژورنالنى «كۆل بويىدىكى ئەما قىز»ناملىق ئەسەرنى ئوقۇش ئارقىلىق ياقتۇرۇپ قالغان.
ئۆزۈممۇ بىر تەرجىمە ھەۋەسكارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن،بۇ ژورنالنىڭ تەرجىمانلار قوشۇنىنى يىتىشتۈرۈشتىكى كۆۋرۈكلۈك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىشىغا تىلەكداشمەن.

ۋاقتى: 2012-5-23 21:35:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنى تەرجىمان قىلىۋىتىشكە ئازلا قالغان ژورنال ئىدى بۇ، بىراق ئۆزۈم بوش كىلىپ قالدىم، بىراق بۇ ژورنالغا چەكسىز مىھرىم بار.

ۋاقتى: 2013-12-16 18:39:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بۇ يورنالنى كۆل بويىدىكى ئەما قىز ناملىق ئەسەرنى ئوقىغاندىن بېرى ياقـۇرۇپ قالغان ئىدىم.ئۇزۇن بولدى ئوقۇپ باقمىغىلى.

ۋاقتى: 2014-7-23 23:45:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  ياخشى بىر كۆرۇك   ياخشى  پايدىلنايلى

ۋاقتى: 2014-7-24 11:30:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ژۆرنال ھەقىقەتەن ياخشى چىقىۋاتىدۇ.

ۋاقتى: 2014-9-16 19:06:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك مۇھەررىر بۇ ژورنالنى قانداق قىلىپ تاپشۇرۇپ ئالغىلى بولىدۇ مەن مۇشتىرى بولاي دىگەن ئىدىم

ۋاقتى: 2014-9-16 19:06:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ژۆرنالنى ھەقىقەتەن ياخشى كورۈمەن

ۋاقتى: 2014-9-16 20:46:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
OTKAX يوللىغان ۋاقتى  2014-9-16 19:06
ھۆرمەتلىك مۇھەررىر بۇ ژورنالنى قانداق قىلىپ تاپشۇرۇپ  ...

پوچتىدىن مۇشتېرى بولسىڭىز بولىدۇ، ۋاكالەت نومۇرى ئۈستىدە بار ئىكەن.

ۋاقتى: 2014-12-10 16:41:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ژۇرنالنىڭ ئاخىرقى بېتىدىكى پېدستۇروپنىڭ ھەجۋىي رەسىملىرىگە بەك ئامراقمەن. ژۇرنالنى قولۇمغا ئېلىپلا ئاخىرقى بەتنى ئاچىمەن، شۇ بەتنى كۆرۈپ بولۇپ ئاندىن مۇندەرىجىنى كۆرۈمەن. بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇ ژۇرنالغا كۈچ ئۇلاپ ئۈن-تىنسىز ئەجىر قىلىۋاتقانلارنىڭ قولى دەرت كۆرمىگەي.   
توغرا مەنمۇ مۇشۇ رەسىمگە ئامراق،پېدستۇروپ (دانىيە)دەپ ئوقۇيتتۇم...ئاتام بىزنى مۇشۇ ژورنال بىلەن تەمىنلەيتتى،ئۇلارغا (ئاتام،ئاپامغا)تۇيدۇرماي ئوقۇۋالىدىغىنىم ئېسىمدە...
مەنمۇ قايسى بىر يازغۇچىنىڭ ھە راست،ئابدىسۇپۇر ئېيتقان ناخشىنىڭ شېئىرىنى مەن مۇشۇ ژورنالدىن ئوقىۋىدىم...

ۋاقتى: 2014-12-10 17:00:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدا بۇ ژورنالنى بەك ئوقۇغان ھەقىقەتەن ئېسىل ئەسەرلەر بار بۇ ژورنالدا.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش