جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2092 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 39|ئىنكاس: 1

چەكلەنگەن مىۋە ‹شېئىر› [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  748
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 175
تۆھپە : 0
توردا: 25
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 12:33:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

        چەكلەنگەن مىۋە

ئۇ-
چەكلەنگەن مىۋە،
يەپلا سالساڭ ئېغىر گۇناھتۇر.
قول ئۇزىتىشقا ئىنتىلەر ھەر كىم،
تۇيغۇلارغا ئاراملىق بەرمەي .

ئۇ-
چەكلەنگەن مىۋە .
يۈرەكلەرنى دەي-دەيگە سالغان.
ئۇيقۇلارنى قىلغان ھەم ھارام،
بىر پارچە ئوت
              كۆيدۈرۈپ ئاتقان!

ئۇ-
چەكلەنگەن مىۋە،
شىرىنلىكى ئالەمچە لەززەت ،
باھاسى ھەم ئالەمچە قىممەت.
بەلكىم بەزىلەر ئالار يا ئالالماس،
تىرىك باشقا سالىدۇ كۈلپەت.

ئۇ –
چەكلەنگەن مىۋە.
قاراپ تۇرغان ئوتلۇق چېگرالار،
ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلانغان،
ئۇندا باردۇر تاغ ۋە جىرالار.

ئۇ-
چەكلەنگەن مىۋە.
ئادەم ئاتا ۋۇجۇدىنى ئېرىتىپ،
كۆڭۈللەرنى شادىمان ئەيلىگەن.
ئۇ
تاڭ سەھەردە ئېچىلغان غۇنچە،
يۈرەكلەرنى سۆيۈپ بەزلىگەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Segindim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-11 12:35  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  363
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 393
تۆھپە : 5
توردا: 45
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 12:31:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چەكلەنگەن مىۋىنى - قالتىس تەسۋىرلەپ قۇيۇپسىز ! بەرىكەتلىك بولۇڭ !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش