كۆرۈش: 900|ئىنكاس: 52

گۇگۇم سەيلىسى( شېئىرلار توپلىمى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66
يازما سانى: 209
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 506
تۆھپە : 3
توردا: 292
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 14:32:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

241b41511e38512eff68baf2399f0c83.jpg

7c2053f53a3d9c997ba33e03a142c22a.jpg




بىر دەملىك تۇيغۇ

(ئابدۇرىشىت ئىلى)

بىردەملىك تۇيغۇ

سېنى سۆيىمەن

چاچلىرىڭنى سىلايمەن

ئاندىن قۇلۇم پەسكە سىيرىلىپ

ئاستا ئۆزۈمدىن كېتىمەن چىقىپ.

ئۆزۈم بۇ يەردە قالىدۇ

سېنى قۇراشتۇرۇپ ئاۋارە بولىدۇ

ئۇ يەردە قاتىللىق يۈز بېرىدۇ

قېلىچىم پارە-پارە بولىدۇ قانغا مېلىنىپ.

ھەي... بۇ بىردەملىك تۇيغۇ

ئۆلۈمدىن يىراق

ھاياتتىن يېقىن.

تاملار سۇس كۈلۈمسىرەيدۇ

قۇراشتۇرغىدەك ھېچنېمە يوق

ياكى سۆيگۈدەك.

چاچلار مېنى دارغا ئاسىدۇ ـــ

يوق چاچلار.

قۇلۇم كۆكسۈمدە

دېرىزىدە تۈن ئوينار.

سېنى قەغەزگە سىزىمەن ـــ

يىرتىلغان قەغەزگە.

ئاندىن ئۇنى يەنە يىرتىمەن

ئۆلۈپ قالىسەن ئاخىر مۇكەممەللىك ئىچىدە.

2008-يىلى 22-نويابىر. تۈن يېرىم

ھېچكىم ئۈچۈن

(1) سەندىن باشلانغان

سەندىن باشلىنىدۇ

مېنىڭ يۇلۇم

مەندە ئاخىرلىشىدۇ

شۇنداق بىر تۇيغۇ.

سەندىن باشلانغان يولدا ھېچكىم ناخشا ئېيتار

جىمجىتلىق ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالار

قۇلۇڭدىكى ئەتىرگۈل

يامغۇرلىق كېچىنى ئەسكە ئالار.

بۇ يەردە جىنايەت يۈز بەردى

قان سۇۋىدى ئاخىر...

دېمەك، سەندىن باشلانغان

يېزىلىش ئالدىكى مۇشۇ شېئىر.

(2) ھېچكىم ئۈچۈن

بىر دەستە گۈلۈم بار

مۇھەببەتتەك گۈزەل، جەزبىدار.

ھېچكىم ئۈچۈن ئۆستۈردۈم ئۇنى

ھاياتىمنى قىلىپ يارىدار.

ھاياتىمدىكى ھەر بىر يارا ئېغىزى

ئاشۇ گۈل بىلەن باشلانغان.

ئاشۇ گۈل ياكى جاراھەت

ئايىغىم ئاستىدىكى تەكلىماكان.

يارام پۈتتى

گۈلدەستەم سۇلدى.

بارلىق ئۇرۇنۇشلۇرۇم ھېچكىم ئۈچۈن ئىدى!

ئەي مېنىڭ بىر دەستە گۈلۈم!

ئەي مەندىكى جاراھەت ئېغىزى…..

(3) ئاخىرقى شېئىر

ئۇ شۇنداق ئەركىن

ئۆلۈمدەك.

ناخشا ئېيتىدۇ، جىمجىت بىر ناخشا

ۋە كىرىپ كېتىدۇ شۇ ناخشىلارغا.

ئۇ ئاسماننى كۈيلەيدۇ

ئاسمان بارغانچە ئېگىزلەپ بارار.

ئۇ تۇپراقنى مەدھىيىلەيدۇ

تۇپراق ئۆزىنىڭ كۆكسىنى يارار.

ئۇ ھېچكىمگە تەۋە

ئۇنىڭغا تېخى ئىسىم قۇيۇلمىغان.

ئۇ ئۆتۈپ كەتتى ئالدىمدىن

... مەندىن باشلانغان.

ئۇ نەقەدەر قىسقا-ھە

ھېچكىمگە تەۋە بولمىغىنى ئۈچۈن

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

ماخمۇت يولۋاسنىڭ ھويلىسى

(ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم شېئىرلىرى)

تىرەكلەردىن

كەڭرى ئاسماندىن

ئۇچۇپ چۈشتۈم ھويلاڭغا.

ھويلاڭدىكى كىچىك ئېرىققا

تارتىنىپ ۋە يەڭگىل تولغىنىپ

كىرىپ كەلدىم ئاپتاپتەك كۈلۈپ…

مامكاپ گۈلى

مامكاپ گۈلىنىڭ يوغان قولى

ئېرىق بىلەن پاراڭلاشماقتا.

ماخمۇت يولۋاس

غەمگۇزارى قارلىغاچلارنىڭ

ئىرىنمەستىن ئۇۋا ياسايدۇ،

تۇخۇم چىقىرىپ ئۇچۇرۇم بولغۇچە

پىشايۋاننى ئادالىمايدۇ.

مۇڭدىشىدۇ قۇشقاچلار بىلەن،

سۆيۈشىدۇ كەپتەرلەر بىلەن،

توي قىلىدۇ تورغايلار بىلەن…

ئۈستىمىزدە قۇشلار سايراپ تۇرسىلا،

ئاستىمىزدىن سۇلار ئېقىپ ئۆتسىلا،

بەرىكەت شۇ ... ئايلىنىدۇ ھويلىمىزدا…

كاككۇك،

كاككۇك،

شاخلاردا كاككۇك

نەغمە قىلار زوق - شوخقا تولۇپ،

ئارمان نىمە خىلۋەت مەھەللىنىڭ

يۈرسەم سېرىق قۇشقىچى بولۇپ…

كالا مۆرەپ قالدى،

موزىيى زوڭزايدى تۇمشۇقىنى سوزۇپ…

بىر توپ كەپتەر چىقتى غۇييىدە

پاكار - پاكار تاملارغا قونۇپ

شامال ئۈنى چىقتى ئۇزۇتۇپ.

شامال ئەركىلەپ چىقتى ھويلىدىن

چىقتى توپا توزۇتۇپ،

ئۇچۇرتۇپ غازاڭنى، يوپۇرماقلارنى

چىقتى ئۇزۇتۇپ.

يوپۇرماقلار چاۋاك چېلىشىپ،

كۆك تىرەكلەر قالدى ئىرغاڭشىپ

قالدى ئېرىقتا سۇلار سۇ چېچىپ…

يامغۇر تامچىلىغان،

ئاپتاپ سۇغا چېچىلىپ تۇرغان،

مەجنۇنتال ئۆستەڭگە سايە تاشلىغان

ئۇزۇن كوچا مېنىڭ خىيالىم.

چېچىۋەتكەن سانسىز چېچەكلەر

دەرىزىدىن مارايدۇ كېچە.

ماخمۇت يولۋاس

ئېتىزلىققا يىغىلىپ قالغان

كىچىككىنە كۆلچەكتەك غېرىب

خىيالىمغا قالىدۇ كىرىپ…

چىڭقى چۈشتە كەلگەن قىز

چىڭقى چۈشتە كۈم نۇرى قىيا،

(ساڭا ئۇدۇل، ماڭا ئۇ قىيا)

ھەممە ئەگىپ بىھۇش بولىدۇ

پەيدا بولساڭ ئۆيۈم ئالدىدا.

ئاپئاق كۆينەك يانار ئۈستۈڭدە،

تۈمەن ئاتلار چاپار ئاستىڭدا.

مەشرەب كونا جەندىنى تاشلاپ،

غەزەل ئېيتىپ كېلەر ئالدىڭغا..

مەن يىقىلدىم چىملىق ئۈستىگە،

ئاق كۆينىكىم مىلىنىپ لايغا..

چىڭقى چۈشتە كۈن نۇرى قىيا،

ئىككى تال چېچىڭ بوينۇمدا…

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

سۇغا يېزىلغان خەت

(رەخىم ياسىن قاينامى)

سەن ھېلىھەم شۇ ئاسماندىمۇ؟

يىغلاۋاتقان بۇلۇتلىرىڭغا

تەسەللى ناخشىلىرىڭنى ئېيتىپ بېرىۋاتامسەن؟

مەست يىگىت ياسىغان يوللىرىڭنى

كۆكلەردىن مېڭىپ كېلىۋاتامسەن

ئۆيۈڭنى بۇلۇتتىن ياساپ

يۇلتۇزلارنى چىراق قىلىۋاتامسەن؟

ئۆيۈڭدىكى بۇلاقنىڭ تاتلىق سۈيىدە

ھېلىھەم بويلىرىڭنى چايقاۋاتامسەن؟

ئاۋازىڭ شامالنى ئۇرغۇتتى كېچە

ئۆلدى بىر يىگىت بايقاۋاتامسەن؟

سەن ھېلىھەم شۇ ئاسماندىمۇ

قاتقان شاقىراتمىلار قارا كۆزۈڭدە

ئۆلگەن دەريالار لەۋلىرىڭدە

يۇلتۇزلارنىڭ كىيىملىرى بەدەنلىرىڭدە

خەتلىرىڭ يېزىلغان سۈزۈك شۇ ھاۋا

كېرىپ سىرلىق قاناتلىرىنى

ئۇچۇپ يۈرەر ئۆيدە،ھويلىدا

ھەرىپلەرنىڭ قولىدا پىچاق،ھەرىپلەرنىڭ قولىدا…

قايتتۇق كۈندۈزلەردىن...

سەن ھېلىھەم شۇ ئاسماندىمۇ؟

بۇلۇت ئۆيلىرىڭنى سۈپۈرۈش ئۈچۈن

چاچلىرىڭنى بوغۇۋاتامسەن

ئەركىنلىك يارىدار قىلغان يېرىڭنى

ئىسكەنجە بىلەن تېڭىۋاتامسەن

سەن ھېلىھەم شۇ ئاسماندىمۇ

شۇ ئاسماندا مېڭىۋاتامسەن؟

ئوغلۇم ئۈچ ياشتا

مەن يېزىۋاتقان بۇ ھېكايىنىڭ

قۇيرۇغىدا ئۇخلايدۇ تاشلار...

مويۇنچۇر قاغان زامانىسىدا

نۇرغۇن ئايغىرلار

ھەيۋەت بىلەن ماڭدى چاڭئەنگە

شامال بىلەن مۈكۈشمەك ئوينار

ئوغلۇمنىڭ چۈشى ئەنە شۇ يەردە

تاپ چۈشۈڭنى

ئېپ قاچمىسۇن قارا قاغىلار

ھەيكىلىنى ئالتۇندىن ياساپ

قەبرىسىگە ئېلىپ ماڭغانلار

خەستىلىكنىڭ خازانلىرىنى

ئادەملىكنىڭ بۆيۈك تاجى دەپ

باشلىرىغا كىيىۋالغانلار

تاپ چۈشۈڭنى

ئۇ كەتمىسۇن جادۇگەرلەرنىڭ

پىنھاندىكى كەپىلىرىگە

تاپقىن ئۇنى چۈشۇۋالمىسۇن

شان-شەرەپنىڭ مەپىلىرىگە...

چۈشۈڭدىكى ئاق ئاتقا مىنگىن

ئون گۈلۈڭنىڭ تاپقىن بىرىنى

دالىلاردىن تېرىپ كەل ئوغلۇم

ئاتاڭنىڭ ئېزىلگەن سۈڭەكلىرىنى

ئەنە شۇ يەردە

مىڭ يىللىق ھەسرەتنىڭ ئىسكەنجىسىدە

ئاتاڭنىڭ سۈڭىكى كۈتىدۇ سېنى

بۇ سۈڭەك

تۇپراققا كۆمۈلۈپ ياتتى ئۈچ ئەسىر

بۇ سۈڭەك

ئاتاڭنىڭ كۆكسىگە پاتتى ئۈچ ئەسىر

بۇ سۈڭەك

تەننى قوشاققا قاتتى ئۈچ ئەسىر...

بۇ سۈڭەك

سادىر سېپىل تەشكەن سۈڭەك شۇ

بۇ سۈڭەك

يىلتىز ئىزدەپ كەتكەن سۈڭەك شۇ...

بۇ ھېكايىنىڭ

قۇيرۇغىدا ئۇخلىغىن ئوغلۇم

ئۈچ يېشىڭ بىلەن

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

ساڭا...

(غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد)

ساڭا بىر قەدەم- بىر قەدەمدىن

ئاسمان ئوردىسىنىڭ پەلەمپىيىنى ياساپ بېرەي

ساڭا بىر نەپەس- نەپەستىن

ئالەمدىكى بارلىق مەۋجۇداتنىڭ ئۆمرىنى ياشاپ بېرەي

ساڭا بىر تامچە- بىر تامچىدىن

ۋۇجۇدۇمدىكى بارلىق ئىرىق ئۆستەڭلەرنى باشلاپ بېرەي

ساڭا

تېنىمنىڭ گۈل- چىچەكلەر بەرق ئۇرغان نەۋباھارىنى

قەلبىمنىڭ پۈتمەس ئازابلاردا گۈرۈلدەپو كۆيۈۋاتقان ئەنھارىنى

كۆڭلۈمنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى كىشى خۇدانى سېغىنغاندەك چەكسىز ئىزھارىنى

روھىمنىڭ تەنھالىقنىڭ جىن- پەرىلىرى ناخشا ئىيتىۋاتقان قاراڭغۇ غارىنى

تاشلاپ بېرەي!...

ساڭا

تۈن جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ جەررە سېلىپ كېتىۋاتقان بۇ زور كارۋان

مەندىكى غىرىبانە جان!...

كەل...

ئالقنىنمغا كەل

تىرنىقىمنىڭ ئاستىدا ئولتۇر

بەرگىڭدىكى مەسست كىپىنەكمەن

لەۋلىرىمنى لېۋىڭگە تولدۇر...

بويۇڭ غۇۋا، شولاڭ قىلىچتۇر

ۋۇجۇدۇمدىن ئۆرلەيدۇ تۈتۈن.

جەسەدلەردىن بولىمەن ئۆرە

جەڭگاھ ئىچرە ھەر تاڭ سەن ئۈچۈن...

كەل

ئوڭ تەرىپىمدىن ياكى سول تەرىپىمدىن

ئۇخلاپ ئويغانسام چۈشۈمدىن

قولۇمدىكى قاتتىق زاغرىدىن

يانچۇقۇمدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئون تىيىن پۇلدىن

كەل

ماشىنىلارنىڭ كۆزىنى ئېتىۋىلىپ

ئادەم ئۆلتۈۋاتقان تۇمانلاردىن

تاملاردىكى كىيىمىنى سېلىۋىتىپ

ئەرلەرنى كۆيدۈرۈۋاتقان ئىلانلاردىن

كەل

شاراقلاپ سايراۋاتقان پۇللاردىن

ئۇنىڭ زىندانىدا ئىڭراۋاتقان قۇللاردىن

كەل

مەن سېغىنىشنىڭ قاپقاراڭغۇ ئۆڭكۈرىدە!..

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

رىزۋانگۈل

(چىمەنگۈل ئاۋۇت)

رىزۋانگۈل،

مەن ئوق ئاۋازىنى ئاڭلاپ باقمىغان.

جەڭگاھلارنى قىلساممۇ خىيال،

جاھان غەۋغالىرى ئۆزۈمگە ئايان .

رىزۋانگۈل،

ئوت يۈرەكسەن ،لاۋۇلداپ يانغان.

ماڭا ئوخشاش كۆيۈشلىرىڭ بار ،

دېيىشكە ئۈلگۈرمىگەن سۆيۈشلىرىڭ بار.

مەن تېخى ياشاۋاتىمەن،

سېنىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ ئۆلۈشلىرىڭ بار...

رىزۋانگۈل،

سەن قان كەچكەن،

مەن، ھايات قىسمەتلىرىنى كېچىۋاتىمەن.

سەن تۇغ تۇتقان،

مەن ،بوغۇزۇمدىكى يېغىنى يۇتىۋاتىمەن.

رىزۋانگۈل،

سەن

قىلچ كۆتۈرگەن يىگىتنىڭ يارىسىنى

داكا بىلەن تاڭغان.

مەنمۇ،

سۆيگەن يىگىتىمنىڭ

پۇتىدىكى يارىنى

بېشىمدىكى كۆك ياغلىقىم بىلەن تاڭغان!

سەن ئەلنىڭ قەھرىمانى،

مەن تۇرمۇشنىڭ...

سېنىڭ ئىسمىڭ رىزۋانگۈل،

مېنىڭ ئىسمىم چىمەنگۈل...

يامغۇر يېغىۋاتىدۇ

تاملارنىڭ كۆيىشىنى قىلىمەن قىياس ،

كىملەردىندۇر ئالغۇم بار قىساس !

سەن ئىكرانغا قاراپ ئولتۇرىسەن ،

يىغلاۋاتقان دېڭىزنى

كۆزلىرىڭگە سىغدۇرىسەن ...

چىراقلار ياندى!

سەلدەك ئېقىپ چىقتى ئادەملەر توپى،

سەن چىقمىدىڭ...

لەيلەپ يۈرەر،

بوشاپ قالغان ئورۇندۇق ئارا

قەلبىڭدىكى جاراھەت،

قەلبىمدىكى ھارارەت ....

ئاياق تېۋىشىڭنى ئاڭلىدىم ،

ئىشىككە

قولۇمدىكى كۈنلۈكنى يوشۇرغاچ،

بوغۇزىمدىكى يىغىنى يۇتقاچ قارىدىم.

سەن چىقمىدىڭ...

پەلتۇيۇمنىڭ ياقىسىنى كۆتۈرۈپ قويدۇم

مەن بىلىمەن،

سېنىڭ ئولتۇۇرغىنىڭ

توتىنجى رەت،بىرىنجى ئورۇن.

ئوڭ يېنىڭغا قارىساڭ

ئەگكۈڭ كەلمەس قىسمەتكە بويۇن.

قولۇڭدىكى بىرتال گۇل،

تىزىڭغا بېشىنى قويۇپ ئۇخلاپ قالار،

ھېجران لەمپىلەردىن چىپىلداپ ئاقار.

ئىشىك بېشىدىكى لامپۇچكىغا،

جىمجىت قاراپ تۇرۇپ قالدىم .

يانچۇقۇمدىن

سەن ئىبەرتكەن قەلەمنى ئالدىم.

ئىلان تاختىسىدىكى كېنو ئىسمىنى

سارغىيىپ كەتكەن تاملارغا يازدىم .

جېنىم !

يېزىۋىتىپ،

مېھرىم بىلەن نەچچە رەت ئازدىم .

ئېقىپ ئۆتتى ئالدىمدىن كېمە،

نەمخۇش چاچلىرىمغا ئۇرۇلدى شامال.

ئۇنىڭدا كۆرگۈنۈم،

توپان بالاسىدا ئامان قالغان،

ئۆز باغرىغا پىچاق سالغان،

مۇھەببەتتەك ئۇلۇغ،ئۆلۈمدەك گۈزەل

يالغۇز بىر ئايال.....

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

پۇتى بار يامغۇر

(ئەكبەر ئىمام كۆك بۆرە)

سەن كېلىشتىن بۇرۇن يامغۇر يىتىپ كەلدى ،

سېنىڭ زىلۋا پۇتۇڭدا مېڭىپ .

ھۆل بولمىغان دەرەخمەن يامغۇردا ،

قەدەملىرىڭ كۆكسۈمدە كەتتى ئېچىلىپ .

بىر تامچە يامغۇرنى قۇچاقلىدىم ،

بىر تامچە يامغۇرنى سىمۋول قىپ ساڭا .

بىر تامچە يامغۇر ئالقىنىمدىكى قاراڭغۇلۇقتا ،

كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى ماڭا .

ئەتە كەچتە يامغۇر ياغىدۇ . . .

ھاۋارايىدىن مەلۇمات بېرىدۇ بىر قىز ،

يۆل بوپ كەتكەن ئاۋازى بىلەن .

بىر ئۆرۈم چاچدەك دولقۇنلۇق بۇلۇت

ئۆزگەرمەكتە يامغۇرغا بەلكىم ،

بىر سىقىم ئىسسىق شامال بىلەن .

قۇش قانىتى چۈشتى تۇپراققا

بېلىق بېشى چېقتى ئاسمانغا

مەن يەر بىلەن كۆكنىڭ ئارىسىدا

ئىككىمىزنىڭ چوڭقۇرلۇقىدا

فېۋرال ئېيىنىڭ ئىسسىق قولىدا

يامغۇر دېگەن خەتنى يازدىم ئاسمانغا .

يامغۇرنىڭكىدەك پۇتى بار چاشقان

يامغۇر كەبىي تاراسلاپ سايراپ ،

كىرىۋالدى خىياللىرىمغا ، كىرىۋالدى يالغۇزلۇقۇمغا .

كېچە غەربتىن كېلىدۇ ئېقىپ ،

يۇلتۇز كۆكتىن چۈشىدۇ ساقىپ .

ئوماققىنە بىر تامچە يامغۇر

يەڭگىل دەسسەپ ئىككى پۇتىدا ،

گۈل ئىچىدىن چېقىدۇ مېڭىپ .

يامغۇر سېنىڭ پۇتۇڭدا مېڭىپ

پۇتۇڭ مېنىڭ كۆزۈمدە مېڭىپ

بىز تۈز سىزىققا كەتتۇق ئايلىنىپ .

مەن يۆل بوپ كەتكەن ئاۋازىم بىلەن ؛

پۇتى بار يامغۇر سېنى سۆيىمەن ! دەپ ،

يامغۇرنىڭ قۇلقۇغا قويدۇم پىچىرلاپ .

سەن كېلىشتىن بۇرۇن يامغۇر يېتىپ كەلدى

سېنىڭ زىلۋا پۇتۇڭدا مېڭىپ . . .

كېسەكتىكى ئايالنىڭ كۆزى

« بول ! » دېدى ئەڭ گۈزەل ئىجاتچى

توپىدىن ئەر چېقتى ، ئەردىن ئايال چېقتى . . .

سۇ ئىچىدە كېسەكنىڭ ئاۋازى ياڭرايدۇ

بالاغەتكە يەتكەن قىزنىڭ ئۈنىدە .

بىر سىقىم سۇمبۇل چاچنى تارايمەن جىمجىت

دۇئا ئوقۇغاچ تامنىڭ ئىچىدە .

يايلاقلارنىڭ يېشىل كۆزىدە ،

بىر ئايالنىڭ ھاياجىنى كۆكلەيدۇ .

ئەڭ قەدىمقى قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز ،

ئاتنىڭ كۆزىدە قاندەك چاقنايدۇ .

يايلاقتىكى يېشىل بىخ ئايال

ئەرلەر مىنگەن يېشىل ئات ئايال

ئەڭ قەدىمىي ئۇرۇشتۇر ئايال

بىر كېسەكلىك ئارالدۇر ئايال

ئات يايلىسىدەك چېچى بار ئايال ،

ئەركىنلىكىدە ئۆلىدۇ ئەرنىڭ .

ئات ئۈستىدە ئېقىۋاتقان قان ،

ئىپپىتى بوپ قاتىدۇ يەرنىڭ .

ئەر بول ! دېدى مەلىكە ، ئەر بولدى شاھزادە

كۆكسى تولغان كېسەككە قاراپ .

ئىككى ھاياجان پورەكلىگەندە ،

ئات تۇيىقى كەتتى سىقىراپ . . .

تامدىكى كېسەكتىن چېقتى ئېقىپ

ئەكبەر دېگەن ئايالچە ئاۋاز .

ھۆل بوپ كەتتى مېنىڭ كېسىكىم

تام ئۈستىدە قىلىپ پەرۋاز .

تام ئىچىدىكى كېسەكتە

لاي ئويناۋاتقان بىر ئايال

سۇدەك سۈزۈك كۆزىدە

چۆكۈپ كەتتى كۆزۈمگە .

گۈلنىڭ ھېكايىسدىكى مەن

بىلىمەن ،

توقۇلما بولىدۇ ھېكايە

سەن بىر ئۆمۈچۈك ، توقۇلغۇنۇم راست سېنىڭ ئىچىڭدە .

سەن خالىساڭ ئوقۇلغان ئۇيغۇر تىلىمەن ،

خالىمىساڭ ئۇنتۇلغان قەدىمئىي خەتمەن .

ئىشەنمەيمەن ئاۋازنىڭ مەۋجۇتلىقىغا ،

ئىشىنىمەن ئاۋازىڭنىڭ قۇرىۋاتقانلىقىغا .

تەنھالىقنى باغلاپ قويدۇم غېرىبلىقىمغا ،

ئىسپات تەلەپ قىلدىم سېنىڭ مەۋجۇتلىقىڭقا .

ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا

ئاسمان بىلەن سەن چۆكۈۋاتقان بوشلۇق بار .

ئاپتاپ يالىڭاچ ياتقان تامنىڭ ئۈستىدە

مەن چۆكىۋاتقان قاراڭغۇلۇق بار.

مەن سەن بىلەن سۆزلەشكەندە ،

ئاۋاز بېسىمىڭ كەتتى تۆۋەنلەپ .

مەن ھېس قىلىمەن تۇيۇقسىز ،

تېنىڭدىكى ئىگىزلىكدىن چۈشۈپ كەتكىنىمنى لەپىلدەپ .

بىر ئايالنىڭ يەتتە ياشلىق قولى

تاشلىۋەتتى بىر پارچە قەغەزنى . . .

مەن ھېكايەڭدە تەسۋىرلىنىمەن مۇشۇنداق .

سەن ھېكايە سۆزلەشنى داۋاملاشتۇرىسەن

مەندىن باشقا ھېچكىمگە .

بىلىمەن ، توقۇلما بولىدۇ ھېكايە

سەن ھېكايە توقۇغاچ

چۇۋۇشقا باشلايسەن مېنى چاندۇرماي .

ئىككىمىزنىڭ ئۈستىدە ئاققان بۇلاق بويىدا

شەكىل ئۆزگەرتىش سەنئىتىدىن كېيىن

مەن مۇشۇنداق توقۇلىمەن ھېكايەڭنىڭ ئاخىرىدا  .

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

كۆيۈپ كەتتى باغرىمدا بىر گۈل

(ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈ*رك)

كۆكسۇمدىكى نەمخوش چىملىقتا ،

كۆيۈپ كەتتى بىر تال ئەتىرگۈل.

گۈل شىخىدىن ئاققان ياش بىلەن ،

قات قىتىدىن نەمدەلدى كۆڭۈل.

بۇلاقلارنىڭ شەھلا كۆزىدىن ،

چاچراپ چىقتى بىر تىزىق مارجان.

قۇم شىلدىرلاپ ئاققان دەريادا،

تاشقىن ياساپ ئاقتى ھاياجان.

تۈننىڭ غەمكىن ياپراقلىرىغا،

سىڭىپ كەتتى مۇڭلۇق بىر ئاۋاز .

پۈرۈشتۈرۈپ ئوماق لېۋىنى،

ئۇخلاق قالدى يۈرۈكۈمدە ياز .

بىر سۆز

شاش ئاتتەك تاراقلاپ ئۆتسە يىنىمدىن ،

كۆيىدۇ لېۋىمنىڭ ئۇچىدا بىر سۆز.

يۈرۈكۈم بىر ناخشا ئىيتار ھىلىھەم:

<<قارا كۆز ،قارا كۆز،جانىم قارا كۆز >>

كەتسىمۇ ئاشىقلىق مەيلىمنى سوراپ ،

ياشارمەن قوقاسقا كۆموپ سىرىمنى .

سۆيۈلمەي قالساممۇ ھاياتتا ئەمما ،

تۆككۈم يوق ئالدىڭدا تامچە يېشىمنى .

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

تويوڭ بولغان كۈن

(ھاۋاخان ئەخمەت نىھالى)

باغاق بىرىپ يۈرمەسسەن ماڭا،

تارقىلارمەن باغاق بولوپ مەن.

ياش تۆكۈپمۇ كۈلەرمەن يەنە،

بەختىڭ ئۇچۇن توۋلانسا ئۆلەن.

مىھمان بولوپ بارالماسمەن ئاھ،

كۈتەلمەسمەن مىھمىنىڭنى ھەم.

قۇيۇلارمەن رومكاڭغا پەقەت،

كەيىپ قىلسا سىنى دەرت-ئەلەم.

لەيلەپ قالار چەكسىز ئىغىر مۇڭ،

تونوش يولدا ئۆتسەڭ قىز يۈتكەپ.

تونومايمۇ قالارمەن بەلكىم،

كۆز يىشىمدا كەتسەڭ چىچەكلەپ....

پىنھانلارغا مۇكەرمەن جىمجىت،

قۇلۇقۇمنى ئىتىپ بەزەن چىڭ.

ئارمانسىزتىم ئىھ ئاشۇ كېچە،

كىرىۋالسام چۈشۈڭگە سىنىڭ.

يالغوز ئۆت

ئايلىنىشتىن توختاپ قالار يەر ،

بىر قىز بىلەن ياندىشىپ ئاستا،

ئۆتۈپ قالساڭ ئالدىمدىن ئەگەر.

كۆيۈپ كېتەر ھەسرەت ئەۋجىدە،

روھىمدىكى سەن قالدۇرغان ئەس .

قايسى يولدىن قايتىسەن يالغۇز ،

ئىھ مەن سىنى ساقلايتتىم بىر پەس .

قاچان ساڭا يانداشسا جانان،

كۆيەر يوللار ،كۆيەر زىمىستان.

ئازاپ نىمە؟بىلمەيمەن ئەمما ،

كۆز يىشىمدا لەيلەيدۇ جاھان.

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

كۆك خېنىم

(مەھمۇت ھېيىت مەھدى )

باھارنىڭ كۆكسىدە كۆپكۈكتۇر ئاسمان ،

كۆك خېنىم ،باشلىغىن بۇغداي سۆزۈڭنى .

ئېرىقتىن كەلگىنى سۆيگۈ ئېتىقاد ،

چېچەكلەر ئېچىلىپ كۈيلەر ئىزىڭنى .

بىر قوياش بىر زىمىن بىر دانە بۇغداي ،

كۆكلەيدۇ رىۋايەت ئىچىدە چۈشلەر .

بۇ دۇنيا ئەسلىدە ياغلىق قاپاقتۇر ،

كۆيمەكتە گۈلخاندا سانسىز سۆيۈشلەر .

موقاملار داپتىكى داننىڭ ئاۋازى ،

داپ چالغان قوللارنىڭ قاينايدۇ قېنى .

توزىماس گۈللەرمۇ ئېچىلىپ كەتتى ،

كۆكتىكى چالمىنىڭ چاقنايدۇ رېڭى .

كۆك ئۈندى ياشاردى بارچە كائىنات ،

كۆك ئۈندى باشلاندى قۇشلارنىڭ تويى .

شىلدىرلاپ ئاققان سۇ يىتەر پەللىگە ،

كۆك ئۈندى باھارنىڭ يورىدى كۆزى .

كۆك خېنىم ،سەن بىلەن باراي تاڭلارغا ،

چۈشلەرگە تولدى شوخ كۆڭۈل بويلىرى .

يەلكەمنى مەڭزىمنى سىلايدۇ شامال ،

قولۇمدا تەبئەت ئوماق قوللىرى .

يىشىنەر دەرەخلەر ھارارەت ئۈچۈن ،

يوپۇرماق تېنىدە يۈرەك يارىسى .

بىر مىسرا شېئىرغا ئوخشايدۇ ئەجەپ ،

كۆك خېنىم، بېغىڭدا ئۈرۈك غورىسى .

مىنىڭ بىر چۈشۈم بار

مىنىڭ بىر چۈشۈم بار قىپقىزىل گۈلدەك ،

بىر قىزنىڭ يېشىدەك تۇرغان تاراملاپ

دەريالىرىدا شاۋقۇنلار بىر كۈي

ھېلىقى ھاياجان كەتكەندە ئۆرلەپ ،

دەرەخنىڭ شېخىغا ئېسىلغان قولۇم

تۇرىدۇ ياپراقلار ئارا پۇلاڭلاپ .

چۈشۈمنىڭ سايىسى بىر پارچە شېئىر ،

ئۇ يەردە مۇڭلانغان بىر جۈپ قارا كۆز .

مەجنۇنتال بىلىدۇ سۆيگۈ ھەققىدە

قانچىلىك ئېچىلدى پىچىرلىغان سۆز .

مىنىڭ بىر چۈشۈم بار كۆز بار ئىچىدە ،

كۆزىڭنى قارا دەپ ئىپادە قىلدىم .

مىنىڭ بىر چۈشۈم بار سۆز بار ئىچىدە ،

سۆزىمنى گۈللەردەك ئىشارە قىلدىم .

ئۇ يەردىن كىلىدۇ دەرەخ ھەسرىتى ،

چىچەكلەر يىلتىزى قۇرىغان خىيال .

ئۇ يەردىن كىتىدۇ تەمكىن بىر كۈتۈش ،

ۋىسالدەك سۆيۈملۈك قاپقارا سۇئال ،

نۇرلارنىڭ مەنىسى نىمە بولىدۇ ؟

بۇ يەرنى ئۇنتۇشقا تاپقاندا ئامال .

رىۋايەت ئەمەسمەن ،ئورمانلىقتىكى ،

قۇشلارغا دىمىدىم ھەممە دەردىمنى .

تاملارنىڭ ئالدىدا ئولتۇرسام بىردەم ،

جىمجىتلىق تۇيۇقسىز بۇزدى كۆڭلۈمنى ،

كىچىگە ئامراقمەن شۇنچىلىك ئامراق ،

ئەسەبىئىي ئېچىلدىڭ يۇمسام كۆزۈمنى .

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

سۇ ئىزدەش

(ئالىمجان قاسىم)

جىمجىت چۈشلەر يالقۇنجىماقتا،

بىر تامچە ياش ئايلاندى تاشقا.

غەم ئىچىدە غەملەر ياندۇرۇپ،

مىڭ سەۋدالار چۈشتى بېشىمغا.

قاقاس بىر قەلبتە يۈگۈرمەكتىمەن،

كۆرۈنمەس كۆزۈمگە ئىزدىگەن دەريا.

مەنىسىزلىك مېنى قات-قات ئورىغان،

قېرىپ كەتتىم بىر كېچىدىلا...

مەن تەنھامەن گويا قۇملۇقتەك،

مەن يالغۇزمەن تەنھالىقىمدەك.

بىر تامچە سۇ كىرەر چۈشۈمگە،

مەن ئۇنىڭدا لەيلەيمەن پەيدەك.

بىلىمەن شۇ بىر تامچىلا سۇ،

مېنى غەرق ئەيلەر باياۋانىغا.

بىراق، مەن ماڭىمەن ئالدىمغا دادىل،

تېپىلار ئاخىرى ئىزدىگەن دەريا...

بىر يۈرەك جىمجىتلا  تاراتماقتا نۇر

ﻗﯘﺭﯗﺗﻼﭖﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻛﯚﻟﭽﻪﻛﺘﻪﻙ،

ﺭﻭﯩﻤﺪﺍ  ﻳﯩﺮﯨﯖﻼﭖ  ﺗﯘﺭﺍﺭ  ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺭﺍ .

ﺷﯘﻛﯩﭽﯩﻚ ﻛﯚﻟﭽﻪﻛﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ،

ﻣﺎﯕﺪﯨﻤﻤﻪﻥﺟﯩﻤﺠﯩﺘﻼ ﺑﺎﻻ - ﻗﺎﺯﺍﻏﺎ.

ﯬﯓﮔﯜﺯﻩﻝ ﺭﻩﯓ ﺋﯩﺪﻯ ﮔﻮﻳﺎ ﺎﻳﺎﺟﺎﻥ،

ﯰﻧﯩﯖﻐﺎﻳﯧﺘﻪﻟﻤﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ ﯧﭽﻨﯧﻤﻪ .

ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺗﺎﻝ ﺩﺍﻧﻨﻰ ﺗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﭖ،

ﯪﻻﺗﺘﻰﻣﯧﻨﯩﯖﺪﯨﻦ ﯴﻥ - ﺗﯩﻨﺴﯩﺰ ﯞﻩﺩﻩ.

ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﯩﻢﻛﯚﯕﯜﻟﻨﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﯩﺪﺍ

ﯪﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻏﻪﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﯕﺎﺗﺘﻰ ﺎﻣﺎﻥ.

ﯪﺯﺍﺑﻨﯩﯔﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﯮﺭﻣﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ

ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺷﯘ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﯩﺪﻯ ﻣﯧﺮﯨﺒﺎﻥ.

ﻣﻪﻥﺩﺍﺩﯨﻞ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﭗ ﺎﻳﺎﺗﻘﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ،

ﻣﺎﯕﺎﺗﺘﯩﻢﺗﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ.

ﻣﯧﻨﯩﯔﺑﯘ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺑﻪﺧﺘﺴﯩﺰﻟﯩﻜﯩﻢ،

ﺑﻪﺭﺑﺎﺩﻟﯩﻖﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ ﭘﺎﺭﻻﭖ.

ﻟﯧﻜﯩﻦﻣﻪﻥ ﯪﺧﯩﺮﻯ ﻳﻮﺭﯗﻕ ﺩﺍﻟﯩﻐﺎ

ﭼﯩﻘﺎﺗﺘﯩﻢﺧﯩﻴﺎﻟﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺗﯘﭖ.

ﻣﯧﻨﯩﯔﺑﯘ ﺳﯚﻳﮕﯜﺩﻩﻙ بەختسىزلىكىم،

ﻳﺎﺭﯨﻤﻨﯩﯔﯪﻟﺪﯨﺪﺍ ﻳﺎﺗﺎﺭ ﻗﺎﻥ ﻗﯘﺳﯘﭖ.

ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ ئەمدى،

ﻛﯚﺯﻳﺎﺷﻘﺎ ﭼﯩﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻪﺧﺖ ﻪﻗﻘﯩﺪﻩ.

ﺑﯩﺮﻳﯜﺭﻩﻙ ﺟﯩﻤﺠﯩﺘﻼ ﺗﺎﺭﺍﺗﻤﺎﻗﺘﺎ ﻧﯘﺭ،

ﯲﺯﯨﻨﯩﯔﭘﺎﻳﺎﻧﺴﯩﺰ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻜﯩﺪﻩ...

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

قەلبىمنى قايتۇرۇپ بەر

(ھاياتنۇپۇس مۇھەممەت )

قەلبىمنى قايتۇرۇپ بەر!

ساڭا سادىق مەھبۇسمەن ئازاب!

دۇنيا كۆزى سىرغىتقان ھەر تامچە ياش

يولدىن ئازغان ھاياتلىق باللىرى

پاناھ يىلەر مېنىڭ روھىمدىن.

بوران سوققان ھەر بىر گىياھتا

يۈرىكىمنىڭ تىتىرەكلىرى بار...

سىرغىپ چۈشكەن ھەر بىر يوپۇرماق

يۈرۇكۈمدىن يۈتكەن بىر بىر ۋاراق.

ياشاش ئۈچۈن كاپالەت بۇ دىپ

رېئاللىقنىڭ قۇرغاق قوللىرى

تىلسا بار مەۋجۇداتنى

تىلغىنىدۇ ئۇ ئۈچۈن روھىم

ھەر بىر زەخمە يىگەن ئىزلارغا

مەلھەم بولماق بولار كۆز -يېشىم

قايتۇرۇپ بەر مېنى سېغىنىش!

ئۆلۈك جانلار ئۈچۈن كۇنۇ-تۈن

تىلاۋەتتە ئۆتمەكتە ئۆمرۇم

بىر سەمىمى ھاياجان بىلەن

قوياش نورى توككەن گىياھتىن

ھەر بىر كىچىك جاندىن

قايىتسا دەيمەن سادايىم ئۈنۈم.

نورى خىرە كۆزلەرگە گۈنگە

سوغۇق تەككەن نېمجان تەنلەرگە

مېھىر ئىزدەپ كۈيەر ۋۇجۇدۇم.

سېغىنىش...

ئالۋۇن ماڭغان تۈمۈز ئسسقتا

تەلمۇرگەن لەۋلەردە،

بىر تەشنالىق تۇرار گەز بولۇپ.

ھالسىرىغان كۆزلەر تەكتىدە

مېھىر تىلەپ ھوۋلار تەنھالىق

تەنلەر تەنگە تېگىشىمۇ گەر

سۆيۈش سوغوق رىتىملار سوغوق.

ھەۋەس بىلەن تاشلانسا نىگاھ

ھەۋەس سوغۇق تۇيغۇلار مۇزلۇق.

كۆيۈپ تۇرار جىسمىم ئسسىقتا

روھلار سوغوق تىنىقلار مۇزلۇق...

ھاياتلىقنىڭ ھەر بىر تىۋىشى

يوقىتىدۇ ئېرىشىش ئۈچۈن

ئەتىسىنى بۈگۈن ئۈمىدسىز.

سېغىنماقتا ئۆزىنى قايتا

بىلىشىنى يۇقىتىپ پاكىز

تۇغۇلۇشنى سەبى سىياقتا.

ئادەم بارمۇ ئويغاق بۇ يەردە

سەمىمى قەلبىنى سىغدۇرالغۇدەك؟

جىلۋە قىلسا سەمىمىي تىلەك

سىغدۇرىدۇ ئۇنى قاي قەلىب؟

ئېتىبارسىز قالغان بۇلۇڭدا

يېغلاپ قالدى ئوماق تەنتەكلىك.

ھەي...سەمىمىي كۆز ياشلىرىمنى

كۆرسىتىشتىن قاچىمەن بۈگۈن

سىرغىپ-سىرغىپ كىتىسەن ئۈنسىز!

دەرت توككۈدەك تىلەك بارمۈ؟!

تۇنىغۈدەك يۈرەك بارمۇ؟!

بار ئاۋازدا توۋلىسام ئۈنلۈك

يۈتۈپ كەتتى ئۈنى رېئاللق

قەلبىمنى قايتۇرۇپ بەر!

غاجىماقتا ئۇنى رېئاللىق!

سەمىمىي ئازابمەن

ساددا كەچۇرۈممەن

ئوماق ھەسرەتمەن

چوڭقۇر سېغىنىشمەن...

سېغىنىمەن باللىق كەبى تەبىئىلىكىمنى

سېغىنىمەن سەمىمىي ئاغرىنىشنى

كۈلۈپ باققان شۇم چىرايلاردا

نەبىر ئاچچىق نەبىر تاتلىق تەم

بىلىنمەيدۇھېچبىر ئىپادە.

نىيەتلەرنىڭ ساختا مەيدانى

ھارارەت يوق،غەزەپمۇ يوق ھەم،

سېتىلغان ئۇ جاھاندارچىلىقتا

سانچىساڭمۇ مىڭ يەرگە يېڭنە

بىر تىمىم قان چىقماس كۆزلەردىن.

ھاياجانلىق كۈلكىمۈ يۈتكەن

قېتىپ قالغان ساختا قارچۇقتىن.

مەن مۈشۈلار ئارىسىدىمەن

كىم كىمدىن مېھىر تىلىدى؟

كىم كىمدىن سەدىقە تىلىدى؟

ئىنساپ تىلەپ قىلىنغان دۇئا

كىملەر ئۈچۈن ماتەملىك يېغا؟

قەلبىمنى قايتۇرۇپ بەر...

كوچىدىكى تاڭ تاڭ سوغۇقتا

توڭلاپ تىتىرەپ ۋىجىك گەۋدىسى

كۆكىرىپ كەتكەن مايلامچى بالا.

قەلبىمنى قايتۇرۇپ بەر...

سۆيگۈ ئىزلەپ بولۇپ سەرسانە

ھەر دوقمۇشتاچېچىپ كۆز يېشى

يۇقىۋاتقان نازۇكلىقىدا

قەلبى قۇرۇق تونۇش قىز بالا!

قەلبىمنى قايتۇرۇپ بەر...

مېھىر بىرىپ بىر ئۆمۈر ئاخىر

مېھىر سىراپ ياش توككەن تەنھا

ياشانغاندا ئاھ مىسكىن ئانا!

قەلبىمنى قايتۇرۇپ بەر...

سۆيگۈ ئىزدەپ،ئىللىقلىق ئىزدەپ

تىنەپ يۈرگەن ھارغىن كۆزلەردە

قېتىپ قالغان ھەسرەتلىك يېغا...

قەلبىمنى قايتۇرۇپ بەر...

ياشاش ئۈچۈن ياساپ چىقىلغان

مەجۇت قۇرغاق رېئاللىق يەنە!...

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

زۇمرەتكە بېغىشلاپ

(مۇتەللىپ مەنسۇر ئوۋچى )

تۈن ھەرىپلىرى ئارىسىدىكى چىغىر يولدا

يۇلتۇز نۇرلىرىدا

تاتارغان شاماللارنىڭ ئالقانلىرىدا

سېنىڭ ئاۋازىڭنى ئاڭلاپ قالىمەن

ئويغانغاندا ياكى ئۇخلىماقچى بولغاندا

سۇ چېچەكلىرىدە سەن

تاش ئەمچەكلىرىدە سەن

مېنىڭ ئوغۇزرەڭ ھېجرانىمدا

مېنىڭ سوۋۇپ كەتكەن پىشانەمدە

ئايىغىم ئاستىدىكى چىغىر يوللاردا

تاغلار جىممىدە

يەلكەمدە؛

سۇلار جىممىدە

كۈلكەمدە؛

زامان پارتلاۋاتقان مۇشۇ ئەسنالاردا

تاغدىن ئېغىرسەن

سۇدىن يىراقتا

كۆزۈڭ ئورمانلىقلىرىدا

بوينىغا قوڭغۇراق ئاسقان جەرەن

بۇلاقلاردىن ھالقىپ

سۇ ئىچىدۇ گۇگۇمدا

مېنىڭ ھارارەتلىك تەبەسسۇمۇمدا

تاملاردىن -تاڭلارغىچە

شامدىن خۇپتەنگە

سۇدىن -چېچەككە.

ھويلام

سىرىن گۈللەر قېتىپ قالغان گۈللۈكنىڭ

مايقوڭغۇزىدىن يالتىراۋاتقان ئەشۇ

نۇر چەمبىرەكلىرى سايىسىدا

بوسۇغىدا ياكى يولدا

سەن تۈپەيلى مەن پويىز ئاستىدىن  قوپتۇم

سەن تۈپەيلى مەن شائىرلىقتىن ۋاز كەچتىم

سەن تۈپەيلى مەن كۆكسۈمگە قىزىل لاتا تاقاپ

كۆزۈمنى يۇمدۇم...

زامان بىر لەھزە

زامان -ئىستاكان

سوغۇق سۇمىز ئىككىمىز ھامان.

ھەيكەل

«كۆزۈمدىن يىت زامان، كۆزدىن يىت ماكان»

مۇزلىغان قەلبىمدە رەڭگىڭ كۈل سىياق.

ئۈن تىنىسز كەلمەكتە گويا مەن تامان

رەھىمسىز بىر تەقدىر باسقانچە ئاياق.

مەن ئەما سازاندە، قولۇمدا زىلتار،

سۆيگۈنىڭ كۈيىگە كۈيلەيمەن مۇڭلۇق.

مۇزدەك سوغ شاماللار پېشىمنى تارتار

قوشۇلۇپ كېتەرمەن قارلارغا تولۇق.

ئاھ ،سەن قار، نەقەدەر ئاقسەن بەكمۇ ئاق

ئوخشايسەن نەپرەتنىڭ چېچەكلىرىگە.

دۇنيادا مەڭگۈلۈك تاقمەن، مەڭگۈ تاق

يۈكۈنۇپ سۆيگۈنىڭ ئېتەكلىرىگە.

رەھىمسىز سەلتەنەت ئېزەر ئۇن قىلىپ

توزاندەك توزۇيمەن،كۆككە ،ھاۋاغا.

ناخشىلار ئالىسەن يۈرەكنى يېرىپ

ئاندىنچۇ؟ قوغلايسەن ھەيدەپ تالاغا.

مەن گويا قار ھەيكەل...ھىسسىز، ناۋاسىز،

قاراڭغۇ كېچىگە قەددىنى كەرگەن.

مۇزلۇتۇپ قەلبىمنى، لىكىن باھاسىز

دۇنياغا مەڭگۈلۈك مۇھەببەت بەرگەن....

----------------------

ئىزاھات: تۇنجى مىسرا ئاننا ئاخمىتوۋانىڭ.

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

ئۈچ شېئىر

مەخمۇتجان يانتاق))

ﺗﻮﭘﯩﺪﺍ ﻳﯘﻳﯘﻧﯘﺵ

ئەڭ رەزىل تۇيغۇلار كۆيدى يالقۇنجاپ،

ئاسماننىڭ چېكىنى چەكمەكتە ئىشىك.

بىر غېرىب ئادەمنى يالمار ئۈستىباش،

بۇ ھايات قىرتاق ھەم قوپال ۋە يىرىك...

كەزگۈم بار ئاخىرقى خارابىلەرنى،

توپىنىڭ ھىدىنى تىك تۇرۇپ بىلدىم.

ئادەملىك قەدرىمنى ئەسلەتتى دۇنيا،

ئۆزۈمنىڭ كۆزىنى ئۆزۈم كور قىلدىم.

ماڭىمەن يەنىلا يۇپۇرماق دەسسەپ،

ئىزلىرىم كۈيىدە زارلاش چاقنىدى.

مەن بۈگۈن سۆيگەن شۇ يېڭى تاملارنىڭ،

يۈزىدە ئىككى جان ... تەنھا ئاقمىدى.

ﯬﯓﯪﺧﯩﺮﻗﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﻳﯘﭘﯘﺭﻣﺎﻕ

مەستانە بولىمەن كوناچۈشلەرگە،

دېرىزەم قەھرىدىن تىترەيدۇ كوچا.

قىينايدۇ ئاخىرقى بىر تال يۇپۇرماق،

ئۈزىمەن توختىماي ئاقماس قان ئارا.

ئۆزۈمنى ئۆلتۈرگۈم يوقتۇر قەۋەتلا،

نىگارىم يۇشۇرۇن بەرگەن پىچاقتا.

دەردىمنى ئاۋۇتۇپ بارىدۇ كېچە،

مەن يەنە كۆيىمەن ئوتسىز ئوچاقتا.

قەرزدار بولدۇممەن قەدەملىرىمگە،

ساتقۇم يوق ئارقامدا قالغان ئىزىمنى.

ئەڭ رەزىل دۇنيانىڭ باغرىدا تۇرۇپ،

چۈشەندىم بىچارە مەغرۇرلۇقۇمنى...

ﺗﻮﯕﻠﯩﻐﺎﻥﺗﯘﭘﺮﺍﻕ

ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ ﯩﺪﻯ ﯰﺭﯗﻟﻤﺎﻗﺘﺎ ﺩﯨﻤﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻤﻐﺎ،

ﺑﺎﺵﺑﺎﺎﺭﺩﺍ ﻳﺎﺭﯨﻼﻧﺪﻯ ﻳﺎﺭﻧﯩﯔ ﯪﯞﺍﺯﻯ.

ﺗﯩﺘﺮﻩﭖﺗﯘﺭﺍﺭ ﺳﯚﯕﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ﻗﻪﺩﯨﻢ ﺟﻪﺳﻪﺗﻨﯩﯔ،

ﺗﺎﺭﻛﻮﭼﯩﺪﺍ ﻳﺎﯕﺮﯨﻤﺎﻗﺘﺎ ﺗﯩﻠﻪﻣﭽﻰ ﺳﺎﺯﻯ.

ﺋﯩﻜﻜﻰﺩﯦﻘﺎﻥ ﻛﻪﺗﻤﻪﻥ ﭼﺎﭘﺎﺭ ﺯﻩﺭﺩﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ،

ﺎﻳﺎﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺭ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﺋﯩﻤﺘﯩﺎﻥ.

ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﻤﻪﻥﺷﺎﻣﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﻗﻪﯞﻩﺕ،

ﯪﺳﻤﯩﻨﯩﻤﺪا ئايان بولار گۈل چىراي جاھان.

ﺧﺎﺳﯩﻴﯩﺘﻰﺑﺎﺭﺩﯗﺭ ﺩﯨﻠﺪﺍ ﭼﯧﻐﯩﺮ ﻳﻮﻟﻼﺭﻧﯩﯔ،

ﺩﯛﺷﻤﯩﻨﯩﻤﻨﻰﺳﯚﻳﯜﭖ قالسام ﯬﺭﺩﻩﻙ ﯲﻟﯩﻤﻪﻥ.

ﻛﯚﺯﯪﻟﺪﯨﻤﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﯪﺷﯘ ﺯﻩﺑﻪﺭﺩﻩﺳﻠﯩﻜﯩﻢ،

ﺑﯩﺮﺗﺎﻣﭽﻪ ﺳﯘ ﻣﺎﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﯰﺳﺴﯘﺯﻏﺎ ﯞﻩﺗﻪﻥ.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

ئىككى شېئىر

توختى مامۇت ئىزچى

ھېيىتگاھتىكى تەختېراۋاندا توي كۆچۈرگۈچىلەر

قەشقەر:

ئاتقا مېنگەن ئەر؛

ئات ئۈستىدە قىز كۆچۈرىدىغان ئەل.

بۈگۈن بۇ يەردە-

تەختېراۋاندا

توي كۆچۈرمەكتە ياۋىداق ئادەملەر!

تەختېراۋاننىڭ رەسىمى ئەمەس

كۆز ئالدىمدىكىسى!

تارىخ كىتاپتىكى-

قايسى  بىر خەنزۇ رەسسامى سىزغان.

ھەتتا باشقا يەرلىك ئەمەس ئاۋۇ تىلەمچىمۇ،

ھېيىتگاھنىڭ ئىگىسى-

قەشقەرنىڭ توپىسى

ئاتا- بوۋىسىدىن تارتىپ مۇشۇ جايدا تۇغۇلغان!

جاڭ!...جاڭ!!

جاڭ چىلىنار ناغرا ئورنىدا،

خەت كۆتۈرۈپ ئىككى قولىدا

سىيىت قېنى ئاققان كوچىدىن-

توي شادلىقى ئۆتمەكتە

تەختېراۋاندا !

جاڭ!...جاڭ!!...جاڭ!!!

تەختېراۋان ماڭماقتا.

خۇشاللىقتىن  ھېيىتگاھنىڭ-

كۆز ياشلىرى ئاقماقتا…

سۇ چېچىكى

جاھىل بىر كېسەلگە سۇ چېچىكى دەپ،

كونىلار چىرايلىق ئات قويغان ئەجەب؟!

-ۋەي!

-بالىڭىز ئاغرىپتۇ سۇ چېچىكى بىلەن!

تۇيۇقسىز يېشىلدى ئاتىنىڭ مەستلىكى،

قارچۇق ئەمەسمۇ پەرزەنت دېگەن!

زېمىن پىقىردى

ئالەم تۇتۇلدى

توپاندىن خەۋەر كەلگەندەك،

دەھشەتتىن سىلكىندى يۈرەك.

-ۋەي!

-ۋەي! ۋەي!

-خاتىرجەم بولۇڭ، چېچەك ئەمەسكەن،

-ئوششاق يەل تاشما، ئاددىي كېسەلكەن

توختاپ كېيىنكى بىر تېلېفون بىلەن-

زېمىن ئۇسۇلغا چۈشتى ئۆز ئوقىدا،

ئاپتاپتەك ئىچىلدى ئالەمنىڭ كۆركى.

پەقەت ئورنىغا كەلمىگىنى-

ئاشۇ ئاتىنىڭ يۈرىكى.

شۇندىن بىرى-

ياشاپ كەلمەكتە سۇ چېچىكى،

قىلىپ ماكان:

ئوغلىنى كۆرمىگىلى ئۇزۇن بولغان،

ھىجراندىكى شائىرنىڭ قەلبىنى.

______________________________

ئاخىرى داۋاملىق يوللىنىدۇ

_______________________________


ئەسكەرتىش: بۇ شېئىرلار 2009-يىلى <<گۇگۇم سەيلىسى>>نامىلىق ئىلكىتاپقا تاللانغان شېئىرلار بولوپ بۇ ئىلكىتاپنى شۇ يىلى 7-ئايدا ئومومىيۈزلۈك تور توختاش سەۋەبىدىن ئىشلەشكە مۇمكىن بولمىغان ئىدى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdurexit eli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-31 19:42  


ھايات ـ ھەربىر نەپەس ئۈچۈن ھېساپ بىرىشتۇر
ئالاقە مەنزىلى: 5951-7971-137
كوت-كوت نۇمۇرۇم: 1499827437
mukam.cn

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30
يازما سانى: 232
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1790
تۆھپە : 9
توردا: 99
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 20:21:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەلقىن بۇرادەر، ئەھمىيەتلىك ئەمگىكىڭىزگە قۇتلۇق بولسۇن!
ماۋزۇ بىلەن تېكست خەتلىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى تەڭشەپ قويۇڭا !

Men Dunyagha Yoluchimen, Helila Ketimen!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 553
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1024
تۆھپە : 114
توردا: 185
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 20:23:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئەسەرلەر ئىكەن. داۋامىنى كۈتىۋاتىمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66
يازما سانى: 209
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 506
تۆھپە : 3
توردا: 292
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 20:24:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھەر قانچە قىلىپمۇ تەڭشىيەلمىدىم، يەنە بىر ئۇرۇنۇپ باقاي يەنە بولمىسا سېلەر باشقۇرغۇچىلار بىر تەڭشىۋەتسەڭلار

ھايات ـ ھەربىر نەپەس ئۈچۈن ھېساپ بىرىشتۇر
ئالاقە مەنزىلى: 5951-7971-137
كوت-كوت نۇمۇرۇم: 1499827437

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66
يازما سانى: 209
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 506
تۆھپە : 3
توردا: 292
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 20:27:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


زىرىكىشلىك ئۆتمەكتە  كۈنلەر
(ھاجى ئېھسان قاۋۇل)


زىرىكىشلىك  ئۆتمەكتە   كۈنلەر ،
خىزمەت،ئۆي دەپ بىرخىل رىتىمدا.
يوقىتاركەن   نەرقىنى     ھايات،
بولمىسا  گەر  ئۆزگىچە   مەنا .

بىر   قۇتراتقۇ   قۇترىتىپ   مىنى ،
قاۋاقلاردا     تۈنەيمەن     گاھى.
ئۇنتۇلسىمۇ  ئازاب  بىردەملىك،
مەڭگۈلۈككە  ئەمەسكەن باقى.

جىق پاراڭنى سالغۇم  كىلىدۇ،
ياخشى دوسىتتىن بىرەرنى تىپىپ.
لىكىن بۇ يىل،بۇئاي،بۇ كۈنلەر،
ئۇلار نەگە  بولدىكىن  غايىب.

پۇل ، مەرتىۋە   ۋە  ئېسىل داچا ،
بۇ ھاياتقا  زىننەتمىش  پەقەت .
كۆرسەتكەنچە  ئۆزىنى   ئازاب،
جان- جىنىمغا پاتماقتا دەھشەت!

ھايات ـ ھەربىر نەپەس ئۈچۈن ھېساپ بىرىشتۇر
ئالاقە مەنزىلى: 5951-7971-137
كوت-كوت نۇمۇرۇم: 1499827437

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66
يازما سانى: 209
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 506
تۆھپە : 3
توردا: 292
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 20:28:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈتۈشلەر يوق ئەمدى

(راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال)

كۈتۈشلەر يوق ئەمدى يوللاردا بوشلۇق ،
نەپەسلەر ناتونۇش ئۈزۈلگەچ رىشتە .
نائۆمىد تۇيغۇنىڭ تەختىدە شاھ بىز، .
سۆيگۇلەر يات ئەمدى كۆڭۈل ئۆيىگە.

يوللاردا ئۇچراشساق تىلغىنار يۈرەك،
ئىسىنى تاپقاندا كونا ھاياجان .
نەپرەتكە ئەرزىمەس ئەسلمىلەرنى،
پىتىغلاپ كىتىمىز كۆلىدۇ ھىجران.

ئەقىدە ئارمانلار تاشلاندۇق بىر ئۆي ،
يوشۇرۇن سىغىنىش ئىلكىدە تىنى .
بىر كۇنى جەسەتكە ئايلاندۇرىدۇ ،
جان باقتى تۇرمۇشنىڭ ئۆلگۇر رىتىمى.

كۈڭۈلدە يوقالماس سۆيگۇنى يۇدۇپ ،
ياشايمىز ئىككىمىز ئىككى ماكاندا .
خىيالنى بوغۇزلاپ تەن بىرىمىز تەن،
نەملەشكەن سۇكۇتنىڭ رىئاللىقىغا.

بەزىدە چىقىمىز بىر ئاپتۇبۇسقا ،
قارىشىپ قالىمىز ناتونۇشلاردەك ،
يۇزسىز ھەم ۋاپاسىز غالىپلىغمىز،
دەستىدىن مىڭ پارە بۇلار بىر يۇرەك .

ئىككىمىز قەرىزدار سەممىلىككە ،
قەرىزدار بىغۇبار ئاشىق كۆڭۈلگە ،
ھىجراندا ئۆرتىنىپ ياشايمىز ئەمدى،
ساختىلىق دەستىدىن قىلىپ يېگانە.


كىچەي دەپ بەزىدە زارلىدىم سەندىن،
كىچىشنى ئويلىسام كۆڭلۈم بەك يېرىم.
بىر ناننى ئىككى-ئۈچ قىلىشنىڭ ئۆزى،
بۇ رەڭۋاز دۇنيادا ئاجايىپ بىلىم.

مەن يەنە زىرىكىش، مۇھتاجلىق ئارا،
ئۆزۈمنى كۈلكىگە زورلىماقتىمەن.
قانغۇدەك سۈيەي يا سۈيۈلمەي ساڭا،
ھاياتقا مېھرىمنى تورلىماقتىمەن.


ھايات ـ ھەربىر نەپەس ئۈچۈن ھېساپ بىرىشتۇر
ئالاقە مەنزىلى: 5951-7971-137
كوت-كوت نۇمۇرۇم: 1499827437

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66
يازما سانى: 209
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 506
تۆھپە : 3
توردا: 292
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 20:29:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﺳﯜﺯﯛﻙ ﺳﻪﮬﻪﺭ

(ﺗﯘﺭﺩﯨﺒﻪﮒ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩﺑﻪﮒ)

ﺩﻩﻣﺪﻩﺭﻟﻪﺭ ﺋﯜﻧﻠﻪﻳﺪﯗ، ﺋﯜﻧﻠﻪﻳﺪﯗ ﺗﯩﻨﻤﺎﻱ،
ﺳﻪﮬﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﻐﯩﺘﯩﭗ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﯨﻢ ﺗﯧﺨﻰ.
ﻗﺎﻗﺴﻪﻧﻪﻡ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﯨﻢ ﺧﯩﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ،
ﻗﯘﺷﻘﺎﭼﻼﺭ ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﺍ ﺯﻩﻳﺘﯘﻧﻨﯩﯔ ﺷﯧﺨﻰ.

ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻢ ﺳﯜﺗﺘﯩﻦ ﭘﺎﻙ ﺗﯘﻳﻐﯘﻧﻰ ﺗﯘﻏﯘﭖ،
ﻳﻮﻟﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﺯﯨﻼﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ.
ﮔﯜﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺭﮔﯩﺪﻩ ﺗﯜﻧﯩﮕﻪﻥ ﭼﯜﺷﻠﻪﺭ،
ﺋﻪﯓ ﺷﯧﺮﯨﻦ ﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﺎﻏﻤﺎﻗﺘﺎ ﺳﯩﻢ ﺳﯩﻢ.

ﺑﯩﺮ ﺋﻮﺗﻼﻡ ﺳﻪﮬﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﺗﻠﯩﺪﯨﻢ ﺳﻪﻧﺪﻩﻙ،
ﺑﺎﻏﺮﯨﻤﺪﺍ ﻣﻪﺭﯞﯗﻳﻼﺭ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﭼﯧﭽﻪﻛﻠﻪﭖ.
ﭼﻮﭘﺎﻥ ﻗﯩﺰ ﻛﯧﻠﯩﺴﻪﻥ ﺟﯧﻠﻪﯕﺪﯨﻦ ﻛﯜﻟﯜﭖ،
ﻳﺎﻏﻠﯩﻘﯩﯔ ﭼﺎﻗﯩﺮﺍﺭ ﻣﯧﻨﻰ ﺷﻪﺭﻩﺗﻠﻪﭖ.


ﺑﯚﮔﯜﻥ ﻛﻪﭺ


يۇلتۇزلار كۆيمەكتە يۈرىكىمىزدەك،
جىرالار شارقىراپ ئېيتماقتا ناخشا.
مەرۋۇيلار  گۈپۈلدەر تىنىقىمىزدەك،
ئەڭ شېرىن تۇيغۇنى ئويغىتىپ ئاستا.

بىز بىرگە مۇھەببەت تېرىغان يوللار ،
بىزدىن بەك تولغىنار، تولغىنار ئاچچىق.
مېھرىبان كۆزلىرىڭ ئالدىمدا يانار،
ۋە يەنە  ناز بىلەن كۈلگىنىڭ تاتلىق.

شىۋىرلاپ ئارچىلار قۇلاقلىرىمغا،
مەڭگۈلۈك ئەھدىنى سالماقتا ئەسكە.
مۇزلۇقلار كۆڭلۆڭدەك ئاقلىقى بىلەن ،
يېتىلەپ ماڭماقتا ئەڭ يۈكسەك چەككە.

ھايات ـ ھەربىر نەپەس ئۈچۈن ھېساپ بىرىشتۇر
ئالاقە مەنزىلى: 5951-7971-137
كوت-كوت نۇمۇرۇم: 1499827437

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66
يازما سانى: 209
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 506
تۆھپە : 3
توردا: 292
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 20:29:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



مۇھەببەت سەن بەلكىم قۇرۇق سەپسەتە

(ئوسمان تۇرسۇنىياز توغلان)

گۈللەرگە ئىشقىمنى قىلدىم سازايى،
بۇلبۇللار ھېجراندا ياتار قان قۇسۇپ.
ۋىسال ئۇ بىر دەملىك كۆڭۇل خوشلىقى،
ۋە ياكى كونىراپ كەتكەن بىر قۇلۇپ.


مۇھەببەت سەن بەلكىم قۇرۇق سەپسەتە،
دەقىقە كۆڭۇلنى قىلغۇچى ۋەيران.
ئوخشايسەن سەن گۈيا قاماقخانىغا،
مەن ئەمەس مەن ئەمەس ساڭا قامالغان.

2009-يىل5-ئاينىڭ 3-كۈنى(خوتەن)

ھايات ـ ھەربىر نەپەس ئۈچۈن ھېساپ بىرىشتۇر
ئالاقە مەنزىلى: 5951-7971-137
كوت-كوت نۇمۇرۇم: 1499827437

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66
يازما سانى: 209
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 506
تۆھپە : 3
توردا: 292
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 20:30:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۈگۈن ساراڭدەك بوپ قالدىم يەنە

(ئەنۋەر ھىدايەت)

سوغ تەرگە چۈمۈلۇپ، تىتىردىم شۇئان،
ئەتتىگەن ئەينەكتىن ئۈزۈمنى كۆرۇپ.
بالكۇندىن سەكرىگۈم كىلىدۇ بەزى ،
ئۆيۈمنىڭ ئىچىدە چۆرگىلەپ يۈرۇپ.


ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ ئككى كۈزۈمگە،
كارۋىتىم ئۈستىگە تىكەن بېسىلغان .
مەن ئەجەپ بىلمىدىم، چىسلاغا قانچە؟،
كالىندار قۇپ_قۇرۇق،تەتۇر ئېسىلغان .

تاغلاردىن دومىلاپ چۈشكەن تاشلاردەك ،
غەلىتە بىر ئۇسۇل ئوينىلار ئەنە .
ئۆيۈمدە ۋاقىراپ يۈرمىگەن بىلەن،
مەن بۈگۈن ساراڭدەك بوپ قالدىم يەنە.



ھايات ـ ھەربىر نەپەس ئۈچۈن ھېساپ بىرىشتۇر
ئالاقە مەنزىلى: 5951-7971-137
كوت-كوت نۇمۇرۇم: 1499827437

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66
يازما سانى: 209
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 506
تۆھپە : 3
توردا: 292
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 20:31:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاياتىم ئۇنتۇلغان چۈشتەك گىرىمسەن

(مۇھەممەدجان ئەبەيدۇللا شەپقەت)

ئەڭ شادلىق كۈنلەرمۇ كەتتى ئۇنتۇلۇپ،
ئازاپلىق ئۆتكەن شۇ كۈنلىرىممۇ ھەم.
ئەڭ گۈزەل شېئىرنى يازمىدىم تېخى،
ھېچكىمنىڭ قەلبىدە يوقتۇر ئابىدەم.

شۇ قەدەر مۇڭلۇقتۇر ئېيتقان كۆيلىرىم،
تۇيۇلار بىمەنە بۇ دۇنيا ماڭا.
ھېچنىمە بىلمەيمەن بەخىت ھەققىدە،
ھاياتتا بەرسەممۇ كۆپ بەدەل ئاڭا.

ھەيرانمەن ھاياتتا قالدىم گاڭگىراپ،
ياشىدىم كۈلۈپ ۋە ياش تۆكۈپ قەستەن.
قەلبىمدە شادلىق يوق،يوقتۇر ھام ئازاپ،
ھاياتىم ئۇنتۇلغان چۈشتەك گىرىمسەن.

ئەڭ شادلىق كۈنلەرمۇ كەتتى ئۇنتۇلۇپ،
ئۇنتۇلغىن ھاياتلىق،ئۇنتۇلغىن دۇنيا!
ئەڭ سەبىي چۈشلەرگە ئەسىربۇپ بۇندا،
مەن كېتەي چۈمۈلۈپ تاتلىق ئۇيقۇغا!..



تەڭشىلىش

تەڭشەلگەن تۇيغۇلار ئىلكىدە جاھان،
ياڭرايدۇ بىرناخشا چەكسىز شۇقەدەر.
قەلبىمدە بىرئازاپ ياسىدى قىيان،
تەڭشەلدىم( ھەرنەرسە مەستتەك كۆرىنەر.)

نىگاھلار تىكمەكتە تالايقىز ماڭا،
ئۇلارنىڭ بېقىشى مەن ئۈچۈن سۇغۇق.
ھېچ بىرى خۇلقىدا يېتەلمەس ساڭا،
ھېچ بىر قەلبىمنى چۈشەنمەس تۇلۇق.

سېنىڭسىز تەڭشەلدىم شاراب مەۋجىدە،
سېنىڭسىز ھەرنەرسە مەن ئۈچۈن يالغان.
سېنىڭسىز ئىيولدا ياغماقتا ئاق قار،
سېنىڭسىز يۈرىكىم لەختە-لەختە قان!...

ھايات ـ ھەربىر نەپەس ئۈچۈن ھېساپ بىرىشتۇر
ئالاقە مەنزىلى: 5951-7971-137
كوت-كوت نۇمۇرۇم: 1499827437

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66
يازما سانى: 209
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 506
تۆھپە : 3
توردا: 292
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 20:32:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەڭگەر كۆزلۈك ئائىشە (6)

(ئالىمجان تۆمۈر تۇرانى)

دېڭىزلاردىن كۆردۈم كۆزۈڭنى ،
چۇڭقۇر تىپتىنىچ
باقتىم چۇڭقۇرلىقىڭغا ئىھتىمال
يوقتۇر مەندە رەنجىش ، ئەيمىنىش .
قار بولالىسام
يامغۇر بۇلۇپ ياغالايتتىممۇ !
چۈنكى كۆزلەردە قارغىش
يۈرىكىڭدە مۇزلىماقتا قىش .

تاك...تاك...تاك...
ياپتىڭ ئىشىكنى
ئاچتىڭ ئىشىكىڭنىڭ يۇچىقىنى تەس ،
قولىمدا گۈل
ئايلاندى تاشقا
قاپاردى يۈرۈگۈم
كۆزلىرىم بۇسۇغاڭغا ئىرىپ كەتتى .

ساقال تۇتاملاپ
ئىچىمگەپاتقاندا سەرگەردان قوياش ،
كەتمەكچى بولدۇم
كىتەلىدىم ھەتتا ھىچ يەرگە
دېرىزەڭنى چاقتىم ئاخىرى
قولۇمدىكى تاش چېچەكلەردە
بۇقۇلداپ سۇندى دېرىزەڭ
چاققىنىڭدەك قەلبىمنى شۇنچە .

زەڭگەر كۆزلۈك ئائىشە
ئۆيۈڭ ئەنە ، ئۆزۈڭ قەيەردە .

ھايات ـ ھەربىر نەپەس ئۈچۈن ھېساپ بىرىشتۇر
ئالاقە مەنزىلى: 5951-7971-137
كوت-كوت نۇمۇرۇم: 1499827437

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66
يازما سانى: 209
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 506
تۆھپە : 3
توردا: 292
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 20:32:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوشنام

(موھەممەتروزى ئابدۇقادىر )


قاراڭغۇ تىترەيدۇ
قوشنام تام چاقماقتا
ھايات ئۇنسىز ئاقماقتا .

ئوغرى كىرگەنمىكىن دەپ
لامپىلارنى يېقىپ باقتىم ،
ئۇچقىنى غېرىپ قوڭغۇز
جىمجىتلىقنى ئىستەيدۇ قەلبىم.

بەلكىم يول ئاچماقچىدۇر
ۋاقىت كىتەر قايتىشقا تولوق ،
چاقىرغىنى سۈر رەڭلىك دالا
ئىزلىگىنىم بىر دەستە يۇرۇق .



بىدىلىك


ئىسسىق يۇشۇرنىۋاپتۇ باغرىغا
ئوتچى ئايال سىمىز ئوت ئېلىپ ،
يەرنىڭ مەخپىيەتلىكىنى
خالتىسىغا سالماقتا يۇلۇپ .

قوياش ئۇينار چۆپلۇك ئىچىدە
چۇش كۇرىدۇ غەمسىز كىپىنەك ،
غېرىپسىنىپ ياتقان قۇرتلارنىڭ
خىياللىرى  ئاچماقتا چىچەك .

شىۋىرلايدۇ ئېرىقتىكى سۇ
نۇر بولغۇسى كىلەر ئادەمنىڭ ،
ئاپتاپ  قىزنىڭ چىرايلىرى گۈل
قىزارماقتا يۇزى ئالەمنىڭ .

ھايات ـ ھەربىر نەپەس ئۈچۈن ھېساپ بىرىشتۇر
ئالاقە مەنزىلى: 5951-7971-137
كوت-كوت نۇمۇرۇم: 1499827437

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66
يازما سانى: 209
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 506
تۆھپە : 3
توردا: 292
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 20:33:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىسىلغان يۈرەك

(سەمەت مۇھەممەد رامىزان)

كىرىپ كەلدىم چىقارماي تىۋىش ،
ئۆزۈڭ ئۆرۈپ قويغان شورىدىن ،
سېنى پاناھ تارتىپ بېغىڭغا .
كۆز ئۈزمىدىم ئىشك تەرەپتىن ،
چىقساكەن دەپ پاتراق يېنىمغا .
ئۇخلىۋالغان كەبى تولۇن ئاي ،
مۆكىۋېلىپ تاغنىڭ كەينىگە ،
ئۇخلاپ قالغان چېغىڭ بىپەرۋا ،
بۆشىكىدە ئىزگۈ خىيالنىڭ ،
چۈشلىرىڭنى قويۇپ مەيلىگە .
خىلۋەتلەرگە تۇتاش چىغىر يول ،
سەھەرگىچە ئۆتتى تىۋىشسىز .
تۈنەپ چىقتىم ئالما تۈۋىدە ،
باھار كۈتكەن مىسكىن قۇش كەبى ،
يۈرەك بىتاقەت ، كۆزۈم ئۇيقىسىز .
كۆزلىرىمدىن نۇر تىلەپ قۇياش ،
چۈمپەردىسىنى قايرىغان چاغدا ،
باغ ئىشىكى ئېچىلدى ئەنسىز .
روھىڭ سۇنۇق ، كۆزلىرىڭ غەمكىن ،
بىر كۆرۈندۈڭ غىلپاللا باغدا ،
قىيا باقماي ياندىڭ ئارقىغا .
قەلب تارىم ئۈزۈلدى ” تاراس “
زەرپ بىلەن ئىشىك يېپىلىپ .
ھالسىرىغان نىمجان يۈرىكىم ،
ئارىچىدا قالدى قىسىلىپ .
چىن ئەقىدە ، ئارمان ، ئۈمۈتلەر
تىلىم – تىلىم كەتتى يىرتىلىپ .
سۇغۇرۇلدى تېنىمدىن روھىم ،
بۇرۇختۇم بولدى قەلب قەسىرىم ،
كۆڭۈل بېغىڭنىڭ ئىشىكى يېپىلىپ ....
بەتبەشىرە رەھىمسىز ئازاپ ،
يۈرىكىمگە ئۇردى گال پىچاق ،
قاغجىرىغان روھىمنى تىلىپ !

ھايات ـ ھەربىر نەپەس ئۈچۈن ھېساپ بىرىشتۇر
ئالاقە مەنزىلى: 5951-7971-137
كوت-كوت نۇمۇرۇم: 1499827437

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66
يازما سانى: 209
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 506
تۆھپە : 3
توردا: 292
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 20:33:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
"ساراڭ" دەپ توۋلىدى بىرسى ئىچىمدە

(ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن)

تاش كەبى بىر پەسىل باشلانغان ئىكەن،
دەرەخلەر ۋارقىراپ قالغان ئاشۇ كۈن.
تۆكۈلدى ئىلكىمدىن ساپسېرىق خازان،
ھاياتنى كۈل قىلىپ قويدۇق بىز پۈتۈن.

دۇتتارنى مەن چاقتىم، تارىسىنى سەن،
قاراپ باق يۈرەكنى قولۇڭغا ئېلىپ.
قاغىلار قاقىلداپ كەتتى ئۇشتۇمتۇت،
قاپقارا بۇلۇتتەك بېشىمغا كېلىپ

بۇ پەسىل نېمىنى سۆزلەيدۇ قۇشلار؟...
يا سەندەك كېچەمدۇ شېخىمدىن توزۇپ.
بىلمدىم زادى كىم بىرسى ئىچىمدە،
"ساراڭ" دەپ توۋلىدى، توۋلىدى سوزۇپ.





  ئاخشام

ئۈمىدىم تۈن ئارا ئۆلىدۇ ئاخشام،
ھەسرەتلەر قاپقارا كۈلىدۇ ئاخشام.
يۇلتۇزلار سانىدا ھەسرىتىم ئايان،
ئاسمانغا ئەلىمىم تولىدۇ ئاخشام.

زۇلمەتنىڭ ساچىنى يايغىنى يايغان،
ئايمۇ ھەم قوينىدىن قاچىدۇ ئاخشام
ۋىسالنىڭ كەلمىكى بەسي مۈشكۈلدۇر،
قاباھەت چۈشلەرنى ئاچىدۇ ئاخشام.

قىيامغا يېتىدۇ تەنھالىق قالتىس،
يۈرەكنى ھىجرانلار تىلىدۇ ئاخشام،
كۆزۈم ياش ئۆزگىلەر كۆرمىسە دەيمەن،
قوينىغا ئالىدۇ، بىلىدۇ ئاخشام.

ھايات ـ ھەربىر نەپەس ئۈچۈن ھېساپ بىرىشتۇر
ئالاقە مەنزىلى: 5951-7971-137
كوت-كوت نۇمۇرۇم: 1499827437

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66
يازما سانى: 209
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 506
تۆھپە : 3
توردا: 292
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 20:34:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قۇمغا كىرىش
(غەنىزات ئۇيغۇر)

ئاخىىرقى ئوۋچى تىنىقتىن قالدى،
چاتقاللار كەينىدىن مارايدۇ تۈلكە.
قىرغاۋۇل چۆجىلىرى جان قايغۇسىدا،
ئەجەل سىرىتمىقىدىن مارايدۇ كۈلكە.

قولۇمدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ يوق،
ئوۋغا كىردىم يۈرەك دۈپۈلدەپ.
بارخانلار چۈشەيدۇ كارۋان ئىزىنى،
ئۆزۈمنى يىتتۈردۈم قۇملۇقتا تىنەپ.

كىملىكسىز  ئۆزۈمنى تونۇيالمايمەن،
گۇمانلىق ئۇنىڭسىز قۇۋۇرغام ھەتتا.
پات-پات ئۇچراپ قالار يىرتىلغان تۇغلار،
توغراق شاخلىرىدا قاقىلدار قاغا.




تاتلىق پىچىرلاش


1
يوللاردا ئېچىلدى سەھەر غۇنچىسى،
ياپراقلار قۇياشقا باقتى جىلمىيىپ.
بىر تاتلىق ئارماندا ۋۇجۇد  يولۋىسى،
يىپيېڭى ھاياتنى سۆيمەكتە قېنىپ.

تىترەيدۇ ئازابلار  ئۇپۇق چېتىدە،
رەڭلەردىن-رەڭلەرگە ئاقىدۇ مىھىر.
ئاخىرقى ئۇچرىشىش يالغان بۇ كېچە،
شەپەقتەك جۇلالاپ تۇرىدۇ چېھىر....

2

گۆدەكنىڭ قەلبىدەك چاپچىغان قەلب،
يۈرىكى ئەمەستۇر ساكيامۇنىنىڭ.
چۈشۈڭنى ئۇنتۇلۇپ قالغىنىڭ يالغان،
ئىچىڭگە گۈل تېرىپ ھارمايدۇ جېنىڭ.

نېمىنى يىتتۈرۈپ، تاپتىڭ نېمىنى؟
ھەممىسى بەرىبىر  ۋاقىت سوۋغىسى.
مەنزىلدىن ئالغىنىڭ بولسىمۇ چارچاش،
سۆيۈپ قوي ئەتىنى قالمىسۇن نېسىي...

3

قوڭغۇراق ئۈنىدىن چىقار ھاياجان،
تىلسىمغا كۆمۈلگەن تارىخ ئۇ لېكىن.
كەلمەكتە ئىزىڭدا بوۋاقلار تىم-تىم،
رىئاللىق شەپقەتسىز،كۈلۈپ قوي تەمكىن.

بارخانلار دۆۋىسى پايانسىز قوقاس،
ئىزى ئۇ مەشرەپكە ياققان گۈلخاننىڭ.
بولدى قوي ، ھەر تىنىق ئەمەسقۇ يالغان،
گېلىڭدىن ئۆتكىنى ئىلكىڭدە سېنىڭ.
ھەر ئۆتكەن كەچمىشنى قالدىم ئۇنتۇلۇپ،
ۋەلېكىن قۇملارغا مىھرىم بار پەقەت.
ناۋائىي بىر ئۆمۈر بويتاق ياشىدى،
لېكىن ئەرلەر ئۈچۈن قىزلار غەنىمەت.

ھايات ـ ھەربىر نەپەس ئۈچۈن ھېساپ بىرىشتۇر
ئالاقە مەنزىلى: 5951-7971-137
كوت-كوت نۇمۇرۇم: 1499827437
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش