تىبەتلىكلەر بىيجىڭدا تۇنجى قېتىم «تانكا سەنئىتى كىنو –فىلىملىرى» قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى
http://english.cntv.cn/program/cultureexpress/20120508/108103.shtml
( L2 r3 i3 G" S4 Q1 t* r
x4 ^+ F6 h9 \" o# o% }) T تانكا (THANGKA) بولسا تىبەت بۇددىزىمىغا تەۋە بىر خىل سەنئەت شەكلى بولۇپ، يىپەك رەخىتلەرنىڭ ئۈستىگە دىن، تارىخ ۋە باشقا مەدەنىيەت بەلگېلىرىنى كەشتىلەيدىغان سەنئەت شەكلىدۇر. بۇ خىل سەنئەت تىپىك ھالدا بۇددا ئىلاھەلىرى، سەھنە دىكوراتسىيەلىرى ۋە مۇنبەرلىك مەيدان كۆرۈنۈشلىرىنى تەسۋىرلەيدىغان قول ھۆنەر سەنئېتى بولۇپ، ھازىر بۇخىل ئۇلۇغ ئەنئەنە تىبەتلىكلەرنىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇغىنى نامايەن قىلىدىغان ئەنئەنىۋى ئالاھىدىلىك سۈپىتىدە «تانكا» نامىدا كىنو قىلىپ ئىشلىنىپ 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى بىېيجىڭدا تۇنجى قىتىملىق «تانكا سەنئىتى كىنو –فىلىملىرى» قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. تۇنجى مەيدان كىنودا بىر قانچە تىبەت تانكا رەسساملىرىنى مەركەزلىك تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق تىبەت ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيتىنى تىخىمۇ ئۇزۇن بىر دەۋىرلەرگىچە قوغداش ۋە تارقىتىش ئارزۇسىنى ئەكىس ئەتتۈردى. بۇ پائالىيەت ئارقىلىق يەنە تىبەتنىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيتى ۋە زىېمىن مەنزىرىلىرىنى نامايەن قىلىدى. «تانكا سەنئىتى كىنو-فېلىملرى» ئەسلىدە ئاپرىلدىكى (4ـئايدىكى) بىيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «خەلىقئارا كىنو فېستىۋالى» دا دۆلەتلىك يېڭى فىلىم ئۇسلۇبىنى ياراتقان ئىدى. تىبەتلىك بىر ياش بۇ قىېتىمقى مۇراسىمدا : بۇ بىزنىڭ ئۆز مەدەنىيەت، دىن ۋە تارىخى مەۋجۇتلۇقىمىزنى ئىپادىلەيدىغان يېڭى بىر يولىمىز-دېدى.
& Q+ |5 E4 y: `+ Wمەنبە: بىيجىڭ تىلىۋىزىيە ئىستانزىسى تورى. تەھرىر: ۋاڭ چۇ خەن
; n) M6 F# k4 ]9 h/ p; k; r
. Q! Q( p& g4 N