كامىلجان ناسىر(دىلداش)
چىدىمىساڭ ئۇيۇنغا...
«ئاق تاش»بولۇپ چىقتىممەن،
«كۆكتاش بولۇپ چىقساڭچۇ.
قېچىپ كەتسەم يېنىڭدىن،
قوغلاپ كېلىپ تۇتساڭچۇ...
«ئاق تېرەك»تەك شاخلىدىم،
كۈچۈڭ يەتسە ئەگسەڭچۇ.
ھەي كۆكتېرەك،ئۆتۈنەي،
ماڭا يىلتىز بەرسەڭچۇ...؟
قاتار-قاتار چامغۇر بىز،
ئۆزۈڭ تاللاپ يۇلساڭچۇ!
«ئالالمىغان سار»مۇسەن؟
قانات بىلەن ئۇرساڭچۇ...!
چىدىمىساڭ ئويۇنغا،
ئارىمىزدىن كەتسەڭچۇ!
شۇنچە بەلەن ئورنۇڭنى،
باشقىلارغا بەرسەڭچۇ...!
كۈزدىكى قىشلاق
پادىلىرىم نەدەسەن،
چېلىپ بېرەي كىمگە نەي؟
بىز چۆمۈلگەن بۇلاقلار،
قويغىن بىزنى ئىزدىمەي.
يۇپۇرماقسىز دەرەخلەر،
تۇرۇڭلارچۇ تىترىمەي.
باھار ھەدەم كەلگەندە،
يېشىل چاپان ئەپ بېرەي.
چاق ياسىدىم غازاڭدىن،
بوينىقىمنى قاتتىم ھەم.
قويسۇن كۈزنى ئۇزىتىپ،
قىروۋ باسقان مەھەللەم.
توختاپ تۇرغىن تۇرنىلار،
يېزىپ بېرەي سالام خەت.
جەنۇپتىكى دوستلارغا،
سالامىمنى ئېلىپ كەت.
قىشنىڭ جىمجىت كېچىسى
مۇزلاپ قاپتۇ يۇلتۇزلار،
مۇزلاپ قاپتۇ تۇلۇنئاي.
مەنلا ياتتىم ئانامنىڭ ،
قۇچىقىدا ئۇخلىماي.
دەرىزەمگە رەسسام قىش،
ھەر خىل رەسىم سىزىپتۇ.
رەسىمدىكى دەرەخكە،
قۇشلار چاڭگا تىزىپتۇ.
مۇزلىدىڭمۇ ئاسلىنىم؟
مۇزلىدىڭمۇ بوينىقىم؟
دالىلاردا چېپىشىپ،
كەلدى ئەجەپ ئوينىغىم.
قىش كېچىسى بەك ئۇزۇن،
بوۋام ئېيىتقان چۆچەكتەك.
گۈلگە تولغان باھارنى،
سېغىندىممەن ئەجەپ بەك.
شېرىن چۈشتىن ئويغىنىپ،
چىققىنىمدا تالاغا.
ئاپپاق قارلار كۈمۈشتەك،
سېن بېرىپتۇ دالاغا.
سېغىنىمەن باھارنى
ئۇزۇن-ئۇزۇن بەك ئۇزۇن،
قىشنىڭ سوغۇق كۈنلىرى.
قېپقالدىكىن نەلەردە ،
چېكەتكىنىڭ كۈيلىرى.
قېپقالدىكىن نەلەردە،
شىرىلدىشى سۇلارنىڭ.
قونۇۋېلىپ شاخلارغا،
چۇرۇقلىشى قۇشلارنىڭ.
قېپقالدىكىن نەلەردە،
ياپراقلارنىڭ ناخشىسى.
سېغىنىدۇ قۇشلارنى،
قىرو باسقان ئۇۋىسى.
سېغىنىدۇ پادىلار ،
يايلاپ يۈرگەن دالانى.
چىقالمايدۇ قۇتاندىن،
سېغىنسىمۇ تالانى.
قالار ئانام ئۇچاققا،
بۇ كەچ چاتقال- چاۋارنى.
مەن كۇلۇڭدائولتۇرۇپ،
بەك سېغىندىم باھارنى.
قەپەستىكى قۇشقاچ
يىراقتىكى ئورمانغا،
كېلەر ئۇچۇپ كەتكۈسى.
قونۇپ شاختىن -شاخلارغا،
كۆڭلىنى شاد ئەتكۈسى.
بېرىپ كونا خامانغا،
كېلەر دانلاپ يۈرگۈسى.
ئۇۋىسىنىڭ ئىچىدە،
شېرىن چۈشلەر كۆرگۈسى.
قىرغىقىدا كۆلچەكنىڭ،
كېلەر سۇغا چۆمگۈسى.
چۇرۇق-چۇرۇق سايرىشىپ،
ۋىلىق-ۋىلىق كۈلگۈسى...
مۇزلىدىڭمۇ تەبىئەت؟
مۇزلىمدىم ،توڭمۇدۇم.
قىش بەرگەن ئاق يۇتقاندا،
راھەتلىنىپ ئۇخلىدىم.